aral52 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 12:09:37

يۈرەك سوقۇش ۋە نەپەسلىنىش ئۇشتۇمتۇت توختاپ قېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرش

يۈرەك سوقۇش ۋە نەپەسلىنىش ئۇشتۇمتۇت توختاپ قېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرش


يۈرەك سوقۇشنىڭ ئۇشتۇمتۇت توختاپ قالغانلىقى ئېنىقلانغان ھامان قان ئايلىنىش ،نەپەسلىنىش فونكىسيسىنى ئۆنۈملۈك ،كەسكىن ،ۋاقىتىنى چىڭ تۇتقان ھالدا يېىڭۋاشتىن بارلىققا كەلتۈرۈش لازىم. ئىككىسنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.ئەڭ ياخششى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىىلىش لازىم .


قان ئايلىنشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش


يۈرەكنى ماسساژ قىلىش، يۈرەكنى مۇجۇش ئارقىلىق سۇنئىي قان ئايلىنشنى بارلىققا كەلتۈرش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭدىكى مەقسەت يۈرەكنىڭ ئۆنۈملۈك قان چىقىرىش فونكىسيىسى ئەسلىگە كىلشىتىن ئىلگىرى ،يۈرەك ،مېڭە ،بۆرەك قاتارلىق ئاساسىي ئەزالاردا قان ئېقىمى بولۇشنى قولغا كەلتۈرش ئۈچۈن ياخشى ئاساس يارتىشتىن ئىبارەت.ئۆنۈملۈك ماسساژ قىلشىنىڭ كۆرسەتكۈچى ؛1.بويۇن ئارتىريىسى ياكى سان ئارتىريىسنىڭ سوقۇشىنى تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ.2.قىسقىرىش بېسىمى 60مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.3.كۆكىرىپ كەتكەن كالپۇك تەدرىجى ھالدا قىىزرىدۇ.4. كېڭەيگەن قارچۇق كىىچكلەشكە باشلايدۇ.5.ئۆزلىكىدىن نەپەسلىنىش ئەسلىگە كىلىدۇ. يۈرەكنى ماسساژ قىلىش ،كۆكرەك سرتىدىن ماسساژ قىلىش ۋە كۆكرەك ئىچىدىن ماسساژ قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.


1.  كۆكرەك سىرتىدىن ماسساژ قىلىش، سول تەرەپ تۆش سۆڭىكىنى قۇل ئالقىنى پىلۇس شەكلىدە قىلىپ بېسىپ يۈرەكنى كۆرەك دىۋارى بىلەن ئۇمرۇتقا تۈۋرۈكى ئارسىدا قىسىپ يۈرەكتىكى قاننى چىقىرىشتىن ئىبارەت.بۇنىڭ مەشغۇلاتى ئاددى بولۇپ ،جىددى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرۈپ بىمارنىڭ ئەسلىگە كىلىش نىسپىتىنى يۇقىرى كۆتەرگەنلىكىتىن ئەڭ كۆپ قوللىنلىدۇ. ئەمما كەڭ دائىرلىك قۇۋرۇغا سۇنۇش ،قانلىق يەل كۆكرەك،يۈرەك قېپى تىقىلمىسى بارلارغا بۇ ئۇسۇلىنى قوللىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ. مەشغۇلات ئۇسۇلى ؛


بىمار تۈز، قاتتىق يەردە ئوڭدىسىغا ياتقۇزلىدۇ.ئوپىراتىسيە قىلغۇچى دوختۇر بىر قولنىڭ ئالقان تۆۋى بىلەن تۆش سۆڭكىنىڭ تۆۋەنكى 3/1جايىنى بېسىپ ،بىر قولىنى يەنە بىرقولنىڭ دۈمبىسى ئۈستىگە قۇيۇپ ،ئىككى بىلەكىنى تۈز تۇتقان ھالدا ،گەۋدە ئېغىرلقىنىڭ ياردىمىدە ئۇمۇرتقا تۈۋرىكى تەرەپكە رېتملىق بېىسىپ ،تۆش سۆڭىكىنى ئىچى تەرپكە 3-4مىللىمىتېرغىچە چۆكتىىرىدۇ. باسقاندىن كىيىن دەرھال قۇيۇپ بەرسە ،يۈرەك كېڭىيىپقان بىلەن تولىدۇ. بو ھەركەت چوڭلاردا مىنۇتىغا  70قېتىم ئەتراپىدا تەكرارلىنىدۇ.بالىلارغا بىرقولنىڭ ئالقىنى بىلەن باسسىلا كۇپايە بۇۋاقلاغا باشمالتاق بىلەن ياكى ئۇنڭىغا بىربارماق قۇشۇپ باسسا بولىدۇ. مىنۇتىغا 100قېتىم ئەتىراپىدا تەكرارلىنىدۇ.


دىققەت قىلدىغان ئىشلار : قۇۋۇرغىنى سۇندۇرۇپ قۇيۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماسساژ قىلغاندا بەك كۈچەنمەسلىك لازىم. پاقىلداپ ئۇرغاندەك بېسىلىپ مەغلۇپ بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قول ئالقىنىنى تۆش سۆڭىكىدىن كۆتەرمەسلىك لازىم.


يۈرەكنى كۆكرەك ئىچىدىن ماسساژ قىلىش ؛


نەپەسلنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛


سۇنئىي نەپەسلەندۈرش ئاساسلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرىدۇ.شۇڭا ئالدى بىلەن بىمارنىڭ نەپەسلىنىش يولىنىڭ ئىچدىكى ئاجىراتمىلار ۋە يات ماددىلارنى تازىلاش ،تىلىنىڭ ئارقىغا كىتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بىر قەدەر كۆپ قوللىنىلدىغان سۇنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە؛


1.  ئېغىزنى ئېغىزغا يىقىپ سۇنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۇسۇلى ؛ ھېچقانداق ئەسۋاب لازىم بولمايدۇ. ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ ،تەمىللىگەن ئوكسىگننىڭ قۇيۇقلىقى %16ئەتراپىدا بولىىدۇ. مەشغۇلات بىمارنى تۈز يەردە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ ،ياقسى يىشىۋىتىلىدۇ،كەمەر بوشتىلىدۇ.ئاغزى ئىككى قەۋەت داكا بىلەن يېپىلىپ ،بىر قولدا تۆۋەنكى جاۋغاينى تىرەپ ،بىر قولدا  بىمارنىڭ بۇرنىنى چىڭ تۇتۇپ ،بېشىنى ئاقىغا غادايتىپ ،نەپەس بەرگۈچى ئىمكان قەدەر چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، بىمارنىڭ ئاغزىغا كۈچ بىلەن پۈۋلەيدۇ.پۇۋلەپ بولغاندىن كىيىن بىمارنى بۇرنى قۇيۇپ بىرىلىپ ،بىمارنىڭ كۆكرىكىنىڭ ئەسلىگە قايتىپ ئۆپكىسى ئىچىدىكى ھاۋانى چىقىرىشقا يول قۇيۇلىدۇ.بۇ ھەركەت چوڭلاردا مىنۇتىغا 12-18قېتىمغىچە ،بالىلاردا 20قېتىم تەكرارلىنىدۇ.مۇشۇ بويچە داۋاملاشسا ئۆنۈملۈك ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئېغىزنى ئېغىزغا يېقىپ سۇنئىي نەپەسلەندۈرشنى يۈرەكنى سىرتىدىن ماسساژقىلشىنى بىللە ئېلىپ بېرىش لازىم .ئەگەر ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئىككى ئادەم ئېلىپ بارسا ئۇلارنىڭ بىرى مىنۇتىغا 60قېتىملىق سۈرئەت بىلەن يۈرەكنى سىرتىىدىن ماسساژ قىلسا ،يەنە بىرى مىنۇتىغا 12قېتىم پۈدەپ نەپەسلەندۈرسە بولىدۇ. يەنى يۈرەكنى بەش قېتىم ماسساژ قىلسا بىر قېتىم سۈنئىي نەپەسلەندۈرش قۇشۇلىدۇ. ئەگەر ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىر ئادەم ئېلىپ بارسا يۈرەكنى ھەر 15قېتىم ماسساژ قىلسا 2قېتىم سۇنىئىي نەپەسلەندۈش كېرەك.


مەنبە : شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى 1989-يىلى نەشىرقىلغان ‹‹تاشقى كېسەللىكلەر››دىگەن كىتاپنىڭ 1تومىدىن ئېلندى. ( 94بېتىدىن 100بېتىگىچە)

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 20:32:16

بىرىنچى ئەلا كەتتى ، جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرنى بىلىۋىلىش زۆرۇر دەپ ئويلايمەن ...

مۇمكىن بولسا ، ئەمەلىي قىلىپ باققانلار تەجرىبە تونۇشتۇرۇپ باققان بولسا ياخشى بولاتتى ...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 09:01:43

2- قەۋەتتىكى begir4نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆلۈشكە تەييارلىق قىلىپ ئۆلەي دىگەن ئادەمنى قۇتقۇزۇپ ئۇنى قىينىغاننىڭ نىمە پايدىسى ؟



ئۇنداق دىمەڭ . سەۋەپ قىلىپ باققۇلۇق .

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 11:04:09

2- قەۋەتتىكى begir4نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆلۈشكە تەييارلىق قىلىپ ئۆلەي دىگەن ئادەمنى قۇتقۇزۇپ ئۇنى قىينىغاننىڭ نىمە پايدىسى ؟

/  ئادەم ھامىنى ئۆلۇپ كېتىدىغۇ . بىگىرنىڭ گېپى بويىچە ئېيىتقاندا ، ھازىرلا ئۆلۇپلا كەتسەڭ ، ياكى ئۆلىۋالساڭ بولغۇدەك بىگىر 4.... ،
بەت: [1]
: يۈرەك سوقۇش ۋە نەپەسلىنىش ئۇشتۇمتۇت توختاپ قېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرش