YUWAX0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 12:54:54

ئايالىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىڭ . [تەرجىمە]

بىر كىشى مۇنداق بىر كۈلكىلىك ئىشىنى باشتىن كەچۈرگەن ،بىر قېتىم كوچىدا كېتىۋاتقاندا تولىمۇ كېلىشىكەن  بىر ئايالنى كۆروپ قېلىپ،ئۇنىڭغا مەھلىيە بولوپ ئۇنىڭ چىرايىنى بىر كۆرۈۋىلىشى مەقسىدىە ئەگىشىپ ماڭغان ،ئايال تولىمۇ تىز ماڭغانلىقتىن ئۇ كىشى ئايالغا يىتىشىۋلىشى ئۇچۇن خودددى>>مۇسابىقىلەشكەندەك <<مېڭىپ،چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلوپ خلى ئۇزۇندىن كىيىن ئاندىن يىتىشىكەن ھەم ئالدىغا ئۈتۈپ قاراپ ھەيرانە -ھەس قالغان -ئەمىلىيەتتە ئۇنى شۇنچە مەھلىيا قىلغان بۇ ئايال ئۇنىڭ خوتۇنى بۇلوپ چىققان .

ئادەتتە ئاياللار ھامان مۇنداق ئەھۋالدىن خالىي بولالمايدۇ .ئىرى بىلەن بىر ئۆيىدە تۇرمۇش كەچۇرگەندە ئەسلىدىن يۇشۇرۇشقا تىگىشىلىك ھەقىقىي قىياپىتىنى يۇشۇرۇپ قالالمايدۇ ،ئۇيغانغاندا قاپاقلىرى ئىشىشىپ ساڭگىلىغان ،ئىشتىن كەلگەندە چىرايى تاتىرىپ سولاشقان ئاياللار ئەينەككە قارىغاندا ئۆزلىرىمۇ چۆچۈپ كىتىدىغان تۇرسا ،قانداقسىگە يەنە ئېرىنىڭ كۆزلىرىنى ئالا چەكمەن قىلالىسۇن؟كۆپىنچە ئاياللار ئەتىگەندە ئېرى باللىرىغا ئالدىراش-تىنەش ناشتىلىق تەييارلاۋاتقاندا چاچىلىرى پاخپايدىغان ،ئوخلاش كىيمى لەپپەڭشىپ تۇرغان ،ساپما كەشنى شىپىلدىتىپ يۈرگەن كۆزلىرىدىن تېخى ئۇيقۇ كەتمىگەن ھالەتتە ئېرىنىڭ ئالدىدا ھازىر بولوپ تۇرىدۇ ،ئىرىنىڭ ھەر كۈنى دىگۇدەك كۆرۈپ تۇرىدىغىنى ئايالىنىڭ مانا مۇشۇنداق <<كۆزگە سىغمايدىغان <<سىماسىدىن ئىبارەت،

رېئاللىتىكى ئائىلە تۇرمۇشى كۇندە دېگۇدەك بىر خىل قىلىپتا بىر خىل رىتىمدا ئۆتىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن ئاياللارمۇ ئېرىنىڭ كۆزىگە ھامان ئادەتتىكىدەك كۆرىنىدۇ ،ئۇنداقتا ھەر كونى ئەتىگەندە شېرىن سۆزلىرى بىلەن تاتلىق تەبەسسۇم قىلىدىغان ،گۇزەل جامالى بىلەن يۇرەكنى ئوينىدىتىغان جەزبىدار ئاياللار پەقەت ئىلانلاردىلا كۆرىنىدۇ .

ئاياللار مەيلى باشقىلارنىڭ كۆزىگە قانچىلىك نازاكەتلىك كۆرۇنسۇن ،ئېرىنىڭ كۆزىگە ھامان ئۆيىدىكى ھالىتىدىكلا كۆرىنىدۇ ،شۇڭا ئەرلەر ھەمىشە ئۆز نەزىرىدىكى نازاكەتلىك ساھىپجاماللاردىن مەڭگۇ ئۇز ئۆيىدە پەيدا بولمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ .ئەمما ئۇلار شۇنى ئۆيلىمايدىكى ئاشۇ لىۋەن نازىنلارنىڭ ئۆيگە قايتىپ گىرىملىرىنى يۇيىۋەتكەندىن كىيىنكى ھالىتى بىلەن ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ تۇرقى ئەمىلىيەتتە ئوخشاش .

ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارلىشىغا قارىغاندا ،بۇرۇن دىئاننا بىلەن چارلىزنىڭ ھۇجىرىسى ئايرىقلىق ئكەن،دىئاننا ھەر كۈنى پەرداز قىلىپ ئۆزىنى تۇزەپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن چارلىز بىلەن كۆرشىىدىكەن مۇشۇنداق قىلغاچقىلا ئۇ چارلىزنىڭ قەلبىدىكى گۇزەل سىماسىنى ساقلاپ قالغانكەن .

بىر ئايال ھەر قانچە گۇزەل بولسىمۇ ،باشقىلارنىڭ كۆزىگە كۈندە ئۇنداق كۆرۈنىۋەرمەيدۇ ،ئوخشاشلا ئەر -خوتۇننىڭ ھىسياتى ئەگەر بىر خىل قىلىپتا داۋاملىشىۋەرسە مۇھەببەتمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ سۇسلىشىپ ،ئەرنىڭ نەزىرى ھەر تەرەپكە تىكىلىشكە باشلايدۇ ،بۇنىڭ بىلەن گۇزەللىك ئايالىدىن بارغانسىرى يىراقلىشىدۇ ،بۇ مەنىدىن ئىيتقاندا ئاياللارنى بارغانسىرى چىرايىدىن ئەڭ >>كەتتۈرۈۋېتىدىغنى <<ھەرگىزمۇ ۋاقىت بولماستىن بەلكى ئەرنىڭ كۆڭلىنىڭ بىر يەردە بولماسلىقىدۇر.

مۇھەببەت ئىلكىدە تۇرۋاتقان ئاياللار خوددى ئىچىلغان گۈلگە ئوخشايدۇ ئۇلار ئەڭ گۇزەل پەيتىلىرىدە سەۋىر-تاقەت بىلەن كۆڭلىدىكى ئادىمىنى ساقلايدۇ ئەمما ،كۆڭلىدىكى ئادىمى پەيدا بولوپ نەزىرىنى سالماي كىتىپ قالسا ئۇ ھالدا قەلبى توزىغان گۈل بەرگىدەك پارا-پارا بولوپ كېتىدۇ ،شۇڭا ئەرلەر ھەر بىر يىل،ھەر بىر ئاي ،ھەر بىر كۈندە   ئايالىنىڭ گۇزەللىكى ۋە لاتاپىتىدىن ھۇزۇرلىنشى ،بۇلوپمۇ ئۇلارنىڭ گىرىم قىلمىغاندىكى ئەسلىي ھالىتىدىن ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇش كىرەك،مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاياللار ئېرىنىڭ قەلبىدىكى جەلىپكارلىقنىڭ ئاجىزلاشمىغانلىقنى ھېس قىلىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇننىڭ يالقۇنلوق ھىسسسياتى ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ.

مەنبە:ھاياتلىق ژۇرنىلى .(تەرجىمە قىلغۇچى سەمەر قاسىم)

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 15:16:55

ئايالىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىڭ ، ۋۇ قېلىن \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 16:11:36

ئايالى يوقلىچۇ قاسساپتەك ،مەندەك يەنە باشقا بويتاقلار نىمدىن ھۇزىرلىنمىز  {:92:}

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 16:30:07

دەھشەت ماقالە بوپتۇ بۇ

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 16:34:13

3- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئايالى يوقلىچۇ قاسساپتەك ،مەندەك يەنە باشقا بويتاقلار نىمدىن ھۇزىرلىنمىز \"\"



ئىتتىكرەك بولمامسىلە، مەندەك \"\"\"\"

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 17:03:10

بويتاق گۇيلار

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 17:14:17

ئايالى يوقلار شۆمشىيىپ تۇماي ئۆيلىنىۋېلىڭلار............يوق دەپ ..........................ماي

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 17:16:15

ئاللاھ خالىسا بۇرۇنقىدىن ئاز قالدى  {:92:}

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 18:14:53

مەنغۇ ھۇزۇرلىنىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان بولمىسا  {:90:}   {:90:}   {:90:}  ،يىل ئاخىرسىدا قېلىن گەپ قىلمىساڭلار بولمامدا،قېلىن گۇيلار \"\" \"\" \"\"

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 18:24:32

ھەي... ما باللانى، كىچىكلەرنى ئالدىراتماڭلار، ئا ب س نى ياخشى ئۈگەنسۇن.


توي قىلىپ بۇپ بىلىمگە ئىنتىلىش تەس، سىنىڭ ئىدىيەڭگە خۇتۇننىڭ ئىدىيسى، ئەتە- ئۆگۈن بالاڭنى يىغىسى قۇشۇلىدىغان گەپ.


مۇشۇ سەت گەپ قىلىۋاتقانلار ئاسان ئازىدىغان بەندىلەر، ئۇ باللاغا گەپ قىلغان بىكار داۋانچى...

qodaylar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 19:29:59

ئايالى يوقلار شۆمشىيىپ تۇماي ئۆيلىنىۋېلىڭلار \"\"

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 20:03:33

ئاز قالدى ئاز  \"\"

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 21:59:00

ماۋزۇ نۇرغۇن بوياقئاشتىلارنى تاتىپ چىقىپتۇ  {:92:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 23:32:28

نىمدا ماز ماۋزۇ بۇ \"\"

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 13:25:49

دىمىسىمۇ بىرخىل كەن ماۋزۇسى \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 14:59:20

بىرخىل پەيزىمىكەن \"\"

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 19:57:01

بويتاقلار، بويتاقلار دەۋېرىشمىگىنە، شۇ ياستۇقۇمنىڭ يېرىمى ئارتۇق بىلىنگەندىن باشقا، توي قىلمايمۇ بىرەر نەرسەم كەمدەك ھېس قىلماي ياشاۋاتىمەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 20:03:14

17- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بويتاقلار، بويتاقلار دەۋېرىشمىگىنە، شۇ ياستۇقۇمنىڭ يېرىمى ئارتۇق بىلىنمىگەندىن باشقا، توي قىلمايمۇ بىرەر نەرسەم كەمدەك ھېس قىلماي ياشاۋاتىمەن.



ئۇنداقتا تىۋىپقا تومۇر تۇتقۇزۇپ بېقىڭ

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 20:20:26

18- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

17- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بويتاقلار، بويتاقلار دەۋېرىشمىگىنە، شۇ ياستۇقۇمنىڭ يېرىمى ئارتۇق بىلىنمىگەندىن باشقا، توي قىلمايمۇ بىرەر نەرسەم كەمدەك ھېس قىلماي ياشاۋاتىمەن.




ئۇنداقتا تىۋىپقا تومۇر تۇتقۇزۇپ بېقىڭ


چاقچاق قىلماڭلىيا. تېۋىپ ياستۇقۇڭنىڭ يېرىمى يەنە بىر ئادەمنىڭ دەيدۇ شۇ. ..




بەت: [1] 2
: ئايالىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىڭ . [تەرجىمە]