شىنجاڭ كوماندىسى جېجىياڭ گۇاڭشىيا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى
12-ئاينىڭ 1- كۈنى كەچتە، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى توققۇزىنچى ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا جېجىياڭ گۇاڭشىيا ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى ئۈچ چارەك مۇسابىقىدە ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا چەتئەللىك ياردەمچى ئەزا سېنگېلدون بىلەن خاندېرسېننىڭ بىرلىكتە 63 نۇمۇر ئىلىشى بىلەن ئاخىرى شىنجاڭ كوماندىسى 108-100 نەتىجە بىلەن جېجىياڭ گۇاڭشىيا ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ جېجىياڭ گۇاڭشىيا ۋاسكېتبول كوماندىسنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۆز مەيدانىدا تۈنجى قىتىم ئۇتتۇرۇشى ھىساپلىنىدۇ.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 31 نومۇر،7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەم 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سېنگېلدون 32 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 12 نۇمۇر، 13 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 10 نۇمۇر، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەم 4 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۇۋىي 4 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 12 نۇمۇر، 6قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
مۇسابىقە تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 6-دىكابىر ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
كىلەركى مەيدان كونا رەقىب بىلەن تۇتۇشىدىكەن ئەمىسە. شىرئەلىجاننىڭ ئىپادىسى بۇرۇنقىدەكلىمۇ قانداق. ياكى مەيدانغا جىق چۈشمەيۋاتامدۇ. سۇۋېي دىگەن گۆلدەمەتنى نەدىن تاپقاندۇ پۇلنى بۇزۇپ 1.شىرئەلىجان ئۆتكەن يىلى ئۈچنۇمۇرلۇق توپ شاھى بولغاچقا بۇيىل قارشى تەرەپ ئۇنى بەكرەك مۇداپېئە قىلىۋاتىدۇ. 2.ئۇئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە بىرىنچى چارەكتىلا مەيدانغا چۈشۈۋاتىدۇ، تېرىنىر باشقا ئەزالارنىمۇ چىنىقتۇرۇش، ئۇنىڭ يارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەيداندىكى ۋاقتىنى قىسقارتىۋاتىدۇ. 3.بۇيىل يىڭى-كونا ئەزالارنىڭ ئېچىدە ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ ئاتالايدىغانلار كۆپ شۇڭا ئۇنىڭ توپ ئېتىش پۇرسىتى ئازلاپ كەتتى. 4.سوبېكتىپ جەھەتتىن بەزى ۋاقىتلاردا نىمىشقىكىن ئېشقىلىپ توپى چۈشمەيۋاتىدۇ. 5.ئۆتكەن يىلى بۇنداق ۋاقىتتا ھەرمەيداندا20نۇمۇردىن چۇشۇپ كەتمىگەنتى، گارئاستىدا باتۇر، سېنگېلدون،تاڭ جىڭدوڭ تاغدەك تۇرغاندىكىن ئۈچنۇمۇرلۇق توپ ئاتقانلىمۇ يۈرەكلىك ئاتېىتتى، بۇيىل سېنگېلدون مايداندا بولمىسىلا باتۇرنىڭ ئورنىغا تولۇقلىغان سۇۋىي دىگەن ئاداش يا توپ ئالالمىسا يا نۇمۇر ئالالمىسا،تاڭ جىڭدوڭ يارلانغان تۇرسا كىممۇ يۈرەكلىك ئاتالىسۇن ئۈچ نۇمۇرلۇق توپنى. شىرئەلىجاننىڭ يىللىق مائاشى نەچچىگە بارىدىكىن ھازىر؟ شىرئەلى ماڭا بارا_بارا سېمىرىپ كېتۋاتقانداق تۇيۇلدۇ.
بەت:
[1]