tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-26 12:22:25

تاشپولات: غايەت زور جىسىم ئالەم تېلېسكوپلىرى ئارقىلىق بايقالدى

غايەت زور جىسىم ئالەم تېلېسكوپلىرى ئارقىلىق بايقالدى



تاشپولات روزى









ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ خەلقئارا تەتقىقات گۇرۇپپىسى، ئالەم
پەيدا بولۇپ 800 مىليون ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، مەۋجۇت بولغان غايەت زور
جىسىم (Himiko) نىڭ Hubble بىلەن Alma ئالەم تېلېسكوپلىرى ئارقىلىق
بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ۋاقتىدىكى ئالەمنىڭ يېشى ھازىرقى ئالەم
يېشىنىڭ 6% نى ئىگىلىگەن ئىكەن.



بۇ ئالەم تېلېسكوپلىرى ئارقىلىق تېپىلغان جىسىم (Himiko) ئىچىدە 3 غايەت زور يېشىل يۇلتۇزلار توپىنىڭ بارلىقى بايقالغان.



يەنى بىر تەرەپتىن، Alma ئالەم تېلېسكوپىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە
ئاساسلانغاندا، قاتتىق جىسىمنىڭ مىكرو زەرىجە ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان
ئېلېكتر دولقۇن بىلەن كاربون زەرىجىسى ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان ئېلېكتر
دولقۇنى پەيدا بولمىغان. بىراق  يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا، بۇنداق ئېلېكتر
دولقۇنى ناھايىتى ئاسانلا بايقىلىدىكەن. بۇنداق ئېلېكتر دولقۇننىڭ ئۇ
تېپىلغان جىسىمدا پەيدا بولمىغانلىقى، بۇ جىسىم يەنى Himiko بولسا چوڭ
پارتلاشتا كېلىپ چىققان ھىدروگېن بىلەن گىلى (Helium) دىن ئىبارەت
ئىپتىدائىي گازلاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.



بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش نەتىجە، ئالەمدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى تۈزىلىشىنى بىلىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن.



بۇ تەتقىقات نەتىجە 12-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان ئامېرىكانىڭ ئاسترونومىيە فىزىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.




يەنىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.



http://alma.mtk.nao.ac.jp/e/news/pressrelease/20131122alma_and_hubble_observations_probe_a_giant_blob_himiko_seen_close_to_cosmic_dawn.html

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 14:34:41

ئامېرىكىدا ژورناللارغا بېسىلمىغان خەۋەرلەرنى كۆرۈپ كەتتۇق دەيلى ... تولىمۇ بەخىتلىك جۇمۇ بىز ..

تاشپولات ئەپەندىم ھارماس قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . رەھمەت .

fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 22:37:10

يارايسىز تاشپۇلات ئاكا

miskin2 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 02:45:46

رەھمەت سىلىگە......تەنلىرى ئامان بولغاي.....:){:112:}
بەت: [1]
: تاشپولات: غايەت زور جىسىم ئالەم تېلېسكوپلىرى ئارقىلىق بايقالدى