tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 18:07:07

ئۇيغۇرتېبابىتىدە كېسەللىكلەرنى پەرەز قىلىش




بۇ تېمىدا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ تىرە رەڭگى، چىرايى، كۆزى،تىلى،نەپەسلىنىشى ۋە تومۇر سوقۇشى قاتارلىقلارغا قاراپ ئۇ كىشىنىڭ سالامەتلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى سۆزلىنىدۇ.



تېرە رەڭگىگە قاراش


تېرە رەڭگىگە قاراپ كېسەللىكلەرگە باھا بېرىش بولسا ئۇيغۇر تېبابىتى تەشخىش ئىلمىنىڭ مۇھىم تۈرىدۇر.


رەڭگى ھەر قايسى مىزاجدىكىلەرنىڭ ئەسلى مىزاجىغا بەلگە بېرىپلا قالماستىن، يەنە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە بەلگە بېرىدۇ.


1- بەدەن تېرىسىنىڭ سارغىيىپ كېتىشى جىگەر ئۆت يولىدىكى كېسەللىكلەر ھەم جىگەر راكىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.


2- بەدەن تېرىسىنىڭ قارىغا مايىل سېرىق بولۇشى جىگەر بىلەن تال ئوتتۇرىسىدىكى كانالدا توسۇلۇش بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.


3- تېرىنىڭ كېپەكلەشكەندەك بولۇپ،چۈشۈپ تۇرىشى يەڭگىل بولسا ئۆرەك كىزىك، ئېغىر بولسا دائۇلھەييەنىڭ ئالامىتىدۇر.


4-قول-پۇتلارنىڭ ،پېشانە كۆكرەكلەرنىڭ قىزىرىپ،قارىداپ تېرە تاشلاش ئەھۋالى بولسا چالاش كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.


5- تېرىدە ئاق،نۇرسىز داغلارنىڭ بولۇشى ئاقكىسەلنىڭ ئالامىتىدۇر.


6- تېرە يۈزىدە نېپىز داغلارنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندە كۆيگەن خىلىتلارنىڭ بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.


7-تېرە يۈزىدە قىزىل ئەسۋىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى قىزىل كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.


8- تېرە يۈزىدە ئۇچى ئۇچلۇق ئاقارغان ئەسۋىلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى دانىخورەكنىڭ، ئۇچى ئاقارماي سۇ چىقىشى سوغان كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.


9- تېرە ئۈستىدە، بولۇپمۇ پېشانە يۈز ساھەسىدە قىزىل قاپارتقۇلار پەيدا بولۇش، قىچىشىش ۋە سۇ چىقىش بولسا بۆرە چاقىسىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر قورساق ساھەسىدە كۆرۈلۈپ، ئېچىشىش پەيدا بولسا، بۇ بەلۋاغسىمان قوقاق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.


10- تېرە ئۈستىدە قىزىل قاپارتقۇلارنىڭ پەيدا بولۇپ قىچىشىشپ تۇرىشى دېئابىت كىسىلىدىن دېرەك بىرىدۇ.


11- تېرە يۈزىدە كۆككە مايىل قىزىل ئەسۋىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچەي قارا كېزىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.


12- تېرە يۈزىدە قارا چېكىتسىمان مۇدۇرلارنىڭ پەيدا بولۇشى سەپكۈن كېسىىلىنىڭ، قارا داغلارنىڭ پەيدا بولۇشى، داغ چۈشۈش كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.


13- تېرە رەڭگىنىڭ ئاق نۇرسىز بولۇپ قېلىشى كەم قانلىقتىن بولغان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.



روھى ھالىتىگە قاراش


كىسەلنىڭ روھى ھالىتىنى تەكشۈرگىنىمىزدە .كېسەلنىڭ ئەس -ھوشىنىڭ ،گەپ-سۆزلىرىنىڭ جايىدا ،چىرايىنىڭ ئۇچۇق، كۆز نۇرىنىڭ روشەن بولۇشى ،كېسەللىكنىڭ ئانچە ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ،ئەمما تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە كېسەلنىڭ ئېغىرلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.



1-كېسەلدە ئەس-ھوشىنى يوقىتىش بىلەن بىرگە قول-پۇتلىرىنىڭ ھەرىكەتسىز بولۇپ خارقىراپ يېتىشى مېڭىگە قان چۈشۈش،پالەچ كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.


2-كېسەل ئەس-ھوشىنى يوقاتقان ھەمدە تارتىشىپ قالغان ،ھوشىغا كېلىش ئالدىدا تىللىرىنى چايناپ ،ئېغىزىدىن كۈپۈك چىقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە بۇ سەرئى كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ.


3-كېسەلنىڭ روھى ھالىتىنىڭ سۇسلۇقى ،چىرايىنىڭ خۇنۇك بولۇپ،گەپ-سۆزلىرىنىڭ قالايمىقىان بولۇشى مالىخولىيا كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.



چىرايىغا قاراش


بىمارنىڭ جىمغۇر بولۇپ قېلىشى،ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇق ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان ئېغىر ئۇيقۇ ۋە پىكىر خىيالىنىڭ بۇزۇلۇش كېسىلىدىن ئىبارەت.


1-چىرايىنىڭ بولۇپمۇ ئىككى مەڭزىنىڭ قىزىرىپ پارقىراپ قېلىشى كېسەلدە قىزىتما بارلىقىغا ھەم ئۆپكە ئىششىقى،ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى،ئۆپكە سىل كېسىلى بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.


2-كۆز ئېقىنىڭ تەكشى سارغىيىپ كېتىشى جىگەر ۋە ئۆتتە توسالغۇ بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر قورساق كۆپۈش،قورساققا سۇ چۈشۈش ،بەدەن قىچىشىش،ھۆل بولۇشلار بىرگە كەلسە جىگەر راكىنىڭ ئالامىتىدۇر.


3- چىرايىنىڭ نۇرسىز،تاتىراڭغۇ،لەۋلىرىنىڭ ئاق گەز باغلىشى قان ئازلىق،يۈرەك ئاجىزلىق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.


4-چىرايىنىڭ قارىداپ،يۈزى ئىششىپ قالغاندەك كۆرۈنۈشى، يۈرەك ۋە ئۆپكە ئاجىزلىشىپ ،جىگەر قېتىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ۋە سۈيدۈكنىڭ بەدەنگە تاراپ،بەدەننى زەھەرلىگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.


5- چىرايىنىڭ نۇرسىز،پېشانە بۇرۇن ئەتراپىدا مۇدۇر-چۇقۇرلارنىڭ پەيدا بولۇشى غەيرى تەبىئى بەلغەمدىن بولغان جىگەر ئىششىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.


6- چىرايىنىڭ ئاقىرىپ تۆۋەن قاپاقلارنىڭ ئىششىپ قېلىشى يۈرەك قېپىغا،قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.


7- چىرايى ۋە كالپۇكىنىڭ كۆكىرىپ،قارىغا مايىل بولۇپ قېلىشى رېماتىزىم خارەكتىرلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.


8-ئىككى مەڭزى قىزىرىپ،كالپۇكلىرىنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.


9- كۆز ئەتراپىنىڭ كۆكىرىپ،كۆز تۇمۇرلىرىنىڭ قىزىرىۋېلىشى نېرۋا ئاجىزلىق،مەقەت بۇۋاسىرى،بالىياتقۇ بۇۋاسىرى ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.


10-چىرايىنىڭ قارىغا مايىل سېرىق بولۇشى جىگەر بىلەن ئۆت ئوتتۇرىسىدا ھەم جىگەر بىلەن تال ئوتتۇرىسىدا توسالغۇ بولغان كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەردۇر.


11-كېسەلنىڭ چىرايىنىڭ ئاققا مايىل كۆك بولۇپ قېلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا نەپەس قىستاش،بۇرۇن قاناتلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى بىرگە كەلسە يۈرەك قان تۇمۇرىدا قېتىش ھەم قۇيۇلۇش،قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.


12-كېسەلنىڭ چىرايىدا تەڭگىسىمان قارا داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ ،چىرايىنىڭ قورقۇنچلۇق بولۇپ قېلىشى،جوزام كىسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.


13-كىسەلنىڭ پىشانە،يۈز قىسمىدا قىزىل مۇدۇرلارنىڭ پەيدا بولۇپ قىچىشىشىش،تاتىلىغان يەرلەرنىڭ زېدىلىنىڭ قارا داغ بولۇپ ساقىيىشى بۇيۇن بەز ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.


14-كېسەلنىڭ يۈزىدە قارا داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ،پېشانە مويلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى،ئۇدۇل ئۈستۈن چىشىنىڭ ھەرە چىشىسىمان سارغىيىشى سېفلىس كىسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.


15-چىرايىنىڭ قارامتۇل،نۇرسىز بولۇپ قېلىشىغا تىلىنىڭ كۈكۈچ بولۇپ قېلىشى بىرگە كەلسە جىگەر قېتىش،جىگەر يىگىلەش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.


روزىباقى ھاجىمنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنىڭ تۇنۇش ۋە داۋالاش دەستۇرى ناملىق كىتابدىن ئېلىندى.


http://www.4tadu.com

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-26 11:45:26

كۆزدىكى ئۆزگىرىشلەر

كۆزنىڭ ئەسلى ھالىتى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

1- قان مىزاج ئادەملەرنىڭ كۆز قارىچۇقى چېقىر، ئېقى قىزىلغا مايىل ئاق كېلىدۇ.

2- سەپرا مىزاجدىكىلەرنىڭ كۆز قارىچۇقى چېقىر، ئېقى سېرىققا مايىل كېلىدۇ.

3-بەلغەم مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى كۆكۈچ،ئېقى پارقىراق كېلىدۇ.

4- سەۋدا مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى قارا، ئېقى كۆكۈچكە مايىل بولىدۇ.

5- كۆزدە كۆك قان تۇمۇر، قىزىل قان تۇمۇر، قىل قان تۇمۇرلار بولىدۇ. بۇ تۇمۇرلار بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزا تۇمۇرلىرى بىلەن تۇتاش بولغاچقا ، كۆزدە ھەر قايسى ئەزانىڭ نۇقتىلىرى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن تۇمۇرلاردا ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ.بۇ ئۆزگىرىش ئالامەتلىرىگە قاراپ كېسەللىكلەرگە باھابەرگىلى بولىدۇ. بۇ ئالامەتلەر تۆۋەندىكىچە:

1-كۆزنىڭ قىزىل قان تۇمۇرلىرىنىڭ تەكشى قىزىرىپ ئېسىلگەندەك بولۇپ قېلىشى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

2- كۆزنىڭ بۇرۇن تەرەپتىكى قىزىل قان تۇمۇرلىرىنىڭ كېڭىيىپ،ئادەتتىكىدىن قىزىرىپ قېلىشى،يۈرەك تاجىسىمان قان تۇمۇرىدا بوتقىسىمان قېتىش پەيدا بولغانلىقىدۇر.

3- كۆزنىڭ بۇرۇن تەرەپتىكى قىزىل قان تۇمۇرى ئوتتۇرىسىدا كۆكۈچ داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى، يۈرەك سول دالانچىسىنىڭ كۆك قان تۇمۇردىن قىزىل قان تۇمۇرغا قان ئۆتۈش يولىدىكى قىل قان تۇمۇردا توسۇلۇش بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

4- كۆز قۇيرۇقىدا قىزىل تۇمۇرلارنىڭ كاللەكلەشكەن ھالەتتە كۆرۈنۈشى ھەم كۆزنىڭ بېلىق كۆزىدەك سىرتقا پۇلتايغان ھالەتتە بولۇپ قېلىشى رېماتىزىم خارەكتىرلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.

5-كۆزقۇيرۇقىدا قىزىل تۇمۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئاق داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى،بۆرەككە تاش چۈشكەن كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتىدۇر.

6-كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا سېرىقلىق بولۇپ،سېرىقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆك داغنىڭ بولۇشى ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر،

7-كۆز ئېقىنىڭ تەكشى سارغىيىپ كېتىشى جىگەر ئۆت يولى تۇسۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

8-كۆز ئېقىنىڭ بوزغا مايىل كۆكۈچ بولۇپ قېلىشى بۆرەككە سۇ چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

9- كۆز قۇيرۇقىدا كۆك داغ پەيدا بولۇپ،ئۈستىدە سېرىق داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بالىياتقۇ راكى كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

10-كۆز قۇيرۇقى ئەتراپىدا تەكشى كۆك داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى داس بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر كۆك داغ شارسىمان بولۇپ ،بېغى باردەك كۆرۈنسە ، بالىياتقۇدا خالتىلىق سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولغانىلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

11-كۆزنىڭ ئۈستىن قاپاق ئاستىدا كۆك سەپكۈندەك چىكىتلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى تولغاق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.

12- كۆز ئېقىنىڭ ئۈستىدە چېكىتسىمان سېرىق داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۆپكە سىل كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.

13- كۆز ئېقى كۆكىرىپ،ئۈستىدە چىكىتسىمان داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۈچەي سىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.

14-كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا قىزىل قاننىڭ ئۇيۇپ قالغاندەك كۆرۈنۈشى مېڭىگە قان چۈشكەن كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتتۇر. ئەگەر ئوڭ كۆزدە بولسا سول تەرەپكە، سول كۆزدە بولسا ئوڭ تەرەپكە چۈشكەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شۇ تەرەپ ھېس ھەرىكەتتىن قالغان يەنى پالەچلەنگەن بولىدۇ.

15- كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا بىر ياكى ئىككى تۇمۇرنىڭ تۇتۇق بولۇپ قېلىشى مېڭە قان تۇمۇرلىرىدا تۇسۇلۇش بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

16-كۆزنىڭ ئۈستىن قاپاق ئىچىنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى مېڭىدە سۇلۇق ئۆسمە پەيدا بولغانىلىقىنڭ ئالامىتىدۇر.

17-كۆزنىڭ قىزىرىپ چاپاقلاشقاندەك بولۇپ قېلىشى، ئۆپكە ئىششىغان ۋە قۇرۇق ئىستىسقا كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.

18-كۆز ئېقىنىڭ كۆكىرىپ، ئوڭ تەرەپ قۇيرۇقىدا بويىغا سىزىلغان سېرىققا مايىل سىزىقنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ، ئوڭ قول بىلەيزۇك قىسمىدا تۇمۇرلارنىڭ كۆكىرىپ كۆپۈپ قېلىشى جىگەر سۇلۇق ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.

19-كۆزنىڭ بۇرۇن تەرىپىنىڭ سېرىققا مايىل كۆكىرىپ قېلىش ئاشقازان يارا كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.

20- كۆز ئېقىنىڭ ئاقىرىپ،چىرايىنىڭ تاتىرىپ نۇرسىزلىنىپ قېلىشى قان ئازلىق سەۋەبىدىن يۈرەك قېپىغا ۋە قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

21-كۆز جىيىكى قىزىل تۇمۇرنىڭ قارىداپ قېلىشى يۈرەك دالانچە قان تۇمۇرىدا توسۇلۇش پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

22-كۆز ئېقى تەكشى قىزىل بولۇپ،كېسەلدە خارقىراپ نەپەسئېلىش پەيدا بولسا مېڭىگە قان چۈشكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

23-كۆز ئېقىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىكىتسىمان كۆك داغنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.

24-كۆز قۇيرۇقىدىكى تۇمۇرلارنىڭ قىزىرىپ كۆپۈپ قېلىشى نۇقرەس،مۇپاسىل كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

25-كۆزنىڭ قۇيرۇق تەرەپتىكى ئېقىنىڭ تۆۋەنگە مايىل تەرەپتە كۆك چېكىتسىمان داغلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئاياللار تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.

Berna يوللانغان ۋاقتى 2013-11-26 20:53:26

بۇ يەرگە قارىسا ئادەمنىڭ ھەممە يېرىدە كېسەل باردەك ھېس قىلىدىكەن دېسە!.

يېقىندا باشقىلاردىن نامىنى ئاڭلاپ ھەم بىللە تۇرۋاتقان ھەدىمىزنىڭ يېرىم كۈن ئۆچرەت تۇرۇپ ئالغان نومۇرنىڭ 4 كۈندىن كېيىن نۆۋەت كېلىشىگە يۈز كېلەلمەي بوپتۇ بارسام بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقاي دەپ بىللە باردىم. قاق سەھەرنىڭ سوغۇقىغا قارىماي 6 گە ئۈلگۈرۈپ خېشۈن گۈللىكىنىڭ ئالدىدىكى ئەخمەتجان ئىسمايىلكامنىڭ شىپاخانىسىغا بېرىپ، ئىشىك تۈۋىدە كۈتۈپ تۇردۇق. ئەتراپتىكىلەرگە قارىسام ھەر يەردىن كەلگەنلەر، بەزىلىرى تۇنجى كەلگەنلەر، يەنە بەزىلىرى نەچچە باسقۇچ مۇشۇ يەردىن دورا ئېلىۋاتقانلار ئىكەن. بىردەمدىن كېيىن بىر خىزمەتچىسى كېلىپ ئىسمىمىزنى بىردىن چاقىرىغاندىن كېيىن ئاران دەرۋازىسىدىن كىرۋالدۇق. ئادەم بەك باس-باس ئىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئادەتتىكى كۈنلىرى 40 ئادەم كۆرىدىكەن، دەم ئېلىش كۈنىلىرى بولسا 80 ئادەم كۆرىدىكەن. بەزىلەر خېلى كۈن ساقلاپمۇ نۆۋەت كەلمەي كۆرىنەلمەيدىكەن، يا بولمىسا نۆۋەت ئۆتۈپ كېتىپ قايتا نومۇر ئېلىپ ساقلايدىكەن. ئىشقىلىپ بۇندا تېۋىپنى تۇنجى كۆرۈشۈم بولدى. ھېىلىمۇ ياخشى نۆۋىتىمىز باشتىلا ئىدى، تېزلا كۆرىنىۋالدۇق ھەم بىر مۇنچە دورىلارنى يېزىپ بەردى، بىر مۇنچە پۇلنى خەجلەپ يېزىپ بەرگەن دورىلىرىنى سېتىۋالغان ئىدىم. بىر كۈن ئىچسەم بېشىمنىڭ ئارامىنى قويماي توختۇتۇپ قويدۇم. دورا بەك ئىسسىقلىقمۇ ئىچكەندىن كېيىنلا بېشىمغا چىقتى. يەنە قايتا سىناپ بېقىشنى ئويلىشىۋاتمەن.{:107:}

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 14:10:12

تادۇبەگ، ئۇيغۇر تىبابىتى دىئاگىنۇز ئىلمىنى ئۆزلىكىمدىن بىر ئۈگۈنۈپ باقاي دېگەن ئىدىم. تومۇر تۇتۇپ كېسەلنى پەرەز قىلىش توغرىسىدا يېزىلغان ئەڭ تەپسىكى كىتاب قايسى؟



ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومىنىڭ ئۇيغۇرچە دەرىسلىكلىرىنى، ‹‹ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى›› نىڭ ھەممە قىسمىنى، باھاسى 10 كويدىن نەچچە يۈز كويلىققىچە كىلاسسىك كىتابلارنى. خام- پىششىق دۇرىلارغا دائىر نۇرغۇن كىتاپلارنى ، نۇرغۇن رېتسىپلار توپلىمىنى سېتىۋالدىم. بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹ئۇيغۇر تىبابىتى ئاساسى نەزىرىيە ئىلمى›› بىلەن ‹‹كېسەللىنىش ئىلمى›› نى خېلى پىششىق يادلاپ، كونسىپىت بيېزىپ ئۈگەندىم. ھازىر ‹‹ئۇيغۇر تىبابىتى دىئاگۇنىستىكا ئىلمى›› نى ئۈگۈنىۋاتىمەن. ئۈگۈنىش جەريانىدا تومۇر تۇتۇش توغرىسىدا يېزىلغان مەزمۇنلارنى قەتئى ئۆزلەشتۈرەلمىدىم. يا مەن تومۇرىنى تۇتۇپ سېلىشتۇرۇشقا ئالدىمدا تۇرۇپ بىرىدىغان كۆپ ئادەم يوق...............

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 09:34:55

تۇمۇرغا ئائىت نەشىردىن چىققان كىتاپلارنىڭ ياخشىراقى ئالى تېخنىكومنىڭ بىرىنچى قېتىم نەشىردىن چىققان دېئاگنۇستىكا ئىلمى، لېكىن بۇ كىتابنى تاپماق تەسرەك. ئۇنىڭدىن باشقا تۇردى مۇھەممەد ئاخۇنۇمنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قوللانمىسى دېگەن كىتاب، بۇنىمۇ تاپماق تەسرەك.

ھازىر نەشىردىن چىققان روزىباقى ھاجىمنىڭ مۇشۇ بايانلىرى بار كىتاب. بۇ كىتابتا بۇرۇن نەشىردىن چىققان كىتابلاردا يوق بايانلار بار ھەم خېلە تەپسىلى.

تۇمۇر تۇتۇشنى ئۆگىنىش بىر مۇرەككەپ جەريان،شۇڭا ئاۋال تۈرلىرى بويىچە يادلىشىڭىز كېرەك، بۇ جەھەتتە شەيخ ئىبىنسىنانىڭ ئەلقانۇن فىتتىب كىتاۋىنىڭ بىرىنچى كىتاۋىدىن پايدىلىنىڭ.

يادىلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئەتراپىڭىزدىكى تۇنۇش بىلىشلەرنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەر خىل ھالەتتىكى تۇمۇرلىرىنى تۇتۇپ كۆرۈڭ.

يەنە بىر مۇھىمراق ئىش مىزاج ۋە خىلىت ھەققىدىكى بايانلارمۇ يادا بولسۇن بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرسىڭىز ئاسانراق ئۆگىنىسىز. سىز كۆرگەنلىكى ئادەمنى قىياسەن مىزاج ۋە خىلىتلىرىغا ئايرىڭ ۋە بۇ ھالەتتىكى تۇمۇرى مۇنداقراق دېگەننى پەرەز قىلىڭ،ئولتۇرغان تۇرغىنىڭىزدا خىيالىڭىزدا تۇمۇر،مىزاج ۋە خىلىت بولسۇن. بەلكىم سىزگە بىر ئىنايەت بولۇپ چۈشىڭىزگە ئايان بولۇشى مۇمكىن{:136:}.

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 14:39:47

دېئاگنۇستىكا ئىلمى دېگەن كىتاب ھەقىقەتەن بۇ ساھەدە كەم ئۇچرايدىغان ياخشى كىتاب.
بەت: [1]
: ئۇيغۇرتېبابىتىدە كېسەللىكلەرنى پەرەز قىلىش