ئۇيغۇر تىل يىزىقىدىكى كىتاپ - ماتېريال ئامبىرى قۇرۇشتىن ياردەم
ئەسسالام كۆپچىلىك :
بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر بايلىرىمىزنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن تور كىتاپخانىسى قۇرۇش ئىشلىرىنى قۇلىمىزغا ئالغان بۇلۇپ ، تور كىتاپخانىسىنىڭ دەسلەپكى تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلىنىپ ، بىر قىسىم خىزمەتلەر تاماملاندى ، بىكەت پىروگراممىسى ۋە يانفون ئەپلىرى يېزىلىۋاتىدۇ .
ماتېريال مەنبەسى جەھەتتە قۇلىمىزدا بار بولغان بىر قسىم ماتېرياللارنى رەتلەپ تەييارلاش بىلەن (تەخمىنەن 1950 پارچىدەك ئېلكىتاپ ، 1500 پارچىدەك ماقالە ۋە يازما ، 300 پارچىدەك ئاۋازلىق ئەسەرلەر ، 250 پارچىدەك دەرسلىك كىتاپ ۋە دەرس تەييارلىقى ، بالىلار ئۇقۇشلۇقلىرى) تور دۇنياسىدىن بىر قىسىم ماتېرياللار يىغىپ رەتلەندى (تەخمىنەن 800 پارچىدەك ئېلكىتاپ ۋە باشقا يازمىلار)، شۇنداقلا كاتالوگ ئىشلەش خىزمەتلىرى تاماملاندى .
مەقسەتكە كەلسەك يەنە رەتلەپ تۇلۇقلاش زۈرۈر دەپ قارىغان بىر قىسىم كىتاپلارنى (تەخمىنەن 2000 پارچە ئەتراپىدا ) ۋە بىر قىسىم قەدىمى ئەسەر ۋە قوليازمىلارنى (تەخمىنەن 800 پارچە ئەتراپىدا ) ئادەم كۈچى تەشكىللەپ سىكەننىرلەپ ياكى فوتو باسما شەكلىدە ياكى نەشرىيات ئۇرۇنلىرىدىن ئەسلى كومپيۇتېر باسمىسىنى سېتېۋېلېش شەكلىدە تۇلۇقلاپ كىرگۈزمەكچى . ئەمگەكنىڭ تەكرار بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، كۆپچىلىكنىڭ ئۈزىدە بار بولغان ماتېرياللارنى ھەقلىق ياكى ھەقسىز يۇسۇندا تەمىنلەپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ يازمىنى يېزېپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ماتېريال مەنبەسىگە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق چەك قۇيۇلمىدى ، ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى ياكى ئۇيغۇرغا ئائىت ھەر قانداق ماتېريال بولسا بۇلىدۇ .
ھەقسىز تەمىنلەپ بىرىشنى خالىغۇچىلار بەيدۇ تور دىسكىسى ئارقىلىق يوللاپ بەرسەڭلەر بۇلىدۇ
ئىشلەتكۈچى نامى : Abdikadir@outlook.com كىلىت 1010103
خەت ساندۇق ئادرېسى Abdikadir@foxmail.com
ھەقلىق يۇسۇندا تەمىنلەپ بەرگۈچىلەر بولسا تۈۋەندىكى QQ ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ باھاسىنى كىلىشسەك بۇلىدۇ
1651201221
ئاپىرىن سىلەرگە،ئىشلىرىڭلار خەيرلىك بولسۇن.بولسا تېبابەتكە ئائىت كىتابلارنىمۇ يىغىپ قويساڭلار. مەندە بىر قىسىم تارىخى كىتاپلارنىڭ ئېلكىتاپ نوسخىسى بار.بەلكىم سىلەردە باردۇ. لازىم بۇلۇپ قالسا ھەقسىز ئەۋەتىپ بىرىمەن . بەك ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىلەر، ئاللاھ ئىشىڭلارغا بەركەت بەرسۇن!
مەندە ئاساسلىقى بىرھون تورىدىن چۈشۈرۋالغان ئېلكىتابلار باركەن. بۇ ئەلۋەتتە سىلەردىمۇ بار.
قولۇمدا چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر قىسىم ھۆججەتلەر ۋە كىتابلار بار ئەگەر لازىم دەپ قارىساڭلار مۇشۇ بەتكە ئىنكاس قايتۇرساڭلار ئۆزۈم سىكانىرلاپ ئەۋەتىپ بېرەي.
مەندىمۇ ئازراق ئېلكىتاپ بارتى بەيدۇغا قاچىلاپ ئەۋەتىپ بىرەي . بۇ ئىشنى بىرھون بىلەنمۇ مەسلىھەتلىشىپ بىقىڭلار، بىرھون تورىدىمۇ ناھايىتى كۆپ ماتېرياللار بار، كۈچلەر چىچىلىپ كەتمىسۇن،ھەمكارلىشالىساڭلار تىخىمۇ ياخشى.
5- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىلماۋۇ ئېسىل ئىش بولۇپتۇ ! ماشائاللا !
بۇ ئىشنى بىرھون بىلەنمۇ مەسلىھەتلىشىپ بىقىڭلار، بىرھون تورىدىمۇ ناھايىتى كۆپ ماتېرياللار بار، كۈچلەر چىچىلىپ كەتمىسۇن،ھەمكارلىشالىساڭلار تىخىمۇ ياخشى.
-----------------------
يۇقارقى تورداش بىلەن ئورتاق پىكىردىمەن . بىزگە ھازىر ھەقىقى لازىم بولىۋاتقان نەرسە = ھەمكارلىق !.
مەنمۇ قولۇمدا بار ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئىۋەتىپ بىرەي !
مومكىن بولسا شۇ سىلەردە بار كىتاپنىڭ تىزملىكىنى بىر كۆرسەك ئاندىن شۇ تېزىملىكتە يوق كىتاپلارنى سىلەرگە يوللاپ بەرسەك. بۇنداق بولغاندا نورغۇن ئالاڭچىلىقتىن ساقلانغىنى بولىدۇ !
ئېنگىلىزچە ماتىرياللارنى يىققان بولساڭلار (ئەگەر) 5،000 پارچە ئىلكىتاپ كىتاپ تەمىللەپ بىرەتتىم !
8- قەۋەتتىكى oygak2005نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئېنگىلىزچە ماتىرياللارنى يىققان بولساڭلار (ئەگەر) 5،000 پارچە ئىلكىتاپ كىتاپ تەمىللەپ بىرەتتىم !
بىزگە تەمىنلەپ بەرسەڭلارمۇ بولا

قولايلىق بولغان تور سۇپىسى بىلەن تەمىنلىسەڭلار، ياخشى بولاتتى. ۋېككى ياكى بولمىسا بەيدۇ قامۇسى دىگەنگە ئوخشاش، ماتىرياللارنى بېۋاستە يۈكلىگىلى بولسا كۆپ قولايلىق بولاتتى.
1- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاپىرىن سىلەرگە،ئىشلىرىڭلار خەيرلىك بولسۇن.
بولسا تېبابەتكە ئائىت كىتابلارنىمۇ يىغىپ قويساڭلار.
ئېغىزىڭىزدىن تىبابەتتىن باشقا گەپ چۈشمەيدىكەنغۇ؟
ساقال تاغىقىلىق قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ئۇكەم.9- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى oygak2005نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئېنگىلىزچە ماتىرياللارنى يىققان بولساڭلار (ئەگەر) 5،000 پارچە ئىلكىتاپ كىتاپ تەمىللەپ بىرەتتىم !
بىزگە تەمىنلەپ بەرسەڭلارمۇ بولا
ئوقۇپ بولالماي قالارسىزمىكىن !

ئىشلەتكۈچى نامى : Abdikadir@outlook.com كىلىت 1010103
ھەقلىق يۇسۇندا قىممىتى بار ماتېريال تەمىنلەپ بىرىدىغان قېرىنداشلارمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ ، مۇناسىۋەتلىك QQ نۇمۇرىنىمۇ تىمىدا قالدۇرۇپ قويدۇم ،
يىغىلغان ماتېرياللارغا نىسبەتەن ئالدى بىلەن پىروگرامما ئارقىلىق بىزدە بار ماتېرياللار سۈزىۋېتېلېپ ، يوق ماتېرياللار توپلىنىۋاتىدۇ ، شۇڭا ماتېريال تەكرارلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق ،
تور دۇنياسىدا ھازىرغىچە مەۋجۇت بۇلىۋاتقان بىر قىسىم تور بىكەتلەرگە نىسبەتەن (مەسىلەن : مەنزىل ئېلكىتاپلىرى ، بىر ھون ۋە باشقىلار) بىز ئاكتىپ ھەمكارلاشماقچى ، قىسقىسى ئىنكاستا دىيىلگىنىگە ئوخشاش بىر قەدەر كەسپى بولغان بىرەر بىكەتنىڭ ئارتۇق بۇلۇشى بىزنىڭچە يامان ئىش ئەمەس ،
كىتاپ ماتېريال كاتالوگى مەسىلىسىدە مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قۇياي ،
ئۇنىڭدىن باشقا قۇلىمىزدا بار بولغان ماتېرياللارنى تور بىكەت پىروگراممىسى پۈتۈپ سىناقتىن ئۆتكەن ھامانلا چىقىرىپ قۇيۇپ ، قالغىنىنى تورداشلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق تۇلۇقلايلى دىگەننمۇ ئويلاشقان ، لېكىن مەبلەغ چىقارغان چوڭلىرىمىز ئەڭ ياخشىسى پۈتۈن تەييارلىق خىزمەتلەر تاماملىنىپ بولغاندا ئاندىن بىراقلا ئېچېۋېتىشنى ، خام ئىشنى جامائەتكە كۆرسەتمەي تۇرۇشنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى . شۇڭا ھازىر بىر تەرەپتىن بىكەت پىروگراممىسى ۋە يانفون ئەپلىرى يېزېش ۋە سىناش خىزمەتلىرىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خام ماتېريال توپلاۋاتىمىز ، شۇڭلاشقا كۆپچىلىكنىڭ ماتېريال بىلەن تەمىنلىشىنى يەنە بىر قېتېم تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ، ياردەم قىلغان بولساڭلار !
1- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاپىرىن سىلەرگە،ئىشلىرىڭلار خەيرلىك بولسۇن.
بولسا تېبابەتكە ئائىت كىتابلارنىمۇ يىغىپ قويساڭلار.
ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئائىت ماتېرياللار جىق ئەمەس ، سىكەننىرلەپ كىرگۈزۈش پىلانلانغان كىتاپلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئائىت كىتاپلار بىلەن قەدىمى ئەسەرلەر ۋە ئەل ئارا تارقىلىپ يۈرگەن قوليازمىلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ
8- قەۋەتتىكى oygak2005نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئېنگىلىزچە ماتىرياللارنى يىققان بولساڭلار (ئەگەر) 5،000 پارچە ئىلكىتاپ كىتاپ تەمىللەپ بىرەتتىم !
رەھمەت ، ھازىرچە ئانا تىلدىكى ماتېرياللارنى ئاساس قىلدۇق .