tawpik يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 13:58:05

بەش يېرىم يۇلتۇزلۇق يۇمۇر



ئەڭ يېڭى تىراگىدىيە(قىزىقارلىق ئىجادىيەت )          ئەيسا: باي ئاچا بىزگە رەھىم قىلىىپ ئاپامنى قۇيۇپ بەرسىلىرى

ئايپاتەم: ئاپاڭنى قۇيۇپ بەرمەيمەن دىمىدىمغۇ ئەيساجان .پەقەت مىنى ئەمرىڭگە ئالساڭ ئاپاڭنى قۇيۇپ بەرگەندىن سىرت ئۆزەمگە قېينانا قىىلىمەن ئەمەسمۇ ـ

   ئەيسا: ئادەمنى خىجىل قىلمىسىلا خان ئاچا مەن كىچىكىمدىن ئالدىلىرىدا ئويناپ چوڭ بولغان ـ   

ئايپاتەم : ھەي بىغەرەز كۆتەك كاللا مەن سىنى شۇ ئالدىمدا يوقسوللۇقتاچوڭ بولغان يىتىم بالا ئىدى ئاپىسىدىن كىيىن قالسا ئاش تامىقىنى كىيىم كېچەكلىرىنى تەل قىلىپ ئۆزەمگە ئەر قىلىپ غەمدىن خالاس قىلاي دەۋاتىمەنغۇ ـ

   ئەيسا: باي خان ئاچا ھېلىمۇ نەچچە ئون قېتىملاپ ئەرگە تىگىپ نەچچىسىنى ئۆلتۇرۈپ نەچچىسى بىلەن ئاجرىشىپ بولدىلا ـ قېرىپمۇ قالدىلا بۇ ئويلىرىدىن يانسىلا ـ   

ئايپاتەم:كەم ئەقىللىق قىلىۋاتىسەندە ئەيساجان ئۆزەم قېرىپ قالغىنىم بىلەن نەچچە مىليۇن پۇللىرىم بار نەچچە يەردە ئىگز بىنارىم بار سەن ھەيدىسەڭ يارىشىدىغان مىرسىدىس ـباۋما ـفارادى ماشىنلىرىم بار ئاۋۇ ماشىنلارنى ھەيدەپ كەلگەن كىمۇ دىسە ئايپاتەم باينىڭ 11 - قېتىم تەككەن ئېرى ئەيسا باي دىيىشىدۇ ئەمەسمۇ ـ

ئەيسا:ئايپاتەمبايئاچا مەن بۇنىڭغا قەتئى قۇشۇلالمايمەن بولمىسا ۋېيشىندا تۇنۇشۇپ قالغان مەبىتىمگە نىمە دەيمەن ئۇنىڭغا قانداق يۈز كىلەلەيمەن ـ

ئايپاتەم: ئۇنداقتا ئاپاڭ ئېلۋالغان ئالماس كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈكۈمنىڭ بەدىلى ئۈچۈن نەچچە يىل تۈرمىدە ياتىدۇ ـ

ئەيسا:ئاپام يىگىرمە نەچچە يىل ئۆيلىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلدى ـئادەمگە ئونداق ئۇۋال قىلمىسىلا ئاپام ئۈزۈكلىرىنى ئېلۋالماپتۇ كىرلىرىنى يۇيغاندا يۇندا بىلەن بىلەن شاشۈيدودا ئېقىپ كىتىپتۇ ـ

ئايپاتەم : ئۈزۈك ئېقىپ كەتكەن بولسا نىمىشقا ئاپاڭنىڭ چىشلىرى ئالتۇندىن بۇلوپ ۋالىلداپ پاقىراپ كىتىدۇ؟

ئەيسا:ئۇۋال قىلدىلا   

ئايپاتەم:بولدى بەس باۋئەنلەر ماۋۇ ھۆرمىتىنى قىلغاننى بىلمەيدىغان قەلەندەر پەسنى   قوغلاپ چىقىرىڭلار ـ ئۆزەمگە ئەر قىلاي دىسەم نىمە ھال بۇنىڭغا ـ










يىگىت: قەدىرلىكىم سىز ‏ئۈچۈن جىنىم پىدا!!ماقۇللا دىسىڭىز ھازىرنىڭ ‏ئۆزىدە ‏‏ئاسماندىكى ‏ئاينى ‏ئۈزۈپ تاج قىلىپ بېرىمەن!يۇلتۇزدىن زۇننار ياساپ بوينىڭىزغا ‏ئاسىمەن!!!         

قىز:بولدىلا !‏ئۇنچە كۈچەپ كەتمەڭ,ماڭا پەقەت ‏ئۈندىدارىڭىزنىڭ مەخپىي نومۇرىنىلا دەپ بەرسىڭىز بولدى.قانداق؟         

يىگىت: ‏يا ‏ئاللا جىنىم. ئەقىلگە سىغقۇدەك مەن قىلالىغۇدك تەلەپلەرنى قويسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن!!!داۋاملىق مۇشۇنداق تەتۈر قىينايسېز!








بىرسى دوستىدىن سوراپتۇ.

سىنىڭرەقىبىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتسە لېكىن ئۇ سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسە سەن بىلسەڭ ئۇ چاغدا قانداق قىلىسەن؟

ــ دەرھا للا سۇغا سەكرەپ ئەتراپىدا ئۈزۈپ ئوينايمەن.




ېرىم كېچىدە ساقچى ئېدارىسىگە تىلغۇن كەپتۇ:          -ۋەي،ساقچى ئېدارىسىما؟مەن دېلو مەلۇم قىلماقچىدىم.مەن كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىدىن چىقىپ قارىسام،ماشىنامنىڭ رولى،تورمۇزى،ماي تەپكۈچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ.          -بولىدۇ،بىز ھازىرلا نەق مەيدانغا بارىمىز.          نۆۋەتچى ساقچى تېلېفوننى قويۇپ،دىلو يۈ بەرگەن نەق مەيدانغا ماڭاي دەپ تۇرسا،تېلېفون يەنە جىرىڭلاپتۇ:          -ۋەي،ساقچى ئىدارىسىما؟مەن ھېلى دېلو مەلۇم قىلغان ئادەم،ئەمدى نەق مەيدانغا كېلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى قالمىدى


،ئابىيەم جىقراق ئىچىپ قويغاچقا،ماشىنامنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا چىقىۋاپتىكەنمەن،ھازىر ماشىنامنىڭ رولى بىلەن تورمۇزىنى تېپىۋالدىم.:





سۇ‏ئال : كادىر دىگەن نىمە؟

جاۋاپ :يانچۇقتىكى كا (卡)غا كىرىدىغان پۇلنىڭ ‏ئازلىغىدىن دىررر   دىررر   دىرررر   قىلىپ تىتىرەپ تۇرىدىغان كىشىلەرنى كا+دىر دەيمىز...








سۇ‏ئال : كادىر دىگەن نىمە؟

جاۋاپ :يانچۇقتىكى كا (卡)غا كىرىدىغان پۇلنىڭ ‏ئازلىغىدىن دىررر   دىررر   دىرررر   قىلىپ تىتىرەپ تۇرىدىغان كىشىلەرنى كا+دىر دەيمىز...

بىر پاشا خەنزۇ يولداشنىڭ يۈزىگە قونۇپتىكەن، بىرقازاق ئۇنىڭ يۈزىگە بىرنى ئۇرۇپ:          - ماسا(骂啥)!-دىسە، خەنزۇ يولداش يۈزىنى تۇتۇپ:          - مەن ھىچكىمنى تىللىمىدىمغۇ؟ - دەپ تۇرىشغا، يەنە بىر تال پاشا كىلىپ يەنە بىر يۇزىگە قونۇپتىكەن. بىر ئۇيغۇرئۇنىڭيۈزىگە بىرنى ئۇرۇپ:          - پاشا (趴下)!- دەپتىكەن. خەنزۇ يولداش ئىككى يۈزىنى تۇتۇپ،يىغلاپ تۇرۇپ:          - ۋاي، تىزلانساممۇ تىزلىناي!مىنى ئەمدى ئۇرماڭلار - دىگۈدەك.








ئۇيغۇر تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى

( 听力理解ئاڭلاپ چۈشىنىش )

‏‏ھاشىم:ئىدىش،نىم قىۋاتىسلەر؟

ئۆمەر:ياتقىلى قوپقان

سوئال:ئۆمەر ياتامدۇ ياكى قوپامدۇ؟








ئىچىڭلار پۇشمىغىلى ئۇزۇن بولغاندۇ……



يەنە شۇ تۇرمۇشتا



1.نەم ئىشتاننى كىيىشتىن قورقماڭ،ئىتتىكرەك ماڭسىڭىز قۇرۇپ قالىدۇ.



2.ياخشى ئادەم گەپ توشىمايدۇ،سېمىز ئادەمگە پىدەي توشىمايدۇ.



3.توۋا،باشلانغۇچ،ئوتتۇرامەكتەپ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالدىۋەتكەن باھانىلار،ئاياللىرىمىزنى ئالدىيالمايدۇ دىسە……



4.كۆكتات دۇكىنىغا كىرىپ “ھەدە،ماۋۇ پالەك نەچچە پۇل ”دەپ سورىسام،دۇكاندار“ئۇف ……ئۇكام ئۇمەن كەچتە قېشىمغا قويارمەن ئەكىرگەن ئوسمىتى،پالەك ئاۋۇ يەردە……”دىدى……



5.نەششىكەش بىر سى مەملىكەت خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ،كىچىچە كۈلۈپ چىقىپتۇ……



6.شەنبە كۈنى ئۆيدە,ئايالىمغا كاۋاپ قورۇپ يەيلى دەپ چقىپ ئايلىنىپ كىرسەم،ئايالىم گۆشلەرنى زىققا ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرۇپتۇ……



7.ناۋايخانىنىڭ ئالدىغا تىزىۋەتكەن ھەرخىل ھەرياڭزا نانلارنى كۆرۈپ،ئۈچ تۆتنى ئېپ ماڭاي دەپ ناۋايدىن سورىدۇم“ئۇستام،نان بارمۇ؟”……



8.نىمە كۈلىسىلەر،ئوسمىنى قاشنى قويۇق قىلىدۇ دەپ سۈركىسە بولىدۇيۇ،مەن بۇرۇتۇمنى قويۇق قىلاي دىسەم بولمامدا؟؟



9.-دادا ،توي قىلاي دىگەنتىم

-كىم ئۇ؟

-شۇنداق ياخشى بالا،بويلىرى ئىگىز،بەستلىك،بۇرۇتلىرى شۇنداق ياراشقان،سودىگەر بالا……

-بولدى ئوغلۇم،بۇنداق خىيالدا بولما……



10.شوپۇر ئۇستام،ماشىنىنى بەك تېز ھەيدىمەڭ،يولدىشىم كەينىمىزدىن قوغلاپ يىتىشەلمەيۋاتىدۇ……



11.يىگىت،ھاياتلىق ئادەمگە بىرلا قېتىم كېلىدۇ،ھاياتلىقنى قەدىرلەڭ،ئۇنى قەدىرسىز قىلماڭ،شۇڭا…………ئاپتۇبۇسنى توختاتسىڭىز،بىشىم ئىچىدە،بەدەنىم سىرتىدا،بىر بىكەت بولدى مەن يۈگۈرەۋاتقىلى……



12.مۇلازىم،ماڭا مەھمۇد چايلىرى ئەكىلىپ بېرىڭ دىسەم،ھەجەپ بەتتام بىرنىمە ئەكىلىپسىزغۇ؟

ئاكا،بۇ چاي راست مەن دەملىگەن……

بۇنىمە گەپ؟

ئىسمىم مەھمۇد……



13.شەھەر ئاھالىسىنىڭ تەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،شەھەر ئاممىسىنىڭ بەدىنىنى چىنىقتۇرۇش ئۈچۈن،شەھىرىمىزگە يىرتقۇچ رەھىمسىز ھايۋاندىن 100نى قويۇپ بېرىشنى پىلانلىدۇق.



14.ئەكىلىڭە ئۇكام،ئىستاكانىڭىزغا ناۋات سېپ قوياي

-بولدى رەھمەت ھەدە،بولدى……

-ۋوي ناۋات دىگەن پايدا قىلىدۇ……ئەكىلىڭە…

-بىلىمەن،بىراق مىنىڭ ئىچىۋاتقىنىم جۇڭيىچە دورىتى……

-ھە راست ھە……



15.ساۋاقداشلار،يۇقىرىدا سۆزلىگەن مەزمۇنلارنى يىغىنچاقلىغاندا پەقەت ئىككىلا خەت:قۇرۇق گەپ!



16.قاسىم،دەپ باقە،ئاتائانىلار يىغىنىغا كەلگەن ئادەم نىمەڭ بولىدۇ؟

-دادام!

-ئۇنداق بولسا،ئالدىنقى كەلگەن قاسساپ ئادەمنىمۇ دادام دىگەنتىڭغۇ؟

-شۇنداق……

-ھەي بۇ جەمئىيەتنىزە……



17.توۋا،مەن شۇنچىلىك سەتمۇ……،مەن تۇغۇلغاندا دوختۇرخاندىكى تۇغۇت دوختۇرى نەچچە كۈن ھوشىغا كەلمەپتۇ ناھايىتى شۇ……



18.ئانا بالىنى ئۆزىگە ئوخشاش بۈدۈرچاچ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى،دادا بالىنى ئۆزىگە ئوخشاش بەستلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى……نەتىجىدە بالا قوشنىسىدەك پاكار قارامۇتۇق چوڭ بولدى……



19.ئايالىنىڭ ئۈستى بىشىنىڭ توپا بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ “يەنە مۇشتلىشىپسىزدە”دىدى يولدىشى چىنە قاچىلارنى يۇيغاچ……



20.بۇ دورىنىڭ ئۈنۈمى شۇ كىن،بىر تابلىتكا يەپ،ئاندىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانسىڭىز،كىسىلىڭىزگە داۋا بولىدۇ……



21.بۇرۇن يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغان ۋاقلاردا،چوڭلار سامساقنى يىپقا ئۆتكۈزۈپ بوينىمىزغا ئېسىپ قوياتتى،ھازىر ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇدە،چۈنكى سامساق بەك قىممەت!



22.ئاھ قەدىردان ئانا،سىزنى بەكمۇ سېغىندىم،بىزكۆرۈشمىگىلى شۇنداق ئۇزۇن بولدى،سىزنى بەك بەك سېغىندىم،ئەگەر ئايالىم ئۆڭۈپ،يامانلاپ،رەنجىپ كەتمىگەن بولسا،يىنىڭىزغا ئۇچۇپ بارغۇم باتى،بوپتۇ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!



23.پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە ،بانكىغا ساختا پۇل قويسىڭىز،ئۆسىمى ئاستا چىقىدىكەن.



24.تەبەسسۇم تىلىۋىزرىنى مۇسۇلمانچە ئەمەسكەن ،ۋاقىپ بولغايسىلەر!



سىلەر ئەمەس، ئۆزەممۇ جاق تويدۇم،ئەمدى راستمىي يازمايمەن!



پارول






RaZiL17 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 10:41:08

خە خە خە...مۇشۇ پارول يۇمۇرلىرنىزە .. قالتىس يىزىپ قويۇپتىغۇ مانى ... \"\"{:92:}



5.نەششىكەش بىر سى مەملىكەت خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ،كىچىچە كۈلۈپ چىقىپتۇ……

7.ناۋايخانىنىڭ ئالدىغا تىزىۋەتكەن ھەرخىل ھەرياڭزا نانلارنى كۆرۈپ،ئۈچ تۆتنى ئېپ ماڭاي دەپ ناۋايدىن سورىدۇم“ئۇستام،نان بارمۇ؟”



ئالامەت .. \"\" \"\"

Bagwell يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 10:53:02

5يۇلتۇز ئېلىۋېتىپ يېرىمى قالسۇن

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 11:01:27

ئابزاسلىرىنى رەتلەپمۇ بىر يوللىغىلىقمۇ ھە

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 14:31:00

چۈشنىپ بولغۇچە تۈگەپ بوپتۇ
بەت: [1]
: بەش يېرىم يۇلتۇزلۇق يۇمۇر