waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 01:00:41

دىلارە دىلشات يادىرولىقىدىكى جۇڭگۇ كوماندىسى چىمپىيۇن بولدى

     



30-نويابىر كەچ،  3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە  ئىلىپ بىرىلدى. جۇڭگۇ دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى 62-50 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن ياپۇنيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  جۇڭگۇ دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى گۇرپا مۇسابىقە باسقۇچىدا ياپۇنيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىكى ئۆچىنى ئىلىش بىلەن بىرگە   3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىممپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى. ياپۇنيە كوماندىسى ئۇدا ئالتە مەيدان غەلبە قىلىش ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىككىنچىلىككە ئىرىشتى. بۇ ئىككى كوماندا  2014-يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان17 ياشلىقلار  دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بۇلدى.

  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگۇ كوماندىسىدىن ئىككى ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى،   ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشات 16 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋاڭ خەيمىي 16 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  جاڭ مەن مەن 9 نۇمۇر، 11 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 11قىتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەم 3قىتىم توپ تارتىۋالدى.



مەنبە ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php










ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 09:57:13

مۇبارەك بولسۇن.

ئەمما 2011-يىلى 16 ياشقا كىرگەن قىزچاق بۇ ئىككى يىلدا چوڭلىماپتۇمۇ نىمە؟



بۇ سىنا تورىدا 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان خەۋەركەن

http://sports.sina.com.cn/k/2011-10-20/21315795146.shtml



城运会维族迪拉娜23分8个篮板 率广州高居A组第一

http://sports.sina.com.cn 2011年10月20日21:31 新华网

  新华社南昌10月20日体育专电(记者梁希仪、王昊飞)七城会女篮U16岁比赛20日一扫往日平庸,由A组两支强队的交锋而掀起一阵波澜。维吾尔族姑娘迪拉娜又以不俗表现,率领广州队以78:50击败上海奉贤区队,再次证明她是本次比赛最亮、最值得关注的一颗小明星。



  身高1米93的迪拉娜登场32分钟,为广州队贡献了23分和8个篮板,外加4次抢断。这样,她以场均得22分和抢10·5个篮板,成为开赛5轮的得分和篮板“双冠王”。这位16岁的二中锋手感柔和,移动灵活,场均投篮命中率高达65%,此外,场均3·5次抢断,也列全队之首。



  “她身体强壮,内线很有威力,能得分也能抢篮板,”广州队主教练比利这样评价迪拉娜,“她现在越来越好,我想前途会很好。”这位澳大利亚籍教练也是中国女篮助理教练,尤其擅长防守战术。谈到对手,他说,上海有一位非常好的教练(张大维(微博)),“他曾是中国女篮主教练,上海队在他执教下,打得非常有章法,让我们不太好对付。”比利还认为,B组第一名南京队最终会对他的广州队构成最大威胁。



  黄思静为广州添了20分和17个篮板。她俩和队友杨力(微博)维,以及上海奉贤的张芷婷和李颖(微博)韻都是女篮U16国少队队员。她们将于今年12月随队前往济南参加亚锦赛。球队主教练王桂芝也观看了广州与上海的争夺。



  U16女篮第一节阶段比赛至此结束,A组广州和上海奉贤区、B组南京和郑州分获两个组前两名。列A祖第三至第六名的是青岛、温州、四川德阳和香港,B组位居第三至第六的是福州、沈阳、北京石景山区和石家庄。(完)

weten520 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 12:27:08

قارماققا 16 ياشلىق قىزبالدەك قىلمايدۇ ،،

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 12:59:27

ماۋزۇنى كۆرۈپ مەن تېخى خەلق گېزىتى باش ماقالىسىمىكىن دەپتىمەن...يارايدۇ دىلارە قىزچاق \"\"

function يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 15:27:03

شىنجىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتىتى... كۈندە مەملىكەت خەۋەرلىرىدە دەيدىغان گەپكە ئوىشاپ قاپتۇ

asad يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 15:32:15

ياش توغرىلىق گەپ باشلىغان دوستلار:

  شۇ گەپنى تەشكەنسىلەر، ئۇنداقتا نىمىشقا 16 ياشتا ئىككى يىل توختاپ قالغىنىنىڭ سەۋەبىدىن يانداپ ئۆتۈپ كېتىسىلەر؟

  بولمىسا بىزدەك ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئامما ياش يۇشۇرغانلىق گۇناھىنى دىلارەگە ئارتىپ قۇيۇپ قاراپ تۇرماسمىزمۇ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 17:41:56

توپنى ياخشى ئوينايدىكە

ئۈمىد كۈتىمىز

ئەمما ياشنى ئۆزگەرتىشنى خالاش خالىماسلىق ھوقوقى بۇ سىڭلىمىزدا ئەمەسلىكىنى بىلىمىز

16ياش بولسا يەنە سەل ئۈسۈپ قالسا دەپ ئۈمىد كۈتۈپ ماتىريالىنى ئىزدەپ باقسام ئىككى يىل بۇرۇن 16غاكىرىپ بولغانلىقى مەلۇم بولدى.

بىزدە نىمە يامان نىيەت بولىدۇ

تېخىمۇ ياخشى بولسىكەن دەيمىز شۇ

بەك چوڭقۇر ئويلاپ كەتمىسەڭلە

بولسا يەنە 5يىلغىچە مەملىكەتلىك كوماندىدا ئويناپ ماھارىتىنى جارى قىلدۇرسىكەن دەيمىز.

تۈگىدى.

Bagwell يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 09:08:55

مەن توغرا كۆرمىدىم \"\"

wasdnoasdw يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 12:58:55

تەنتەربىيە ساھەسىدە ياش كىچىكلىتىش ئۇمۇمىيۇزلۇك بىر ھادىسىە ،

wasdnoasdw يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 12:59:47

ياشلا ئەمەس ئىسىممۇ ئۆزگىرەيدىغان ئىشلار مەۋجۇت

waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 13:09:20





13-نۇيابىر، 3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار ئاياللار ۋاسكىتبول ياشلار مۇسابىقىسى تور بىكىتى جۇڭگۇ دۆلەت ئاياللار ۋاسكىتبول ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى 12 كىشلىك ئەزالار تىزىملىگىنى رەسمىي ئىلان قىلدى.

بۇ 12 نەپەر تەنھەركەتچى ئىچىدە ئىككى نەپەر بوي ئىگىزلىگى 1.92 مىتىر كىلىدىغان تەنھەركەتچى بار، ئۇ بۇلسىمۇ گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن كەلگەن دىلارە دىلشات بىلەن 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن كەلگەن نىيۇجىيا.

تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى؛ دىلارە دىلشات ئۇيغۇر قىزى بۇلۇپ 1997-يىلى 1-ئاينىڭ7-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىكى 1.92 مىتىر، بەدەن ئىغىرلىقى 85 كىلوگىرام، ئوتتۇرا ھۇجۇمچى، 14-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىدۇ، گۇاڭدۇڭ ياشلار كوماندىسىدا توپ ئوينايدۇ.

2011-يىللىق 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شەھەرلەر ئارا تەنھەركەت يىغىنى ئاياللار 16 ياشلىقلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئۇنىڭ نامىنى چىقارغان دەپ ئىيتىشقا بۇلىدۇ، ئۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىدە 23 نومۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئىلىپ، گۇاڭجۇ كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇن بۇلىشىغا ئاكتىپ ياردەم بەرگەن. كەسپىي جەھەتتە دىلارە دىلشاتتىن تىخىمۇ زور ئۈمۇت كۈتۇشكە بۇلىدۇ، كەلگۇسىدە جۇڭگۇ دۆلەت ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئىچكى سىپىنىڭ تۈگرۈكى بۇلۇپ قىلىشىغا ئۈمۇت بار.

2012-يىلى 9-ئايدا، 2013-يىللىق 3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار ئاياللار ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىش دۆلەت مەشىق كوماندىسىغا تاللانغان. ئۇنىڭ مەشىقتىكى ئەمىلى ئىپادىسى، بوي ئىگىزلىكىدىكى ئەۋزەللىكى بىلەن بۇ قىتىم ئاساسلىق باشلامچى ئەزاسى سۈپىتىدە دۆلەت ئاياللار ۋاسكىتبول ياشلار كوماندىسىغا تاللاندى.

بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى 23-نۇيابىردىن 30-نۇيابىرغىچە سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە ئۆتكۈزىلىدۇ. مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىۋى بۇيىچە جۇڭگۇ كوماندىسى 23-نۇيابىر كورىيە كوماندىسى بىلەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن ھىندىستان، ياپۇنيە، مالايشىيا، جۇڭخۇا تەيبىي قاتارلىق تۆت كوماندا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇ مۇسابىقىدە ئالدىنقى ئىككىنچىلىككە ئىرىشكەن ئىككى كوماندا كىلەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان17 ياشلىقلار دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بۇلىدۇ.

بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشاتنىڭ خەلىقئارالىق مۇسابىقىدە ئىپادىسىنىڭ ياخشى بۇلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز...



مەنبە؛ http://waskitbol.com/portal.php
بەت: [1]
: دىلارە دىلشات يادىرولىقىدىكى جۇڭگۇ كوماندىسى چىمپىيۇن بولدى