tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 17:19:35

چىش پاستىلىرى قېپىدىكى رەڭلىك كاتەكچە پاستا سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز

   


         ھازىر تورلاردا چىش پاستىسى ئىچ ئورالمسىنىڭ تىكىلىش ئېغىزىدىكى رەڭلىك كاتەكچنىڭ پاستا تەركىبىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈشلەر دۇنيا مىقياسىدا  تارقىلىپ يۈرمەكتە. كۆك نۇر تورغىمۇ بۇ پاراڭ تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىپتۇ http://www.koknur.net/list.asp?unid=3855 . ئەمەلىيەتتە  بۇ بىر ئاساسسىز پاراڭ بولۇپ، ھېلىقى رەڭلىك كاتەكچىنىڭ چىش پاستىسى سۈپىتى  بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق. ئەگەر بۇ راست بولىدىغان بولسا ھەممە چىش پاستىسى زاۋۇتلىرى يېشىل رەڭلىك قىلىپ بېسىۋالغان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ رەڭلىك كاتەكچە چىش پاستىسى قاچىلاش ماشىنىسى ئېلېكتر كۆزىنىڭ پەرق ئېتىش بەلگىسى بولۇپ ،قايسى خىل رەڭدە بولسا بولۋېرىدۇ.


چىش پاستىسىنىڭ قاچىلىنىش جەريانى











بۇ توغرسىدا بەيدۇ قامۇستىكى چۈشەندۈرۈشلەر:http://baike.baidu.com/link?url=S1_HG-BjXEcG2-WNOgT3A4k0IcMA38qh1msUyPld-uOW9CWI-w4UlH36Amcx_KTMKYckVNMFgG8xPKWSMyj5Q_


Hoax-Slayer تورىدا بۇ توغرىسدىكى چۈشەندۈرۈش:http://www.hoax-slayer.com/squares-on-tube-hoax.shtml

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 17:38:28

رەڭنىڭ گىپى چىقىپ قاپتۇ، شۇ بانادا سورىۋالاي، ئىنقىلابلارنىڭ رەڭگىنىڭ قانداق مەنىسى بار؟ بەزىدە ئاق ئىنقىلاپ، يىشىل ئىنقىلاپ ،بۈگۈن قارىسام ئاپلىسىن<رەڭگى> ئىنقىلابى دىگەن ئاتالغۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم، بىلىدىغانلار ئىزاھلىۋەتسەڭلار بوپتىكەن.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 18:53:59

مەن ئۈندىداردىن مۇشۇنداق نەرسىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆيدىكى چىش پاستىسىغا قارىسام ،مىسۋاكنىڭ يېشىل رەڭدە،چىن نۇرىنىڭ قارا رەڭدىكەن.شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تاللا بازىرىدىن مىسۋاكنىكىنى سېتىۋالدىم (ئىشلەتكىچە قىپىدىن چىقارماپتىمەن).ئىشلەتكەندە قىپىدىن چىقىرىپ قارىسام قارا رەڭدە تۇرىدۇ،ئىلگىركىسى بىلەن نىمە پەرقى باردۇ دەپ سېلىشتۇرسام، ئەشۇ رەڭدىن باشقا ھىچقانداق باشقا پەرقى يوقكەن. \"\" \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 20:08:13

بۇ ئاساسسىز گەپمىكەن؟ مەنمۇ قارا رەڭدە بولسا ئالمايتتىم. يېشىل بولسا ئەڭ تەبئىي مەھسۇلات دەپ يېشىل رەڭدىكىنى تاللاپ تۇرۇپ ئالىدىكەنمەن تېخى.
بەت: [1]
: چىش پاستىلىرى قېپىدىكى رەڭلىك كاتەكچە پاستا سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز