tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-26 21:14:53

بەش يۇلتۇزلۇق يۇمۇر

ئەسسالامۇئەلەيكۇم……
ئۇنى بۇنى دەپ ئۆزەمگە ئۆچمۇ قىپ بولدۇم سىلەرنى…
بىژدەم مەدداھلىق قىپ بەقمايلىما……
ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر مۇھىم ژانىرى بولغان مەدداھلىق يوقاپ كىتەي دەۋاتىدۇ……بۇنداق بولمىسا بولاتتى……
شۇڭا،مەن بىر مەدداھلىق قىلاي……ھەي ھەي،سەت كۈلمە،دەللالىق دىمىدىم،مەدداھلىق دەۋاتىمەن……
پارول
ۋۇسۇڭنىڭ جىڭياڭ داۋىنىدا يولۋاس ئۆلتۈرىشى
ئەسكەرتىش:تىرناق ئىچىدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسى تاماشىبىنلارغا ھېساپ!ماتىماتىكا!ئالگىبىرا!
(ئۇف،بولە پاناق،قۇرۇق گەپ قىلماي)
ئەلقىسسە…
بۇرۇن مۇشۇ ئىچكىردە،ۋۇ فامىلىلىك ئادەمنىڭ ئىككى بالىسى بار نىكەنلەر!ەر!ەر!ەر!ەر!
(ۋاھ،شى ياڭ ياڭنىڭ ئىكەنغۇ ،مەن بەك ئامراق)
ئۇف……بۇ ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن،چوڭىنىڭ ئىسمى دالاڭ،ئوتتۇرانچىسىنىڭ ئىسمى ئەرلاڭ،كىچىكىنىڭ نىمىدۇ؟ دەپ بېقىڭلار چۇ
(سەنلاڭ…… ساراڭ……خۈيتەيلاڭ)
ھەممىڭلارنىڭ خاتا،كىچىكىنىڭ ئىسمى سۇڭ ئىكەن……
(ھەي پاناق،ئىككى ئوغلى دەۋاتاتتىڭغۇ……ئوتتۇرامچىسى نەدىن كەلدى)
ئۆھۈ،چوڭى بىلەن كىچىكى بىر ئانىدىن،ئوتتۇرانچىسى يەنە دادىدىن بولغان ئىكەن……
(يوقلە گۇي،يوق گەپ قىلماي،ھېكايىنىڭ ھەقىقىسىنى سۆزلە)
ۋۇسۇڭ پەلۋان كۆرۈشمىگىلىۈئۇزۇن بولغان ئاكىسى ۋۇدالاڭ بىلەن دىدارلىشىش ئۈچۈن،ياڭگۇ ئايمىقىغا يول ئالدىلەر……
ياڭگۇ ئايمىقىدىكىلەر ۋۇسۇڭ كۆرۈشۈش ئۈچۈن ،جىڭياڭ داۋىنىغا يول ئالدىلەر……
(تولا زاڭلاشماي بولە،تۈز گەپ قىل پاناق)
ماقۇل ماقۇل…
ۋۇسۇڭ ياڭگۇ ئايمىقىغا بېرىش ئۈچۈن جىڭياڭ داېىنىدىن ئۆتۈشكە توغرا كىلەتتى،ئاڭلاشلاردا جىڭياڭ داۋىنىدا ئىككى يولۋاس بار بولۇپ،جىڭياڭ داۋىنىدىن ئۆتكەن نۇرغۇن يولۇچىلارنى يەپ بولغان ئىدى،شۇڭا جىڭياڭ دەۋىنىدىكى خەلقلەر بۇ ئىككى يولۋاسقا ئاتاپ مۇنداق قوشاق توقىۋالغان ئىدىلەر~~
لىياڭجى لاۋۇخۇ
لىياڭ جى لاۋخۇ
پاۋ دى كۈەي ،پاۋدى كۈەي……
(ئان……بولە،ھېلى بىكار يەپ كىتىسەن)
ۋۇسۇڭ جىڭياڭ داۋانىدا كېتىپ بېرىپ،بەكمۇ چاڭقاپ كەتتىلەر،ئۇنىڭ ئىچىدىغان سۈيى تۈگىگەن ئىدى،ئۇ ئەمدى قانداق قىلارىنى بىلمەي تۇرغاندا،ئالدىغا “جىڭياڭ داۋىنى شادلىق مەيخانىسى ”كۆرۈندى،ۋۇسۇڭ ئۇسسۇلۇق قاندۇرۇپ،قورساق تويغۇزۇپ،ئارام ئالىدىغان پىلاننى تۈزۈپ“ياشاپ كەت،بۈگۈن ئىچىلىپ ئولتۇرىمەن”دەپ ۋارقىرىدىلەر……
مەيخانىنىڭ ئىشىكى ھەيۋەت بېزەلگەنىدى،ۋۇسۇڭ كۆڭلىدە مۇشۇ مەيخانىنىڭ ئالدى ئىشىكى بولسا كېرەك دەپ ئىشىكىنى چەكتى:
-تاك تاك تاك،ئادەم بارمۇ؟
ئىچىدىن جاۋاپ قايتتى:
-بار!
ۋۇسۇڭ خىلى ساقلىغان بولسىمۇ ئىشىك ئېچىلمىدى
-تاك تاك تاك،ئادەم بارمۇ يوق
-بار دىدىمغۇ!
-ئاچمامسەن ئىشىكىڭنى!
-ئاچقىلى بولمايتتۇ
ۋۇسۇڭ يەنە ساقلىدى،ئىشىك ئىچىلمىدى
-ھەي ئادەم بارمۇ يوق!
-بار!!!
-ئاچە ئىشىكىڭنى!
-ئاچقىلى بولمايتتۇ!!
-ئاچمىساڭ ،تېپىپ ئاچىمەن!!
ۋۇسۇڭنىڭ گۇمپىسى ئالامەت يۇقىرى ئىدى،ئۇ بىر يېپىپلا ئىشىكىنى قۇمۇرىۋەتتى،ۋۇسۇڭنىڭ كۆز ئالدىدا قولىدا گېزىت تۇتۇپ،تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرغان بىرسى پەيدا بولدى…
-ئاكاھوي،ھەرقانچە قىستاپ كەتسىمۇ چىداپ تۇرساڭ بولمامدا،ئادەمنى خاتىرجەم ئولتاغىنى قويماي……
-بۇ…بۇ…بۇيەر مەيخانا ئەمەسما؟
-ھاجەتخانەۋا بۇ……مەيخانىغا ئاۋۇ كونا ئىشىكتىن كىرىسەن……
-نىمە قانۇنىيەت بۇ؟ ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكىنى مانداق ھەشەمەت ياساپ،مەيخانىنىڭ ئىشىكى ئىككى مىخلانغان پەنەركە؟
-تۇرمۇش ئاشتاق رەھىمسىز،ياپە ئىشىكىنى ،كاسسام مۇزلاپ كەتتى……
ۋۇسۇڭ غودۇرغىنىچەمەيخانىغا كىرىپ كەتتى،مۇلازىملار ئۇنى ناھايىتى ياخشى قارشى ئالدىلەر
بۇيەردىكى پاراڭلارنى كىيىن ئايرىم سۆزلەيمىز،ھازىرچە تاقلاپ ئۆتۈپ كىتەيلى……قېنى مەن بىلەن تەڭ تاقلاڭلار…بېر…ئىككى……
(بولە ،قىززىۋاتقاندا،كىمنىڭ كارى سەكرىشىڭ بىلەن)
ۋۇسۇڭ شاراپنى ھارغۇچە ئىچىپ،گۆشنى ئۆلگۈدەك يەپ،قوپالمايلا قالدى،مۇلازىملار ئۇنى يۆلەپ:
-ئاكا،قايتىڭ،بىز ئىشتىن چۈشىمىز-دىدى،ۋۇسۇڭ:
-ئۇكىلىرىم،كەچ بوپ كەتتى،مۇشۇيەردە يىتىپ قالاي
-ئاكا،بۇ ياتاق ئەمەس،مەيخانە،ئۆيىڭىزگە بېرىپ يىتىڭ
-ئۇكىلىرىم،ئۆيەم ياڭگۇ ئايمىقىدا،جىڭياڭ داۋىنىدا يولۋاس بار،قايتالمايمەن……
-چىقە ئاداش……
مۇلازىملار ۋۇسۇڭنى ئىتتىرىپ يولغا سېلىۋەتتى،ۋۇسۇڭ دەلدەڭشىپ،يولۋاس بار ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى……
ۋۇسۇڭ ئورماملىقنىڭ يېرىمىنى مېڭىپ بولغاندا،مپەقەت چىدىيالماي ئۇخلاپ قالدى،ئۇ چۈشىدە ئوڭ تەرىپىدە قار مەلىكە،سول تەرپىدە كۈلقىزنى قۇچاقلاپ،ئۇيقۇدىكى مەلىكە بەرگەن ئۈزۈملەرنى يەپ پەيزى قىلىۋاتاتتى……
(ھەي ھەي،ھېكايىنى بۇزما،ئۇلار بىر دەۋرنىڭ ئادەملىرى ئەمەس)
ھە شۇندامۇيە……
ۋۇسۇڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا،يولۋاسنىڭ ھاۋ قىلغان ئاۋازى بىلەن ئويغىنىپ كەتتى،ۋۇسۇڭ ئويغىنىپ قارىسا،يىنىدا يوغان،بەستلىك ،يىرتقۇچ يولۋاس قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ،تىللىرىنى ساڭگىلىتىپ“ھامە ھە ھە ھە ھە”قىپ تۇراتتى…
(پارولكا،ئۇدەۋاتقىنىڭ ئىتتۇ؟)
ۋاي تاڭ ئۇكام،يولۋاسنى كۆرەپ باقمىسام……
ۋۇسۇڭ سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ يولۋاسقا تىكىلدى،يولۋاس خرس قىلىپ ۋۇسۇڭغا تىكىلدى،ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى پەقەت ماۋۇ قوشاق بىلەنلا تەسۋىرلەشكە بولاتتى…………
ۋۇسۇڭ بۇياقتا،يولۋاستا ئۇياقتا
كۆزلەر بېقىشماقتا ا~ا~
ياكى ئىتىلىپ يەۋەتمەي،ياكى كىلىپ ئۇرىۋەتمەي
ئەخمەق بولۇشماقتا ،بۇ ياشلىقتا
ئابلاجان!!ان!ان!ان!
(ئەنەڭنى،يوقىلە ئىت پاناق،نىمە قالايمىقان نىمە بۇ)
دەل شۇچاغدا يولۋاس ۋۇسۇڭغا قاراپ ئېتلىدى،تېز دىسەك تېز ئەمەس،ئاستا دىسەك ئاستا ئەمەس،دەل شۇ پەيتتە ۋۇسۇڭنىڭ ئون سوم پۇلى يەرگە چۈشۈپ كەتكەنىدى،ۋۇسۇڭ پۇلنى ئالىمەن دەپ شۇنداق ئېڭىشىۋىدى،يولۋاس تۆپىدىن ۋىژ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى……
يولۋاس ۋۇسۇڭنىڭ بوش ئادەم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ،يەنە ئېتىلدى،ۋۇسۇڭ پۇلى يەنە چۈشۈپ كەتتى،ۋۇسۇڭ ئېڭىشتى،يولۋاس ۋىژ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى
يولۋاس ئېتلىدى
پۇل چۈشتى
ئېڭىشتى
ۋىژ~
ئېتىلدى
چۈشتى
ئېڭىشتى
ۋىژ
دى
تى
تى
ىژ
ى
ى
ى
ژ

ئۇدا يۈز نىچچە قېتىم داۋاملاشقاندىن كېيىن،يولۋاس ھاردى،زېرىكتى،ئۇ ناخىرى چىدىماي ۋۇسۇڭغا ۋارقىرىدى:
-ئەكىلە ئون سوم پۇلۇڭنى
ۋۇسۇڭ:
-نىم قىلىسەن؟
يولۋاس :
-ئەكىلە دىگەندىكىن ئەكىلە
ۋۇسۇڭ:
-مە،نىمە قىلىسەن
يولۋاس ئون سوم پۇلنى ئېلىپ ۋۇسۇڭغا دىدى:
-ئەمدى سەن بىر ئىتىلىپ باقە،مەن بىر پۇلنى تاشلاپ ئېڭىشىپ باقاي……
ۋۇسۇڭ:
-ھېرىپ ئۆلمەمدىم
-بىلىدىكەنسەن ھە
-شۇ……
-مانا ئەمسە
يولۋاس ئون سوم پۇلنى يىرتىپ يىرتىپ تاشلىۋەتتىدە،
-ئوغانبالىدەك كىلە نوچى بولساڭ!!
يولۋاس بىلەن ۋۇسۇڭ ھەقىقىي قۇچاقلاشما جەڭگە چۈشتى،يولۋاس ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن ۋۇسۇڭنى چىشلەشكە ئۇرۇناتتى،تىرناقلىرى بىلەن مورلايتتى،ھۇۋلاپ خىرىس قىلاتتى……
ۋۇسۇڭ ئاسان ئادەممىتى،ئۇ بازغاندەك مۇشتلىرى يولۋاسنىڭۈيۈز كۆزى ،قورساقلىرىغا مۇشتلايتتى،يوغان ئېغىزلىرى بىلەن تۈكۈرەتتى،چىشلەيتتى:
بىر چاغدا ۋۇسۇڭ يولۋاسقا نالە قىلدى:
-چاچنى قويىۋەت نوچى بولساڭ،ئوغۇليولۋاس بولساڭ،چاچنى يۇلما!!
(ھەي ھەي پارولكا،بىشى تەرىپىگە ماقۇل دىدۇق،ماۋۇ ئېشىپ كەتتى،تۈزۈك سۆزلىگىنە)
ھە راست ھە
يولۋاس ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ يولۋاسقا ئېتىلدى،يولۋاس شۇنچىلىك كۈچ بىلەن سەكرىدىكى،يەر جاھان زىلزىلىگە كەلدى……
دەل شۇ پەيتتە ۋۇسۇڭنىڭ يانچۇقىدىن يەنە پۇل چۈشۈپ قالدى،ۋۇسۇڭ يەنە ئېڭىشتى……
ۋۇسۇڭنىڭ دۈمبە تەرىپىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان يولۋاس،قاتتىق ئۈمۈدسىزلىك،خورلۇق ئىچىدە ،ئاخىرقى تىنىقىدا كۈچەپ تۇرۇپ:
-ئاچاڭنىڭ……
يولۋاسنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغىچە يوغان دەرەخكە گۈپلا قىلىپ ئۈسۈپ شۇ يەردە جان ئۈزدى……
دەل شۇچاغدا باياتىنقى ۋاراڭ چۇرۇڭنى ئاڭلىغان ئورماندىكى ئوۋچىلار:
-نىمە ئادەمنى ئۇخلاتماي ،يېرىم كىچىدە ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىشىسەن -دەپ ۋارقىراپلا پەيدا بولۇشتى ۋە بەدىنى قانغا بويالغا ۋۇسۇڭ بىلەن ئۆلۈك يولۋاسنى كۆرۈپ،خوشال بولۇپ كېتىشتى……
ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرگەن نامى شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئايماققا پۇر كەتتى……كىشىلەر بەس بەستە تاياق ،تاختا كۆتىرىپ “ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغدايلى”دەپ نامايىش قىلدى……
تۈگىدى
(ئۇف،ما ساراڭنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايمىز دەپ ئولتۇرغان بىزمۇ ئەخمەق،قاراپ تۇرۇپ بىزنىڭ ئەقلى نىقتىدارىمىزنى ھاقارەت قىلدى،سالە ئا گۇنى،ئۇرە،تىپە!!!)
رەنجىمىگەيسىزلەر
پارولدىن پارولغىچە

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 09:41:19

ھىھىھھى ھىھىھھى ھاھاھاھا ھىھىھھى قالايمىقانچىلقتا بىر كۈلىۋالدىم..ئابلاجان!!!

nijat يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 09:43:44

راستىنلا مەدداھلار سورۇنىدا ئاڭلىغاندەكلا تۇيغۇغا كەپ قالدىميا، ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەلا كەتتى.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 09:47:23

ئابزاسلار بولۈپ قويساڭلارنېمە بولاتتى دەيمەن، باش ئاخىرىنى ئۇلاپ ئاران ئ..وقۇپ بولدۇم.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 11:10:39

{:92:}   {:92:}   {:92:}  



پارول دىگەن ناممۇ بىر دەۋىرنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ. \"\"

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 13:10:39

خوشال كەيپىياتىمنى ئۇچرىۋەتتىڭلار بىشمىنى ئاغرىتىپ \"\"

tawpik يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 14:07:47

5- قەۋەتتىكى uchkur1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوشال كەيپىياتىمنى ئۇچرىۋەتتىڭلار بىشمىنى ئاغرىتىپ \"\"




\"\"\"\"\"\"

      \"\"




uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 14:15:55

ھېلىقى ئۈچ قوي بىلەن يولۋاسنىڭ ھىكايىسىمۇ ئادەمنى ساراڭ قىپ جىنىنى چىقىرۋىتىتى

مەن ئۆچ ئالاي ئەمسە

3

2

1

كەلدۇق



               بىر يولۋاسنىڭ ئۈچ يۇۋاش قوي تەرىپىدىن ھالاك قىلىنىشى ھەققىدە چۆچەك | سەپرالارنىڭ ئوقۇشى چەكلىنىدۇ





بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا «كىم»،«قەيەردە»،«نىمە» ئىسىملىك ئۈچ قوي بولغانىكەن. بىر كۈنى «كىم»،«قەيەردە» ئىسمىلىك قوي ئىشىك تۈۋىدە، «نىمە» ئىسىملىك قوي ئۆگزىدە تورغاندا قۇرسىقى ئېچىپ ئىچىرقاپ كەتكەن بىريولۋاس كەپ قاپتۇ. يولۋاس بۇلارنى كۆرۈپ تازا خۇشال بوپ كىتىپتۇ ۋە ئۆزىنى تۇتىۋالغان ھالدا «كىم»نىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە سوراپتۇ :

-سەن كىم؟

توغرا، مەن كىم -دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ،بىرىنجى قوي

- نىمە ؟

نىمە ئۆگزىدە-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.بىرىنجى قوي

- سېنىڭ كىملىكىڭنى سوراۋاتىمەن-دەپتۇ يولۋاس سەل تىرىكىپ.

- مەن كىم، نىمە ئۆگزىدە.

يولۋاس بىشىنى چايقاپ ئىككىنجى قويدىن سوراپتۇ.

- سەن كىم ؟

- مەن كىم ئەمەس ئاۋۇ كىم دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئىككنىجى قوي بىرىنجى قوينى كۆرسىتىپ .

- سەن ئۇنى تۇنۇمسەن؟دەپ سوراپتۇ يولۋاس

- ھەئە.دەپتۇ ئىككىنجى قوي

- ئۇ كىم؟ دەپ سوراپتۇ يولۋاس

- شۇنداق

- نىمە ؟

- نىمە ئۆگزىدە

- قەيەردە؟

- مەن قەيەردە

- كىم؟

- ئۇ كىم

- مەن نەدىن بىلەي …..

- سىز كىمنى ئىزدەمسىز؟

- نىمە ؟

- نىمە ئۆگزىدە

- قەيەردە

- ئۇ مەن

- كىم؟

- مەن كىم .ئەمەس ئۇ كىم

- توۋا !!

بۇ چاغدا بىرىنجى قوي بىلەن ئىككىنجى قوي :

-«توۋا» بىزنىڭ دادىمىز-دەپتۇ.

- نىمە؟سىلەرنىڭ داداڭلار؟

- ياق -دەپتۇ ئىككىنجى قوي،

يولۋاسنىڭ ئىچى سىقلىپ كىتىپتۇ -دە،كۆككە قاراپ ئېغىر ئۇھسىنىپ:

- نىمە ئۈچۈن؟

ئۈچ قوي شۇ ھامان تەڭلا :

- سەن بىزنىڭ بۇۋىمىزنى تۇنۇمسەن؟-دەپ سوراپتۇ،

يولۋاس بۇ گەپلەرنى ئاڭقىرالماي :

- نىمە؟- دىيشىگە بىرىنجى قوي :

- ياق، نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ بۇۋىمىز-دەپتۇ

- نىمە ئۈچۈن؟

- شۇنداق

- نىمە ؟

- نىمە ئەمەس،نىمە ئۈچۈن

- كىم؟

- مەن كىم

- سەن كىم؟

- شۇنداق ، مەن كىم

- نىمە؟

بىرىنجى قوي ۋە ئىككىنجى قوي تەڭلا:

- نىمە ئۆگزىدە

بۇ گەپلەرگە چىدىمىغان يولۋاس ئاخىرى ئۈزىنى ئۆلتۈرۋاپتۇ.

aptap1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 17:47:13

تاغ يوق يولۋاس سەت كۆرنىدۇ دەپ ... ما ئاداشنىڭ كارامىتىنى ياخشى يىزىلىپتۇ . ئالدىرماي ئوقىمىسا ئادەمنىڭ تىنىقى چىقماي ئۆلۈپ قالغۇدەك ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 18:39:56

پارۇل يۇمۇرلىرىنى يانفۇندا ئۇقۇسا پەيزىكەن ،،،،،،



ئەلا باھالاپ قويدۇم .....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 18:56:33

ئەسسالامۇئەلەيكۇم…… ئۇنى بۇنى دەپ ئۆزەمگە ئۆچمۇ قىپ بولدۇم سىلەرنى… بىژدەم مەدداھلىق قىپ بەقمايلىما…… ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر مۇھىم ژانىرى بولغان مەدداھلىق يوقاپ كىتەي دەۋاتىدۇ……بۇنداق بولمىسا بولاتتى…… شۇڭا،مەن بىر مەدداھلىق قىلاي……

ھەي ھەي،سەت كۈلمە،دەللالىق دىمىدىم،مەدداھلىق دەۋاتىمەن…… پارول

     ۋۇسۇڭنىڭ جىڭياڭ داۋىنىدا يولۋاس ئۆلتۈرىشى

     ئەسكەرتىش: تىرناق ئىچىدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسى تاماشىبىنلارغا ھېساپ! ماتىماتىكا!ئالگىبىرا!!!ئۇف،

     بولە پاناق،قۇرۇق گەپ قىلماي،

     ئەلقىسسە… بۇرۇن مۇشۇ ئىچكىردە،ۋۇ فامىلىلىك ئادەمنىڭ ئىككى بالىسى بار نىكەنلەر ەر ەر!ەر! ەر!!!

     ۋاھ،شى ياڭ ياڭنىڭ ئىكەنغۇ ،مەن بەك ئامراق، ئۇف……

    بۇ ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن،چوڭىنىڭ ئىسمى دالاڭ،ئوتتۇرانچىسىنىڭ ئىسمى ئەرلاڭ،كىچىكىنىڭ نىمىدۇ؟ دەپ بېقىڭلار چۇ ؟

    سەنلاڭ…… ساراڭ……خۈيتەيلاڭ،

    ھەممىڭلارنىڭ خاتا،كىچىكىنىڭ ئىسمى سۇڭ ئىكەن……

    ھەي پاناق،ئىككى ئوغلى دەۋاتاتتىڭغۇ……ئوتتۇرامچىسى نەدىن كەلدى؟

    ئۆھۈ،چوڭى بىلەن كىچىكى بىر ئانىدىن،ئوتتۇرانچىسى يەنە دادىدىن بولغان ئىكەن……

    يوقلە گۇي،يوق گەپ قىلماي،ھېكايىنىڭ ھەقىقىسىنى سۆزلە،

    ۋۇسۇڭ پەلۋان كۆرۈشمىگىلىۈئۇزۇن بولغان ئاكىسى ۋۇدالاڭ بىلەن دىدارلىشىش ئۈچۈن،ياڭگۇ ئايمىقىغا يول ئالدىلەر…… ياڭگۇ ئايمىقىدىكىلەر ۋۇسۇڭ كۆرۈشۈش ئۈچۈن ،جىڭياڭ داۋىنىغا يول ئالدىلەر……

    تولا زاڭلاشماي بولە،تۈز گەپ قىل پاناق، ماقۇل ماقۇل…

    ۋۇسۇڭ ياڭگۇ ئايمىقىغا بېرىش ئۈچۈن جىڭياڭ داېىنىدىن ئۆتۈشكە توغرا كىلەتتى،ئاڭلاشلاردا جىڭياڭ داۋىنىدا ئىككى يولۋاس بار بولۇپ،جىڭياڭ داۋىنىدىن ئۆتكەن نۇرغۇن يولۇچىلارنى يەپ بولغان ئىدى،شۇڭا جىڭياڭ دەۋىنىدىكى خەلقلەر بۇ ئىككى يولۋاسقا ئاتاپ مۇنداق قوشاق توقىۋالغان ئىدىلەر: لىياڭجى لاۋۇخۇ لىياڭ جى لاۋخۇ پاۋ دى كۈەي ،پاۋدى كۈەي…… ئان……

   بولە،ھېلى بىكار يەپ كىتىسەن،

   ۋۇسۇڭ جىڭياڭ داۋانىدا كېتىپ بېرىپ،بەكمۇ چاڭقاپ كەتتىلەر،ئۇنىڭ ئىچىدىغان سۈيى تۈگىگەن ئىدى،ئۇ ئەمدى قانداق قىلارىنى بىلمەي تۇرغاندا،ئالدىغا جىڭياڭ داۋىنى شادلىق مەيخانىسى كۆرۈندى،ۋۇسۇڭ ئۇسسۇلۇق قاندۇرۇپ،قورساق تويغۇزۇپ،ئارام ئالىدىغان پىلاننى تۈزۈپ ، ياشاپ كەت،بۈگۈن ئىچىلىپ ئولتۇرىمەن، دەپ ۋارقىرىدىلەر…… مەيخانىنىڭ ئىشىكى ھەيۋەت بېزەلگەنىدى،ۋۇسۇڭ كۆڭلىدە مۇشۇ مەيخانىنىڭ ئالدى ئىشىكى بولسا كېرەك دەپ ئىشىكىنى چەكتى:

     -تاك تاك تاك،ئادەم بارمۇ؟

     ئىچىدىن جاۋاپ قايتتى -بار،

     ۋۇسۇڭ خىلى ساقلىغان بولسىمۇ ئىشىك ئېچىلمىدى -تاك تاك تاك،ئادەم بارمۇ يوق

     -بار دىدىمغۇ

    -ئاچمامسەن ئىشىكىڭنى!

    -ئاچقىلى بولمايتتۇ

     ۋۇسۇڭ يەنە ساقلىدى،ئىشىك ئىچىلمىدى

    -ھەي ئادەم بارمۇ يوق؟

    -بار

    -ئاچە ئىشىكىڭنى!

    -ئاچقىلى بولمايتتۇ

    -ئاچمىساڭ ،تېپىپ ئاچىمەن

     ۋۇسۇڭنىڭ گۇمپىسى ئالامەت يۇقىرى ئىدى،ئۇ بىر يېپىپلا ئىشىكىنى قۇمۇرىۋەتتى،ۋۇسۇڭنىڭ كۆز ئالدىدا قولىدا گېزىت تۇتۇپ،تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرغان بىرسى پەيدا بولدى…

    -ئاكاھوي،ھەرقانچە قىستاپ كەتسىمۇ چىداپ تۇرساڭ بولمامدا،ئادەمنى خاتىرجەم ئولتاغىنى قويماي……

    -بۇ…بۇ…بۇيەر مەيخانا ئەمەسما؟

    -ھاجەتخانەۋا بۇ……مەيخانىغا ئاۋۇ كونا ئىشىكتىن كىرىسەن……

    -نىمە قانۇنىيەت بۇ؟ ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكىنى مانداق ھەشەمەت ياساپ،مەيخانىنىڭ ئىشىكى ئىككى مىخلانغان پەنەركە؟

     -تۇرمۇش ئاشتاق رەھىمسىز،ياپە ئىشىكىنى ،كاسسام مۇزلاپ كەتتى……

     ۋۇسۇڭ غودۇرغىنىچەمەيخانىغا كىرىپ كەتتى،مۇلازىملار ئۇنى ناھايىتى ياخشى قارشى ئالدىلەر بۇيەردىكى پاراڭلارنى كىيىن ئايرىم سۆزلەيمىز،ھازىرچە تاقلاپ ئۆتۈپ كىتەيلى……قېنى مەن بىلەن تەڭ تاقلاڭلار…بېر…ئىككى…… بولە ،قىززىۋاتقاندا،كىمنىڭ كارى سەكرىشىڭ بىلەن،

     ۋۇسۇڭ شاراپنى ھارغۇچە ئىچىپ،گۆشنى ئۆلگۈدەك يەپ،قوپالمايلا قالدى،مۇلازىملار ئۇنى يۆلەپ

      -ئاكا،قايتىڭ،بىز ئىشتىن چۈشىمىز-دىدى،

    ۋۇسۇڭ:

     -ئۇكىلىرىم،كەچ بوپ كەتتى،مۇشۇيەردە يىتىپ قالاي

     -ئاكا،بۇ ياتاق ئەمەس،مەيخانە،ئۆيىڭىزگە بېرىپ يىتىڭ،

     -ئۇكىلىرىم،ئۆيەم ياڭگۇ ئايمىقىدا،جىڭياڭ داۋىنىدا يولۋاس بار،قايتالمايمەن……

     -چىقە ئاداش……

     مۇلازىملار ۋۇسۇڭنى ئىتتىرىپ يولغا سېلىۋەتتى،ۋۇسۇڭ دەلدەڭشىپ،يولۋاس بار ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى…… ۋۇسۇڭ ئورماملىقنىڭ يېرىمىنى مېڭىپ بولغاندا،مپەقەت چىدىيالماي ئۇخلاپ قالدى،ئۇ چۈشىدە ئوڭ تەرىپىدە قار مەلىكە،سول تەرپىدە كۈلقىزنى قۇچاقلاپ،ئۇيقۇدىكى مەلىكە بەرگەن ئۈزۈملەرنى يەپ پەيزى قىلىۋاتاتتى……

    ھەي ھەي،ھېكايىنى بۇزما،ئۇلار بىر دەۋرنىڭ ئادەملىرى ئەمەس

    ھە شۇندامۇيە……

ۋۇسۇڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا،يولۋاسنىڭ ھاۋ قىلغان ئاۋازى بىلەن ئويغىنىپ كەتتى،ۋۇسۇڭ ئويغىنىپ قارىسا،يىنىدا يوغان،بەستلىك ،يىرتقۇچ يولۋاس قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ،تىللىرىنى ساڭگىلىتىپ ھامە ھە ھە ھە ھە قىپ تۇراتتى…

    پارولكا،ئۇدەۋاتقىنىڭ ئىتتۇ؟

   - ۋاي تاڭ ئۇكام،يولۋاسنى كۆرەپ باقمىسام……

    ۋۇسۇڭ سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ يولۋاسقا تىكىلدى،يولۋاس خرس قىلىپ ۋۇسۇڭغا تىكىلدى،ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى پەقەت ماۋۇ قوشاق بىلەنلا تەسۋىرلەشكە بولاتتى………… ۋۇسۇڭ بۇياقتا،يولۋاستا ئۇياقتا كۆزلەر بېقىشماقتا !!!ياكى ئىتىلىپ يەۋەتمەي،ياكى كىلىپ ئۇرىۋەتمەي ئەخمەق بولۇشماقتا ،بۇ ياشلىقتا ئابلاجان... ان ان...ان..-

-ئەنەڭنى،يوقىلە ئىت پاناق،نىمە قالايمىقان نىمە بۇ؟

     دەل شۇچاغدا يولۋاس ۋۇسۇڭغا قاراپ ئېتلىدى،تېز دىسەك تېز ئەمەس،ئاستا دىسەك ئاستا ئەمەس،دەل شۇ پەيتتە ۋۇسۇڭنىڭ ئون سوم پۇلى يەرگە چۈشۈپ كەتكەنىدى،ۋۇسۇڭ پۇلنى ئالىمەن دەپ شۇنداق ئېڭىشىۋىدى،يولۋاس تۆپىدىن ۋىژ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى…… يولۋاس ۋۇسۇڭنىڭ بوش ئادەم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ،يەنە ئېتىلدى،ۋۇسۇڭ پۇلى يەنە چۈشۈپ كەتتى،ۋۇسۇڭ ئېڭىشتى،يولۋاس ۋىژ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى يولۋاس ئېتلىدى پۇل چۈشتى ئېڭىشتى ۋىژ،  ئېتىلدى چۈشتى ئېڭىشتى ۋىژ دى تى تى ىژ ى ى ى ژ ئۇدا يۈز نىچچە قېتىم داۋاملاشقاندىن كېيىن،يولۋاس ھاردى،زېرىكتى،ئۇ ناخىرى چىدىماي ۋۇسۇڭغا ۋارقىرىدى:

    -ئەكىلە ئون سوم پۇلۇڭنى ،

    ۋۇسۇڭ:

    -نىم قىلىسەن؟

    يولۋاس :

    -ئەكىلە دىگەندىكىن ئەكىلە ،

    ۋۇسۇڭ:

    -مە،نىمە قىلىسەن ؟

    يولۋاس ئون سوم پۇلنى ئېلىپ ۋۇسۇڭغا دىدى:

    -ئەمدى سەن بىر ئىتىلىپ باقە،مەن بىر پۇلنى تاشلاپ ئېڭىشىپ باقاي…… ۋۇسۇڭ:

    -ھېرىپ ئۆلمەمدىم -بىلىدىكەنسەن ھە -شۇ……

    -مانا ئەمسە يولۋاس ئون سوم پۇلنى يىرتىپ يىرتىپ تاشلىۋەتتىدە،

    -ئوغانبالىدەك كىلە نوچى بولساڭ!!!

    يولۋاس بىلەن ۋۇسۇڭ ھەقىقىي قۇچاقلاشما جەڭگە چۈشتى،يولۋاس ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن ۋۇسۇڭنى چىشلەشكە ئۇرۇناتتى،تىرناقلىرى بىلەن مورلايتتى،ھۇۋلاپ خىرىس قىلاتتى…… ۋۇسۇڭ ئاسان ئادەممىتى،ئۇ بازغاندەك مۇشتلىرى يولۋاسنىڭۈيۈز كۆزى ،قورساقلىرىغا مۇشتلايتتى،يوغان ئېغىزلىرى بىلەن تۈكۈرەتتى،چىشلەيتتى، بىر چاغدا ۋۇسۇڭ يولۋاسقا نالە قىلدى:

     -چاچنى قويىۋەت نوچى بولساڭ،ئوغۇليولۋاس بولساڭ،چاچنى يۇلما!!!!

     ھەي ھەي پارولكا،بىشى تەرىپىگە ماقۇل دىدۇق،ماۋۇ ئېشىپ كەتتى،تۈزۈك سۆزلىگىنە،

     ھە راست ھە يولۋاس ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ يولۋاسقا ئېتىلدى،يولۋاس شۇنچىلىك كۈچ بىلەن سەكرىدىكى،يەر جاھان زىلزىلىگە كەلدى…… دەل شۇ پەيتتە ۋۇسۇڭنىڭ يانچۇقىدىن يەنە پۇل چۈشۈپ قالدى،ۋۇسۇڭ يەنە ئېڭىشتى…… ۋۇسۇڭنىڭ دۈمبە تەرىپىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان يولۋاس،قاتتىق ئۈمۈدسىزلىك،خورلۇق ئىچىدە ،ئاخىرقى تىنىقىدا كۈچەپ تۇرۇپ:

    -؟؟؟؟؟؟؟؟……

     يولۋاسنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغىچە يوغان دەرەخكە گۈپلا قىلىپ ئۈسۈپ شۇ يەردە جان ئۈزدى…… دەل شۇچاغدا باياتىنقى ۋاراڭ چۇرۇڭنى ئاڭلىغان ئورماندىكى ئوۋچىلار:

    -نىمە ئادەمنى ئۇخلاتماي ،يېرىم كىچىدە ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىشىسەن -دەپ ۋارقىراپلا پەيدا بولۇشتى ۋە بەدىنى قانغا بويالغا ۋۇسۇڭ بىلەن ئۆلۈك يولۋاسنى كۆرۈپ،خوشال بولۇپ كېتىشتى……

ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرگەن نامى شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئايماققا پۇر كەتتى……كىشىلەر بەس بەستە تاياق ،تاختا كۆتىرىپ “ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغدايلى”دەپ نامايىش قىلدى…… تۈگىدى..

     ئۇف،ما ساراڭنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايمىز دەپ ئولتۇرغان بىزمۇ ئەخمەق،قاراپ تۇرۇپ بىزنىڭ ئەقلى نىقتىدارىمىزنى ھاقارەت قىلدى،سالە ئا گۇنى،ئۇرە،تىپە،   رەنجىمىگەيسىزلەر پارولدىن پارولغىچە

mongguz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 00:02:28

ياخشى يېزىلىپتۇ ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى سىناش سوئالى قىلسا بولغىدەك. ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 01:11:46

ئابلاجان! ان! ان! ان!  {:92:}   {:92:}   {:92:}

hakikatqi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 12:57:49

ئۆزىڭىز يازدىڭىزما؟ سىزدىن تىببى مەسلىھەت سوراي دەۋاتسام ، دۇكاننى ئىككى قىلىۋالمىغانسىز؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 13:24:42

بۇ پارول دېگەن ئاغىنەمنىڭ يۇمۇرى،مەن شۇ بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويغان،ئۆزى مۇنبەرگە كىرمەيدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 23:38:00

قۇرنى قوقماي تاشلاپ يوللاڭلا..........

تىنىق ئالالماي قالىدىكەن ئادەم بۇنداق ئوقىسا

4.5 نۇمۇر بېرەي بۈگۈن \"\"

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 06:59:47

ئۆزەم بىلىدىغان ئىملا قائىدىلىرى بويىچە ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىپ قويدۇم. خاپا بولاپ كەتمەڭلار. يەرلىك شىۋەلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدىم، خاتا بېسىلىپ كەتكەن سۆزلەرنى تۈزەتتىم. كۆپ چېكىت ئۇچ تال بولسىلا كۇپايە، چېكىت ۋە پەشتىن كىيىن بىر بوش ئورۇن قويىمىز. ئۈندەش بەلگىسى بەك ھاياجانلىنىپ كەتسە قانچىنى قويسا بولىۋېرەمدىكىن ئىشقىلىپ، چېقىلمىدىم.



ئەسسالامۇئەلەيكۇم… ئۇنى بۇنى دەپ ئۆزەمگە ئۆچمۇ قىپ بولدۇم سىلەرنى…

بىژدەم مەدداھلىق قىپ بەقمايلىما… ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر مۇھىم ژانىرى بولغان مەدداھلىق يوقاپ كىتەي دەۋاتىدۇ…

بۇنداق بولمىسا بولاتتى… شۇڭا، مەن بىر مەدداھلىق قىلاي…

ھەي ھەي، سەت كۈلمە، دەللالىق دىمىدىم، مەدداھلىق دەۋاتىمەن… پارول



ۋۇسۇڭنىڭ جىڭياڭ داۋىنىدا يولۋاس ئۆلتۈرىشى

ئەسكەرتىش: تىرناق ئىچىدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسى تاماشىبىنلارغا ھېساپ! ماتىماتىكا! ئالگىبىرا!!! ئۇف،

بولە پاناق، قۇرۇق گەپ قىلماي...



ئەلقىسسە… بۇرۇن مۇشۇ ئىچكىردە، ۋۇ فامىلىلىك ئادەمنىڭ ئىككى بالىسى بار ئىكەنلەر ەر ەر! ەر! ەر!!!

ۋاھ، شى ياڭ ياڭ نىڭ ئىكەنغۇ، مەن بەك ئامراق، ئۇف……

بۇ ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن، چوڭىنىڭ ئىسمى دالاڭ، ئوتتۇرانچىسىنىڭ ئىسمى ئەرلاڭ، كىچىكىنىڭ نىمىدۇ؟ دەپ بېقىڭلارچۇ ؟

سەنلاڭ… ساراڭ… خۈيتەيلاڭ...

ھەممىڭلارنىڭ خاتا، كىچىكىنىڭ ئىسمى سۇڭ ئىكەن…

ھەي پاناق، ئىككى ئوغلى دەۋاتاتتىڭغۇ… ئوتتۇرامچىسى نەدىن كەلدى؟

ئۆھۈ، چوڭى بىلەن كىچىكى بىر ئانىدىن، ئوتتۇرانچىسى يەنە بىر دادىدىن بولغان ئىكەن…

يوقلە گۇي، يوق گەپ قىلماي، ھېكايىنىڭ ھەقىقىسىنى سۆزلە…



ۋۇسۇڭ پەلۋان كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئاكىسى ۋۇدالاڭ بىلەن دىدارلىشىش ئۈچۈن، ياڭگۇ ئايمىقىغا يول ئالدىلەر… ياڭگۇ ئايمىقىدىكىلەر ۋۇسۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن، جىڭياڭ داۋېنىغا يول ئالدىلەر…

تولا زاڭلاشماي بولە، تۈز گەپ قىل پاناق، ماقۇل ماقۇل…



ياڭگۇ ئايمىقىغا بېرىش ئۈچۈن، جىڭياڭ داۋېىنىدىن ئۆتۈشكە توغرا كىلەتتى، ئاڭلاشلاردا جىڭياڭ داۋېنىدا ئىككى يولۋاس بار بولۇپ، جىڭياڭ داۋېنىدىن ئۆتكەن نۇرغۇن يولۇچىلارنى يەپ بولغان ئىدى، شۇڭا جىڭياڭ دەۋىنىدىكى خەلقلەر بۇ ئىككى يولۋاسقا ئاتاپ مۇنداق قوشاق توقىۋالغان ئىدىلەر: لىياڭجى لاۋخۇ لىياڭجى لاۋخۇ، پاۋدى كۈەي، پاۋدى كۈەي… ئان…

بولە، ھېلى بىكار يەپ كىتىسەن…



ۋۇسۇڭ جىڭياڭ داۋانىدا كېتىپ بېرىپ، بەكمۇ چاڭقاپ كەتتىلەر، ئۇنىڭ ئىچىدىغان سۈيى تۈگىگەن ئىدى، ئۇ ئەمدى قانداق قىلارىنى بىلمەي تۇرغاندا، ئالدىغا جىڭياڭ داۋىنى شادلىق مەيخانىسى كۆرۈندى، ۋۇسۇڭ ئۇسسۇلۇق قاندۇرۇپ، قورساق تويغۇزۇپ، ئارام ئالىدىغان پىلاننى تۈزۈپ، ياشاپ كەت، بۈگۈن ئېچىلىپ ئولتۇرىمەن، دەپ ۋارقىرىدىلەر… مەيخانىنىڭ ئىشىكى ھەيۋەت بېزەلگەنىدى، ۋۇسۇڭ كۆڭلىدە مۇشۇ مەيخانىنىڭ ئالدى ئىشىكى بولسا كېرەك دەپ ئىشىكىنى چەكتى:

-تاك تاك تاك، ئادەم بارمۇ؟

ئىچىدىن جاۋاپ قايتتى -بار…

ۋۇسۇڭ خىلى ساقلىغان بولسىمۇ ئىشىك ئېچىلمىدى -تاك تاك تاك، ئادەم بارمۇ يوق؟

-بار دىدىمغۇ

-ئاچمامسەن ئىشىكىڭنى!

-ئاچقىلى بولمايتتۇ

ۋۇسۇڭ يەنە ساقلىدى، ئىشىك ئىچىلمىدى

-ھەي ئادەم بارمۇ يوق؟

-بار

-ئاچە ئىشىكىڭنى!

-ئاچقىلى بولمايتتۇ

-ئاچمىساڭ، تېپىپ ئاچىمەن

ۋۇسۇڭنىڭ گۇمپىسى ئالامەت يۇقىرى ئىدى، ئۇ بىر تېپىپلا ئىشىكىنى قومۇرۋەتتى، ۋۇسۇڭنىڭ كۆز ئالدىدا قولىدا گېزىت تۇتۇپ، تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرغان بىرسى پەيدا بولدى…

-ئاكاھوي، ھەرقانچە قىستاپ كەتسىمۇ چىداپ تۇرساڭ بولمامدا، ئادەمنى خاتىرجەم ئولتاغىنى قويماي…

-بۇ… بۇ… بۇيەر مەيخانا ئەمەسما؟

-ھاجەتخانەۋا بۇ… مەيخانىغا ئاۋۇ كونا ئىشىكتىن كىرىسەن…

-نىمە قانۇنىيەت بۇ؟ ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكىنى مانداق ھەشەمەت ياساپ، مەيخانىنىڭ ئىشىكى ئىككى مىخلانغان پەنەركە؟

-تۇرمۇش ئاشتاق رەھىمسىز، ياپە ئىشىكىنى، كاسسام مۇزلاپ كەتتى…



ۋۇسۇڭ غودۇرغىنىچە مەيخانىغا كىرىپ كەتتى، مۇلازىملار ئۇنى ناھايىتى ياخشى قارشى ئالدىلەر…

بۇيەردىكى پاراڭلارنى كىيىن ئايرىم سۆزلەيمىز، ھازىرچە تاقلاپ ئۆتۈپ كىتەيلى… قېنى مەن بىلەن تەڭ تاقلاڭلار… بېر… ئىككى…

بولە، قىززىۋاتقاندا، كىمنىڭ كارى سەكرىشىڭ بىلەن…



ۋۇسۇڭ شاراپنى ھارغۇچە ئىچىپ، گۆشنى ئۆلگۈدەك يەپ، قوپالمايلا قالدى، مۇلازىملار ئۇنى يۆلەپ

-ئاكا، قايتىڭ، بىز ئىشتىن چۈشىمىز -دىدى.

ۋۇسۇڭ:

-ئۇكىلىرىم، كەچ بوپ كەتتى، مۇشۇيەردە يىتىپ قالاي

-ئاكا، بۇ ياتاق ئەمەس، مەيخانە، ئۆيىڭىزگە بېرىپ يىتىڭ.

-ئۇكىلىرىم، ئۆيەم ياڭگۇ ئايمىقىدا، جىڭياڭ داۋىنىدا يولۋاس بار، قايتالمايمەن…

-چىقـــــــــە ئاداش…



مۇلازىملار ۋۇسۇڭنى ئىتتىرىپ يولغا سېلىۋەتتى، ۋۇسۇڭ دەلدەڭشىپ، يولۋاس بار ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى…

ۋۇسۇڭ ئورمانلىقنىڭ يېرىمىنى مېڭىپ بولغاندا، پەقەت چىدىيالماي ئۇخلاپ قالدى، ئۇ چۈشىدە ئوڭ تەرىپىدە قار مەلىكە، سول تەرپىدە كۈلقىزنى قۇچاقلاپ، ئۇيقۇدىكى مەلىكە بەرگەن ئۈزۈملەرنى يەپ پەيزى قىلىۋاتاتتى…

ھەي ھەي، ھېكايىنى بۇزما، ئۇلار بىر دەۋرنىڭ ئادەملىرى ئەمەس…

ھــە شۇندامۇيە…



ۋۇسۇڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا، يولۋاسنىڭ ھاۋ قىلغان ئاۋازى بىلەن ئويغىنىپ كەتتى، ۋۇسۇڭ ئويغىنىپ قارىسا، يىنىدا يوغان، بەستلىك، يىرتقۇچ يولۋاس قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ، تىللىرىنى ساڭگىلىتىپ ھامە ھە ھە ھە ھە قىپ تۇراتتى…

پارولكا، ئۇ دەۋاتقىنىڭ ئىتتۇ؟

- ۋاي تاڭ ئۇكام، يولۋاسنى كۆرەپ باقمىسام…

ۋۇسۇڭ سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ يولۋاسقا تىكىلدى، يولۋاس خرس قىلىپ ۋۇسۇڭغا تىكىلدى، ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى پەقەت ماۋۇ قوشاق بىلەنلا تەسۋىرلەشكە بولاتتى…



ۋۇسۇڭ بۇياقتــا، يولۋاس ئۇياقتــا كۆزلەر بېقىشماقتا !!!

ياكى ئىتىلىپ يەۋەتمەي،

ياكى كىلىپ ئۇرىۋەتمەي ئەخمەق بولۇشماقتا.

بۇ ياشلىقتا ئابلاجان... ان ان...ان…



-ئەنەڭنى، يوقىلە ئىت پاناق، نىمە قالايمىقان نىمە بۇ؟



دەل شۇچاغدا يولۋاس ۋۇسۇڭغا قاراپ ئېتلىدى، تېز دىسەك تېز ئەمەس، ئاستا دىسەك ئاستا ئەمەس، دەل شۇ پەيتتە ۋۇسۇڭنىڭ ئون سوم پۇلى يەرگە چۈشۈپ كەتكەنىدى، ۋۇسۇڭ پۇلنى ئالىمەن دەپ شۇنداق ئېڭىشىۋىدى، يولۋاس تۆپىدىن ۋىژ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى…

يولۋاس ۋۇسۇڭنىڭ بوش ئادەم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، يەنە ئېتىلدى، ۋۇسۇڭ پۇلى يەنە چۈشۈپ كەتتى، ۋۇسۇڭ ئېڭىشتى، يولۋاس ۋىژ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى،

يولۋاس ئېتلىدى پۇل چۈشتى ئېڭىشتى ۋىژ، ئېتىلدى چۈشتى ئېڭىشتى ۋىژ، دى تى تى ىژ ى ى ى ژ …

ئۇدا يۈز نەچچە قېتىم داۋاملاشقاندىن كېيىن، يولۋاس ھاردى، زېرىكتى، ئۇ ئاخىرى چىدىماي ۋۇسۇڭغا ۋارقىرىدى:

-ئەكىلە ئون سوم پۇلۇڭنى،

ۋۇسۇڭ:

-نىم قىلىسەن؟

يولۋاس :

-ئەكىلە دىگەندىكىن ئەكىلە،

ۋۇسۇڭ:

-مە، نىمە قىلىسەن؟

يولۋاس ئون سوم پۇلنى ئېلىپ ۋۇسۇڭغا دىدى:

-ئەمدى سەن بىر ئىتىلىپ باقە، مەن بىر پۇلنى تاشلاپ ئېڭىشىپ باقاي… ۋۇسۇڭ:

-ھېرىپ ئۆلمەمدىم

-بىلىدىكەنسەن ھە

-شۇ…

-مانا ئەمسە يولۋاس ئون سوم پۇلنى يىرتىپ يىرتىپ تاشلىۋەتتىدە،

-ئوغانبالىدەك كىلە نوچى بولساڭ!!!



يولۋاس بىلەن ۋۇسۇڭ ھەقىقىي قۇچاقلاشما جەڭگە چۈشتى، يولۋاس ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن ۋۇسۇڭنى چىشلەشكە ئۇرۇناتتى، تىرناقلىرى بىلەن مورلايتتى، ھۇۋلاپ خىرىس قىلاتتى… ۋۇسۇڭ ئاسان ئادەممىتى، ئۇ بازغاندەك مۇشتلىرى بىلەن يولۋاسنىڭ يۈز كۆزى، قورساقلىرىغا مۇشتلايتتى…

يوغان ئېغىزلىرى بىلەن تۈكۈرەتتى، چىشلەيتتى…



بىر چاغدا ۋۇسۇڭ يولۋاسقا نالە قىلدى:

-چاچنى قويىۋەت نوچى بولساڭ، ئوغۇليولۋاس بولساڭ، چاچنى يۇلما!!!!

ھەي ھەي پارولكا، بېشى تەرىپىگە ماقۇل دىدۇق، ماۋۇ ئېشىپ كەتتى، تۈزۈك سۆزلىگىنە،

ھە راست ھە…



يولۋاس ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ ۋۇسۇڭغا ئېتىلدى، يولۋاس شۇنچىلىك كۈچ بىلەن سەكرىدىكى، يەر جاھان زىلزىلىگە كەلدى…

دەل شۇ پەيتتە ۋۇسۇڭنىڭ يانچۇقىدىن يەنە پۇل چۈشۈپ قالدى، ۋۇسۇڭ يەنە ئېڭىشتى… ۋۇسۇڭنىڭ دۈمبە تەرىپىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان يولۋاس، قاتتىق ئۈمۈدسىزلىك، خورلۇق ئىچىدە، ئاخىرقى تىنىقىدا كۈچەپ تۇرۇپ:

-ئەچە-ماچاڭ …

يولۋاسنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغىچە يوغان دەرەخكە گۈپلا قىلىپ ئۈسۈپ شۇ يەردە جان ئۈزدى…



دەل شۇچاغدا باياتىنقى ۋاراڭ چۇرۇڭنى ئاڭلىغان ئورماندىكى ئوۋچىلار:

-نىمە ئادەمنى ئۇخلاتماي ،يېرىم كىچىدە ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىشىسەن -دەپ ۋارقىراپلا پەيدا بولۇشتى ۋە بەدىنى قانغا بويالغان ۋۇسۇڭ بىلەن ئۆلۈك يولۋاسنى كۆرۈپ، خوشال بولۇپ كېتىشتى…



ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرگەن نامى شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئايماققا پۇر كەتتى…

كىشىلەر بەس بەستە تاياق، تاختا كۆتىرىپ “ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغدايلى” دەپ نامايىش قىلدى…

تۈگىدى.



ئۇف، ما ساراڭنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايمىز دەپ ئولتۇرغان بىزمۇ ئەخمەق…

قاراپ تۇرۇپ بىزنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىمىزنى ھاقارەت قىلدى، سالە ئا گۇينى، ئۇرە، تىپە…

رەنجىمىگەيسىزلەر

پارولدىن - پارولغىچە

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 09:36:28

بۇنى پارول پاناق تېلىپۇندىلايازغان بولسا كېرەك، مەنمۇ تېلىپۇندىلا يوللىسام  مۇشۇنداق پايىزدەك چىقىپ كېتىپتۇ  {:107:}  ئارسلان مەمەتكە رەھمەت \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 10:47:34

ئىملا خاتالىقى،تىنىش بەلگىلىرىنى قالايماقان ئىشلىتىش تور يازغۇچىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بوپ قېلىشى مومكىن.

مۇنتىزىم مەتبۇئات بولمىغاندىن كىيىن تەلەپنى بەك قاتتىق قىلىپ قىلىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق.

بۇ شەخسىي قارىشىم

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 13:01:35

ھەي، بويتاقلىق راسىت يامانكەن جۇما \"\"



ئالدىنقى ئىنكاستا قۇرنى قورقماي تاشلاپ يېزىڭلار، ئوقۇپ بولالماي ھېرىپ كەتتىم دەپتىكەنسىلەر.



مىڭ بىر جاپادا قۇر تاشلاپ، ئۆزگەرتىپ تەھرىرلەپ چىقسام، بىرەر ئېغىز رەھمەت يوق، خاپا بولىدىغان گەپما ئەمدى \"\"



ھېلىمۇ زىيالى ئوقۇپ بولالماي ھېرىپ قاپتۇ دەپ ئۆزگەرتكەن ئىدىم بۇنى \"\"
بەت: [1]
: بەش يۇلتۇزلۇق يۇمۇر