75Urumqi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 19:30:56

كېتىشلەر پەسلى

‏كېتىشلەر پەسلى

-جان يۈجەل ( تۈركىيە)


بۇ كۈنلەردە ھەممە ئادەم كېتىشنىڭ كويىدا،

كىچىك ، چەت بىر ساھىلغا،

باشقا دۆلەتكە، تاغلارغا، ئۇزاقلارغا...


ھاياتىدىن مەمنۇن بولغان ھېچكىم يوق.

كىم بىلەن پاراڭلاشسام يەنىلا شۇ گەپ...

ھەممە نەرسىنى،

ھەممەيلەننى تاشلاپ كېتىش ئىستىكى.


ئۇنداق « يېنىغا ئېلىۋالىدىغان ئۈچ نەرسە» ۋاھاكازالار يوق.

ئۆزى يالغۇزلا.

ئەسلىدە بۇمۇ يېتەرلىك،

ھەممە نەرسىنى،ھەممەيلەننى ئېلىپ ماڭغانلىقتۇربۇ.

كاشكى، ئۆزىنى تاشلاپ كېتەلىسە ئىنسان.

لېكىن قاملاشمايۋاتسا شۇ.


ئۆزىمىز كەتتۇقمۇ دەيلى، باشقىلارچۇ؟

ھەممە نەرسىىنى،

ھەممەيلەننى تاشلاپ كېتىشكە كۆز قىيامدۇ؟

مۇشۇنداق كېتىپ بارىمىز،

بىر يېنىمىز « قوپ، كېتەيلى»

يەنە بىر يېنىمىز«جىم ئولتۇر» دەيدۇ.

« جىم ئولتۇر» دېگەن تەرەپ ھەمىشە يېڭىدۇ.

يەنە بىر تەرەپ كۆپ سانلىق چۈنكى...

ئىش-ئوقەت، مەسئۇلىيەت، بالا-چاقا، ئائىلە،

بىخەتەرلىك تۇيغۇسى...

ئەڭ يامىنى كۆنۈپ قالغانلىق.

كۆنۈپ قېلىش ئاتا قىلغان راھەتلىك

بىر خىللا ھاياتنىڭ زېرىكىشلىكىنى يېڭىپ تاشلايدۇ.

قېلىۋاتىمىز...

قۇشتەك ئۇچۇپ كېتەيلى دېگەنچە،

دەرەختەك يىلتىز تارتىۋاتىمىز.


ئۆيلىنىشلەر...

يەنە بىر بالىنىڭ تۇغۇلىشى...

قەرز بولۇپ قېلىشلار...

سودىنى كېڭەيتىشلەر...

باققان كۈچۈكلەر چېغىدا باھانە بولماقتا.


مەسىلەن مەن...

ھويلامدىكى كۈچۈكنى تاشلاپ كېتەلمەيۋاتىمەن،

دېمەيلا قوي، بۇ شەھەردىن كۆچۈپ كېتىشنى،

ئىككى كوچا نېرىسىغا كۆچەلمەيۋاتىمەن...

« بوينۇم قىلدا باغلاقلىق» دېگەن گەپ بار،

شۇنداق، ھەممىمىزنىڭ بوينى قىلدا باغلاقلىق،

ئۆز مەھسۇلاتىمىز بولغان قىللاردا.


مۇنداقلا ياشىغىلى بولماس، بۇ دۇنيادا

ئۆلۈم بار چۈنكى.

ئۆلۈم بىلەن قېرىشىپ ياشاش لازىم،

قېرىشىپ تۇرۇپ يىلتىز تارتىش لازىم.


ھېچبولمىسا دەيمەن،

‏كىچىك قېچىشلار مۈمكىن بولسا

ئۇنداق قىلالىغانلارغۇ بار، لېكىن جىق ئەمەس

زۇۋۇلىسى چوڭ ئۈزۈلگەنلەر.

ھەممەيلەن قاچالىساق دەيمەن...

كىرىم-چىقىم، زامان، كەيپ تەڭشىلىپ تۇرسا

مەسىلەن، بىر كۈن ئىچىدە...

كىچىك-كىچىك كېتىشلەرنى روياپقا چىقىرالىساق...


قانداق مۈمكىن بولسۇن.

ئەتىگەن سائەت 9، ئاخشام 18

ئاندىن باشقا مەجبۇرىيەتلەر

كەپلىشىپلا قالدۇق،

پەقەت ۋە پەقەت يېيىش، ئىچىش، جان بېقىشنىڭ بەدىلى

بۇنچىلىك ئېغىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى...

ھايات قالالىشىمىز ئۈچۈنلا بىر ئۆمرىمىزنى بېرىۋاتىمىز.

بىر ئۆمۈرگە تېگىشكىنىمىز، بىر ئۆمۈرگە!

قاملاشمىغان...

باھارمىدۇر بىزنى بۇ ھالغا كەلتۈرگەن؟

بەلكىم.


مەن ھەر باھاردا ئاشىق بولمايمەن، لېكىن

ھەر باھاردا كەتمەك ئىستەيمەن.

ھېچ كېتىپ باقالمىدىم

لېكىن، مەيلىلا

ئىستەشمۇ گۈزەل…

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 11:47:34

بەك پەيزى

hakikatqi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 12:40:13

كەچۈرۈڭلار-ھە ئەسلى سالام ھايات دىگەن شېئىردا ئىكەن.

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 17:07:12

بەلەن
بەت: [1]
: كېتىشلەر پەسلى