jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 15:11:11

بىر قىسىم مەنىلىك ماقال تەمسىللەر




* بوراننىڭ گۈركىرشىگە تاغ تەۋرىمەس (ماقال).

* بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارسى 40كۈنلۈك يول.

* قارغىشچى ئېغىزغا قاغا چىچسۇن.

* قۇشنىڭ سايرىمايدىغنى يوق ، دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغنى.

* دوستۇڭ دوسىت بولسۇن،ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن.

* چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر،ھېجايغاق قىزغا يىگىت.

* بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر.

* خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك.

* ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ،ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.

* چىرايلىقتا ۋاپا يوق.

* ۋاپا تاق، جاپا جۈپ.

* ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.

* موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى، ئوغرىنىڭ يامىنى قاراقچى.

* ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خۇتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ.

* ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول.

* تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق، سىيگەكنىڭ كېگىز بىلەن.

* باللىق ئۆي بازار، بالسىز ئۆي مازار.

* كۆز قورققاق ،قول باتۇر.

* ئەندىشنىڭ ئېتى قورققاق.

* ئورۇق كالىنىڭ پۇقى يوغان.

* ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.

* باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.

* دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.

* دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.

* پۇرۇچ يىغساڭ تون بۇلۇر.

* كېيىنكى پۇشمان ئۆزىگە دۈشمەن.

* ئامبال ئوت قويسا يوق سوراق،پۇقرا ياقالمايدۇ جىن چىراغ.

* ھارۋىنىڭ جابدۇقى پۈتمەس ، خوتۇن كىشىنىڭ كىيىمى پۈتمەس.

* پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما،ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا.

* بوغۇزنى پۈتۈن يېسە ، ئايغىدىن تۈتۈن چىقار.

* يىمەي تويدۇم بۇ شالنىڭ كۈرمىكدىن، پۈتۈن چىقتى قوڭۇمنىڭ پۈرمكدىن.

* سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن قېتتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.

* زاغرا نان قېتتىققا ياخشى،قېرى كالا پېتىققا ياخشى.

* ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پىشانىسنى يېرۋالار.

* بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا، پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا.

* بايلىق بىلەن پېقىرلىق ئىككىسى ئىككى ئات.

* ئۆردەك گۆشى يىسەڭ غازنىڭ پېيدە بول.

* پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان.

* گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر.

* كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا كەلمەس.

* مىڭ پىراقتىن بىر ئەلمىڭ يامان.

* پىشقان قوغۇن ساپقىدا تۇرماس.

* بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.

* پىلانسىز ئىش يوق ئىش.

* پىل بىلەن دوسىت بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا.

* ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە پىيادە بىللە ماڭ.

* ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام.

* خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال تاپار.

* ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق.

* توخۇنى تاخ دېمە،مۈشۈكنى پەش دېمە.

* نادان قازانغا قارايدۇ،تادان ئوچاققا .

* قىش ئوچىقى تار،قوپ ئۆيۈڭگە بار.

* تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.

* ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.

* كۆزۈڭ ئاغرىسا ،قولۇڭنى تارىت. قورسىقىڭ  ئاغرىسا ،نەپسىڭنى تارىت.

* ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.

* بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس،باش تارىغان بىلەن خوتۇن.

* ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ.

* بىكار بولساڭ كېپەك تاسقاپ يە.

* تاشنى سوقسا قۇم بۇلۇر ، تۈمۈرنى سوقسا قىل بۇلۇر.

* ئۆچكە تاغدا پۇل ، ئۈزۈم باغدا پۇل .

* دەرت كەلسە جۈپ ، دۆلەت كەلسە تاغ .

* تاقىسىز ئېشەك تاش يۈرەلمەس .

* ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي ، تىرىك بولسا يارىسىنى تاڭاي .

* بارلىق ياراشتۇرىدۇ ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ .

* ئاقساق يول تالىشار ، پىخسىق پۇل تالىشار .

* تاما - تاما كۆل تۇلار .

* پۇل - پىششىق تاماق .

* تامچە سۇدا تال كۆكىرەر .

* تامغىلىق مال يۇقالماس .

* ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ ، كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ .

* تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار تورقا كىيىپ بار .

* ئايدا كەلگەنگە ئاياغ ، كۈندە كەلگەنگە تاياق .

* ياتقان ئورنىڭدىن تايىنىپ قوپما .

* ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق .

* ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ .

* ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن .

* ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ .

* تەدبىرىڭ قانداق بلسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلار .

* ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن ، بەخىت كېلىدۇ تەردىن .

* ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما ، سايىبخاننىڭ تەرىگە قارا .

* تەرگىسەڭ تېرىق بۇلىدۇ ، تەرگىمىسەڭ ئېرىق .

* كېسەلنىڭ كىلىشى ئاسان ، كېتىشى تەس .

* تامچە سۇ تاشنى تېشەر .

* بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا .

* تەر بىلەن كەلگەن ، تەشنالىققا داۋا .

* تاز باشقا يېشىل تەقىيە .

* سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ ، تەكرار سۆزلىمە .

* گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار ، ساقالنىڭ تۈۋىدە خەپ بار .

* باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە .

* ئېگىلگەنگە ئېگىل ، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە . غادايغانغا غاداي ، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە .

* تەڭ تېڭى بىلەن ، تېزەك قېپى بىلەن .

* تەن ساقلىق - تەڭدىشى يوق بايلىق .

* مەن قىلارمەن ئوتتۇز ، تەڭرى قىلار توققۇز.

* تەڭشەلمىگەن ئالەم ماتاكقا سالمىغان جان .

* قورققان مۇش تەڭلەر .

* كىشى نان تەڭلىسە يىمەيمەن دېمە ، قۇلۇڭغا ئال ، يېمىسەڭ يېمە .

* تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر ، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر .

* غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.

* چوڭ توقاچ پىشقۇچە كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ.

* قورساقنىڭ توقلۇقى، كۆڭۈلنىڭ شوقلۇقى.

* تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.

* توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.

* ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ،توقۇمىدىن ئايرىلما.

* توكورنىڭ يۇلى كۆپ، گاچىنىڭ ئېپى كۆپ.

* پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.

* ھاپتىغا شاپتى، توڭىرلىققا مەرەزدا.

* قېرى دوڭغاق كېلەر،سوغوقتا توڭغاق كېلەر.

* توخۇ توڭغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار.

* ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.

* ئوڭ ئايا،سول ئاياغ،بىزنى قىلدىڭ تومتاياق.

* تونلۇققا كۆپ سوغوق ، تونسىزغا ئاز سوغوق.

* توي-تونلۇقنىڭ، ھېيىت ئاتلىقنىڭ.

* بېخىل باي بولسا، ئانسىنى تومۇماس.

* ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك،ناچار مالنى سېتىشقا سۆز كېرەك.

* سەدىقە بالانى يەر ، توۋا گۇناھنى يەر.

* تويدىن يامانلىساڭ، توي قىلىپ كۆر.

* ئوۋنى ئوۋلا ئوۋچى بىلەن،توينى ئوينا تويچى بىلەن.

* يەر تويدۇرار، ئوت كۆيدۈرەر.

* تويمىساڭ تويۇڭدا تۇيارسەن.

* كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.

* كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.

* گەپ دېگەننىڭ تۇرغۇچى بار.

* تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.

* گالدا نان تۇرسا،سۇغا يۈگۈر،گالدا سۇ تۇرسا، گۆرگە يۈگۈر.

* ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن،  ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.

* تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭغا چىچاي.

* سۇ كەلگۈچە تۇغان سال.

*  تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.

* چۆگۈن ئالساڭ چەپچەكلىكنى ئال، خوتۇن ئالساڭ ئەمچەكلىكنى ئال.

* تۇغۇۋالمىغۇچە، بالا بولماس.

* توخۇ سەمرىسە،تۇغمىقى تەس؛ ئادەم سەمرىسە، قوپمىقى تەس.

* سوراقچىدىن تۇڭچى يامان.

* چالا توڭچى ئادەم ئۆلتۈرەر.

* خوتۇن كىشىنىڭ توللۇقىدىن ئەر كىشىنىڭ بوياقلىقى يامان.

* جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.

* ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ،ھايۋان تۇياقتىن.

* تۆشۈك قۇلاق نىمىنى ئاڭلىماس.

* يىرتىق تۆشۈكتىن كۈلەر،چۆمۈچ قازاندىن.

* تۆشۈك مونچاق يەردە ياتماس،يەردە ياتسا توپا باسماس.

* قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا.

* ئون تال يىڭنىنى سوقسا،بىر تال تۆمۈنە بولماس.

* تۆھمەت تاش يارىدۇ، بايقىمىساڭ باش يارىدۇ.

* تۆھمەتخور ئاخىرى تۆھمەت بىلەن ئۆلەر.

* مېۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۈۋەن.

* تۈتۈننىڭ ئاچچىقنى مورا بىلەر.

* ئەركىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.

* تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بۇلار.

* ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا.

* دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان،ئىچى قۇرۇق،ماختانچاقنىڭ گېپى يوغان،مېغىزى يوق.

* بار ماختانسا ئېچىلىدۇ،يوق ماختانسا چېچىلىدۇ.

* دوسىت كەينىڭدە ماختار ، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.

* ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ.

* ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.

* قوشتا يوق،ماشاقتا يوق،خاماندا بار.

* بېشىڭنى كىم سىلسا،ماشايىخىڭ شۇ،يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا ،چىرايلىقىڭ شۇ.

* يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق-ياق.

* پىچاق گۆشكە ماڭار،سۆڭەككە ماڭماس.

* مېلى بارنىڭ مېلىغا،مېلى يوقنىڭ جېنىغا.

* ماندارلىقتا ئات ئۆلمەس، ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس.

* ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.

* ئاغزى قايماق،كۆڭلى مايماق.

* غەرەزدىن غەرەز  تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرەز.

* مەردنى مەيداندا سىنا.

* مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن.

* كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس.

* <<تۇر تۇر>> كۆپ بولسا ، ئۇيقۇدا مەززە يوق.

* مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.

* چۆچۈرە يىمەكتىن مەقسەت گۆش يىمەك.

*ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار.

* يولۋاس ياتقىندىن مەلۇم.

* تېرىق قۇلقىدىن، بالا كىچكىدىن مەلۇم.

* سەن ئۆل مەن تىرىلەي.

* مەنمەنلىك-شەيتانلىق.

* ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت،قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.

* قۇرساقنىڭ مەيلىچە بولسا، ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ يەر.

* ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، مېھنىتگە قارا.




Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 15:46:51

نەدە ساقلىۋالغان كونا ئەمگەكلىرىڭىزنى؟ \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 16:21:03

ئەل-ئاغىنىڭ ئارسىنى بۇزايدىسەڭ ئوتتۇرغا پۇل سال ،ئۇرۇق تۇققاننىڭ ئارسىنى بۇزايدىسەڭ ئوتتۇرغا قىز سال -

ئۇيغۇر

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 16:21:40

2- قەۋەتتىكى begir4نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

زىيادە تولغان خوتۇندىن ، جاڭگالدىكى ئوتۇن ياخشى .

تۇغماس خوتۇننىڭ تۇغمىقى بەك تەس .

------- بېغىر ماقال - تەمسىللىرى .



\"\"

italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 16:25:37

hakikatqi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 17:33:11

ئەخمەققە ھوقۇق تەگسە ، قۇتانغا زەدىۋال تارتىپتۇ ، دىگىنى بەزىلەرگە بەك ماس كېلىدىكەن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 22:01:51

ھەممە ئەدەمگە بەسە ياخشى، ئاخۇنۇمغا مەسە ياخشى،

كومىنىزىمدا جاپا يوق، بويتاقلىقتا ۋاپا يوق.

كەپتىرى يوقنىڭ پەغىزى چوڭ، تاماكىسى يوقنىڭ قەغىزى چوڭ.

  {:92:}   {:92:}   {:92:}

2378 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 22:24:18

*ئېلانغا ئىشەنمە، ئېلانسىزمۇ يۈرمە. (ئىزدىنىستىكى رۇسلان ئىجادىيىتى)

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 23:30:50

بىلىڭىزگە دەرت بەرمىسۇن قېرىندىشىم \"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 04:45:19

بەزىدە ماقال-تەمسىللەرنىڭ قانچىلىك ئەمەلىي تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن پايدىسى بولار دەپ ئويلاپ قالىمەن. چۈنكى، بىز بىلىپ تۇرۇپ قىلىمىز، ئوقۇغاندا ھاياجانلىنىمىز... ئاجىز، ھېسسىياتچان، نەفسىكە ماھىل ئادەم بىلىپ تۇرۇپ ياكى نەفىس ئارزۇلىرىغا چىدىيالماي ياكى ئۇنتۇپ بىر ئىشلارنى قىلىپ سالىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىپ 40 قا يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ «ماندا ماندا قىلسا ياكى قىلمىسا بولىدىكەن...» دەپ بىر نەرسىلەرنى يەكۈنلەپ چىقىدۇ.



ئاتا-بوۋىللىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلىرى بولغان ماقال-تەمسىللەرنى ئوقۇغاندا ۋە ياكى داڭلىق پىكىر ئېگىللىرىنىڭ ھېكمەتلىك ئەقلىيە سۆزلىرىنى ئوقۇغاندا ئىختىيارسىز باش لىڭشىتىپ كىتىمىز... لېكىن «ئاتا-بوۋىللىرىمىز مۇنداق دەپتىكەن» دەپ ئەمەلىي ھاياتىغا تەدبىقلىغانلارنى مەن كۆرمىدىم. بەلكىم باردۇر، لېكىن يوق ھېساپتا بولىشى مۇمكىن. سەۋەبى، ئادەم ھەقىقەتەنمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققاندا ئاندىن چۈچىيدىكەن، يەنە توسقان يەرگە قاچىدىغان توخپوقى مىجەزىمىزمۇ يوق ئەمەسكەن.



ئەسلى ھېكمەت قىسقا يول. ئۈچ ھېكمەت ئۈچۈن مەدىكالىق قىلىدىغان ھېكايىلەرمۇ بولىدىغان... نېمىلا بولمىسۇن، ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلەرنىڭ پايدىسى بىلسەك يەنىلا كۆپ دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇلار نۇرغۇن ئادەمنىڭ بىر ھاياتى بويىنچە يىغىنچاقلىغان تەجىربە-ساۋاقلىرى ۋە ئەقىل-پاراسەت جۇغلانمىسى. بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمىرى بىر جۈملىگە يىغىچاقلانغان بولىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ نەۋرىلىرى ئۇنىڭ «ۋەسىيتى»گە ئەمەل قىلسا نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللاردىن قۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خۇددى بىر جاينىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ سىزگە قالدۇرغانغا، سىزنىڭ بولسا ئۇنىڭغا قاراپ ئوشۇق يولنى باسماستىن يولنى تاپقىنىڭىزغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۆزۈم ماڭىتتىم دەپ تۇرىۋالسىڭىز ئارتۇق يوللارنى باسىسىز، بارىدىغان يېرىڭىز ئاخىرقى ھېساپتا بىر بولۇپ چىقىدۇ، ياكى ئەسلا بارالماي يولدىن ئادىشىپ كىتىسىز. (ئەلبەتتە ئادەم يەكۈنلەپ قالدۇرغان ھېكمەت، ساماۋىي ھېكمەتتىن مەڭگۈ ئۈستۈن تۇرايمايدۇ! )



ماقال-تەمسىللەرنى، بولۇپمۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. ئاز بولسىمۇ ئېڭىمغا تەسىر قىلغىنىنى ئىتىراپ قىلىمەن. لېكىن، ماقال-تەمسىل ۋە ھېكمەتلەرنىڭ دەل ئەكسىچە قىلىپ سالغانلىرىمنىڭ تېخىمۇ كۆپلىكىگە ئۆكۈنىمەن...



مۇناسىۋەتسىز پاراڭلارنى قىلىپ كەتتىم، كەچۈرۈڭ.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 09:50:42

مىنگىلى بولمايدىغان بايتال يوق، قىش بولمايدىغان ئالتاي.



كاۋا-قاپاق باراڭدا، سايمان-جابدۇق ساراڭدا.


قىش ئۇچىقى تار، قوپ ئۆيۈڭگە بار.


sayrami يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 12:21:52

بومبىنىڭ كىچىكى پوجاڭ-ئەمەلنىڭ كىچىكى شوجاڭ



بىر ئوقۇتقۇچى ئاغىنىمىز دەپ بەرگەن، ھەر بىر يادىمغا يەتسە كۈلىمەندە..

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 13:40:28

قىيىن ئىش يوق ئالەمدە

يۈزى قېلىن ئادەمگە.





بازارنى بازار قىلغان ناۋاي بىلەن باققال

ئەركىشىنى ئەركىشى قىلغان ساقال بىلەن ماقال \"\"

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 18:09:58

كۈن كۈرەي دېسەڭ كۈندىن بۇرۇن قوپ .

tureli يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 19:16:10

گول قازانغا قارايدۇ.

تەدان (چىچەن) ئوچاققا.






newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 20:43:47

ئوتنى كۆيسۇن دېسەڭ، تۈكۈرمە ئوتۇنغا،

چاقچاق قىلما ئېرى بار خوتۇنغا.



گېپى توڭنىڭ چاقچىقى ئۇزۇن،

خوتۇنى يوقنىڭ ياستۇقى ئۇزۇن. \"\"

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 21:10:53

مېڭشقا ئۈتۈك ياخشى ،

كىيىشكە چۇرۇق.

تانسىغا سىمىز ياخشى،

دىسكۇغا ئۇرۇق. \"\"

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 22:04:34

ئاتنىڭ تورۇقى ياخشى،جۇۋاننىڭ ئورۇقى.

ئاخۇنۇم سەللىسىگە ئىشىنىدۇ، قۇشناچىم زەللىسىگە.

باي بولاي دىسەڭ ئاتنى سېتىپ قوي قىل، گاداي بولاي دىسەڭ خۇتۇننى قويۇپ توي قىل.

ئاتىسى ئاتالمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى.

ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە قوتانغا زەدىۋال تارتار.

ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان، قەھرىتاندا كالتە چاپان.

ئەجلى پۈتكەن قاغا قارچىغا بىلەن ئوينار.

ئەما مەككە چامغۇرنى تۇخۇم دەرمىش، توكۇر ھەممىنى قىلغان پۇتۇم دەرمىش.

ئەخمەققە قىز كۆرسەتمە، موزايغا سۈت.

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 09:06:13

مەن ھەممىدىن سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى دېگەن ماقال تەمسىل بىلەن ئىت قاۋاپ قالىدۇ، كارۋان يولىغا ماڭىدۇ دېگەن ماقال تەمسىلنى ياخشى كۆرىمەن...
بەت: [1] 2
: بىر قىسىم مەنىلىك ماقال تەمسىللەر