bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 17:04:37

بۇ نارسىدىگە ياردەم قىلساڭلار

ئاخشام يېڭسارلىق  بىر بۇرادىرىم تېلىفۇن قىلىپ بىر قوشنىسىنىڭ گېپىنى قىلدى:


ئەرنىڭ ئاتا ئانىسى يوق، يېڭى تۇغۇلغان بالىسى 8 ئايلىق بوپتۇ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتسە تۇغما يۈرەك كېسىلى دەپ دىئاگىنوز قويۇلۇپتۇ.


ئۇ قوشنىسى بالىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۆيىدىكى بار يوق 5 تاغار بۇغداينى سېتىپ بوپتۇدەك، ئۆيىدە قالايدىغانغا كۆمۈرمۇ يوقكەن.


ھازىرقى مەسىلە:


1.بىر ۋاقىتلاردا تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى ھەقسىز داۋالايدۇ دىگەندەك تەشۋىقاتلارنى كۆرگەن ئىدىم، قانداق ئالاقىلىشىپ قانداق ھەل قىلغىلى بولىدۇ، مومكىن بولسا بىلىدىغانلار يولىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار.


2.بۇ بالىغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار بولسا ئۇچۇر قالدۇرساڭلار، ھېلىغىچە ئالاقىلىشىپ ئۇ بالىنىڭ بانكا كارتا نومۇرىنى قالدۇرۇپ قوياي، بىرلىكتە ياردەم قىلغان بولساق.



يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 19:24:53

ئاللاھىم ئاسانلىق بەرگەي ،ئامىن !

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 21:11:50

ئاللاھتىن ئاسانلىق تىلەيمىز!



تاما- تاما كۆل بولار دەپ ، ھۆكۈمەت ھەقسىز داۋالىمايمىز دەپ قالسا ئەلۋەتتە ئاز بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى ئايىمايمىز! ئاللاھ يولىنى ئوچۇق قىلار ...

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 22:35:15

ھازىر ھەقسىز داۋالاۋاتىدۇ، ئالاقىلىشىڭ

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 23:15:40

مەن دوستلار چەمبىرىكىدىن تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى كۆرگەن ئىدىم، راستمۇ ياكى يالغانمۇ بىلمىدىم.



ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- دوختۇرخانىدا (بالىلار دوختۇرخانىسى) تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلارنى ھەقسىز ئوپىراتسىيە قىلىدىكەن. بۇ جەھەتتە ھاجىتى بارلار دەرھال تۆۋەندىكى نومۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ:

3849495 - 0991

تىزىملىتىش ۋاقتى 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە. بۇ قېتىملىق ھەقسىز داۋالاش بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇڭ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 20:57:18

anayurtum يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 11:12:40



ئاللاھىم ئاسانلىق بەرگەي ،ئامىن !

Rachel يوللانغان ۋاقتى 2013-12-2 20:36:25

بىزنىڭ دوختۇرخانىدىمۇ ھەقسىز داۋالايدۇ،ھەقسىز داۋالىتىشتا ئالدى بىلەن دوختۇرلار ھەرقايسى ۋىلايەت -ناھىيەلەرگە بىرىپ ئۇپراسسىيە قىلىشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان كىسەل بالىلارنى تاللاپ خەلىق ئىشلار ئىدارىسىغا يوللايدۇ،ئاندىن خەلىق ئشلار ئىدارىسى تىزىملىككە ئاساسەن بالىلارنى ئۈرۈمچى ساغلاملىق دوختۇرخانىسىغا(康复医院) يوللايدۇ،بۇ يەردىن كىسەل تۈرىگە ئاساسەن ھەر قايسى دوختۇرخانىلارغا يوللايدۇ.ئەگەر دوختۇرلارنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ كىسەل كۆرىدىغان ۋاقىتقا توغرا كەلمىگەن بولسا،چىڭ لوڭ فوندىسغا ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.قانداق ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى توردىن ئىزلەپ باقسا بولىدۇ،ئەگەر تاپالمىسا مەن چ چ دا ئەۋەتىپ بەرسەممۇ بولىدۇ.253398101.قالغىنىنى مەن بىزنىڭ دوختۇرخانىنىڭ يۈرەك تاشقى بۆلىمىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرنى ئۇقۇشۇپ دەپ بىرەي،تىلفۇن قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىىدۇ.
بەت: [1]
: بۇ نارسىدىگە ياردەم قىلساڭلار