ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 17:11:12

قوي مىجەز نامراتلار، بۆرە مىجەز بايلار(تەرجىمە ئەسەر)


قوي مىجەزنامراتلار، بۆرە مىجەز بايلار


ئاپتۇرى: سافۇچىياڭ





ئالاھىدە بىلدۈرگۈ: بۇ ئەسەر مەزكۇر تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ تۇنجى تەرجىمە ئەسىرى بولۇپ، مۇشۇ ساھەگە قىزىققانلىقتىن تەرجىمە قىلىپ يوللاندى. بۇ تۇنجى مىۋىدە كۆپلىگەن نوخسانلار مەۋجۇت، شۇڭا كەڭ ئۇستازلارنىڭ ۋە تورداشلار پىكىر- تەكلىپ بىرىشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت.......ئەسەرنىڭ تەرجىمە ھۇقۇقى مەزكۇر شەخسكە تەۋە.. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش ئالاھىدە مەدەنىيەتلىكنىڭ ئىپادىسى، خالاس!


بايلار دەپ بەرمىسە، نامراتلار ئۆزىنىڭ نىمىشقا نامراتلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ!



خاربىن نەشرىياتى



كىرىش سۆز


قوي مىجەز نامراتلار، بۆرە مىجەز بايلار


ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر داۋاملىق ئۆز-ئۆزىدىن: مەن نىمىشقا نامرات؟ مەن نىمىشقا ھەمىشە باي بۇلالمايمەن؟ دەپ سورىسا، بايلار بۇنىڭغا قارىمۇ قارشى ھالدا، مەندە زادى نىمە كەم؟ پەرق زادى نەدە؟ دەپ سۇرايدۇ.


بايلىق دەرۋازىسىغا قەدەم تاشلىمىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەشتىن ئاۋۋال، دىققىتىمىزنى ھايۋاناتلار دۇنياسىغا ئاغدۇرۇپ باقايلى! كۆپچىلىككە ئايان، ھايۋاناتلار دۇنياسىدا، بۆرە قوينىڭ دۈشمىنى. يەنە كىلىپ، قوي بۆرىنىڭ ئاغزىدىكى ئەڭ مەززىلىك تاماق تۇرسا، نىمىشقا بۇنداق ئەھۋال يۈز بىرىدۇ؟ بۆرە قوينى يىيەلەيدۇ؟ قوي بۆرىنى يىيەلمەيدۇ؟


ئەمەليەتتە جاۋابى بەكلا ئاددى، چۈنكى ھايۋاناتلار دۇنياسىدا، ياشاشنىڭ پىرىنسىپى: ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بۇلۇش، ماسلىشالىغانلار ياشاشتىن ئىبارەت. بۆرە بىلەن قوي ئوتتۇرىسدا، بۆرە ئېنىقكى، كۈچلۈكلەرگە تەۋە، قوي بولسا ھەمىشە ئولجا خالاس!


بۆرە بىلەن قوينىڭ خاراكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، خەنزۇ يېزىقىدىكى شەكلىمۇ ئىككىلىسى بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بۆرە كۆرەشچان، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، يىڭىلمەس، باش ئەگمەس، ئەقىل-پاراسەت بىلەنھەمكارلىشالايدىغان كۈچلۈك ئوبرازلارغا ۋەكىللىك قىلسا، قوي ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرۈيدىغان، كىم كەلسە تالان- تاراجقىلىدىغان، جاھاننىڭ رەپتارىسىغا كىرىۋالىدىغان، بارىغا شۈكۈر قىلىدىغان، قورقۇپ تۈگۈلىۋالىدىغان ئاجىز ئوبرازلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.


دەل بۇيەرگە كەلگەندە، سىز ئۆزىڭىزنىڭ پىكىر چاستوتىڭىزنى كەسكىن رىقابەتكە تولغان بۆگۈنكى جەمىئيەتكە تەڭشەپ بېقىڭ! ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىدىغان بايلىق رىقابىتىدە، غەلبە قىلىدىغان بايلار ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى بۆرىنىڭ رولىنى ئالسا، مەغلۇبىيەتتىن كەيپى ئۇچقان نامراتلار قوينىڭ رۇلىنى ئالىدۇ.


مۇشۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ ئەڭ نىگىزلىك پەرقى: نامراتلار قوي مىجەز كىلىدۇ، بايلار بۆرە مىجەز كىلىدۇ. گەرچە «قوي مىجەزلىك بامراتلار، بۆرە مىجەزلىك بايلار» دىگەن بۇ ئىبارە پەقەتلا نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقىنى پۈتۈنلەي يىغىنچاقلاپلا قالماستىن يەنە بۇ يەردە دىيىلگەن «قوي مىجەز» ۋە «بۆرە مىجەز» دىگەن ئۇقۇمنى كونكىرت ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇقۇم كىشىلەرگە يەنىلا نامەلۇم.


باي بۇلۇش ئىستىكى كۈچلۈك دوستلارنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزى بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى كونكىرت پەرقنى توغرا تۇنۇشقا ياردەم بىرىش ئۈچۈن، قاراتمىلىقى مۇكەممەلراق بولغان مەزكۇر كىتاب روياپقا چىقتى.


پۈتۈن كىتاب ئالتە باپقا بۈلۈنگەن بۇلۇپ، خاسلىق، ئاڭ، پىسخىكىلىق ھالەت، جاسارەت ۋەپاراسەت، ۋاستە ۋە تەپەككۇر قاتارلىق ئالتە تەرەپتىن قوي مىجەزلىك نامراتلار بىلەن بۆرە مىجەزلىك بايلارنىڭ پەرقىنى تەكشۈرۈپ ۋە مۇھاكىمە قىلىنىپ، نامراتلارنىڭ ماھىيەتتىكى ئاجىزلىقى بىلەن بايلار ئوخشىمىغان تەرەپتىن يۇرۇتۇپ بىرىلىپ، نامراتلارنىڭ نىمىشقا نامرات ؟ بايلارنىڭ نىمىشقا باي؟ ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى ئانالىز قىلىنغان.


بۇ كىتاپ چۈشىنىشلىك ۋە جانلىق يېزىلغان، ھەمدە ئوخشاش كىتابلاردا ئۇمۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان قۇرۇق گەپ ساتىدىغان مەسىلىلەردىن خالى. قوي مىجەزلىك نامراتلاربىلەن بۆرە مىجەزلىك بايلارنىڭ باي بۇلۇش يولىدىكى سىلىشتۇرمىلارغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىلگەن بۇلۇپ، ئۇقۇرمەنلەر ئەمەلىي مىساللارنى ۋە قىزىقارلىق مەسەللەرنى ئوقۇغاندا، نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە باي بۇلۇشتىكى كەم بولغان زۈرۈر ساپا-سۈپەتلەرنى تۇنۇپ يىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەربىر كىچىك بۆلەكنىڭ ئاخىرىغا «بايلىق ئۆزۈندىلىرى» قىستۇرۇلغان بۇلۇپ، كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنى ئۆگىنىش تەسراتلىرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.


بۇكىتابنىڭ كەڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، باي بۇلۇشنى خالايدىغان نامرات دوستلارنى يىتەكلەپ، يۇشۇرۇن قابىلىيىتىنى قوزغىتىپ، بايلىققا يېقىنلىشىشقا ۋە غەلبىنىڭ سىرىنى بىلىشكە ياردەم قىلىپ، ئۆزى بىلەن بايلارنىڭ پەرقىنىڭ كونكىرت ئىپادىسىنىڭ قەيەردىلىكىنى تۇنۇتقاندىن كىيىن، ئۆزىدە ساقلانغان كەمچىلىك ۋە مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، مۇكەممەللىشىشكە ئېلىپ بېرىشىنى ئۆمىد قىلىمەن. قانداقلا بولمىسۇن، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلىش غەلبىگە باشلاپ بارىدۇ.


ئەڭ ئاخىرىدا، سىز ئىجاد قىلغان باي بۇلۇش يۇلىدا، ئەڭ تېز، ئەڭ ئوڭۇشلۇق ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك مېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، باي بۇلۇش ئولۇغۋار غايىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگەئېشىپ، بۆرە مىجەز بايلاردىن بۇلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.




مۇندەرىجە


1- باپ


خاسلىق پەرقى: نامراتلار قوي مىجەز بولسا، بايلار بۆرە مىجەزگە تەۋە


1. نامراتلارغا باشقىلار ئۇرۇن بەرسە، بايلار ئۆزىگە ئۆزى ئۇرۇن بىرىدۇ


2. نامراتلار تەقدىرگە بويسۇنسا، بايلار تەقدىرنى باش ئەگدۈرىدۇ


3. نامراتلار شارائىتتىن ئاغرىنسا، بايلار ئۆزىنى ئۆزگەرتىدۇ


4. نامراتلار ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئالدىرىسا، بايلار پۇختىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ


5. نامراتلاردا نىشان يوق، بايلاردا نىشان ئېنىق


6. نامراتلار كونا قائىدە- تۈزۈمگە يېپىشىۋالسا، بايلاركونا قائىدە -تۈزۈملەرنى بۇزۇپ تاشلايدۇ


7. نامراتلار يانچۇققا ئېتبار بەرسە، بايلار كاللىسىنى بىلىم بىلەن تۇلۇقلايدۇ


8. نامراتلار باشقىلارنى مازاق قىلىشقا ئامراق،بايلار ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ئامراق


9. نامراتلار مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ۋاز كىچىشنى تاللايدۇ، بايلار مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، قايتا سىناپ بېقىشنى تاللايدۇ


10. نامراتلار يىڭىلمىسەمكەن دەپ ئويلىسا، بايلارچۇقۇم يىڭىمەن دەپ ئويلايدۇ


11. نامراتلار قائىدە- يۇسۇندىن چەتنىمەسلىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانائەت قىلسا، بايلار ئۆز ئالدىغا يىڭىلىق يارىتىپ، بايلىق گۆھىرىنى قىزىپ چىقىرىدۇ.


2- باپ


ئاڭ پەرقى: نامراتلار باش كۆتۈرمەي ئىشلىسە، بايلار ماھىرلىق بىلەن ۋەزىيەت كۆزىتىدۇ


1. نامراتلار نەتىجىگە قاراپ ئىش قىلسا، بايلار يۈزلىنىشكە قاراپ ئىش قىلىدۇ


2. نامراتلار خىيال قىلىشقا ئامراق، بايلار غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ


3. نامراتلار قاراملارچە ئىش قىلىدۇ، بايلاركاللىسىنى ئىشلىتىپ ئىش قىلىدۇ


4. نامراتلار مەسلىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەيدۇ، بايلارمەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەيدۇ


5. نامراتلار بىر قەدەم ماڭسا، بىر قەدەم سۆزلەپ ماڭىدۇ، بايلار بىر قەدەم ماڭسا، ئون قەدەم ماڭىدۇ


6. نامراتلار پۇل ئۈچۈن ئۆز تۇمۇرىنى كىسىدۇ،بايلار پۇل خەجلەپ، تۇمۇرىنى ئاسرايدۇ


7. نامراتلار پۇتۇن دۇنيا ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىدۇ، بايلار مىننەتدارلىقنى ۋە ئىنتىقامنى بىلىدۇ


8. نامراتلار جان بېقىش ئۈچۈن ئۇقۇيدۇ، بايلار باي بۇلۇش ئۈچۈن ئۇقۇيدۇ


9. نامراتلار ئۆزىنىڭ ھىسابات دەپتىرى بىلەن تىجارەت قىلىدۇ، بايلار ئەخلاق- پەزىلىتى بىلەن تىجارەت قىلىدۇ


10. نامراتلار پەقەت ھىساب بىرىش ئۈچۈن ئىش قىلىدۇ، بايلار ئالاھىدە ئىزدىنىپ ئىش قىلىدۇ


3- باپ


پىسخىكىلىق ھالەت پەرقى: نامراتلار راھەت- پاراغەتكە بىرىلىپ كىتىدۇ، بايلار جەڭ ئىلان قىلىشقا ئامراق


1. نامراتلار ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدۇ، بايلار ۋاقتىنى ئالتۇندەك قەدىرلەيدۇ


2. نامراتلار پۇل بولسىلا خەجلەيدۇ، بايلار پۇلنى كاللىسىغا قاچىلايدۇ


3. نامراتلار بايلارنىڭ قىياپىتىنى ياخشى كۆرىدۇ، بايلار نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتىدۇ


4. نامراتلار تەلەي سىناپ بېقىشنىئويلايدۇ،بايلار تەجرىبىسىگە تايىنىدۇ


5. نامراتلار «مۇمكىن ئەمەس» دىگىلى ئامراق، بايلار «مەن قىلالايمەن» دىگىلى ئامراق


6. نامراتلار ئىشلىمەي، چىشلەشنى خالايدۇ، بايلارپۈتۈن دېققىتى بىلەن تىرىشىپ ئىشلەيدۇ


7. نامراتلار يىقىلىپ كەتسە، ھۇشىدىن كىتىدۇ، بايلار يىقىلىپ كەتسە يۈرەك پەيدا بولىدۇ


8. نامراتلار پىكىرنى تەس قۇبۇل قىلىدۇ، بايلار تەنقىدنى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ


9. نامراتلارغا مەسئۇلىيەت يۈكلەنسە، بىئارام ھېس قىلىدۇ، بايلارغا مەسئۇلىيەت يۈكلەنسە، ئاكتىپ بۇلۇپ كىتىدۇ


10. نامراتلار ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىدۇ، بايلار ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ئۈمىدلىنىپ كىتىدۇ


11. نامراتلارغا لازىملىقى ئىقتىسادچانلىق، بايلارغا لازىملىقى شان- شۆھرەت


4- باپ


جاسارەت ۋە پاراسەت پەرقى: نامراتلار جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالىدۇ، بايلار ئالاھىدە كۆزگە كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ


1.نامراتلار باشقىلارنىڭ باشقۇرىشىنى مۇرەسسە قىلىدۇ، بايلار ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرىدۇ


2.نامراتلار باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىگە باھا بىرىدۇ، بايلار نەتىجە بىلەن ئۆزىنى ئىسپاتلايدۇ


3.نامراتلار جەرياندا بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ، بايلار جەرياندىن پۇرسەت ئىزدەيدۇ


4.نامراتلار ھازىرقى ھالىتىدىن ئاسانلا قانائەتلىنىدۇ، بايلار قاتتىق كۆرەش قىلىپ، تولدۇرىدۇ


5.نامراتلار ئۆز خاھىشى بۇيىچە پىكىر قىلىدۇ، بايلار قىزىقىشىنى داۋام قىلىدۇ


6.نامراتلار جېنىنىڭ بارىچە پۇل توپلايدۇ، بايلارمەبلەغ سېلىشقا ئامراق


7.نامراتلار ئەرزان ئېلىپ، قىممەت ساتالمايدۇ، بايلار قىممەت ئېلىپ، ئەرزان ساتمايدۇ


8.نامراتلار ئاۋارىچىلىقتىن قورقىدۇ، بايلارئاۋارىچىلىقنى ئۆزگەرتىدۇ


9.نامراتلار باشقىلار بەرگەن ھاسسىنى تۇتىدۇ، بايلار ئۆزىنىڭ يۇلىنى تاپىدۇ


10.نامراتلار نامراتلىقنى جەبر- جاپانىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ، بايلار نامراتلىقنى بەختنىڭ مەنبە تۇپرىقى دەپ قارايدۇ


11.نامراتلار بىرەر كەسىپنى بۇزۇپ قۇيۇپ ئالمىشىدۇ، بايلار جايىدا قىلىپ بۇلۇپ، ئالمىشىدۇ


5- باب


ۋاستە ئوخشىماسلىقى: نامراتلار ئۇششاق ئىشلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىلىدۇ، بايلار چوڭ ئىشلارغا دىققەت قىلىدۇ


1.نامراتلار كىچىك نوقتىلارغا دىققەت ئىتبارىنى بىرىدۇ، بايلار ئۇمۇمىي نوقتىدىن مۇلاھىزە قىلىدۇ


2.نامراتلار ئىش قىلسا كەيپىياتقا قارايدۇ، بايلار پىلانغا قارايدۇ


3.نامراتلار ۋاقىتلىق كىرىمگە قارايدۇ، بايلار ئۇزۇن مۇددەتلىك مەلۇماتقا قارايدۇ


4.نامراتلار دەماللىققا بىرقارارغا كىلەلمەيدۇ، بايلار دەرھال قەتئىي قارارغا كىلەلەيدۇ


5.نامراتلار ئويلىيالايدۇ، قىلالمايدۇ، بايلار ھەم ئويلىيالايدۇ ھەم قىلالايدۇ


6.نامراتلار مەغلۇبىيەتتىن قورقىدۇ، بايلار خەتەرنى تىزگىنلىيەلەيدۇ


7.نامراتلار ئىشنى باشلاپ قۇيۇپ، ئاخىرىغا ئاچىقالمايدۇ، بايلار جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىدۇ


8.نامراتلار ئۆزىگە كەڭ قۇرساقلىق قىلىدۇ، بايلار باشقىلارغا كەڭ قۇرساقلىق قىلىدۇ


9.نامراتلار ئاز تېپىپ، كۆپ خەجلەيدۇ، بايلار ئازخەجلەپ، كۆپ تاپىدۇ


6- باپ


تەپەككۇر پەرقى: نامراتلار ئۆز ئالدىغا تىرىشىدۇ، بايلار باشقا كۈچتىن پايدىلىنىپ تىرىشىدۇ


1.نامراتلار خوجايىن ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، بايلار ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ


2.نامراتلار بېشىنى كۈتۈرمەي، تىرىشىپ خىزمەت قىلىدۇ، بايلار قەددىنى كۆتۈرۈپ، دانالىق بىلەن باشقۇرىدۇ


3.نامراتلار پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، بايلار پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ


4.نامراتلار پۇرسەت دەپ قارايدۇ، بايلار پۇرسەتنى قاشتېشى دەپ قارايدۇ


5.نامراتلار پۇرسەتنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ، بايلار ياخشى پۇرسەتنى ئىخلاس قىلىپ چىقىرىدۇ


6.نامراتلار تەتۈر ۋەزىيەتتىمۇ ئاز ئىشقا كۆپكۈچ سەرپ قىلىدۇ، بايلار ۋەزىيەتكە قاراپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلىدۇ


7.نامراتلار باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تەنقىدلەيدۇ، بايلار ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدۇ


8.نامراتلاردا پەقەت بەش مىنۇتلۇق قىزىقىش بولسا، بايلاردا مەڭگۈلۈك قايناق ھېسسىيات بار


9.نامراتلار رەقىبىنى قانداق ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنى ئويلىسا، بايلار رەقىبىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۈگىنىشنى ئويلايدۇ


10.نامراتلار شەخسىي مەنپەئەتنى يىپىدىن- يىڭنىسىغىچە زېغىرلاپ كەتسە، بايلار قوش غەلبىنى چۈشىنىپ، ھەمكارلاشتۇرۇشقا ئۇستا



1.باپ


خاسلىقپەرقى: نامراتلار قوي مىجەز بولسا، بايلار بۆرە مىجەزگە تەۋە



1.نامراتلارغا باشقىلار ئۇرۇن بەرسە، بايلار ئۆزىگە ئۆزى ئۇرۇن بىرىدۇ



نامراتلار نامراتلىق تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىغاچقا، بايلار بايغا ئايلىنالايدۇ، بۇنداق بۇلىشىدا، تەبىئىيلا نۇرغۇن ئامىل بار. ئۆزىنىڭ ئورنىنى سىغدۇرالماي، ئوغرىلىقچە مارايدىغان ئامىل شۇ نۇرغۇن ئامىللار ئىچىدىكى بىرى.


نامراتلار ھەمىشە ئۆز پۇزىتىسىيەسىدىن گۇمانلىنىپ، ئۆزىگە ئىشەنمەي، پاسسىپ ھالدا، باشقىلارنىڭ كىلىپ ئۇنىڭغا ئۇرۇن ۋە يۈنىلىش بىكىتىپ بىرىشىنى ساقلايدۇ. بۇ ئۇرۇننىڭ ئۇنىڭغا ماس كىلىش- كەلمەسلىكىگە قارىماي، رازىمەنلىك بىلەن قۇبۇل قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بىكىتىپ بەرگەن ئورنىنى قارغۇلارچە ھەرىكەت قىلىپ، ئاخىرىدا پەقەت كەيپى ئۇچقان ھالدا، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بىراق بايلار پەقەت ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىكى كونكىرت ئەھۋالغا(ئۆزىدىكى مۇھىت، شارائىت، قابىلىيەت ۋە قىزىقىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)قاراپ، ئۆزىنى لاھىيەلەپ چىقىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىگە توغرابولغان ئۇرۇن ۋە كۆرەش نىشانىنى تېپىپ چىقىدۇ.


نامراتلاربىلەن بايلارنىڭ پەرقى: نامراتلارغا باشقىلار ئۇرۇن بەرسە، بايلار ئۆزىگە ئۆزى ئۇرۇن بىرىدۇ.


ھەممىمىزگە ئايانكى، باشقىلارنىڭ بەرگەن ئورنى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ تاللاش ئىمتىيازىنى باشقىلارغا قوش قوللاپ بىرىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا، باشقىلارنىڭ ھەممىگە بۇيرۇق قىلىشىغا ۋە ئۆزىنىڭ يۇلى ۋە تۇرمۇش يۈنىلىشىنى ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا يول قۇيۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق «ئۆزىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈش» قىلمىشى ھەرگىزمۇ بايلىققا ئىرىشتۈرەلمەيدۇ.


پەقەت ئۆزىگە ئۆزى بەرگەن ئۇرۇنلا، ئۆزىنىڭ جەمىيئەتتىكى رۇلىنى ئەڭ ياخشى تاپقۇزۇپ، ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلىتىپ، غەلبىگە باشلايدۇ. مانا بۇ غەلبىنىڭ تۇنجى قەدىمى، مۇبادا بۇ تۇنجى قەدەم بېسىلمىسا، كىيىنكى ئىلگىرلەش ۋە تەرەققىياتلار قۇرۇق پاراڭ بۇلۇپ قېلىپ، غەلبىلىك باي بۇلۇشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.


تايلاند دۆلىتىنى قۇرغان باش ۋەزىر لىس بۇنوقتىنى ئىنىق تۇنۇپ يىتىپ، كىچىككىنە بىر ئاشلىق ئامبىرى باشقۇرغۇچىلىقىدىن بىراقلا يۇقىرى مەرتىۋىلىك باش ۋەزىرگە ئايلاندى. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە ئۇرۇن بىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋاقتىدا تۇنۇپ يەتكەن.


مىلادىدىن 250 يىل بۇرۇن، لىس شاڭچاۋ ۋىلايىتىدىكى پەقەت كۆزگە چېلىقىپمۇ قالمايدىغان ئادەتتىكى بىر ئاشلىق ئامبىرى باشقۇرغۇچى ئىدى. ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى: ئاشلىق ئامبرىدىكى ئاشلىقلارنىڭ كىرىم- چىقىم ئەھۋالىنى خاتىرىلەشكە مەسئۇل بۇلۇشتىن ئىبارەت ئىدى. كۈنلەر مۇشۇنداق بىر خىل تەكرارلىق ئىچىدە، تىپتېنىچ ئۈتەتتى. ئۇ ئازغىنە مائاشىنى ۋاقتىدا ئېلىپ، ئائىلىسىنى بېقىپ، بۇنداق تۇرمۇشنىڭ نامۇۋاپىقلىقىنى ھىس قىلىپ باقمىغانىدى.


بىر كۈنى، لىسنىڭ تەرىتى قىستاپ كىتىپ، ئاشلىق ئامبىرىنىڭ سىرتىدىكى ھاجەتخانىغا يۈگرەپ كىرىدۇ- دە ھاجەتخانىدىكى بىر توپ چاشقانلارنى كۈرۈپ چۈچۈپ كىتىدۇ. ھاجەتخانىدىكى بۇ چاشقانلار شۇنچىلىك ئۇرۇق، قورقۇنچاق، تۈكلىرى كۈرۈمسىز، ھەم مەينەت ھەم بەتبۇي ئىدى. لىس بۇ چاشقانلارنى كۈرۈپلا كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى- دە ئىختىيارسىز كۈندە ئاشلىق ئامبىرىدا كۆرىدىغان چاشقانلار ئىسىگە كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرسىقى ئېتىلغۇچە يەپ، تۈكلىرى شۇنچىلىك پارقىراق، ھەمىشە ئاشلىق ئامبىرىدا ئۆزىچە كۆرەڭلەپ، ئەركىن-ئازادە يۈرىشىدۇ. ئۇلارنى ھاجەتخانىدىكى بۇ چاشقانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار تامامەن جەننەتتە ياشاۋاتقاندەك تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.


لىس ئىلھاملىنىپ، شۈكرى قىلىپ ئىشىلەۋاتقىلى توپتوغرا سەككىز يىل بولغان كىچىككىنە شاڭچاۋ ۋېلايىتىدىكى جەمىيئەتنىڭ تۈۋەن قاتلىمىدا پاسسىپ ھالدا، باشقىلارنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان، خالىغانچە بۇزەك قىلىنىدىغان ئاشلىق ئامبىرى باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىنىڭ مۇنۇ ھاجەتخانىدىكى چاشقانلاردىن نىمە پەرقى بارلىقىنى ئويلىدى. لىس بۇلارنى ئويلاۋېتىپ، ئىختىيارسىز ئاھ ئۇردى؛ «ھاياتلىق چاشقانغا ئوخشايدۇ، سەن ئاشلىق ئامبىرىدا ياشالمىساڭ، ھاجەتخانىدا ياشايدىغان گەپ. قانداق ئادەم بۇلۇشنى ئويلاپ، ئاخىرى ئۆزىگە ئۆزى ئۇرۇن بىرىشنى قارار قىلدى».


شۇنىڭ بىلەن لىس ئۆزىنى قايتا تۇنۇپ، باھا بىرىپ، ئۆزىگە توغرا بولغان ئۇرۇن تېپىشنى قارار قىلدى. ئەتىسى، لىس نۇرغۇن يىل ياشىغان شاڭچاۋ ۋېلايىتىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ۋاقتىدىكى كۇڭزى تەلىماتى ئونۋېرسىتىتىدىكى شۇن كۇاڭدىن پاناھلىق تىلەپ باردى. بىر نەچچە قېتىملىق كۆرەش ئارقىلىق، ئۇ ئەڭ ئاخىرى چىن شىخۇڭنىڭ قابىل ياردەمچىسىگە ئايلىنىپ، ئىلگىركى غورىگۈل ئائىلىسىنى چىن سۇلالىسى پايتەختى شىيەنياڭدىكى باش ۋەزىرلەر سارىيىغا كۈچۈرۈپ ئەكىردى.


ئىلگىركى ھاجەتخانىدىكى ئۇرۇق چاشقان، ھازىر ئاشلىق ئامبىرىدىكى چوڭ چاشقانغا ئايلاندى. ئىلگىركى شاڭچاۋدىكى ياللانما، ھازىر چىن سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرىگە ئايلاندى. لىسنىڭ بۇنداق ئىمتىيازلارغا ئىگە بۇلۇشى، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇن بىرىشىگە تامامەن باغلىق. ئۆزىنى چوڭقۇر تۇنىغان ۋە توغرا ئۇرۇننى تاللىغانلىق سەۋەبىدىن، لىس غەلبە قازىنىپ، تارىخ بېتىدىن ئۇرۇن ئالالىغان.


ئويلاپ بېقىڭ! مۇبادا لىس ھازىرقى ئەھۋالىدىن قانائەتلىنىپ، ئالغا ئىنتىلمەي، كىچىككىنە شاڭچاۋ ۋېلايىتىدىكى كىچىككىنە ئاشلىق باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىنى قىلىۋىرىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئۇرۇن بىرىشىنى پاسسىپ ھالدا، ساقلاپ تۇرغان بولسا، قېنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ! ئۇنداقتا ھازىرغىچە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا قىزىق داستان بۇلۇپ تارقىلىپ يۈرەرمىدى؟ لىسنىڭ ئىسمىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلەرمىدى؟


بۇ جاۋاب ئەلۋەتتە ئىتراپ قىلىنمايدۇ. بايلىقنى ئەسلا ياخشى كۆرمەيدىغان ھەم باشقىلار ئۇرۇن بەرگەن ئادەم، قۇل بۇلۇشنى ئىختىيار قىلىدىغان ئادەم مەڭگۈ خوجايىن بۇلالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۇلۇغۋار غايىلىق ئادەم بىر ئىزدا مەڭگۈ تۇرالمايدۇ.


بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، «باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئۇرۇن بىرىشىنى ساقلاش ياكى ئۆزىگە ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇن بىرىش» دىگەن بۇ مەسىلە بىر ئادەمنىڭ غەلبە قىلىش- قىلالماسلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بۇلۇپ قالدى.باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۆزىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئۇرۇن بىرىش غەلبە قىلىشنىڭ ئاساسى.


ئەلۋەتتە غەلبە قىلغۇچى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىگىلا ئۇرۇن بىرىپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە توغرا بولغان بىر ئۇرۇننى تېپىپ چىقىشى كىرەك، چۈنكى بازار ئىقتىسادى شارائىتىدا، بۇ ئۇرۇننىڭ ماس ياكى ماس ئەمەسلىكى باي– كەمبەغەللىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوخشىمىغان نەتىجىنى ئېلىپ كىلىدۇ.


سىچۋەن ئاھالىلىرى بىلەن ۋېنجۇ ئاھالىلىرى 20 – ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئەڭ بۇرۇن سىرىتقا چىقىپ تىرىكچىلىك قىلغانلار ئىدى. سېچۋەن ئاھالىلىرىنىڭ تىرىكچىلىك ئۇسۇلى ئۇدۇللا گۇاڭدۇڭدىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىنىق ئورنى يوق ئىدى. پەقەت خوجايىن مائاش بەرسىلا، ھەممە ئىشلارنى قىلاتتى.


   بىراق ۋېنجۇ ئاھالىلىرى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك ئۇسۇلى ئاساسلىقى پۇلات قەلەم(گاڭبى)، كۈنلۈك، تۆمۈر قازان قاتارلىقلارنىڭ رىمۇنىت قىلىش ياكى ئۇششاق لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ سېتىش ئىدى. سەرگەردانلىق ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ۋېنجۇ ئاھالىلىرى ئىجادىيەت ئۈچۈن، بايلىق توپلاپ، ھارماي تالماي تىرىشتى.


30يىلدىن كىيىن، ئاشۇ بىر تۈركۈم ئىشلەمچىلىككە چىققان سىچۋەن ئاھالىلىرى ئاللىقاچان تارىخ سەھنىسىدىن چىكىندى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆز يۇرتلىرىدا نامراتلىق تۇرمۇشىنى داۋام ئەتتى، بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېنجۇ ئاھالىلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىغان ئادەملەر مەلۇم شىركەتلەرنىڭ چوڭ خوجايىنلىرىغا ئايلىنىپ، جوڭگۇنىڭ بايلار قاتلىمىدىن ئۇرۇن ئالدى.


سېچۋەن ئاھالىلىرى بىلەن ۋېنجۇ ئاھالىلىرىغا نىسبەتەن، ئوخشاش نوقتىدىن تەھلىل قىلساق،نىمە ئۈچۈن شۇنداق غايەت زور بايلىق پەرقى شەكىللىنىدۇ؟ بەزىلەر يەنىلا شۇنداق نامرات،ب ىراق بەزىلەر شۇنداق بايغا ئايلاندى، مەسىلە زادى نەدە؟


گەپنىڭ قىسقىسى، ئۆزلۈك ئۇرۇن مەسىلىسى خالاس.


سېچۋەن ئاھالىلىرى ئۆزىنى ئېنىق تۇنۇپ، باھا بىرەلمىگەن، ئۆزىگە توغرا بولغان ئۇرۇننىڭ يوقلىقىدىن، ئاخىرىدا نامراتلىق ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىدى. بىراق ۋېنجۇ ئاھالىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىگە ئۇرۇن بىرىپلا قالماي، يەنە قابىلىيىتى بىلەن رېئاللىقنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان توغرا ئۇرۇننى تېپىپ چىقىپ، ئاخىرىدا باي بۇلۇش چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە بولدى.



بۇنىڭدىن كۆرۇۋېلىشقا بۇلىدۇكى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىگە ئۇرۇن بىرىش ھەمدە توغرا بولغان ئۇرۇننى تېپىپ چىقىش باي بۇلۇشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلدۇر. پەقەت ئۆزىنى تۇنۇپ، ئۆزىدىكى ئەۋزەللىك ۋە ئەۋزەلسىزلىكنى چۈشىنىپ يىتىپ، توغرا بولغان ئۇرۇننى تېپىپ، ھاياتلىق نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىجرا قىلغاندىلا، ئاندىن بايلىق قەسىرىگە قەدەم ئالالايدۇ.

دوستۇم، سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟ ئۇنداقتا ئۆزىڭىزگە توغرا بولغان ئۇرۇننى ئىزدەشكە باشلاڭ!



★★★ بايلىق ئۈزۈندىلىرى ★★★


نىمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ سايىسىدا، ئۆزىگە ئۇرۇن بەرگۈزۈپ، بۇرنىدىن يىتىلەپ ماڭىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پىكىرى ۋە قابىلىيىتىنى قەدىرلەپ، ئۆزىگە ئۇرۇن بەرمەي، بىراۋغا ئەگىشىپ، دورامچىلىق قىلىپ يۇرۇيدۇ؟ باي بۇلۇش چۈشىڭىزنى ھەقىقى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى خالىسىڭىز، ئۈمىدۋار بۇلۇپ، ئىنىق ھالدا ئۆزىڭىزنى تۇنۇپ، باھابىرىپ، ئۆزىڭىزگە توغرا بولغان ئۇرۇننى تېپىپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن كۈرەش قىلىڭ!


arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 11:58:26

تولوقتا ئوقۇتقۇچىمىز ئابلىكىم ئابلىمىت مۇئەللىم

بۆرە بىلەن قوي مۇناسىۋىتىنى سۆزلىگەندە ھەممىمىز بۆرىنى ئەيىپلەپلا كەتتوق

مۇئەللىم خاتالاشتىڭلار! بۆرىدە گۇناھ يوق ئۇمۇ ياشىمىسا بولمايدۇ، نىمىشقا قوي ئۆزىنى قۇغداشنى ئۈگەنمەيدۇ دىگەندە... شۇ بىريەكۈن دۇنيا كۆز قارىشىمنى تولۇق ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى، ئەسلى مەسلىگە بىر تەرەپلىمە قاراش خاتا ئىكەن ئەمەسمۇ؟

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 13:46:38

بۆرە قۇينى بوزەك قىلىپ يامانلىقىدىن كۆرەڭلەيدۇ ،بىر كۈنلەردە يولۋاس كىلىپ بۆرىنى بوزەك قىلدۇ .

بىرچاغلاردا كۆرەڭلەپ كەتكەنلەر، يەنە بىر چاغلاردا قارىساڭ بىراۋلار ئالدىدا شۈمشىيىپ كىتىدۇ ، ئەجەپ جاھاندە بۇ

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 14:11:52

تۆت كۆزىمىز بىلەن داۋامىنى ساقلايمىز. بولسا ئېل كىتاب قىلىپ قويسىمۇ بولىدىكەن.ئەلانى دەسسىۋەتتىم.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 18:33:57

دارۋېنىزىمغا باشقىچە مىھرىڭلار بار ھە

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 19:53:17

ھەممە ئادەم بۆرىلىشىپ باي بولاپ كەتسە، ئۇ چاغدا تېخىمۇ باي بولۇش ئۈچۈن بىر-بىرىنى يەمدۇ؟

بەزىدە ئاچكۆزلىشىپ، ھېچنېمىگە قارىماي باي بولاي دەپمۇ ئويلايمەنۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ رىزىق بېرىشى دېگەن بىر ھەقىقەتكە كۆز يۇمالمايمەن.

بايلىق دېگەننى پەقەت ماددى بايلىققىلا باغلاپ چۈشىنىش ئادەمنى پەسكەش، رەزىل،؟؟؟؟؟؟؟؟بىر نېمىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغاندەكلا ھېسسىياتتا مەن.

bulutt يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 09:10:34

بۆرە يالغۇز ئوۋغا ھۇجۇم قىلمايدۇ، بەلكى بىر توپ بۆرىلەر ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ھۇجۇم قىلدۇ.

.....

mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 10:35:18

بۇ ماقالىدىن چۆچۈپ كەتتىم بەكمۇ قورقۇنۇچكەن.بەزى كىشىلەر ھەمىشى ر جىنسى ئاجىزلىق كېسىلى بار ئادەمدەك ھەمىشە ۋارقىراپ «ئەرلىك، ئەركەكلەر قېنى،ئاياللار ئەرسىرەپ كەتتى»......دەپ ۋارقىرايدۇ.مەن ئاشۇنداق يازمىلارنى يازغان بىچارىلەر ئۈستىدىن تولىمۇ كۈلىمەن .

بۇ ماقالىمۇ تىپىك ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىدىكى مەجرۇھلار ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ جوڭگۇدا مودا بولغان جىنسى قۇۋەت دورىلىرىنىڭ مەنىۋى ۋارىيانتى خالاس!

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 11:24:43

{:92:}   {:92:}   {:92:}

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 14:53:15

10- قەۋەتتىكى tarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىيلاردا ئېينىشتىيىن ، ۋېيزمان ، بېل گەيتىس ، دېل ، بىلومبىرىگ ، فىرىئۇدلاردەك تالاي تالانىت ئىگىلىرى چىققان بولسىمۇ ، ئەمما يەھۇدىيلار ھەقىقەتەن ئەقىللىق ياكى يۇقىرى ساپاللىق دىگەندەك گەپلەر بىر ئاڭلىماققا بۇلاردىكى تالانىت ئىگىلىرىنى باشقا مىللەت ۋە مۇسۇلمانلارغا سىتاتىستىكىلىق سېلىشتۇرسا توغرىدەك قىلغان بىلەن ئەمىلىيەت بۇ بىرخىل شەكىلى ئۆزگەرگەن ئىرقى كەمسىتىش .

ھېلقى يەھۇدى يبىلەن مۇسۇلمانلارنى سېلىشتۇرغان تېما ئەڭ نومۇسسىز ئىرقىي كەمسىتىش .





ئۆزۈڭىز ھېس قىلمىغان بولسىڭىز .

شۇلارغا خەنزۇ بىلەن ئۇيغۇرنى ئالماشتۇرۇپ قويسىلا ئۆزىڭىزنى قانچىلىك پەسلەشتۈرگىنىڭىز ۋە ئىرقىي كەمسىتىش قىلغىنىڭىز مەلۇملۇق .


ماۋۇ تېمىغىمۇمۇئەييەن نۇقتىدا خەنزۇ بىلەن ئۇيغۇر دەپ ئالماشتۇرغىلىمۇ ۋە تەتبىقلىغىلىمۇ بولىۋېرىدۇ .


ھېلقىجىياڭ رۇڭنىڭ بۆرە تۇتىمى دىگەنفاشىستىككىتابىمۇشۇ ئوخشاش .




ھەممىسى شەكىلى ئۆزگەرگەن فاشىستىك ئىدىيە .







تىتىملىق ئىنكاس\"\"

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 11:50:49

كەڭ دوستلارنىڭ ھەرخىل تەرەپلىمىكى ئىنكاسلىرىغا كۆپ تەشەككۈرلەر.....مەن بۇ كىتابنى دەسلەپتە كۈرۈپ يامان ئەمەس كىتابتەك بىلىنىپ،تەرجىمە قىلىپ باقاي دەپ،تەرجىمىگە كىرىشكەن،ئەپسۇس نەتىجىدە مەنمۇ ھەم بەزى تورداشلىرىم ئويلىغاندەك يەردىن چىقماي قالدى.............مەن ئىككى ئابزاس تەرجىمە قىلىپ بۇلۇپلا،بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشتىن ۋاز كەچتىم...........بۇنىڭ بىزلەرگە بىرىدىغان سەلبى تەسىرىنى ئويلاپ يىتىپ،تەرجىمە قىلىشتىن قورقتىم .......ھەمدە شۇ يەردىلا توختىتىپ قۇيۇپ،باشقا بىر كىتاب ئۈسىتىدە ، خىزمەت قىلىۋاتىمەن......مىنىڭ بۇ تىمىنى يوللىشىمدىكى مەقسەت ئىزدىنىش مۇنبىرى كۈزى ئۇچۇق،دىلى ئويغاق قېرىنداشلىرىمىز يىغىلغان سورۇن......شۇڭا شۇ دوستلىرىمىزنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بېقىش،ھەمدە مۇشۇنداق بىر ئەسەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش،خالاس..........كۆپچىلىككە رەھمەت.............
بەت: [1]
: قوي مىجەز نامراتلار، بۆرە مىجەز بايلار(تەرجىمە ئەسەر)