tawpik يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 14:05:08

روسىيەدىكى‹‹سىز ئويلاپ باقمىغان بەش ئىش››

روسىيە پىرېزېنتى پۇتىن ‹‹ھەقىقەت گېزىتى››گە بېسىلغان بىر نۇتقىدا : پۇقرالارنىڭ ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى،سالامەتلىك ھوقۇقى ۋە بىلىم ئېلىش ھوقۇقلىرىنى فىشكا قلىپ ئىختىساتقا تۈرتكە قىلىۋالىدىغان ھاكىمىيەت شۈبھىسىزكى ئۇ ۋىجدانسىز ھاكىمىيەتتۇر، خەلىق ئۈچۈن ھەقىقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەكچى بولغان ھۆكۈمەت يۇقۇرىدىكى 3نەرسىنى  قۇياش نۇرى، ھاۋا ۋە سۇغا ئۆخشاش ئۆز خەلقىغە ئاتا قىلىشى كېرەك. بىر دۆلەت  كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى يۇتۇپ كېتىشىدەك‹‹ ھايۋاناتلار دۇنياسى››غا ئايلىنىپ قالماسلىقى ؛ بىرلىرىنىڭ نەچچە ئون يۈرۈش ئۆيى،بىرلىرىنىڭ ئولتۇرغۇدەك جايىمۇ بولماسلىق، ھەقىقىتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەرنىڭ يۈزىنى قويغۇدەك يېرى قالمايدۇ. چۈنكى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى سىياسى مەسىلە بولۇپ، ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. بىر دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەدەنىيىتى بايلارنىڭ يەنە باي بولىۋاتقانلىقى، ئىختىساتنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتلىق سان-سىفىرلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى  ئاجىز پۇقرالار توپىغا  قىلىۋاتقان غەمخورلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

روسىيەدىكى ‹‹سىز ئويلاپ باقمىغان بەش ئىش››

‹‹سىز ئويلاپ باقمىغان بەش ئىش››نىڭ بىرىنجىسى: تۇرار جاي ھەقسىزبولۇش؛ روسىيە ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراق جايىغا ھەق ئېلىنمايدۇ؛كىشى بېشىغا ئوتۇرا ھىساپ بىلەن 18كۇۋادىرات مېتىردىن تۆۋەن قىسمى شەخسكە ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ. 18كۇۋادىرات مېتىردىن يۇقۇرى قىسمى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ئاز پۇل ئېلىنىدۇ.

سىز ئويلاپ باقمىغان ئىكىنجى بىر ئىش : سۇ ئىشلىتىشتىمۇ سۇ سائىتى ئىشلىتىلمەيدۇ. كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان تۇرۇبا سۈيى، ئىسسىق سۇ(كېچە-كۈندۈز تەمىنلىنىدۇ) پار بېرىش ئەزەلدىن ھەقسىز بولۇپ،سائەتسىز بىۋاستە تەمىنلىنىپ كېلىنگەن.

سىز ئويلىمىغان ئۈچۈنجى بىر ئىش:  ئوپىراتسىيە قىلىش ھەقسىز،بالنىستتا يېتىش ھەقسىز ،داۋالاش ھەقسىز، بىردىن-بىر ھەق ئېلىنىدىغىنى پەقەت دورا ھەققى . مەيلى سىز روسىيەلىك بولۇڭ-بولماڭ،پەقەت روسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ھەر قانداق  بىر ئادەم ناۋادا ئاغرىپ قالىدىكەن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى سىزنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاشنى باشلايدۇ.

سىز ئويلىمىغان تۆتىنجى  بىر ئىش: ئوقۇش بىردەك ھەقسىزبولۇپلا قالماي يەنە تولۇقما بېرىدۇ:  دەرسلىكلەرنى مەكتەپ ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، بارلىق مەكتەپلەر  بىردەك ھەقسىز بولۇپ، مول، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى بولغان ئەتىگەنلىك ،چۈشلۈك تاماق بىلەن تەمىنلىنلەيدۇ.  ناۋادا بۇ ئىش ئىدىيىڭىزدىن ئۆتمەي،بىرەر روس ئاھالىسىدىن سوراپ قالسىڭىز ئۇلار:  يەنە بىر ‹‹سىز ئويلاپ باقمىغان  سوئال››نى سورايدۇ:‹‹ بالىلارغا مەكتەپ تاماق بەرمىسە، ئۇلار نەدىن تاماق يەيدۇ؟››

سىز ئويلاپ باقمىغان بەشىنچى بىر ئىش:‹‹ ئىشتىن قالدۇرۇلۇش تەستىقلىنىشى كېرەك››  

ئىشتىن قالغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كونتۇرۇل قىلىش ئۈچۈن روسىيە ھۆكۈمىتى ئىشتىن بوشىتىشقا قارىتا بەلگىلىمە چىقاردى؛ ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلار كېلىشىم ئىمزالاشتىن 3 ئاي ئىلگىرى دۆلەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورگىنىغا ئىلتىماس سۇنۇپ تەستىق ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشتىن بوشىتىلىدۇ... باشقىلارنىڭ دائىم روسلارنى ئوچۇق-يورۇق، ئۈمۈتۋار،قەتئى دەيدىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. بۇ مېنىڭچە روسلارنىڭ مۇتلەق ئۆزىگە خاس خەرەكتىرىمۇ ئەمەس. قېنى ئېيتىپ بېقىڭچۇ ؛ سىز يۇقارقىدەك مەئىشەتلىك ھايات كەچۈرسىڭز يەنىلا  بىئارام بولارسىزمۇ؟ . دىگەن.



مەنبە:http://blog.ifeng.com/article/27628473.html

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 13:05:21

روسىيە چۈشى كۆرسۈن دەپتۇدە بىزلەرنى. \"\"

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 16:37:56

بۇ روسلار ئۆزلىرى ياخشى قىلىۋاپتۇ جۇما ئىشلىرىنى

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 17:11:17

روسچاقلار

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 17:37:31

خەت شەكلىنى ئوڭشاپ قويساڭلارا  {:107:}

beliver يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 18:38:18

گۈزەل روس قىزلىرى ساماندەك \"\"

uqkun28 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 19:12:15

پۇتىنىڭ ئاتالمىش دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان نۇتىقى مۇشۇ ئىكەندە، ئەگەر بۇ مىس كاللا قۇرۇق شۇئار توۋلىمىغانلا بولسا روسلار ئۈچۈن \"\" زۇڭتۇڭ بولغۇدەك

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 14:00:28

پۇقرالارنىڭ ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى، سالامەتلىك ھوقۇقى ۋە بىلىم ئېلىش ھوقۇقلىرىنى فىشكا قلىپ ئىختىساتقا تۈرتكە قىلىۋالىدىغان ھاكىمىيەت شۈبھىسىزكى ئۇ ۋىجدانسىز ھاكىمىيەتتۇر، خەلىق ئۈچۈن ھەقىقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەكچى بولغان ھۆكۈمەت يۇقۇرىدىكى 3نەرسىنى قۇياش نۇرى، ھاۋا ۋە سۇغا ئۆخشاش ئۆز خەلقىغە ئاتا قىلىشى كېرەك. بىر دۆلەت كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى يۇتۇپ كېتىشىدەك ‹‹ ھايۋاناتلار دۇنياسى››غا ئايلىنىپ قالماسلىقى ؛ بىرلىرىنىڭ نەچچە ئون يۈرۈش ئۆيى، بىرلىرىنىڭ ئولتۇرغۇدەك جايىمۇ بولماسلىق، ھەقىقىتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەرنىڭ يۈزىنى قويغۇدەك يېرى قالمايدۇ. چۈنكى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى سىياسى مەسىلە بولۇپ، ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.





توۋا قىلدىم، توۋا. ماۋۇ پوتىننىڭ كادىرلىرى پۇقرانىڭ ئۆي چېقىشىغا ياردەم قىلمامدىغاندۇ؟ دوختۇرخانىللىرىدا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئالتۇن چىشلىق ئىتلىرى يوقمىدۇ؟ خوشنا قولۇملىرىنى يۈزىنى قويمىغىدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان دېسە بولامدۇ.پارلاق باشلارنىڭ چىرايلىق كۆرىنىدىغىنىمۇ باركەن-دە؟
بەت: [1]
: روسىيەدىكى‹‹سىز ئويلاپ باقمىغان بەش ئىش››