تاشپولات: ماتېماتىكا ئالىملىرى ماتېماتىكىدىكى داڭلىق Rota پەرىزىنى ئىسپاتلىدى
ماتېماتىكا ئالىملىرى ماتېماتىكىدىكى داڭلىق Rota پەرىزىنى ئىسپاتلىدى
تاشپولات روزى
تاشپولات روزى
بۇ داڭلىق قىيىن ماتېماتىكا پەرىزىنى يېشىپ چىقىشتا مۇۋەپپەقىيەت
قازانغان 3 ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ، پروفېسسور Jim Geelen ئۇ ھازىر
گوللاندىيەدىكى Waterloo ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەيدۇ. 2-كىشى پروفېسسور Bert
Gerards ئۇ ھازىر گوللاندىيەدىكى Maastricht ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەيدۇ.
ھەمدە 3-كىشى پروفېسسور Geoff Whitte بولۇپ، ئۇ ھازىر يېڭى زېلاندىيە
Wellington دىكى Victoria ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەيدۇ. Jim Geelen بىلەن Bert
Gerards ساۋاقداش ئىكەن.
بۇ 3 ماتېماتىكا ئالىملىرى، داڭلىق ماتېماتىكا ھەم پەلسەپە ئالىمى
روتا 1970-يىلى ئورتىغا قويغان ماتېماتىكىدىكى قىيىن بولغان بۇ مەسىلىنى
يېشىش ئۈچۈن 15 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. ئۇلار ئاخىرى بۇ مەسىلىنى مۇكەممەل
ئىسپاتلاپ چىقتى.
Rota پەرىزى دېگىنىمىز، دۇنيادىكى داڭلىق ماتېماتىكا ئالىمى Bill Tutte
تەرىپىدىن راۋاجلاندۇرغان Matroid نەزەرىيىسى دەپ ئاتىلىدىغان ماتېماتىكا
گېئومېتىرىيە بوشلۇقىدىكى پەرەز بولۇپ، چەكلىك گېئومېتىرىيە بوشلۇقىغا
قانچىلىغان گېئومېتىرىيە قۇرۇلمىسىنى تولدۇرۇشقا بولىدۇ دېگەندىن
ئىبارەت. ھەمدە Rota بولسا ھەرقايسى چەكلىك ھالقىغا نىسبەتەن، ئاشۇنداق
قۇرۇلمىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان توسالغۇ چەكلىك توپلام
مەۋجۇت دېگەن پەرەزنى ئىپادىلىگەن. Rota بۇ پەرەزنى Geelen تۇغۇلۇپ بىر
ھەپتىدىن كېيىن يەنى 1970- يىلى ئېچىلغان خەلقئارا ماتېماتىكا يىغىنىدا
ئېلان قىلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:
http://www.sciencedaily.com/releases/2013/08/130828092304.htm ئادەمنىڭ كۆرۈش سىزىمىدىكى گېئومېتىرىيىلىك ھېساپلاش، سېلېشتۇرۇش ئىقتىدارىغا باراۋەر كېلىدىغان كومپيۇتېر پروگراممىسى تۈزۈش ئاسمانغا چىققاندەك تەس ئىش بولسا كېرەك. بۇ ئىسپاتقا ئاساسلىنىپ قايسى تۈرلەردە قانداق يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش مۇمكىن؟ كەچۈرۈڭلار Waterloo University كانادادا ئىكەن. تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەت:
[1]