jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 15:03:48

مۇبارەك ۋە مۇرسىنىڭ سوت ھىكايىسى[تەرجىمە]

خەلق ئىنقىلابى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان سابىق پرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەك بىلەن ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن خەلق سايلىغان تۇنجى پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ سوتلىنىشى ئارىسىدا نۇرغۇن پەرىقلەر مەۋجۇت. مىسىر ئىككى يىلدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەكلى جەھەتتە ئوخشاش ئەمما مەنا جەھەتتە ئوخشاش بولمىغان ئىككى ۋەقەنى باشتىن كەچۈردى.

ئۇ ئىككىسى بولسا-سابىقپرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەكنىڭ خەلق ئىنقىلابى بىلەن

ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى مەھكىمە ئالدىدىكى كۆرۈنىشى، يەنە بىرى پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىينىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھۇقۇقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى مەھكىمە ئالدىدىكى كۆرۈنىشى. بۇ ئىككى پرىزدېنتنىڭ ۋەقەلىكى كۆرۈنۈشتە ئوخشاشتەك قىلسىمۇ ئەمما بۇ ئىككى سوت ئارىسىدىكى ئوچۇق پەرقلەر ھەممىنى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرغا چىقاردى. بۇ پەرقلەر دەسلەپ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنلا كۆرۈلۈشكە باشلانغان بولۇپ بىز بۇنى ئورۇن ، شارائىت، چەكلەش ئۇسۇللىرى، ئاخباراتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇئامىلە قىلىشى، ئەيىبلىگۈچىلەر، سوتچىلار، داۋاگەرلەر ۋە ئاقلىغۇچىلار سوت مەيدانىغا كېلىشنىڭ ئالدىدا مىسىر كوچىلىرىنىڭ مەھكىمە بىلەن بولغان سۈركىلىشلىرى ۋە سىرىتتىكى نامايىشچىلارنىڭ سانلىرى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئوچۇقلا كۆرىۋالالايمىز.

2011-يىلى ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا مۇبارەك سىينانىڭ جەنۇبىدىكى شەرەم شەيىختىكى

دوختۇرخانىدىن مەھكىمىگە كېلىپ كېسەل كارۋىتى ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتقان ھالەتتە مەھكىمە قارشىسىدا پەيدا بولدى. مۇبارەك شۇ يىلى 25-يانۋاردا پارتىلىغان خەلق ئىنقىلابى بېسىمى ئاستىدا ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن شەرەم شەيختىكى دوختۇرخانىدا بىر قانچە ئاي تۇرغان ئىدى. مۇرسى2013-يىلى نويابىرنىڭ باشلىرىدا ئارمىيە تەرەپتىن ساناقلىق كىشىلەرلا بىلىدىغان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان نامەلۇم بىر جايدىن كاستىيوم-بۇرۇلكا كىيگەن ھالەتتە مەھكىمە قارشىسىغا كەلتۈرۈلدى. مۇرسى شۇ يىلى3-ئىيۇلدا ئۆزى بىر قوللۇق ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇلفەتتاھ سىيسى قوزغىغان ھەربىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ھۇقۇقىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، ئارمىيە تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئائىلىسى ، ئادۋوكاتلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە ئۈزۈۋېتىلگەن ئىدى. كىشىلەر ئۇنى«ئەسىرگە چۈشكەن پرېزىدېنت» ئاتىشاتتى.   كۆز ئەينەك ۋە كاستىيوم بىرىنچى سوتتا (مۇبارەكنىڭ سوتىدا) مۇبارەك كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ قارا كۆز ئەينەك تاقاپ پەيدا بولدى، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە شىرىكلىرى مەھبۇس قەپىسىدە ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغان ئىدى. ئەمما ئىككىنچى سوتتا (مۇرسىينىڭ سوتىدا) مۇرسى مەھكىمىگە يىتىپ كېلىشى بىلەن ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇۋەتتى. ئۇ پرېزىدېنت ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش كاستىيوم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان ئىدى، ئۇ قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالغان قوللىغۇچىلىرى بىلەن سالاملىشىشتىن بۇرۇن ماشىنىدىن چۈشكەن ۋاقىتتا قىياپىتىنى ئوڭشاپ سوتقا كىردى. مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى( مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ سوت مەيدانىغا كەلتۈرۈلگەن چوڭ رەھبەرلىرى) ئۇنى «رابىئە» تۆت بارماق ئىشارىتى بىلەن قىزغىن قارشى ئالدى ۋە بۇ سوتنى ۋە مەھكىمىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكى ئىپادىلەش مەقستىدە ھەممىسى سوت ھەيئىتىگە ئارقىسىنى قىلىۋالغان ئىدى. بىرىنچى سوتتا مۇبارەك ، قوللىغۇچىلىرى ۋە ئوغۇللىرى ئاق مەھبۇسلار كىيىمى كىيىپ سوت مەيدانىغا كىرگەن، ئىككىنچى سوتتا مۇرسى ئەيىپلەنگۈچىلەر تۇرىدىغان تۆمۈر قەپەستە مەھكىمىنىڭ مەھبۇسلار كىيىمى كىيىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىسىرنىڭ خەلق سايلىغان قانۇنلۇق رەئىسى ئىكەنلىكىنى ئېيىتپ، باش سوتچىغا:«مەن سېنىڭ قانۇنلۇق پرېزىدېنتىڭ! سەن ئىناۋەتسىز» دەپ ئۆزىنىڭ نورمال كاستىيوم-بۇرۇلكىسى بىلەن تۇردى.سىياسىي تەتقىقاتچى خالىد رەييانىنىڭ قارىشىچە، مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھەبىب ئادىلى سوتنىڭ تىنچلىقىغا مەسئۇل ساقچىلارنىڭ خەلقنىڭ ئەسكىرى ئورگانغا تەۋە پرىزدىنتقا (مۇبارەككە) قارشى ئىنقىلاب قىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن ھەربىي سالاملىرى بىلەن قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن. ئەمما مۇرسى ساقچىلار ۋە سوتتىكى رەھبەرلەر خەلق تەرىپىدىن سايلانغان بۇ كىشىنىڭ پرېزىدېنت بولۇشىغا ئىچىدىن قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق سالامغا ئېرىشمىدى، ئەمما سوت مەھكىمىسنىڭ سىرتىدىكى ۋە قاھىرەدىكى چوڭ مەيدانلاردىكى مۇرسىنى قوللاپ نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ سانلىرىدىن ۋەزىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.   ئاكتىپلىق ۋە بوشاڭلىق بىرىنچى سوتتا سوت ئەھۋالى نەخ مەيدان تارقىتىلغان ۋە بۇنى بىر قانچە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا ئۇلاپ تارقاتقان. ئەمما ئىككىنچى سوتتا سوت ئەھۋالى سىنغا ئېلىنغان بىراق يەرلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ئۇنىڭ بىر قانچە ئۈزۈندىسىنىلا تارقاتتى. مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇنى ھۆكۈمەت مۇرسىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغۇچىلارنىڭ رەسۋاچىلىقنى ئاشكارىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەن دەپ قاراپ بۇنى «ھۆكۈمەتنىڭ قورقۇنچاقلىقى» دەپ ئېتىبارغا ئالدى. بىرىنچى سوتتا مۇبارەكنىڭ باش سوتچىنىڭ سۇئاللىرىغا قىسقىچە جاۋاب بەرگەندىن باشقا ئاۋازى ئاڭلانمىغان ئىدى، ئىككىنچى سوتتا بىر قانچە سۈرەتلەر ۋە مۇرسىينىڭ سوت ھەيئىتىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ زالىم ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى مىسىرنىڭ قانۇنلۇق پرېزىدېنتى ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ ئۇلارنى گاڭگىرتىپ قويغانلىقىدىن ئىبارەت بىر قانچە كۆرۈنۈشلەرلا تارقىتىلدى. «مىسىرلىقلار» تورىنىڭ سوتقا قاتناشقان دائىرىلەردىن نەقىل قىلىشچە؛ «مۇرسى سوت مەيدانىدا مۇداپىئە مىنىستىرى سىيسىنى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىبراھىمنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەققىدە پرېزىدېنت قارارنامىسى چىقارغان».بىرىنچى سوتقا مۇبارەكنى قوللىغۇچى ئون نەچچە ئادۋۇكاتلار قاتناشقان ۋە پۈتۈنلەي ئەركىن سۆز قىلغان. ئىككىنچى سوتتا مۇرسى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئەيىبلىگۈچى ئادۋۇكاتلارنىڭ ئەكسىچە سوتقا قاتنىشىش ئۈچۈن تەكلىپى قوبۇل قىلىنمىغان. مۇبارەكئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ساقچى باشلىقلىرى بىلەن بىرگە يانۋار ئىنقىلابىدا يۈزلىگەن نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە قارىتا سوتلانغان. مۇرسى بولسا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ياكى ساقچى باشلىقلىرىمۇ بولماستىن يالغۇز،پرېزىدېنت سارىيى ئالدىدا ئۆزى تەۋە بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى قوللىغۇچىلىرىدىن 10 نەچچە كىشى ئۆلگەن ۋە نامايىشچىلاردىن2 كىشى ئۆلگەن ۋەقەگە قارىتا سوتقا تارتىلدى.    ئون نەچچە ۋە مىڭلارچە ئىككى سوتتىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكى سوت زالىنىڭ ئىچىدىن مەھكىمىنىڭ سىرتىغىچە پەرقلىق بولۇپ، مۇبارەكنى سوتلىغاندا نورمال بىر قانچە تىنچلىق ئىجرا قىلغۇچىلارلا قاتناشقان. مۇرسىنى سوتلىغاندا سوتنىڭ تىنچلىقى ساقلاش ۋە سىرىتتا مۇرسىنى قوللىغۇچى نامايىشچىلار توپىدىن ئەنسىرەپ بۇ قېتىملىق سوت جەريانىدا 20 مىڭدىن كۆپ ئەسكەر، 10 نەچچىلىگەن برونىۋىك ماشىنىلار، ھەتتا تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار تەييار تۇرغان.مۇبارەكنىڭ بىرىنچى سوتىدا ئۇنى قوللىغۇچى 10 نەچچىلىگەن كىشىلەر مەھكىمە سىرتىدا ئۇنى قوللاپ شۇئار توۋلىغان بولسا، دەل شۇ ۋاقىتتا يەنە تەھرىر مەيدانى قاتارلىق بىر قانچە مەيدانلاردا ئۇنى جازالاشنى تەلەپ قىلىپ مىڭلارچە كىشىلەر توپلاشقان ئىدى. ئەمما مۇرسىنىڭ سوتىدا سوت مەيدانىنىڭ سىرتىدىكى قانۇنسىز سوتقا قارشى نامايىشچىلار توپى ۋە قاھىرەدىكى ئاساسلىق مەيدانلاردا ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيلىقىنى قوللاپ نامايىش قىلىۋاتقان ئادەملەر توپى ھاسىل بولدى. نەتىجىدە ئىككى سوتتىكى ئەمەلىيەت ۋە كۆرۈنۈشلەردىن كىمنىڭ مىسىر خەلقىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ، كىمنىڭ خەلق تەرىپىدىن خالانمايدىغانلىقى ئوتتۇرغا چىقتى. يەنە شۇنىڭغا ئىشارەت قىلىش زۆرۈركى، مۇبارەكنى سوتلىغان سوتچى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ تەرەپدارى. مۇرسىنى سوتلىغان سوتچى بولسا 2012-يىلىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مۇرسى بىلەن سايلامدا رىقابەتلىشىپ، يېڭىلىپ قالغان ئەھمەد شەفىقنى بىر قانچە جىنايەتلەردىن ئاقلىغان كىشىدۇر.

مەنبەسى

http://news.okyan.com/news/thinking/2013/1106/3335.html

ئاپتورى: ئەنەس زەكىي (قاھىرە)

تەرجىمىدە: جان پولات

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 16:26:04

ئىككى تەرەپنىڭ قايسىسىنىڭ ئىرادىسى كۈچلۈك بولساشۇنىڭدا ئۆمۈد بار ،كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس مىسىر مۇسۇلمانلىرى بىرمەيدان جەڭگە تەييارلىنىپ بولغاندەك قىلدۇ ،ھەم ئۇلار ئۆزنىڭ ئارزۇسى يولىدىكى كۆرەشتە ئۆلۈپ كىتىشكەرازىلىقى بار كىشلەr

yakupjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 18:25:17

نىمىلا دىگەن بىلەن ھەر ئىككىلىسى؟؟؟؟؟؟؟بولۇپ ھوقۇقتىن ئايرىلدى.

مۇبارەك دىكتاتۇر بولسىمۇ خەلىقنىڭ قەلبىنى ئۈزىگە تارتىپ خېلى ئۇزۇن يىللاردىن مابەيىنى مىسىرنىڭ ئىقتساد، مائارىپ ۋە ئوتتۇرا شەرىقتىكى سىياسى ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. شۇ دەل ۋاقىتىدا ھوقۇقتىن ئسىتاپا بەرمىگەنلىك سەۋەۋىدىن شۇنداق بولۇندى. ئەمما مورسىي بولسا بىر يىلمۇ ھوقۇقتا تۇتالمىدى.

بىرىنچىدىن دىنىي رادىكالزىمنى تەشۋىق قىلدىغان سىياسەتنى چىقىرىپ غەيرى ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، ئۇلارنى باستۇرۇشقا ئورۇندى، ئىسرائىليە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى خۇنۇكلاشتۇرۇپ ، دىن دىن دەپلا ، ئەزەلدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسلىللەرگە كۆڭۈل بۆلمىدى. ئىسرائىليە ۋە ئامىركىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالدى. شۇ سەۋەپتىن مۇرسىي ئاغدۇرۇلۇپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ كۈچى ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى سىياسىي سەھنىدىكى مەۋجۈتلىقىدىن مەھرۇپ بولۇشقا قاراپ ماڭدى. ھازىر ئۇلارنى تېرورىزىمچىلار دەپ نام بەردى. كېيىنكى يىللاردا يەنە باش كۆتۈرۈپ چىقىشى بىر خىيالى چۈش بولۇپ قالدى.

تامام.

Nopano يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 18:39:50

بۈگۈن بىر مىسىرلىق قىز بىلەن پاراڭلاشقاچ مۇرسىغا بولغان قارىشىنى سورىسام: مۇرسى سىناي يېرىم ارىلىنى يەھۇدىلەرگە ساتماقچى، سۈۋەيىش قانىلىنى قاتارغا ساتماقچى سەنچە بۇ توغرىمۇ دەيدۇ؟

yawoz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 18:51:02

yakupjan سىنىڭ ئىنكاس يىزىش ۋەزىپەڭ بارمۇ ،بىلمىگەن نەرسەڭگە ئۇستاتلىق قىلما ..

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 18:51:20

دىنى رادىكال دىگەن نىمە دىگەن گەپ

uqkun28 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 19:06:41

2- قەۋەتتىكى yakupjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمىلا دىگەن بىلەن ھەر ئىككىلىسى؟؟؟؟؟؟؟بولۇپ ھوقۇقتىن ئايرىلدى.

مۇبارەك دىكتاتۇر بولسىمۇ خەلىقنىڭ قەلبىنى ئۈزىگە تارتىپ خېلى ئۇزۇن يىللاردىن مابەيىنى مىسىرنىڭ ئىقتساد، مائارىپ ۋە ئوتتۇرا شەرىقتىكى سىياسى ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. شۇ دەل ۋاقىتىدا ھوقۇقتىن ئسىتاپا بەرمىگەنلىك سەۋەۋىدىن شۇنداق بولۇندى. ئەمما مورسىي بولسا بىر يىلمۇ ھوقۇقتا تۇتالمىدى.

بىرىنچىدىن دىنىي رادىكالزىمنى تەشۋىق قىلدىغان سىياسەتنى چىقىرىپ غەيرى ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، ئۇلارنى باستۇرۇشقا ئورۇندى، ئىسرائىليە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى خۇنۇكلاشتۇرۇپ ، دىن دىن دەپلا ، ئەزەلدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسلىللەرگە كۆڭۈل بۆلمىدى. ئىسرائىليە ۋە ئامىركىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالدى. شۇ سەۋەپتىن مۇرسىي ئاغدۇرۇلۇپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ كۈچى ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى سىياسىي سەھنىدىكى مەۋجۈتلىقىدىن مەھرۇپ بولۇشقا قاراپ ماڭدى. ھازىر ئۇلارنى تېرورىزىمچىلار دەپ نام بەردى. كېيىنكى يىللاردا يەنە باش كۆتۈرۈپ چىقىشى بىر خىيالى چۈش بولۇپ قالدى.

تامام.

مۇبارەك دىكتاتۇر ئەمما ئۇ خەلىقىنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە تارتىپتۇ. ئۇ قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلغان\"خەلق\"زادى قانداق خەلق؟ دىكتاتۇر، مۇستەبىت كىشلەرمۇ خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتالايدىكەن ھە؟

مۇبارەكىنىڭ تۈرمىگە كىرىپ قېلىشى پەقەت دەل ۋاقتىدا ئىستىپا بەرمىگەنلىكىدىن ئىكەندە؟ مۇنداق گەپنى سىزدىن باشقا ئىككىنچى بىر ئادەم قىلمايدىغۇ دەيمەن.

.....................................................

سىزنىڭ مىسىرنى دۇنيا خەرتىسىدىن تاپالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئەھۋاللارنى بىلىدۇ دىسە پەقەتلا ئىشەنمەيمەن.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 20:36:35

6- قەۋەتتىكى uqkun28نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى yakupjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

.........................

سىزنىڭ مىسىرنى دۇنيا خەرتىسىدىن تاپالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئەھۋاللارنى بىلىدۇ دىسە پەقەتلا ئىشەنمەيمەن.

ئادەم ئۆتۈردىغان ئىنكاس

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 20:40:03

ئەمدى مىسىرنىڭ شە رەپ سىزلىرى خېلى بىر زامان ئالامدۇ ئەمدى \"\"

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 21:13:22

2- قەۋەتتىكى yakupjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمىلا دىگەن بىلەن ھەر ئىككىلىسى؟؟؟؟؟؟؟بولۇپ ھوقۇقتىن ئايرىلدى.

مۇبارەك دىكتاتۇر بولسىمۇ خەلىقنىڭ قەلبىنى ئۈزىگە تارتىپ خېلى ئۇزۇن يىللاردىن مابەيىنى مىسىرنىڭ ئىقتساد، مائارىپ ۋە ئوتتۇرا شەرىقتىكى سىياسى ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. شۇ دەل ۋاقىتىدا ھوقۇقتىن ئسىتاپا بەرمىگەنلىك سەۋەۋىدىن شۇنداق بولۇندى. ئەمما مورسىي بولسا بىر يىلمۇ ھوقۇقتا تۇتالمىدى.

بىرىنچىدىن دىنىي رادىكالزىمنى تەشۋىق قىلدىغان سىياسەتنى چىقىرىپ غەيرى ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، ئۇلارنى باستۇرۇشقا ئورۇندى، ئىسرائىليە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى خۇنۇكلاشتۇرۇپ ، دىن دىن دەپلا ، ئەزەلدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسلىللەرگە كۆڭۈل بۆلمىدى. ئىسرائىليە ۋە ئامىركىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالدى. شۇ سەۋەپتىن مۇرسىي ئاغدۇرۇلۇپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ كۈچى ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى سىياسىي سەھنىدىكى مەۋجۈتلىقىدىن مەھرۇپ بولۇشقا قاراپ ماڭدى. ھازىر ئۇلارنى تېرورىزىمچىلار دەپ نام بەردى. كېيىنكى يىللاردا يەنە باش كۆتۈرۈپ چىقىشى بىر خىيالى چۈش بولۇپ قالدى.

تامام.

دىن دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتسە رادىكال دىگەن قالپاق تەييارغۇ سەن خەقتە !

ئۇكام ما يۇرتىمىزدىكى ساقال - بۇرۇت ، ياغلىق - پاغلىق ، خۇتۇن كىشىنىڭ يوپكا - كوپتا جىلبابلىرى بىر نىمىسىگە تاقىشىپ شۇنىڭ بىلەنلا قالغانلارغا بىر ئاتالغۇ تەپ بەمەمسە ؟

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 08:30:10

ھەيييي ... ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالغان بىچارە ئىنسان!

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 11:39:42

ئۇيغۇرنىڭ كۈنى ئەرەپلەرگە كۆڭۆل بۆلۈش بىلەن ئۆتىدۇ

ئۆزگە كۆڭۆل بۆلمىگەن بەرھەق بىركۈن دۇنيادىن يۈتىدۇ

      « تۇيۇقسىز كەلگەن ئىلھام» توپلاملىرىمدىن ئەرگىنەقۇن

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 11:49:37

yakupjan

ئەپەندىمنىڭ دىننى رادىكالىزىم دىگەن گىپىدىن باشقا گەپلىرىنىڭ 100% ئاساسى بار، بۇ توغورسىدا ئوكيان تورىدا ياخشى مۇلاھىزە ماقالىلەر بار! بىر ئادەمنىڭ ھەممىنى توغرا بايان قىلىشى ناتايىن، لىكىن بىر ئىنساندا شاكال بىلەن مىغىزنى ئايرىيالايدىغان ھۆنەر بولىشى كىرەك . قاخشاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ۋەزىنىنى ئۆلچەپ بىقىڭلار. دىمىسىمۇ ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەقدىرى ئوخشاش بولدى، ھەر ئىككىلىسنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرى بار. بولۇپمۇ مۇرسى تەخىتكە چىقىپلا ئومومى ۋەزىيەتنى تونۇپ يىتەلمىدى، ھىچ بولمىسا ئۆزنىڭ ھوقوقىنى مۇستەھكەملەپ بولغاندىن كىيىن ئۆز ئىرادىسىنى بارلىق خەلىققە تاڭسىمۇ ئۈلگۈرەتتى ،ئالدىراپ قالدى... قىززىق تاماق كاناينى كۆيدۈرىدۇ-دە!

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 13:57:16

سىياسىي بۇلاڭچىلىقنىمۇ ئاقلايدىغانلار چىقىپ تۇرىدۇ.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 14:26:36

9- قەۋەتتىكى Parakendeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى yakupjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمىلا دىگەن بىلەن ھەر ئىككىلىسى؟؟؟؟؟؟؟بولۇپ ھوقۇقتىن ئايرىلدى.

مۇبارەك دىكتاتۇر بولسىمۇ خەلىقنىڭ قەلبىنى ئۈزىگە تارتىپ خېلى ئۇزۇن يىللاردىن مابەيىنى مىسىرنىڭ ئىقتساد، مائارىپ ۋە ئوتتۇرا شەرىقتىكى سىياسى ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. شۇ دەل ۋاقىتىدا ھوقۇقتىن ئسىتاپا بەرمىگەنلىك سەۋەۋىدىن شۇنداق بولۇندى. ئەمما مورسىي بولسا بىر يىلمۇ ھوقۇقتا تۇتالمىدى.

بىرىنچىدىن دىنىي رادىكالزىمنى تەشۋىق قىلدىغان سىياسەتنى چىقىرىپ غەيرى ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، ئۇلارنى باستۇرۇشقا ئورۇندى، ئىسرائىليە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى خۇنۇكلاشتۇرۇپ ، دىن دىن دەپلا ، ئەزەلدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسلىللەرگە كۆڭۈل بۆلمىدى. ئىسرائىليە ۋە ئامىركىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالدى. شۇ سەۋەپتىن مۇرسىي ئاغدۇرۇلۇپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ كۈچى ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى سىياسىي سەھنىدىكى مەۋجۈتلىقىدىن مەھرۇپ بولۇشقا قاراپ ماڭدى. ھازىر ئۇلارنى تېرورىزىمچىلار دەپ نام بەردى. كېيىنكى يىللاردا يەنە باش كۆتۈرۈپ چىقىشى بىر خىيالى چۈش بولۇپ قالدى.

تامام.

دىن دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتسە رادىكال دىگەن قالپاق تەييارغۇ سەن خەقتە !

ئۇكام ما يۇرتىمىزدىكى ساقال - بۇرۇت ، ياغلىق - پاغلىق ، خۇتۇن كىشىنىڭ يوپكا - كوپتا جىلبابلىرى بىر نىمىسىگە تاقىشىپ شۇنىڭ بىلەنلا قالغانلارغا بىر ئاتالغۇ تەپ بەمەمسە ؟

______________________________________________

ياكوپجان ، سىلە مۇرسىنى ئۆرىۋەتكەن تۇزكور ئابدۇلپەتتاھ سېيسى دىگەننىڭ ئاقلامچىسى ئوخشىمامسىلە ؟! بەكرەك ئاقلاڭلا ، چالا بولاپ قالمىسۇن \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 15:10:57

بىرەر تۇڭ پىششىق نىفىت بەرسە ،تۇرمۇشتا خىراجەت قىلارسىز ياقۇپجان ‹‹ئۈستىدىكى نەشتەر دىگەن تورداشنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاخىرى ،،ھە نىم دەيمىز..... قوشما بايانات{:92:}

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 15:28:57

ئابدۇلپەتتاھ سېيسى ئۆزىنى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇرسىنىڭ ئاغدۇرلىشىنى بىر ئادەمگە ئارتىپ قويساق ئادىللىق بولماس، سېيسىنىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىلىك قىلدىغان مىسىرلىقلارنىڭمۇ يەنە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەنە مۇرسى بۇنىڭغا سەل قارىغاچقا ئاقىۋەت يۈز بەردى. ئىلگىرى مۇنبەرلەردە مۇنازىرە بولغان مۇسۇلمانلارغا دىمۇكراتىيە يارىشامدۇ!؟ دىگەن ماقالە يادىمغا كىلىپ قالدى... ھەي : بىز مەسلىگە بىر تەرەپلىمە تۇرۇپ ئەمەس ئومۇمى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ھۆكۈم چىقارساق چىقارغان ھۆكۈمىمىز بىر تەرەپلىمە ھۆكۈمگە قارىغاندا توغرا بولاتتى ئەمەسمۇ؟

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 16:28:26

مىنىڭچە دىمكۇراتىيەنى ھەقىقى تەشەبۇس قىلدىغانلار ،بىراۋغا تون پىچىپ قالپاق كىيدۈرمەيدۇ بۇ مىنىڭ كۆزقارشىم ..

مىسىردىكى ۋەزىيەتنىڭ سەۋەبى مۇسۇلمانلاردا ئەمەس بولشى مۇمكىن كۈچلىك دۈشمەنلەر مىسىرنىڭ دىمكۇراتىيە يولىغا مىڭشىنى خالىمايدىغۇ دەيمەن ئەكسىنچە مىسىرلىقلار ئۈچۈن سۈريەدىكدەك ئوسال ۋەزىيەت شەككىللەندۈرۈش دۈشمەنلەرنىڭ كۈن تەرتىۋىگە كىرگۈزۈلگەن بولشىمۇ مۇمكىن ،بۇمىنىڭ كۆزقارشىم خالاس

@patrol

@windows100

@tarim

@86،،

يەنە باشقا دوسلرمۇ ئۆزنىڭ كۆزقارشىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسا چۈشەنچىمىز تىخىمۇ چوڭقۇرلىششى مۇمكىن

mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 16:35:26

2- قەۋەتتىكى yakupjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمىلا دىگەن بىلەن ھەر ئىككىلىسى؟؟؟؟؟؟؟بولۇپ ھوقۇقتىن ئايرىلدى.

مۇبارەك دىكتاتۇر بولسىمۇ خەلىقنىڭ قەلبىنى ئۈزىگە تارتىپ خېلى ئۇزۇن يىللاردىن مابەيىنى مىسىرنىڭ ئىقتساد، مائارىپ ۋە ئوتتۇرا شەرىقتىكى سىياسى ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. شۇ دەل ۋاقىتىدا ھوقۇقتىن ئسىتاپا بەرمىگەنلىك سەۋەۋىدىن شۇنداق بولۇندى. ئەمما مورسىي بولسا بىر يىلمۇ ھوقۇقتا تۇتالمىدى.

بىرىنچىدىن دىنىي رادىكالزىمنى تەشۋىق قىلدىغان سىياسەتنى چىقىرىپ غەيرى ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، ئۇلارنى باستۇرۇشقا ئورۇندى، ئىسرائىليە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى خۇنۇكلاشتۇرۇپ ، دىن دىن دەپلا ، ئەزەلدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسلىللەرگە كۆڭۈل بۆلمىدى. ئىسرائىليە ۋە ئامىركىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالدى. شۇ سەۋەپتىن مۇرسىي ئاغدۇرۇلۇپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ كۈچى ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى سىياسىي سەھنىدىكى مەۋجۈتلىقىدىن مەھرۇپ بولۇشقا قاراپ ماڭدى. ھازىر ئۇلارنى تېرورىزىمچىلار دەپ نام بەردى. كېيىنكى يىللاردا يەنە باش كۆتۈرۈپ چىقىشى بىر خىيالى چۈش بولۇپ قالدى.

تامام.

ئېسىل ئىنكاس! ھىسياتچانلىقتىن نېرى بولۇپ مۇشۇنچىلىك بولسىمۇپىكىر قىلالىغۇلۇق! مۇسلىم بۇرادىرخۇد راسلا كەتكۈزۈپ قويدى!

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 16:57:25

نىمە دىگەن بىلەن .... بۇ شەرمەندە ھەربى ھوكۇمەت نامايىشقا چىققان نۇرغۇن پۇخرالانى قىرىۋەتتى دە، يېقىندا تېخى پۇخرالانىڭ قانۇنلۇق نامايىش ھوقۇقىنىمۇ چەكلەپتۇ.
بەت: [1] 2 3
: مۇبارەك ۋە مۇرسىنىڭ سوت ھىكايىسى[تەرجىمە]