tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 21:02:06

ئۇيغۇر مېلىيادېرلىرىنىڭ بېكىنمىچىلىكى

جوڭگۇدا كىم ئەڭ بۇرۇن بېيىغان؟شەكسىز جاۋاپ شۇكى ئۇيغۇرلار.80-يىللاردا تۇتام -تۇمام پۇللارنى،تاغار-تاغار پۇللارنى سۆرەپ يۈرۈپ سودىگەرچىلىك قىلغان ئۇيغۇرلار ئىچكىرىدە باشقا مىللەتلەرنى ھەيران قالدۇرغان.ئايرۇپىلاندا توشۇلىۋاتقان دوللارلار،شىياڭگاڭ،ئوتتۇرا شەرقتىن  كىلىۋاتقان ئالتۇنلار ئۇيغۇرلارغا قاراپ ئېقىۋاتقان مەنزىرىلەر زور بىر سودا كارۋىنى شەكىللەندۈرگەن.جوڭگۇ تارىخىدىكى ھەيران قالارلىق زايۇم سودىسىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار...

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پەن -تېخنىكا دەۋرى ھەممىنى ئۆزگەرتىپ قارا سودىغا كىرىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر بايلار تاپقان بايلىقىنى قۇچاقلاپ يېتىپ ساقلاشتىن باشقا ئىشنى قىلالماسلا بوپقالدى.شىددەت بىلەن يامرىغان پەن-تېخنىكا ئېنقىلابى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىخەتەر ،ئېغىر سانائەت كەبى ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە قەدەم بېسىشتى.بۇنىڭدىمۇ سېلىش ئەمەس ئېلىش بىلەن شۇغۇللاندى.بەزىللىرىنىڭ ئۆمۈر بويى تاپقان مال دۇنيالىرى بىر بىنا سېلىش بىلەنلا تۈگىدى خالاس.

تۆۋەندە مەن ئۆزۈم بىلىدىغان بىر نەچچە مىلىيادېرلار بىلەن ئىختىسادى چۆكۈش توغرىسىدا تەھىلىل يۈرگۈزىمەن.

مىلىيارد پۇل ئاز پۇل ئەمەس،لىكىن بۇ مىلىيارد پۇلنى 90-يىللاردىلا تاپقان ئۇيغۇرلار يوق ئەمەس،كۆپچىلىك سودىگەرلەر شۇ چاغلاردىكى مىلىيادېرلارنى ماڭا تەپسىلى سۆزلەپ بەرگەن.<<بېنىز>>،<<تويوتا>>ماركىلىق داڭلىق ئاپتومبىللارنىڭ خىروم قاپ،ئورۇندۇق قاپلىرىنى تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرلار بار.<<جىيەنلىباۋ>>،<<ۋاخاخا>>،<<كولا>>قاتارلىق  ئىچىملىكلەرنىڭ خام ئەشياسىنى(خام ئەشياسى خەشەك گۈلە،قارا گۈلە)تەمىنلىگىنىمۇ ئۇيغۇرلار،بۇلار بىلەن يېقىن بولغاچقا تېخىمۇ تەپسىلى توختالمايمەن.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا <<مىرەن>>شېركىتىنىڭ تاجىكىستاندىكى بىر تىجارەت تۈرىدىنلا كۈنلىكى 500000سوم ساپ كېرىم بولىدىكەن،ئۇيغۇرلاردا كۈنلۈك ساپ پايدا ھېساۋاتى بىلەن ھېساپ كىتاپ قىلىش 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىلا باشلانغان.

مۇقۇم مۈلۈك بىلەن قىممەت ھىساپلىغاندا <<قىران بۈركۈت>>شېركىتىنىڭ لېدىرى قۇدرەت ھاجىمنىڭ مەبلىغى مىلىياردتىن ئاشىدۇ،ئۇنىڭ دۆڭكۆۋرۈكتىكى <<قىران بۈركۈت >>(كۆلىمى 32000كۇۋادىراتى مېتىر)سودا سارىيىدىن تاشقىرى ئۈرۈمچىنىڭ يېڭى تەرەققىيات رايۇنىدا 50 مو يېرى بار ئىدى،ھازىر ئۇ يەرلەرنى قانداق قىلدى بىلمەيمەن.يەنە خوتەندە 52000كۇۋادراتى مېتىرلىق سودا-سارىيى بار.ئىستانبۇلدا نەچچە مىلىيون دوللارغا يارايدىغان داچىسى بار.مۇقۇم مۈلۈك قىممىتى بويىچە ھىساپلىغاندا بايلىقى مىلىياردتىن ئاشىدۇ.

يەنە دىسەم يەنە بار،<<قۇتاد>>سودا سارىيىنىڭ خوجايىنى ئەمەت ئەپەندىنىڭ بايلىقمىۇ ھەددى ھىساپسىز،دەسلەپتە پۇل-مۇئامىلە ،گۈلە -قاقچىلىق بىلەن بېيىغان.

يوغانباش بېيجىڭغا كەپتۇ دىسە دوللارلەسسىدە چۈشەتتى،يوغانباش بېيجىڭدىن كىتىپتۇ دىسە ئىچىكىرىدىكى دوللارنىڭ باھاسى شاپپىدە ئۆسەتتى دىيىلگەن يوغانباشنىڭ(بۇ ئادەم ھازىرغىچە پاراكەندە ھالەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمىنى دىمەيمەن)بايلىقىمۇ ئىنتايىن كۆپ.پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىن قول ئۈزگەندىن كىيىن ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە ھاۋالە مەبلەغ سېلىش بىلەن شۇغۇللانغان.

بايلىقى يۈز مىلىيوندىن ئاشىدىغانلارنى كونا ئۆلچەم بويىچە مىلىيادېر ھىساپلايدىغان بولساق ئۇيغۇرلاردا مىلىيادېر دىگەن ساماندەك،ساناپ ئۈلگۈرتەلمەيمەن،قارا قورساق تەلۋىلىكتىن باشقا ئىلىمنىڭ يۇقى بولمىغاچقا يوپۇرۇلۇپ كەلگەن تېخنىكا ئېنقىلابىدا ھېچ ئىش قىلىشقا پېتىنالماي تاز كاللىسىنى چۈمكەپ ھازىر ھەممىسى ئىجارىكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

ئۈرۈمچىدىكى مەرگىزى بانكىلارنى نەخ پۇل بىلەن تەمىنلەۋاتقانلار كىملەر؟ئۇيغۇرلار،ئىشەنمەمسىز؟ئاي ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر بايلارنىڭ تېلپۇنى سايراپ كىتىدۇ،<<بىزگە پۇل قويۇپ بەرگىن ،بىر كۈنلىكلا>>بانكا باشلىقى شۇنداق دەپ تېلپۇن ئۇرىدۇ،10مىلىيون قويسىڭىز بىر كۈنلىكىگە پەقەت بىر كۈنلىكىگىلا 20000سوم بىرىدۇ،جازانىخورلىقلىرىنى بىر-بىرسىگە ئۇختۇرماي پۇل قويۇپ بىرىدىغانلار ساماندەك،كۆز ئالدىمدا تالاي يۈز بەرگەن ئىشلار بۇ.ئەنە شۇنداق پۇل قويغانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلگەنلىرىنى ئويلىسام ئىچىم سىيرىلىدۇ.ئۇيغۇرلاردىلا نەخ پۇل بار،ئۈرۈمچىدىكى بانكىلارغا خالىغانچە كىرىپ چىقىڭ،قايسى قەۋەتكە چىقسىڭىز سىزنى ھېچكىم توسىمايدۇ،پەقەت ئۇيغۇر بولسىڭىزلا،چۈنكى ئۇيغۇرلار نەخ پۇل سودىسى قىلغاچقا ئۇلار بانكىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارنى ئاجايىپ باي ھىساپلايدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئالتۇن كارتىسى ئاقمايدۇ،چۈنكى بانكىغا كىرگەن ھەممە ئۇيغۇردا دىگۈدەك ئالتۇن كارتا بار،شۇڭا ئۇلار ئىناۋەتكە ئالغىلى ئۇنىمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن تالاش-تارتىش ۋاقىراش باشلىنىدۇ،ئۆچرەت تۇر،تۇرمايمەن...ئىشلار مۇشۇنداق.ھەر قايسى قەۋەتلەردىكى مەخسۇس خانەلەردە دوللار ئالماشتۇرىدۇ،پۇل تىجارىتى قىلىدۇ.باشقىلاردا نەخ پۇل يوق،قەرز ئالىدۇ،ئاندىن قەرز پۇلىغا ماشىنا ،ئۆي سېتىۋالىدۇ،ئىشلار مۇشۇنداق.

بىر كۈنى ئاققوۋۇقتىكى جوڭگۇ بانكىسغا پۇل ئالغىلى بارسام پۇل ئېلىپ كەلمەپتۇ،بولمىسا ئالدىنقى كۈنى تېلپۇن ئۇرۇپ قويغان،شۇنىڭ بىلەن پۇل كەلگۈچە زالدىكى سافاداسومكىنى بېشىمغا قويۇپ  سۇنايلىنىپ ياتسام بىر ئۇيغۇر بالا كىرىپ سۆزلەپ كەتمەسما <<سىللى ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ مۇشۇنداق ياتامسىلە >>دەپ بەك خىجىل بولدۇم،ئۇنىڭغا <<ھەي بانكا بىزنىڭ تىجارەت سورۇنىمىز،بزى ھەمىشە مۇشۇ يەردە،بانكا باشلىقلىرىنىڭ،ئىشچى خىزمەتچىللىرىنىڭ ھالى قالماي چاي قۇيۇۋاتسا نىمانداق چالۋاقايسىلە>> دىسەممۇ ئۇنىماي سۆزلەپ كەتتى .كىيىن ئويلىسام راست خاتا قىپتىمەن.

بىر چاغلاردا شۇنداق دەپ يۈرەتتىم <<بانكىغا كىرسەم ھەممە پۇل ئۇيغۇردىكىدەك،تالاغا چىقساملا ھەممە ئۇيغۇر قەلەندەردەك>> ،قارا سودا بىزنى قارا دەۋىرگە باشلاپ كىردىمۇ ئۇقمايمەن، ئۇيغۇرلاردىكى ھەددى -ھىساپسىز بايلىق كۆمۈلۈپ ،بېسىلىپ ياتماقتا،<<مىراج>>نىڭ خوجايىنلىرىدىن بىرى بولغان كېرىم<<ساراڭ>>بىر چاغلاردا شىنجاڭدىكى ئالتۇنلارنىڭ 3تىن 2 قىسمى قەشقەرلىك تۈلكىلەرنىڭ قولىدا دەپ يۈرەتتى،مانا ھازىر ئېسىمگە كەپ قالدى...ھاھااھاھ...

تاپقان تەرگىنىنى ساقلاپ قېلىش،بىخەتەر ياشاش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىلىيادېرلىرى ئەنە شۇنداق بېكىنمە ھالەتتە ياشىماقتا،تالاي ئىشسىزلار بولسا باشقىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تەلمۈرۈپ ئۆتمەكتە.بايلىق ئېسىلزادە ئەۋلادلىرىنىڭ قولىغا ئۆتمىگۈچە،ئالى مەلۇماتلىقلارنىڭ قولىغا ئۆتمۇگۈچە ئىشسىزلىق بېسىقمايدۇ ئەلۋەتتە!

بېشىمدىن ئۆتكەن،ئۇنتۇپ قالغان يەرلىرى ئېسىمگە كەپ قالسا ئىنكاس شەكىلىدە يازارمەن ئىنشا ئاللاھ...

ئەسكەرتىش:شۇ بايلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلەن يېقىن تونۇشلىقىم بولغاچقا ئوچۇق ئاشكارا يازالمىدىم،كەچۈرگەيسىلەر!

++++++++++++++++

ساقلىۋالغانلىرىم

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 20:00:17

بايا ئۈندىداردا ئۇيغۇرلارنىڭ نىمىشقا مىليادىرلېرى يوق دەپ بىر تېما كۆرىۋىدىم...

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 21:05:27

2- قەۋەتتىكى tarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر ۋاقىتلار قازاقىستاندىكى زاكىر كۇزىيىۋلارنى تونۇشتۇرغاندەك قىلىۋاتقان مەرھۇم مۇنبەرلەرنىڭ بىرسىدە ، شۇ زاكىر كۇزىيىۋلارنىڭمۇ قازاقىستاندا يېزا ئىگىلىك زاۋۇت ، شىركەتلىرى شۇندا كۆپ ئىكەنتۇق لىكىن ھېچبىر يەردە ھاياجانلىنىپ مىليادىر دىمەپتكەن.

سۈن گۇڭشىننىڭ ئالتاي ، قۇمۇلدا  كۆمۈر كانلىرى بار .

ئاۋۇنىڭدەك مانچە كىۋادىرات مىتىر بىنا دىگەنلەر خېلى كۆپقۇ ...سۈن گۇڭشىن بىلەن تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ كۆرگۈلۈك ھاياجانلىنىشتىن ئىلگىرى .

XXX

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 21:18:53

بۇ تېما... ئىزدىنىشتا لۇكچەكلىكىنى ئاقتۇرامماي ، تولا پەشۋا يەپ، قوڭىنى چېقىپ چىكەتكەن ئېلى قارامنىڭ تېمىسىكەن \"\"\"\"

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 21:23:13

نېمە دېمەكچى ؟ باي بولغاندىكىن پۇلۇم بار دەپ نوچىلىق قىلسۇنمۇ ؟

بايلارنىڭ بۇنداق ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ داۋراڭ قىلىش ياخشى ئەمەسمىكىن ، مۇنبەر ئوينايدىغان يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئوۋ نىشانى بولۇپ قالسا سىز ئېگە بولالمايسىز ......

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 21:32:38

ماۋۇ تىما مۇنبەرمۇ مۇنبەر كۆچۈرۈپ چاپلىنىپ كىتىپتۇ ، بەلكىم ئۇيغۇر بايلارنى ئوبدان بىلىدىغانلار مۇنبەرلەرگە ئاز كىرسە كېرەك ، مەن ئىزدىنىشتىن باشقا مۇنبەرگە ئەزا بولمىغاچ باشقا مۇنبەردە كۆرگەندە ئۇقۇپ ئۆتۈپلا كەتكەن ، بۇ يەردە ئۇچىراپ قالدى شۇڭا قۇرۇق گەپ بولسىمۇ ئىككى ئېغىز سۆزلەي .

تىمىدا تىلغا ئېلىنغان بىر باينى مەن بەك تىگىدىن تونۇمىساممۇ ئىشخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىشخانىدا بىرەر يېرىم يىلدەك ئولتۇرغان ، يەنە بىرسى بۇرۇن مەن باشقۇردىغان بىر تۈردە ئىككى ئايدەك ئىش ھۆددە ئېلىپ قىلغان . نەچچە يەردە سودا شەھەرچىسى بولۇپ ، نەچچە يەرگە ئېئانە قىلىپ ساۋاپ ئالغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن ، بىراق سوتتىكى داۋا دەستۇرلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن . پەقەت شۇ داۋەرگەرلەر ئۇن يىگىرمە يىلدىن بېرى قۇرۇق ئىمزىكە شۈمۈپ تەقدىردىن كۆرۈپ خەلىقى ئالەمگە يايمىغانلا بار . بىر ئىككى يۈز يۇەن پۇلنى ئارتۇق ئېلىۋىلىش ئۈچۈن ھەق ـ ناھەقنى قايرىپ لۈكچەكلىق قىلىغانلىقلىرىنى كۆرگەندە شۇ داڭلىنىۋاتقان كىشى شۇمۇدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن . بۇنداق دىسەم بىراۋنى كۆرەلمىگەن ، ئارقىدىن غاجىغان دەپ ئەيىپلىنىشىم مۇمكىن ، نەچچە قېتىم ئوتتۇرغا چۈشۈپ كۆرگەن ئەھۋال شۇ بولغاچقا ئسمىنى دىمەي مۇشۇنچىلىك دىدىم ، مىنىڭچە بۇ دىگىنىم قىلچە ئېشىپ كەتمىدى .

تىمىنىڭ چىقىش نۇقتىسى توغرا ، لىكىن سەل ھاياجان ئارلىشىپ قاپتۇ ، زاماننىڭ تەتۈرلىكىدە بايلار نامىرات سىياققا ، نامىراتلار باي سىياققا كىرۋالىدىغان بولۇپ كەتتى دەيدىغان بىر گەپ بار . مىنىڭچە خەنزۇلارنىڭ بايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇر بايلاردا پۇل يوق دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەسلىكى مۇمكىن . گەرچە ئالى ماشىنىلاردا ئولتۇرۇپ ، پۇلنى كۆز _ كۆز قىلىپ خەجلەپ ، ۋاي خوجايىن دەپ قويسا كىرىلىپ جاھانغا پاتمىغان بىلەن ھەر موما خەي كىيىپ يۈرگەنلىرىنىڭ ئالدىدا خېلى جىق بايلىرىمىز چېنىپ ئوبدانلا قالىدۇ .

ئالماتغا كۆچمەن بولۇپ كىلىۋالغان بىر ئۇيغۇر باينىڭ شەخسى تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى، داچىللىرىنىڭ پارىڭىنى تۈنۈگۈن قىلىشتۇق خەنزۇلار بىلەن .

سۇڭگۇاڭشىن بىلەن رادىل ئابلانى سېلىشتۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس . سۇڭ گۇاڭشىن بىلەن ئوبدان تونۇشۇپ كۆرمسىمۇ ئۇنىڭ كىمگە تايىنىپ باي بولغانلىقىنى بىلسىلا شۇ كۇپايە .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

sada425 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 21:59:34

شىنجاڭدىكى ئاساسلىق چوڭ بازارلارنى بىر ئايلانسىلا كىمنىڭ پۇل تىپىۋاتقىنىنى بىلگىلى بولىدۇ ،لىكىن پۇل تىپىۋاتقانلار ھەرگىز ئۇيغۇر ئەمەس ،بىزلەر تىپىۋاتقان پۇل شۇلارنىڭ ئالقىنىدىن ئاققان ساقىندىسى خالاس .  {:136:}   {:136:}

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 22:05:02

تېما ئىگىسى، بايلىقى يۈز مىلىيوندىن ئاشىدىغانلارنى كونا ئۆلچەم بويىچە مىلىيادېر ھىساپلايدىغان بولساق ئۇيغۇرلاردا مىلىيادېر دىگەن ساماندەك دەپ يېزىپتۇ....... تېما ئىگىسى مىليادىرلانى شۇ ئولچەم بىلەن ئولچىگەن ئوخشايدۇ. ماۋزۇسى راس بەك ھەيۋەت قويۇلۇپ كېتىپتۇ. دىمىسىمۇ ئۇيغۇر بايلىرى ئىچىدە ئالى مەلۇماتلىق بايلاردىن قارا قوساق بايلار كوپ ساننى ئىگەللەيدۇ جۇمۇ.........

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 00:05:19

يولداش بايلار بىلەن وچرىشىپ مۇامىلە قىلىپ باقسىڭىز بىلىسىز پۇلنىڭ كىمنىڭ قولىدا ىكەنلىگىنى ،ۇلارنىڭ پۇللىرىنى سىياسەتنىڭ وڭ شاماللىرى ۇچۇرۇپ ەكىلىپ بىرىۋاتىدۇ.دىيارىمىزغا مەبلەغ سالغىلى چىققانلارنىڭ قوڭىدا شالتاق قەرزى بار،مەسىلەن دىيارىمىزدىكى بولغۇسى ەڭ ىگىز 58قەۋەتلىك ~~~ تەرەققىيات سارىيى بۇيىل ىشنى باشلاپلا 10مىليۇن قەرىزنى بوينىغا بىمالال ارتىۋاپتۇ ( بۇ گەپنى قەرىز ىگىسى يولداش ۆزى دەپ بەردى) خەلقىمىز ماڭلىيىدىكى تەرگە تايىنىپ مۇشكۈل بىلەن اران پۇل تىپىۋاتىدۇ،ۇيغۇر بايلارنىڭ الدى مىنىڭچە ‹ەبۇسەخى› شىركىتى بىلەن تۆمۈر رودا كېىنى بار پەخرىدىن ھاجىم (شىركىتىنىڭ ىسمى خەنسۇچە بولغاچقا ىسىمدە قالماپتۇ).خۇلاسە قىلغاندا وڭ شامال ماڭا ۋە سىزگە يوق

salimboy يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 06:54:10

باللا ئۆزى بىلگەننى ، كۆرگەننى سۆزلەپتۇ ، مەنمۇ ئۆزۈم شاھىت بولغان بىر - ئىككى ئشنى دەپ بېرەي .

1 .  مالايسىيادىكى ۋاقىىتلىرىم خوتەندىكى باشقىلار مىليادىر ، نەچچە مىليونلۇق ماشىنىسى بار يەي ، ئۇيەي _ بۇيەي دېگەن مەلۇم بىر باينىڭ خىزمىتىدە بولۇپ قالدىم . مىجازى خۇش پېئل ،كەمتەر ئادەم ئىكەن . مۇشۇ ئۇيغۇر سودىگەرلەر توغۇرلۇق مۇڭدىشىپ ، گەپتىن _گەپ چىقىپ ئۆزىنىڭ سودىسنى توغۇرلۇق سۆزلەپ مال _مۇلۇكلىرىنىڭ سودىدا ئاۋۇماي بارغانسىرى كېمىيىپ كېتىپ باغانلىقىنى ، پۇل تېپىشنىڭ بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىپ بارغىانلىقىنى ۋاھاكازا خېلى سۆزلەپ ئاخىرى گەپنى مىللەت تەۋەلىكىگە ئەكىلىپ توختاتتى ( ئاخىرىنى يۇتىۋەتتىم دېمىسەممۇ پەرەز قىمماق تەس ئەمەس ) . كېيىن ئويلىنىپ باقسام گەپلىرىنىڭ جېنى بار . دېمىسىمۇ يانچۇقتا بارى بىلەن ئانچە - مۇنچە مىدرىغاندەك قىلغان بىلەن خەق يوغىناپ كەتكەندە تاپقىنى دالدا بولماي قالىدىغان گەپ .

2.  بەلكىم دوستۇم ئېيىتقان ( ئەبۇسەخى ) ئاتۇش شورۇقلۇق ھەبىبۇللا ھاجىىمنىڭ بولىشى مۇمكىن . بۇكىشىگە كەلسەك ھەقىقى مىليادىر ئۆلچىمىگە چۇشىدۇ . دۇبەيدىكى داچىسى دەيۋىد بېكخىامنىڭ داچىسىنىڭ نەچچە ئۆي ئاستىدا ، قىرغىزىستىان ئوش ، بىشكەك - ئۆزبىكىستىان تاشكەنىت ، سەمەرقەن ، قازاقىستىان ئالمىۇتا ، چىلەك ، ئاستانىدىكى زىمىن ، مال _مۇلۇكلىرىنىڭ سانىنىڭ ھېساۋى يوق دېسەكمۇ بولدۇ . ئۇرۇمچى _ ئوتتۇرا ئاسىيا يۇك تىرانسىپورتقا ئشلىتىدىغان ئىككى ئايرۇپىلان ئۇچۇن بوئىننىڭ ئايروپىلان زاكاس قەغىزىنى كۆتۇرۇپ يول سوراپ ئىزدىمىگەن تۆمۇر تاۋاقلار قاممىدى ، ئامال بوممىدى بېيجىڭ ، دۇبەي ، ئوتتۇرا ئاسىيادا كورگەنلىرىم بۇنىڭغا شاھىت .

مۇبالىغە ئامەس دۇبەيدە نى ھەيۋەت بىنالىرى بارلار ( ئاتۇشلۇق ) ، موسكىۋانىڭ ئاۋات كوچىلىرىدا دۇككانلىرى بارلار ( ئۈرۇمچىدىكى ئاياسنىڭ خوجايىنىنىڭ) ، بىلگىيەدىن دانىسى مىليون دوللارغا تاقايدىغان گىلەم توقۇيدىغان ماشىنكىلارنى ئەكىلىپ ئۇرۇمچىدە غاقىرتىدىغانلار ( پارلاقنىڭ خوجايىنى ) بەك كۆپ ، تۇپتىن ئاتۇشتا ، غۇلجىدا ، خوتەندە كۆپ بۇنداق بايلار ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەتەندە قىلۋاتقان ئشلىرى كۆپ ئەمەس ، ۋەتەندە شۇ ئۇنى قىلاي دېسە ئچكىردىن كەلگەن خوجايىىنلاردىن ئاشمىغاندىكىن يېتىپ يەشتىن باشقا ئامالمۇ يوق ، بىلىپ قېلىڭلا دوسلار قەشقەرلىق بايلارنىڭ ئاچچىغى كېلىپ ئالتۇنلىرىنى ئېچىقىپ ۋاشاڭ قىلسا ... كومپارتىيىمىز يۆلەپ تۇرىدىغان ۋەتىنىمىزنىڭ ئالتۇن بازىرىغا زور تەسىرلارنى ئېلىپ كېلىدۇ .

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 08:46:17

11- قەۋەتتىكى tarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كونا ئۆلچەمدىمۇ مىليارد پۇلى بولسا مىلىيادىر دەيدىغاندۇ ...ئىشقىلىپ بەك ھاياجان ...

ماۋۇ ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى شىركەت كارخانىلارنى ، ئاساسلىق چوڭ بازارلاردىكى سودا سارايلىرىنى ئەمەس ،

ئاۋۇ قۇمۇل ، ئالتاي ، ئاقسۇ، قەشقەر ،خوتەن تەرەپلەردىكى كانلارنى چۆگىلەپ بېقىڭلار .

ئۇ كانلار دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئەمەس ، خۇسۇسىيلار ئىگىدارلىقىدىكى كانلار .

ئاۋۇ ھاياجان بالا

=======

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا <<مىرەن>>شېركىتىنىڭ تاجىكىستاندىكى بىر تىجارەت تۈرىدىنلا كۈنلىكى 500000سوم ساپ كېرىم بولىدىكەن،

====

دەپ يېزىۋاپتۇ . بىر كۆمۈر كاندىن كۈنىگە 50 توننىلىق چوڭ ماشىنىدا300-400 ماشىنا كۆمۈرنى بىمالال توشۇيدىغان كانلار بار باي-كۇچاردا . قېزىۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشقان ، دەسلەپ ھۆكىمەت ئۆزى قېزىپ ، تېخنىكا ۋە مەبلەغ يىتىشمىدى دىگەن سەۋەب بىلەن ۋاڭ لېچۈن سۈن گۇاڭشىنگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندەك جېجىياڭ، جىياڭسۇلۇقلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن كانلار ساماندەك .

شىنجاڭدا 4000 دىن ئارتۇق ئېچىپ ئىشلىتىلىۋاتقان كان بار.

بۇنىڭ قانچىلىكى خۇسۇسىيلار ئىگىدارلىقىدا .

ئاپتونوم رايونلۇق كان ئىشلار ئىدارىسىدىن چۈشۈرۈپ بەرگەن كان ئېچىپ پايدىلىنىش ئىجازەتنامىڭىز بولسا ، بىخەتەرلىك كاپالىتى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە يۇقىرى بولسا ھەقىقىي مىليادىر بولسىڭىز بىر كۆمۈر كان كىلىدۇ شۇ پۇلغا .

بىر كۆمۈر كان بىلەن ئىككى تۆت تال بىنا ، 50-100 مو يەرنى سېلىشتۇرغىلى بولماس.

بىر كاننىڭ مەبلىغى قانچىلىك بولىكەن . مىلىيارد بىلەن يۈز مىليون پۇلىنى پەرق ئىتەلمەي .

بىر تاغار پۇل 50 مىليوندىن ئاشمايدۇ .

بەلكىم ئۇ يەردە گىپىنى قىلۋاتقان تاغار (يەنى خالتا)، تويۇنبۇدا ئىشلىتىدىغان خالتا، ياكى بولمىسا يۇرتتا كىۋەز قاچىلايدىغان خالتا بولىشىمۇ مۇمكىن......

ۋەياكى بولمىسا تاغارغا قاچلانغىنى ياۋرۇ بولىشىمۇ مۇمكىن..... ئىشقىلىپ يامان گۇمان قىلمايلى....

ئەمما نېفىتلىك بولسۇن ياكى كان بولسۇن، ئىشقىلىپ ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇ....... مۇنداقلا چۈشەنسەك: يۇقىرقى دۇكان، سودا سارايلار بىلەن كاننىڭ پەرقىنى: بۇلاق بىلەن كۆلچەككە، ياكى بولمىسا، ئالمىلىق باغ بىلەن باققالنىڭ ئالدىدىكى ئالما تىزىقلىق ھارۋىغا ئوخشىتىش مۇمكىن.....

تۈزۈكرەك تاشقى پېروېۇت ياراتماي تۇرۇپ، «پۇل تاپتىم» دىگەنلىك خۇددى، ئۆزىمىزنىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنى ئاشخانا قىلۋېلىپ، ئۆيدىكى ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىللاغا تاماق سېتىپ «ئاشخانا ئاچتىم» دىگەنگە ئوخشايدۇ، بۇنداق ئايلانما شەكىلدە پۇل تېپىشنىڭ ئۆزى– ئوڭ قولغا بىر ئىستاكاننى، سول قولغا بىر ئىستاكاننى ئېلۋېلىپ، ئىككى ئىستاكاندىكى سۇنى بىر–بىرىگە قۇيۇپ (ئانىڭدىكىنى مانىڭغا، مانىڭدىكىنى ئانىڭغا) «ئىستاكاننى سۇغا توشقۇزىمەن» دەپ داۋا قىلغاندەكلا بىر ئىش.....

ئۇزۇنىڭ بېرى تارىمنىڭ ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، سەل ئاغزى بىزەپلىكىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئىشقىلىپ تۇتامغا چىققۇدەك ئىنكاسلارنى يىزۋاتىدۇ، بۇنداق ئىنكاسلارنىڭ قۇرۇق ماختاپ ئۇچۇرغانغا قارىغاندا پايدىسى كۆپراق بولىشى مۇمكىن.....

شۇڭا مۇشۇ GDP ھەققىدىكى گەپنى تارىمدىن تەپسىلى ئاڭلىغىم كىلۋاتىدۇ..... ،  مۇشۇ ھەقتە كۇنۇپكا باسقۇدەك ۋاقتى بارمىكىن؟

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 10:36:48

مىليادىرلىق ئۆلچىمى خەلقارادا ئامرېكا دوللىرى بويۇنچە ھىساپلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا 6.1 مىليارىد خەلق پۇلى بىر مىليارىد دوللارغا تەڭ دېگەن گەپ. بىر مىليارىد دوللار 6100000000 يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ. 10 خانىلىق دوللار ئەلۋەتتە ھۆكىمەت پۇل تاپساڭلار بولىدۇ دېگەن 30 يىل ئىچىدە ئاسان تاپقىلى بولمايدىغان پۇل.

بايلارنىڭ ئۆز بايلىقىنى خاتېرجەم ئاشكارلىماسلىقىدا سىياسى، ئىجتىمائى، تارىخى ...... سەۋەپلەر بولىشى مومكىن. بۇنىڭ ئىچىدە سىياسى ئىجتىمائى موقۇملۇق، باج، بىخەتەرلىك، سودا مەخپىيەتلىكى، شەخسى مىراس قاتارلىقلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇدۇ. بىرەر مونىپول ساھەگە مەبلەغ سالاي دېسە سودىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمىغان، بىرەر كەشپىياتقا مەبلەغ سالاي دېسە مەھسۇلات چىقىپ ئەتىسىلا بازارنى ساختا مال قاپلاپ كىتىپ بارغان.

بايلىقنىڭ توپلىنىشىدا بىر سىرلىق جەريان بولىدۇ. بۇ جەرياننى ئەقىلگە تايانماي قارا كۈچكە مەبلەغ سالدى، كونا ئەنئەنىۋى تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرىتمىدى دەپ قاراش مۇۋاپىق ئەمەس. مەسلەن سىز بېيىغاندىن كىيىن بىر داچا سالغان بولسىڭىز داچىنىڭ پۈتۈش سومممىسى بىر مىليۇن يۈەن بولسا، سىزگە يەر ساتقۇچى، چىرتىيۇج سىزغۇچى، قۇرۇلۇش ماتېرياللىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى، قۇرۇلۇش ماتېرياللىرىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ، قىسقىسى سىزنىڭ داچىڭىزنىڭ پۈتىشىگە كۈچ چىقارغان بارلىق تەرەپلەر بىر مىليۇن يۈەننى سىزدىن ئالىدۇ، ۋە بۇ بىر مىليۇن يۈەننى ئۆزىگە زۆرۈر دەپ قارىغان ساھەگە مەبلەغ قىلىپ سالىدۇ ياكى خەجلەيدۇ. سىزگە بىر مىليۇن يۈەنلىك داچا قېلىپ قالىدۇ. ئويلىسىڭىز بۇ جەريان (داچىنىڭ پۈتۈشى) كۆپ ساھەگە چېتىلغاچقا سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆرگىنىگىلا باھا بىرەلەيسىز.

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 14:26:43

ھازىرقى تەڭسىز رىقابەتتە ئاران-ئاران پۇت دەسسەپ تۇرغان ، بار مەبلىغىنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى ئەيىپلەۋەرگەننىڭ نىمە پايدىسى.ھاياجان بىلەن سۆزلەۋاتقانلار دوڭكۆۋرۈك بىلەن ئاققۇۋۇق ئارىلىقىدىكى بىنالارنىلا سانىماي پۇتكۈل ئۈرۈمچىنى بىر كۆزىتىپ باققۇلۇق ، بولسا پۈتكۈل دىيارىمىزغا بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققۇلۇق . بىزگە بەك زەردار باي كۆرۈنۈپ كەتكەن بىلەن دىيارىمىزدا تىجارەت قىلىۋاتقاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى ھەرگىزمۇ ئىشەنىچلىك  سىياسى كاپالات ، مۇقىم مالىيە مەنبەسىگە ئىگە بولىۋاتقان خەنزۇ مىلياردىرلار بىلەن قانداقمۇ سىلىشتۇرغىلى بولسۇن.دىيارىمىزدا ئەڭ تىز ھەم  كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان كەسىپلار  ئىنىرگىيە ،كان بايلىقلىرى ، ئۆي-مۈلۈك ،يۇقىرى تىخنىكا ساھەسى شۇنداقلا بىر تۈركۈم مونوپول كەسىپلەر . لىكىن بۇ ساھەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ  نىسبىتى زادى قانچىلىك ؟  دوللارھىساباتى بىلەن ھىساپلىغاندا مىلياردىرلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چىكى 6 مىليارىت خەلىق پۇلىدىن كۆپ بولىشى كىرەك . بىناسى بارنى مىلياردىر دەپ قارىغاندا بىر بىنا 100 مىليونلۇق يۇقىرى باھادا ئۆلچەنسە ئەڭ توۋەن بولغاندا 60 دانە 100 مىليونلۇق بىنا بولىشى كىرەك . قىنى ھىساپلاپ بىقىڭلار دىيارىمىزدا ئۆي مۈلۈك ساھەسىدىن چىققان مىلياردىر بارمىكەن ؟ ئىككى ئادەم كۆتۈرەلىگىدەك  بىر تاغار پۇل ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 يۇئەنلىكتىن بولسا 20 مىليوندىن ئاشمايدۇ دىمەك نەچچە تاغار پۇلغا مىلياردىر بولغىلى بولمايدۇ .

تارىم ئەپەندى ئىيىتقاندەك دىيارىمىزنىڭ كۆمۈرىنى ماشىنا پويىزدا توشۇپ ئۈلگۈرمەي سۇيۇقلاندۇرۇپ گازغا ئايلاندۇرۇپ توشۇپمۇ تويماي ھازىر كۆيدۈرۈپ توكقا ئايلاندۇرۇپ يۆتكەۋىتىپتۇ . ئىشەنمىسەڭلار سانجىدىكى ۋۇسەيۋەن ، قۇمۇل تۇرپان كۆمۈرلۈكى ، ئىلى ۋادىسى كۆمۈرلۇكى. ئاقسۇ- باي كۆمۈرلۈكىنى ئاساس قىلغان دىيارىمىزدىكى ئىنىرگىيە كان بايلىقلىرىنى ئىچىۋاتقان كارخانىلارغا دىققەت قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ ، 2 يىل بۇرۇن ۋۇسەيۋەنگە بىر ئىش بىلەن چىقسامغۇ قوراللىق تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتۈپ ئاندىن بىر ئادەمنى قوشۇپ كىرگىلى قويغانتى.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 15:34:41

ھەر مىلىيادىرلار بار ،،قەغەز پۇل ئەمەس ئالتۇن تىللانى گوباڭلاپ بەسلىشەلەيدىغانلارمۇ بار ،،لىكىن بىر مەسىلە

مۇشۇ دۆلەتتە يامان كۈننىڭ ياخشىسى بوپ قالسا مەدىنيەت ئىنقىلابىنى قايتا قوزغالمايدۇ دەپ كىم كاپالەت بىرەلەيدۇ ؟

مىنىڭچە ھىچكىم بۇنىڭغا بىرنىمە دىيەلمەيدۇ ئاشۇ 10يىللىق دەۋىر بىز ئۇيغۇرخەقنىڭ يۈركىمىزدە ھازىرغۇچە بار ئاتىلار شۇڭا ھازىرغۇچە بىزلەرگە تەدبىر ئۈگتۈپ كەلمەكتە ،،،باشقا دوسلار ئىيىتقاندەك بەزى بايلارنىڭ ئاددى ئادەملەردەك

تۇرمۇش كەچۈرشىدە مەن سۆزلەپ ئۆتكەن سەۋەپلەرشۇنىڭ بىرى ،،يەنە باشقا سەۋەپلەرمۇ بار !

دادامنىڭ ئەسەلەپ بىرشىچە ئۆينىڭ تورسىدىكى نەققاشلىق ياغاچلاردىن تارتىپ بوۋام رەھمەتلىككە دادىسدىن قالغان

چاي دەملەپ ئىچىدىغان چەينەكلىرگىچە ،ھەتتا چىرايلىقراق چىنە قاچىغۇچە قۇرتىۋەتكەن تۇرسا كىممۇ يەنە يۈرەكلىك

مەن بىر ئىش قىلاي دىيەلەيدۇ ......قىنى مىللى باراۋەرلىك ،ئەركىن سودا سىياسەتلىرى بىلەن نورمال مۇئامۇلە بىزلەرگىمۇ بىرىلسۇنچۇ ئوتتۇر ئاسىيالىقلار بولامدۇ ،ياپۇنلر بولامدۇ ،تۈركلەر بولامدۇ ئامرىكا بولامدۇ ھىندىمۇ بىز

خەقنى ھەممىسى تونۇيدۇ سودا قىلىشنى خالايدۇ ،90 يىللىرى داداملار ئۆزبىكىستانلىقلار بىلەن قازىقىستانلىقلار بىلەن

ئەرەپلەر بىلەن خوتەنلىك دوسلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئاشۇ ئوتتۇر ئاسىيالىقلار بىلەن سودا قىلغان ئىكەن ،بۇ سىياسەت دىگەن نەرسە يەنە مۇقۇملۇق قوشۇلۇپ شۇتىجارەتلەرمۇ خانا ۋەيران بولۇپ كەتكەن ....بۇنداق تەتۈر بورانغا ئۇچقىغانلار نى ساناپ كىلدىغان بولساق نۇرغۇن ........................

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 15:45:34

ئاددىسى ماۋۇ جەنۇپتاچوڭ بولغان مەن بىرتال پاسپورىتنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى بىكىتكەن باھادا ئالالمايمەن

چۈنكى بىرمۇنچە سەۋەپلەر بىلەن پەيدا بولغان باھاغا مەن چىقىش قىلالمايمەن ،،،شىمالدىكى باللار قانداخكى ئۇنى ئۇقمايمەن لىكىن ،،،،

ماۋۇ ھىتكار يىڭى بارزار ئەتراپىدا بازار كۆرگىنى كەلگەن چەتئەللىك بىلەن سودا قىلىش جەريانىدا تونشۇپ قىلىپ

دوسلىشىش جەريانىدا بىر ئىككى كۈن بىرگە يۈرۈپ قالسىڭىزغۇ بولدى \"\" ....

دادام بىر ئەنگىلىيىلىك بىلەن 10مىنۇت پاراڭلىشىپ قويغۇنىغا 30مىنۇت سوراق بەردى ئۇلۇغ ۋەتىنمىزنىڭ تىنىچ تەرەەققىياتى ئۈچۈن \"\"

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 15:59:32

باي ناھىيىسىدىكى مەلۇم بىر خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى كۈمۈر كان خوجايىنىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىر كۈنلۈك ساپ پايدىسى بىر مىليوندىن ئايلىنىدۇ،بۇ ھەرگىزمۇ ئەپقاچتى گەپ ئەمەس،ئۇنىڭ ئىگلكىدە ئۈستى ئۇچۇق كۈمۈر كاندىن ئۈچى،ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدىن بىرسى(بايدا)،قاشتاش كاندىن بىرسى(خوتەندە)بار.يەنە بىر شىركەتنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى580مىڭ يۇەن(باج تۇتۇپ قېلىنغاندىن كىيىنكى ئىش ھەققى)،ئادەتتىكى خىزمەتچىلىرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 30مىڭدىن80مىڭغىچە،لىكىن بۇ شىركەتلەردە بىزنىڭ ئادەملىرمىز ئاساسەن يوق دىيەرلىك.ئەمدى ئۆزەڭلار ھىساپلاپ كۈرۈڭلار؟!ئۇيغۇر بايلىرىدا بىر ئايلىقىغا ھىچ بولمىغاندا 10مىڭدىن بىرىپ ئادەم ئىشلىتەلەيدىغان شىركەتلەر قانچىلىك؟كۈندە ئەمەس،ئايدا بىر مىليون پۇل تاپالايدىغان شىركەتلەر قانچىلىك؟!(شىركەت مەخپىيەتلىگىنى ئاشكارلاشقا چېتىلمىغان بولسا ئىسپاتى بىلەن كۆرسىتىپ قۇياتتىم).شۇڭا ھاياجان پاراڭنى ئاز قىلىڭلار!ئەلۋەتتە بىزنىڭ بايلىرمىز پۇل تېپىش ئۈچۈن ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە تىرىشمىسا بولمايدۇ.باشقا پاراڭنى دىمىسەممۇ ئۆزەڭلار ھىس قىلالايسىلەر...........
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇر مېلىيادېرلىرىنىڭ بېكىنمىچىلىكى