تۇغۇت ئالدىدىكى ئىشلاردىن ياردەم سورايمەن(ئايالىمنىڭ)؟
ئايالىمنىڭ تۇغۇت ۋاقتى يىقىنلاپ قالغان بولوپ سالامەتلىكىدە ھىچقانداق مەسىلە يوق ئىدى، ئايالىم كۇن ساناپ ئولتۇرۇپ تۇغۇت ۋاقتىم 10 كۇن ئىشىپ كىتىپتۇ دەپ تەكشۇرۇتكەن ئىدۇق، ھامىلىنىڭ يۇرەك سوقۇشى 127 بولوپ تۆۋەن ئىكەن ئوكسىگىن氧气 پۇراپ بىرىڭ دىدى، ئايالىم ئوكسىگىن پۇراۋاتقىلىمۇ تۆت كۈن بوپ قاپتۇ، كۆپ ئۆزگىرىش يوق. ئايالىم دوختۇرغا تۇغۇت ۋاقتىم 10 كۇن ئىشىپ كەتتى دىگەن ئىدى، دوختۇر ياتاقتا يىتىڭ، ئوكسىگىن پۇراپ بىرىڭ دەپ پىكىر بەردى، ئەمدى بۇ يەردە مەن سورىماقچى بولغان مەسىلە ھامىلىنىڭ ۋاقتىنى سانىغاندا قايسى ۋاقىتتى باشلايدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا يۈرەك سوقۇشى 127 ئەتىراپىدا چىقسا راستىلا بەك خەتەرلىكمۇ؟ قانداق ئامال قىلىش كىرەك؟ دوختۇرغۇ ساق ئادەمنىمۇ ياتاققا زورلايدىكەن. مۇشۇ تۇغۇت جەريانىدا مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ باققانلار بولسا ئازراق يول كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن، ئۇندىن باشقا تۇغۇتتىن بۇرۇن ۋە كىيىن نىمىلەرەە دىققەت قىلىش توغىرىسىدا ئازراق بىر نەرسە دەپ بەرگەن بولساڭلار؟ساق ئادەمنى ياتاققا زورلىمايدۇ شۇ بىخەتەر بولسۇن دەپ زولىغاندۇ. مېنىڭ ئايالىممۇ 3 كۈن كېيىن يەڭگىدى مۆلچەر ۋاقتىدىن.
ئادەتنى شۇ ئايال كىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئادەت كۆرگەن ۋاقتى بويىچە كۈن ھېسابلاپ قىلىدىكەنغۇ. دوختۇر شۇنداق دېگەن ئىدى.
ئوكسىگېن پۇراپ بەرسە ياخشى، ياتاققا ئالدۇرۇڭ ئامال بار. شۇ ياتاقتا ياتقۇزۇش جەريانىدا قوسىقى ئاغىرىپ قالسا ئۇلار جىددى تەدبىر قوللىنىدۇ.
ئاللاھ سالامەت يەڭگىگىلى نىسىپ قىلسۇن!
ناۋادا ئايالىڭىزنىڭ تەن سالامەتلىكى ياخشى بولسا، قان بەك ئاز بولمىسا، بەدەن قۇۋۋىتى ياخشى بولسا ئوكسىگىننى بەك بېسىپ پۇراپ كەتمىگىنىمۇ ياخشى. چۈنكى ئادەتلىنىپ قالىدىغاندەك بىر ئەھۋال بار(كۈزىتىش تەجرىبەم). مۇمكىنقەدەر تەبىئىي قۇۋۋەتكە تايانغان ياخشى. ئەگەر قان ئاز، بەدەن بەك ئاجىز بوپ قالسا ئۇ چاغدا يېتەرلىك كۈتۈنۈش، ئوكسىگىن پۇراپ بېرىشى كېرەك.
تۇغۇت ۋاقتىنىڭ 10كۈن ئېشىپ كېتىشى بەك ئالاھىدە بىر ئەھۋالمۇ ئەمەس، قىسمەن كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋال. ئەمما يېنىدىن ئادەم ئۈزۈلمىسۇن. قۇلاقنى دىڭ تۇتىلى.
خەنزۇچە تور بەتلەردىن ھالقىلىق سۆز بويىچە ئىزدىسىڭىز، ئاخىرقى ئادەت كۆرگەن بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ كۈن ساناپ، 280- كۈنىدە تۇغىدىغان ئايال كىشىلەر 50% ئەتراپىدا بولىدۇ دەيدىكەن. قالغانلىرى ئاساسەن شۇنىڭ ئالدى كەينى بىر ھەپتە بولىمىشكەن. 280 كۈندىن 2 ھەپتە ئۇزىراپ كېتىدىغانلار ناھايىتى ئاز ساندا بولىمىشكەن. ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا 120-160 بولسا نورمال دەيدىلەركەن. ئەڭ بالدۇر تۇغۇلسا 6ئايلىق بولۇپ تۇغۇلسا قاتارغا قۇشۇلالايمىشكەن. ئۆتكەن ئايدا تۇققانلارنىڭ قىزىغا كېلىشمەسلىك بولۇپ 7 ئايلىق ئەتراپدا بولاندا باش سۈيى ئازلاپ كېتىپ، دۇختۇرلار ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىپ «بۇ بالا قاتارغا قۇشۇلالمايدۇ، 3 كۈندىن ئاشالمايدۇ، تەدبىر قىلىڭلار دىسەڭلەر تەدبىر قىلمىز ، 40مىڭ يۈەندىن كۆپ خەجلەيسىلەرنەتىجىدە ھايات قېلىش ئېھتمالللىقى ناھايىتى تۆۋەن» دەپتىكەن، بۇلار ئۇنداق كۆپ پۇلىمىز يوق، دەپتىكەن، ئۇنداق بولسا ئۆزەڭ بىرتەرەپ قىل دەپ بالىنىڭ دادىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپتۇ.(بۇۋاق 1300گىرامدىن سەل ئاشىدىكەن) شۇنىڭ بىلەن ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، بۇۋاقنى ئۆيگە ئەكىلىپ پەرۋىش قىلىۋىدۇق ھازىر بىر ئايدىن ئاشتى كۈندىن- كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. رىزقى بىلەن يارىتىلغان ئادەم ھەر سەۋەپلەر بىلەن رىزقىنى يەيدىكەن. بىر ئاي ئىچىدە 4 ئايال كىشىنى ئەمدى.

begtash بالىڭىزنىڭ ساق -سالامەت تۇغۇلۇپ، ئائىلىڭىزدە شاتلىق بولىشىنى تىلەيمەن. تۇغۇتنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغان بولسا يەنىلا دۇختۇرخانا كۈزىتىپ تۇرۇپ تەدبىر قىلغىنى ياخشىراق. دوختۇر دىگەن ۋاقىتتىن ئىشىپ كىتىش نورمال ئەھۋال بەك ئۇزۇن بوپ كەتمىسىلا.
بالا تەتۇر بولمىسا مەنچە بەك ئەنسىرەپ كەتمەي نورمال ھەركەت قىپ بەسە ياخشى ئاللاھنىڭ ۋاقتى كەلسە بالام بىردەم تۇرۇپ تۇر دىگەنگە ئۇنىماي تۇغۇلىدۇ. 39-41 ھەپتە ئىچىدە تۇغۇلسا نورمال بولىدۇ ئەنسىرىمەڭ! بىر بولسا ۋاقتىنى خاتا ھېساپلىۋالدى بىر بولسا توگە گۆشى يەپ سالدى، مېنىڭ ئوغلۇم 12 ئايدا تۇغۇلغان. نورمال ئىشلار بۇ. {:92:} يۈرەك سوقۇشى سەل تېزلەشكە باشلاپتۇ. ئوكسىگىن سۈمۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن. 10-15 كۈن ئۆتۈپ كېتىشى چوڭ ئىش ئەمەس. كالتە تولغاق باشلانغاندا ئاندىن دوختۇرغا ئاپارسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز. مېنىڭ دوستۇمنىڭ بالىسى تۇغۇت كۈنىدىن ئېشىپ كېتىپ تەكشۇرتكىلى بارسا قورساقتىكى سۇنىڭ رەڭگى نورمال ئەمەس، يېشىل دەمدۇ، ۋاي بوممىدى دەپ قورساق يېرىپ بالىنى ئېلىپ قارىسا تەرەت قىلىپ قويۇپتۇ.


6- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەنسىرىمەڭ! بىر بولسا ۋاقتىنى خاتا ھېساپلىۋالدى بىر بولسا توگە گۆشى يەپ سالدى، مېنىڭ ئوغلۇم 12 ئايدا تۇغۇلغان. نورمال ئىشلار بۇ.![]()
002.gif ۋاي ئوماق ئاچا نىمە دەيدىغانسىز؟! 002.gif چوڭلار شۇنداق دەيدىغان، تۆگە گۆشى يەۋالسا تۆگىدەك 12 ئايدا تۇغىدۇ دەپ، ئەمما بىرەر قېتىم بۇنداق ئەھۋالنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن، بۈگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن شۇنداق يازغىنىڭىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم... ئاللاھقا تەشەككۇر سالامەت يەڭگىۋالغانىكەنسىز، بوۋاق يۈگرەپلا چۈشكەن بولمىغىتتى ھە؟ 002.gif چاقچاق...
ئاللاھ ئوغلىڭىزنىڭ سىزدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تالانتلىقلاردىن بولۇپ چىقىشىغا نىسىپ قىلغاي!
ئىككى كۈن بولدى، ‹ نەقىل›نى بېسىپ ئىنكاس يازسام ئۇيغۇرچە يېزىلمايۋاتىدۇ . ئىنكاسنى يېزىۋېلىپ نەقىلگە كىرىپ چاپلىسام يۇقارقىدەك چىقىپتۇ. بۇ قانداق بوپ كەتكىنى...
تېما ئىگىسىگە ئاسانلىق يار بولسۇن! ئاللاھ بىر مۇسۇلمان پەرزەنتىنىڭ سالامەت دۇنياغا كېلىشىگە نىسىپ قىلسۇن! خەۋرىنى بېرەرسىز خورازمۇ يا مىكىيانمۇ؟

بەت:
[1]
2