obzorlar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 18:55:28

سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى[كۆچۈرۈلمە]

سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى



يالقۇن روزى




بۇ يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا مىللەتلەر ئۈن – سىن نەشرىياتى «سۇتۇق بۇغراخان» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. كۆزگە كۆرۈنگەن دۆلەت ئەربابى، داڭلىق يازغۇچى، شائىر ۋە دىراماتورگ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرى بولغان «سۇتۇق بۇغراخان»1987  – يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغاندىن بۇيان تەكرار بېسىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا، ئەدەبىيات ئوبزورچىلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ كەلگەن. ماشىنىدا كېتىۋاتقاچ ھەم ئىشخانا – ئۆيلەردە باشقا ئىشلارنى قىلغاچ ئاڭلاشقا قولايلىق ئاۋازلىق نەشر نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. كىشىلەرنى تېخىمۇ قىزىقتۇرغىنى ئاۋازلىق نەشر نۇسخىسىنىڭ قېپىدىكى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ماي بۇياق پورترېتى بولدى. رەسسام نەجمىدىن ئەزىزى بىلەن خانىمى رەشىدە ئەلى تەرىپىدىن سىزىلغان بۇ ماي بوياق رەسىم يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئۆزگىچە سىزىلغانىدى. بىر قارىماققا نەجمىدىن ئەزىزى بىلەن رەشىدە ئەلى سىزغان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىياپىتى كىشىلەرنىڭ كۆنۈكۈپ قالغان چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئوبرازىدىن يىراقتەك تۇيۇلىدۇ. چۈنكى كۆپۈنچە كىشىلەر پادىشاھنى «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىدىكى ئەرەب پادىشاھلىرىنىڭ قىياپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئەمما تارىخىي نۇقتىدىن ۋە رەسساملىق سەنئىتى نۇقتىسىدىن كۆزىتىدىغان بولساق سۇتۇق بۇغراخان پورترېتىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىزىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.



تارىختىن ئايانكى، سۇتۇق بۇغراخان ئىنتايىن كەسكىن كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇلۇغ خاقان. ئۇ باشتىن كەچۈرگەن بىرىنچى كەسكىن كۈرەش، ئىسيان كۆتۈرۈپ قارا نىيەت تاغىسى ئوغۇلچاقنىڭ قولىدىن ئۆزىگە تېگىشلىك شاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىش كۈرىشى. ھاكىمىيەتتىن چەتلەشتۈرۈلگەن بىر ياش شاھزادە ئۈچۈن ئېيتقاندا ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا مەھكەم ئېلىۋالغان بىر قارا نىيەت پادىشاھتىن ھوقۇق تارتىۋېلىش ئاسان ئىش ئەمەس. ئىككىنچى كەسكىن كۈرەش، قاراخانىيلار خانلىقىدىكى بارلىق خەلقنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئېتىقاد سىستېمىلىرىدىن ۋاز كېچىپ يېڭى بىر ئېتىقاد سىستېمىسىنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەش جەريانىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئىسلاھات بولۇپمۇ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئىسلاھات  ئاسان ئەمەلگە ئاشىدىغان ئادەتتىكى جەريان ئەمەس، تۇنجى چار پادىشاھ ئىۋان ھوقۇقنى قولىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن  ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنى كۈچەيتىپ، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى ئىسلاھات پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە ساراڭ بولۇپ قالاي دېگەن ھەم شۇ سەۋەبتىن «چاچقۇن ئىمپېراتور» دەپ نام ئالغان؛ ئىمپېراتور پېتېر ياۋروپادىن ئۆگىنىش ئسلاھاتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە قىلغان غەلىتە قىلىقلىرى سەۋەبىدىن «ساراڭ پېتېر» دەپ نام ئالغان؛ چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى گۇاڭشۈ 1898 – يىلى قانۇن ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن مۇتىئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئىمتىيازىدىن ئايرىلىپ نەزەربەنت قىلىپ قويۇلغان. دېمەك، ياش خاقان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئسلاھاتلار ئىچىدىكى ئەڭ قېيىن، ئەڭ زىل ئىسلاھات بولغان ئېتىقاد ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مۈشكۈلچىلىكلەرگە دۇچ كېلىشى تەبىئي. سۇتۇق بۇغراخان باشتىن كەچۈرگەن ئۈچىنچى كەسكىن كۈرەش، ئەتراپىدىكى سامانىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك خانلىقلارنىڭ تەھدىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئاخىرىدا قاراخانىيلار خانلىقىنى كۈچلۈك، مۇستەھكەم ھەم مەرىپەت روھىغا ئىگە بىر بۈيۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش جەريانىدۇر. تارىخشۇناسلار سۇتۇق بۇغراخاننى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھەقىقىي قۇرغۇچىسى دېگەندە مۇشۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتىدۇ.



دېمەك، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھاياتى، بولۇپمۇ قىران چاغلىرى يۇقىرىقىدەك بىر – بىرىدىن كەسكىن كۈرەشلەر ئىچىدە ئۆتكەن. نەجمىدىن ئەزىزى بىلەن رەشىدە ئەلى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتا يۇقىرىقىدەك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنىڭ تۈرلۈك كەسكىن زىددىيەتلەرنىڭ مەركىزىدە تۇرغان روھىي ھالىتىنى ياخشى ئىپادىلگەن. مانا بۇ سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنىڭ تارىخىي جەھەتتىن ئۇتۇقلۇق چىققان بىر تەرىپى.



سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنىڭ تارىخىي جەھەتتىن مۇۋەپپىەقىيەتلىك چىققان يەنە بىر تەرىپى ئۇنىڭ قىياپىتىدە كۆرۈلگەن. رەسىمدە سۇتۇق بۇغراخان قىران قامەت، يالاڭباش، چاچلىرى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ھالەتتە سىزىلغان. رەسساملار بۇ نۇقتىدا ئىنتايىن ئەستايىدىل ھەم ئىنچىكە ئىش كۆرگەن. مەلۇمكى، قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغان ئاساسلىق قەبىلە نەچچە مىڭ يىلىق كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنى باشتىن كەچۈرگەن. يالاڭباش يۈرۈش، چاچنى يەلكىسىگە چۈشكىچە قويۇش كۆچمەن مىللەتلەردىكى بىر تۈرلۈك ئومۇملاشقان ئادەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئادەتنىڭ  ئەمدىلەتىن ئىسلام دىنى ئېتىقادىغا كىرگەن ياش خاقان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىياپىتىدە كۆرۈلىشى تەبئىي ئىشتۇر. ئېتىقادىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتكەن بىر قىران ئەركەكنىڭ ھە دېگەندە «مىڭ بىر كېچە» ھېكايىلىرىدىكى ئەرەب پادىشاھلىرىدەك ياسىنىپ يۈرۈشى، كېيىنىش – تارىنىش ئادىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكلەرنى بىراقلا ئۆزگەرتىشى تەس. مىڭ يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك دېگۈدەك ئەنئەنىۋى كېينىش – تارىنىش ئادىتىنى قەدىرلەپ، ساقلاپ، داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى بىزگە رەسىمدىكى بۇ نۇقتىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنىڭ يۇقىرىقىدەك تارىخىي چىنلىق مەسلىلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ سىزىلغانلىقى بۇ رەسىمنى تارىخىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ



سەنئەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ رەسىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدىكى يەنە بىر روشەن سەۋەب رەسساملارنىڭ كومپوزىتسىيەنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.



رەسساملار سۇتۇق بۇغراخاننىڭ پورترېتىنى سىزىشتا ئۇنى ھەشەمەتلىك ھەم سۈرلۈك ئوردىنىڭ ئىچىگىمۇ قويمىغان، قىر- چاپ قاينىغان جەڭ مەيدانىغىمۇ قويمىغان، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ئوردا ئىچىگە خاس مۇنتىزىم شاھانە كىيىملىرىمۇ، جەڭ مەيدانىغا خاس جەڭگىۋار جەڭ كىيىملەرمۇ يوق. رەسساملار ئۇنىڭ ئوردا سىرتىدا مەلۇم ئىشقا قارىتا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرىۋاتقان چاغدىكى مومېنتىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭ ئىشەنچكە تولغان ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى، قەتئىي ھەم مۇرەسسەسىز خاراكتېرىنى، جەسۇر ھەم مەردانە رەھىي ھالىتىنى ئىپادىلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن.



ماي بوياق رەسىم پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالەت، چىراي – قىياپىتىنى ئىپادىلەشتە باشقا رەسىم تۈرلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇ پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى تەسۋىرلەشتە ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە.شۇنداق بولغاچقا، تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان رەسساملار مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرنى ۋە تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازلىرىنى ماي بوياق رەسىمدە ئىپادىلەپ، كۆرگۈچىلەرنى شۇ مۇھىتتا ئۆزىمۇ باردەكلا ھېس قىلدۇرغان.



ماي بوياق رەسىمنىڭ تېخنىكىلىق ئۇسۇل جەھەتتىكى ئېقىملىرى خىلمۇخىل ۋە ناھايىتىمۇ كۆپ. چوڭ ياپىلاق موي قەلەمدە رەڭنى قېلىن دۆۋىلەپ بېرىدىغانلىرىمۇ بار، كىچىك موي قەلەمنىڭ ئىنچىكە ئۇچى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىكە تەسۋىرلەيدىغانلىرىمۇ بار. نەپىس، زىل، يالتىراق، تەكشى، سىلىق، رەڭلىرى ئاددىي ۋە ساپ كەلگەن كىلاسسىك ئۇسلۇبتىكىلىرىمۇ، مەردانە، چوڭ بۆلەكلەر  بويىچە قەلەم ئىزىنى چىقىرىپ سىزىدىغان، رەڭ سېلىشتۇرمىسى كۈچلۈك مودېرنىزم ئېقىمىدىكىلىرىمۇ بار. رېئالستىك ئۇسۇلدا ئوبراز يارىتىدىغانلىرىمۇ، ئابستراكت سىزىق ۋە رەڭ پارچىلىرى ئارقىلىق يوشۇرۇن مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىرىمۇ بار.



سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنى سىزىشتا رەسساملار ، چوڭ ياپىلاق موي قەلەمنىمۇ، كىچىك موي قەلەمنىڭ ئىنچىكە ئۇچىنىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق ئىشلەتكەن. بۇ ئۈنۈم سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئارقىسدا يورۇپ تۇرغان سۈزۈك ئاسمان تەسۋىرىدە ھەم ئۇنىڭ كىيىم – كېچەك ۋە قورال – جابدۇقلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. رەسىمدىكى رەڭ سېلىشتۇرمىسى نىسبەتەن كۈچلۈك ھەم رەڭلەرنىڭ بىر بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشى تەبىئىي. رەسىمدە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىسقا يەڭلىك ، بىنەپشە رەڭلىك، قۇندۇز ياقىلىق شاھانە جۇۋىسنىڭ ئىچىدىكى  قىزىل تونى ئاجايىپ ئېسىل ھەم جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ جىلۋىدىن نازاكەت ئەمەس بەلكى جۇشقۇن تۈس ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.



گەرچە رەسساملار تارىخىمىزدىكى ئەڭ پارلاق دەۋر بولغان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەڭ بۈيۈك خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوبرازىنى يارىتىۋاتقان بولسىمۇ، كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەشەمەتلىك، سەلتەنەتلىك بولۇشىنى زىيادە قوغلاشمىغان، ئوبرازنىڭ تەمكىن، سالاپەتلىك بولۇشىغىمۇ زىيادە ئىنتىلمىگەن. پورترېتنى سول يانپىشىدا ساڭگىلاپ تۇرغان ئالماس قىلىچىنى سول قولىدا مەھكەم سىقىمداپ، ئوڭ قولى بىلەن «مەنلا بولىدىكەنمەن بۇ ئىشنى ئاخىرىغا  ئېلىپ چىقماي قويمايمەن!»دېگەن مەنىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ، چىرايىدىن كەسكىن ھەم جىددىي ئىپادە بىلدۇرۇپ تۇرغان ھالەتتە سىزغان. سۇتۇق بۇغراخاننىڭ  يېڭى ھەم پارلاق بىر تارىخىي دەۋر يارىتىش ئىرادىسىگە كەلگەن، خاراكتېرى قەيسەر، ئىدرىكى ئۆتكۈر، يىراقنى كۆرەر بۇ ھالىتى  كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرىدۇ. ئېنىقكى، سۇتۇغ بۇغراخان ئوبرازىنىڭ كۆرگۈچىگە قالدۇرىدىغان بۇ خىل چوڭقۇر تەسىرى ئەلۋەتتە قۇرۇقتىن قۇرۇق شەكىللەنگەن ئۈنۈم ئەمەس. بۇ يەردىكى سەۋەب، رەسساملار پىشقان ماھارىتى بىلەن ئوبيېكتنىڭ مومېنتلىق (شۇ دەقىقىدىكى) ھەرىكەت ۋە چىراي قىياپىتىنى تۇتۇۋالغان. بۇ ئارقىلىق پېرسوناژنىڭ خاسلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن چىرايىدىكى مومېنتلىق روھىي قىياپىتىنى ئىپادىلەپ،  رەسىمگە جان كىرگۈزىۋەتكەن. رەسىمنڭ كومپوزىتسىيەسى سۇنئىيلىكتىن خالىي ھالدا ئىنتايىن تەبئىي بولغاچقا، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ خاراكتېرى قۇرغاق، ھەرىكىتى ياسالما بولۇپ قالمىغان. بەلكى قەتئىي، مەردانە، ئىشەنچى تولۇپ تاشقان، ئسلاھات ئىرادىسى ۋە تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان جەسۇر قىياپىتى نامايەن قىلىنغان. ناۋادا سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوبرازى قېلىپلىشىپ قالغان ئوبراز يارىتىش ئادىتى بويىچە  ھەشەمەتلىك ئوردىدىكى شاھانە تەختتە كېرىلىپ ئولتۇرغان ھالەتتە  تەسۋىرلەنگەن بولسا، ئۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ھەشەمەت ئىچىگە غەرق بولۇپ كەتكەن، ياساپ- تاراپ ۋالىلدىتىۋېتىلگەن، كۈتۈپ – ئاسراپ پارقىرىتىۋېتىلگەن، ئەمما، خاراكتېرى ئاجىز، ئىدىيەسى قۇرۇق، باشقىلار قورچاق قىلىپ ئوينايدىغان ھالەتتە نامايەن بولغان بولاتتى.



رەسساملار ئەلۋەتتە تارىخىمىزدىكى بۇ ئەڭ مەشھۇر خاقاننىڭ كىملىكىنى تۇرقىغا قاراپلا سالاھىيىتىنى بىلگىلى بولىدىغان قىلىپ تەسۋىرلەشكىمۇ يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ شاھانە قىياپىتىدە گەپ يوق.  رەسساملار سۇتۇق بۇغراخاننىڭ سىرتقى قىياپىتىنى جانلىق سىزىپلا قالماستىن، مۇھىمى ئۇنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئاشكارىلاشقا ئالاھىدە كۈچىگەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئوبرازى ياغاچ قورچاقتەك ئۆلۈك ھالەتتە سىزىلمىغان، بەلكى ئىرادىسى مۇستەھكەم، زېھنى ئۆتكۈر، مىجەزى كەسكىن، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئادالەت يولىدا ھېچنىمىدىن يانمايدىغان، غەيۇر خاراكتېرگە ھەم مۇكەممەل ھەربىي ساپاغا ئىگە قىلىپ سىزىلغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شەكىل بىلەن مەزمۇن بىرىكىپ يۈكسەك مۇكەممەللىك ھاسىل قىلغان.



نەجمىدىن ئەزىزى بىلەن رەشىدە ئەلى تەرىپىدىن تۆت ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ سىزىلغان بۇ ماي بۇياق رەسىم يۇقىرىقىدەك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن سەنئەت تارىخىمىزدىكى بىر نامايەندە خاراكتېرلىك ئەسەر بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.



(مۇناسىۋەتلىك رەسىمنى يوللىيالمىدىم. بىلىدىغانلار يوللاپ قويساڭلار، رەھمەت! )




zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 10:54:26

\"\"رەسىم چىقماپتۇ.\"\"

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 10:55:40

داھىي ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىپتۇدە ئەمدى.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 10:58:16

بۇ رەسىمنىڭ بەدئىيلىكىگە رەسساملىق ماھارىتىگە يەنىلا رەسساملار باھا بەرگىنى ياخشى ئىدى.


نىمىشقىدۇر بۇ رەسىم ماڭا ياقمىدى، قەلەمنى ئەركىن ئوينىتىپ رەڭلەرنى چوڭ-چوڭ بېرىپ سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مەردۇ-مەردانىلىكىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا كېرەك، بىراق ئىنچكە سىزغان بولسا يەنىمۇ ياخشىراق چىقار بولغىيمىدى دەپ ئويلىدىم. ئەلۋەتتە رەسسامنىڭ نىمە پىكىردە ئىكەنلكى ماڭا نامەلۇم. ئىچكى ھىسياتنى ئىپادىلەشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولسا بوپتىكەن. قاتقان بەدەن، جەسۇرانە ھىسيات، چوڭقۇر پىكىرگە تۇيۇنغان كۆز ئىپادىلەنسە. تىز سىزمىدەك سىزلىپ قالغاندەك تۇيغۇ بەردى ماڭا.(شەخسى پىكىر) ئەلۋەتتە ياقتۇردىغانلارنىمۇ قەتئى ھۆرمەتلەيمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 11:02:28

قۇسۇرتاپايما

\"\"

تۈگمىسى جىق،ئېتىش ۋە ئېچىشقا نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ بولىدۇ...

قىلىچ دەستىسىنىڭ ئاياغ تەرىپى پىچاق دەستىسىگە ئوخشاپ قالغان ...

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 11:27:59

مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، غازى ئەمەدنىڭ قەلىمىدە، يېقىنقى زامان كىشىلىرىدەك ياكى بىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان بىرەر مەسجىدنىڭ ئىمام-خاتىپلىرىدەك سىزىلىپ، مىڭ يىل ئىلگىركى ئۇيغۇرلارغا ياتلاشتۇرۇلغان ئىدى، بۇ رەسىم بولسا نەچچە يۈز يىل كەينىگە يېنىپ سەئىدىيە بىلەن قاراخانىيلارنىڭ پەرقى قالماپتۇ.

ئوبزورچىنىڭ ئالاھىتەن ئوبزور يېزىپ مۇئەييەنلەشتۈرىشىنى نىمىگە زۆرۈر بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم. \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 11:28:22

بۇ رەسىمدىكى سۇتۇق بۇغراخانما؟

بىزەمۇ ئوخشىماپتۇ.

بۇرۇنقى ئېتقادتىن ئىسلامغا ئېتقاد قىلدۇرۇشنى دەۋر بۆلگۈچ چوڭ بىر ئىنقىلاپ دىسەك زىيادە كەتمەيدۇ.

ساقال كەسكەن پىتىر،سامورايلارنىڭ ھوقوقىنى بىكار قىلىپ قۇرالسىزلاندۇرغان مېيجى،شىىنخەي ئىنقىلابىدىن كىيىن مانجۇلارنىڭ ئۆرۈمە چېچىنىڭ كىسىلىشى قاتارلىقلارمۇ بىر دەۋىرنىڭ ئاخىرلىشىپ يەنە بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.بۇ جەرياندا باشلامچىلار ئەڭ ئالدى بىلەن قانداق بولۇش كېرەكلىكىنى باشلاپ بەرگەن.

شۇنداق بولغىنىدا،ئەرەپ شاھزالىرىدەك ياسىۋالغانغاننى بۇ رەسىمگە قارىغاندا ئاسان قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 11:42:31

رەسىمنى باشتا ياقتۇرمىدىم،لېكىن بىردەم قارىغاندىن كىيىن خېلى يارىدى،باشقىچە قىياپەتتە سىزىپ باقسا نىمە بوپتۇ.سۇتۇق بۇغراخاننى كۆرۈپ باققانلار باھا بېرىپ بېقىڭلار، قەيىرى ئوخشىماپتۇ؟

تۇرۇپلا نوشىرۋاننىڭ گېپى يادىمغا كەلدى ،ئەي ئارسلان ئاتا،،،،،

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 11:44:56

بۇ رەسىم ماڭا ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپا رېتسارلىرىغا ئوخشاپ قالغاندەك تەسىر بەردى.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 12:27:36

5- قەۋەتتىكى zuwansizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، غازى ئەمەدنىڭ قەلىمىدە، يېقىنقى زامان كىشىلىرىدەك ياكى بىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان بىرەر مەسجىدنىڭ ئىمام-خاتىپلىرىدەك سىزىلىپ، مىڭ يىل ئىلگىركى ئۇيغۇرلارغا ياتلاشتۇرۇلغان ئىدى، بۇ رەسىم بولسا نەچچە يۈز يىل كەينىگە يېنىپ سەئىدىيە بىلەن قاراخانىيلارنىڭ پەرقى قالماپتۇ.

ئوبزورچىنىڭ ئالاھىتەن ئوبزور يېزىپ مۇئەييەنلەشتۈرىشىنى نىمىگە زۆرۈر بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم. \"\"



بۇ سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز خالاس،  مەھۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەردىن ھاياتلىرى ياكى رەسىمگە تارتىۋالغانلىرى يوق، شۇڭا پىكاسسو سىزىپ بەرسىمۇ ئوپمۇ ئوخشاش سىزالمايدۇ چۈنكى ئۇلارنى ھازىر ھىچكىم كۆرۈپ باقمىغان.  


بۇ يەردە نىمىشقا سەئىدىيە خانلىقىنى گىپىنى چىقىرىسىز يا بۇ رەسىم ئابدۇرىشىتخاننىڭ رەسىمى بولمىسا؟ ياكى بولمىسا بۇ رەسىمنى سەئىدىيە دەۋرىدىكى كىيىنىشكە ئوخشاپ قاپتۇ دىمەكچىمۇ سىز؟


رەسىمگە چوقۇم رەسسام باھا بىرىشى كىرەك، شىئىرغا چوقۇم شائىر باھا بىرىشى ،ئىمارەتكە چوقۇم مىمار باھا بىرىشى كىرەك دەيدىغان  گەپ يوق، سەنئەتنى ھوزۇرلانغۇچى ھەربىر يۈرەكنىڭ ھەرقانداق  سەنئەت ئەسىرىگە ئۆزىگە لايىق باھا بىرىش ئەركىنلىكى بار.


مەنچە بۇ پورتىرىتنىڭ بىشىنى ياقتۇرمىدىم ، بىرخىل يوۋاش چىراي چىقىپ تۇرىدىكەن، مىنىڭ قەلبىمدىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ پورتىرتى بىر خىل جەسۇرلۇق باتۇرلۇق چاقناپ تۇرىدۇ.



sada425 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 12:35:27

نەدىمۇ سۇتۇق بۇغراخانغا ئوخشىسۇن ،ماڭا ئەلى بابا دا چىقىدىغان قاراقچىغا ئۇخشاپ قالغاندەك تۇيۇلدىغۇ \"\"

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 12:37:56

@izchilar سۇتۇق بۇغراخان قايسى خانلىقنىڭ خانى؟

مەن بۇ رەسمدىكى ئادەمنىڭ كۆزى، ئۇزۇن چاچ قويۇشى، بەزى تارىخىي ماتىرىياللاردىكى 1000 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارغا يەنى قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسۋىرلىرىگە ئوخشاپ قاپتۇ دىمەكچى.



لېكىن مۇنداقلا بىر قارىسا مۇھتەسەم يۈز يىلدىكى قانۇن سۇلتان سولايماننىڭ رولىنى ئالغان ئەرتىسكە ئوخشاپ قاپتۇ.  {:92:}

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 12:44:39

گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، بۇ رەسىمنى مەغلۇپ بولغان رەسىم دىيىش كېرەك ئىدى، بىراق يالقۇن روزى بۇنى مۇۋاپىقىيەتلىك سىزىلدى دەپ ئوبزور يېزىپ ساپتۇ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 12:52:08

ئاۋۇ رەسىمدىن مېنىڭ كۆزۈمگە ماۋۇ رەسىمدىكى كىشىلەر كۆرۈندى:


\"\"




سۇتۇق بۇغراخان دەپ سىزىلغان رەسىمدىن كۈچلۈك، بەستلىك بىر كىشى كۆرۈندى. ئەمما ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىكەن. يەنە،  چىراي ئىپاىدىسىدىن  ماڭا قورقۇنچاق(ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل)، ئۆچمەنلىك، رەھىمسىزلىك ، ئاچچىغى يامان، ئالدىراڭغۇ قاتارلىق سۈپەتلىنىدىغان ئادەملەرنى  ئەسلەتتى..


نەپرەت چىراي ئىپادىسى:



\"\"

Riwayetweb يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 12:52:11

رەسساملار ئۇنىڭ ئوردا سىرتىدا مەلۇم ئىشقا قارىتا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرىۋاتقان چاغدىكى مومېنتىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭ ئىشەنچكە تولغان ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى، قەتئىي ھەم مۇرەسسەسىز خاراكتېرىنى، جەسۇر ھەم مەردانە رەھىي ھالىتىنى ئىپادىلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن.

---------------------------------------------------



يەلكىسىنى كەڭ، قامەتلىك ۋە قىلىچنى قوشۇپ سىزغىنىدىن جەسۇر، مەردانە ھالەتنى كۆرگىلى بولغان بىلەن قەتئي ۋە مۇرەسسەسىز ھالەتنى تاپالمىدىم . قەتئي ۋە مۇرەسسەسىز بولىشى ئۈچۈن قوشومىسى سەل تۈرۈلۈشى كىرەك ئىدى .

Riwayetweb يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 12:58:17

چەۋەنداز بىر ياقتا قىلىپ ئاتنىڭ ئېگىسىگە مەدىھىيە ئوقۇلغاندەك ، يالقۇن روزىمۇ بۇ رەسساملارغا بىر ئوبروز قەرىز بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 13:20:52

86 نىڭ ئىنكاسى دەششەت كەپتۇغۇ  {:92:}

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 13:32:15

ماۋۇ 86نىڭ تەسسەۋۇرۇ جىڭ بايكەن . 86چىقارغان رەسىمنى كۆرەپ ماڭىمۇ شۇ رەسىمگە ئوخشايدىغاندەك بىلنىۋاتىدۇ

iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 14:50:08

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «سۇتۇق بۇغراخان»ناملىق رومانىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئوبرازى ماڭا ئەڭ يارايدۇ.

mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 15:34:46

رەسىم ئاپتورىنىڭ يىڭىلىق يارىتىشى ماڭا يارىدى

دىمىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىزلا ئەرەپچە كىيىملەرنى كىيىپ بېشىغا ئاق ياغلىق ئۈستىگە قارا چەمبەر تاقىۋالغانلىقىغا ئادەمنىڭ ئىشەمگۈسى كەلمەيدۇ! قازاق قىرغىز قاتارلىق قىرىنداش يايلاق مىللەتلىرىگە قاراپ باقساقلا شۇ زااندىكى تۈرىك قەۋىملىرىنىڭ كىيىم كىچەكتە دەرھال ئەرەپلەشمىگەنلىكى ئېنىق
بەت: [1] 2 3 4
: سۇتۇق بۇغراخان رەسىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى[كۆچۈرۈلمە]