waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 21:50:11

دىلارە دىلشات دۇنيا ۋاسكىتبول لوڭقسىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئىرىشتى



  29-نويابىر كەچ،  3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە  ئىلىپ بىرىلدى. جۇڭگۇ دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى 81-55 نەتىجە بىلەن كورىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  جۇڭگۇ دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىش بىلەن تەڭ 2014-يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان17 ياشلىقلار  دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بۇلدى.

  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگۇ كوماندىسىدىن ئىككى ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى،  ۋاڭ خەيمىي  پۈتۈن كوماندا بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى بولغان 19 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قىتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشات 17 نۇمۇر، 7قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

    مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىۋى بۇيىچە 30-نويابىر،  ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى رەقىبى ياپۇنيە كوماندىسى بىلەن چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىدۇ.



مەنبە ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛http://waskitbol.com/forum.php
بەت: [1]
: دىلارە دىلشات دۇنيا ۋاسكىتبول لوڭقسىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئىرىشتى