newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 19:32:00

WindowsPhone مەشغۇلات سېستېمىسى توغرىسىدا گەپ قىلىپ بېرەي.[تېخنىكا]

WindowsPhone مەشغۇلات سېستېمىسى توغرىسىدا



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئەزىزلەر،جېدىلىڭلار تۈگەيدىغاندەكمۇ؟ ھە تۈگىمىسە بولاپتۇ، ئەتىگەندىن كەچكىچە قۇيرۇق تالاشماي تېخنىكىلىق ئىشلار توغرىسىدا پاراڭ سېلىشساق قۇلاققا خۇش ياقامۇ؟ ئۆزەم ئۇقىدىغان Windows Phone مەشغۇلات سېستېمىسى ھەققىدە پاراڭ قىلىپ بېرەي، ئەمىسە كۆزۈڭلار ئېكراندا، ئىنكاسىڭلار تېز بولسۇن.


Microsoft نىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ساھاسىگە قول تىققىنىغا 10 يىلدىن ئاشتى، ئەڭ دەسلەپتەWindows CE نى ئاساس قىلغان ئۈسكۈنىلەرگە قول تىققان،مەسىلەن: 1996-يىلى قولدا ئېلىپ يۈرۇيدىغان شەخسلەر كومپيۇتېرى (Handheld PC) ۋە ئالقان كومپيۇتېرى (Palm-sizePC) لارنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېلان قىلغان.2000- يىلدىن باشلاپ بۇ خىل ئوخشاش بولمىغان مەشغۇلات سېستېمىلىرىنىWindows Mobileغا بىرىكتۈرۈۋەتكەن، مەقسىدى شەخسلەر كومپيۇتېرىنى ئادەملەرنىڭ يانچۇقۇغا پاتقۇدەك قىلىش ئىدى. كۆپلىگەن ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق كارخانادەرىجىلىك ئېھتىياجلار يېڭىچە ئىقتىدارلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەشغۇلات سۇپىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش تەسكە توختاپ قالغان،ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر بۇنىڭغا قىزىقمىغان. گەرچە ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارى ئىشەنچلىك بولسىمۇ بىراق كۆركەم ئەمەس ئىدى، بۇ بىر نۇقتا ئىشلەتكۈچىلەر يۈزىگەنىسبەتەن بىر داغ بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە Windows Mobile نىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلىپى تۆۋەن ئىدى، شۇڭا Windows Mobile سېستېمىنى ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېزلىكى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى.


2010-يىلى2- ئايدىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر دۇنياۋى يىغىنىدا، Microsoft يېڭىچەقىياپەتكە ئىگە بولغان 7 WindowsPhoneتۈرىدىكى كۆچمە مەشغۇلات سېستېمىسىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ چەك-بۇلۇڭلىرى ئېنىق ئايرىلغان، كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن نەپسلىك بىلەن كۆركەملەشتۈرۈلگەنىدى. بۇ كۆرۈنمە يۈزنىڭ ۋاكالەت نومۇرى Metro ئىدى.


WindowsPhone گەرچە ھەممە ئىنتىزار بولۇۋاتقان مەھسۇلات بولسىمۇ، Microsoft بۇسەۋەبلىك قارىغۇلارچە ئابروي قوغلىشىپ كەتمىدى، ئەكسىچە بىرقىسىم چەكلىمە ۋە ھوقۇق تەڭپۇڭلۇق تۈزۈملىرىنى بېكىتتى. WindowsPhone نىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلىپىنى خېلىلا يۇقۇرىلاتتى، مەسىلەن CPU نىڭ چاستۇتىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1GH بولۇش ھەمدە سۈرەت بىرتەرەپ قىلىش قاتتىق دېتالىنىڭ سۈرئەت تېزلىتىشنى قوللاش دېگەندەك، بۇ ئارقىلىق Windows Phone مەشغۇلات سېستېمىسى ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېزلىكى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى. سۈرەت تېزلىتىش ئىقتىدارىدىن باشقا WindowsPhone ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەر جەزمەن كوندېنساتور تىپىدىكى چەكمە ئېكران ئىشلىتىشى كېرەك، بۇئارقىلىق ئىنكاس سۈرئىتى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى. Windows Phone تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكۈچىلەرنى ( ھەرگىزمۇ كارخانا ياكى سودىگەرلەرنى ئەمەس) ئاساس قىلغان كۆچمە مەشغۇلات سۇپىسى بولۇپ، قاتتىق دېتالغا نىسبەتەن بىر تۈرلۈك مەجبۇرلاش خارەكتېرلىك رامكا بېكىتتى، يەنى ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر قاتارتەلەپلەرنى مەجبۇرى بېكىتتى، مەسىلەن سىرتقى كۇنۇپكىنى ( بەزى چاغدا ھەتتاكۇنۇپكىنىڭ ئورنىنىمۇ) ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەتتا بەزى ئالاھىدە قاتتىق دېتال ئىقتىدارلىرى مەسىلەن: Wi-FiGPS، تېزلەتكۈچ، ئېلېكترونلۇق كومپاس، ئاپارات،يورۇقلۇق سېنزورى ( سەزگۈچ )، ئارلىق سېنزورى، ۋە تىترىگۈچ قاتارلىقلار جەزمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. ئەگەر بىر ئۈسكۈنە رامكىدا بېكىتىلگەن بارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىمىغاندا، ئېنىقلا Windows Phone مەشغۇلات سېستېمىسىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تولۇق بولۇشىغاكاپالەتلىك قىلغىلى شۇنداقلا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرغىلى بولىدۇ.


ھازىرچە Windows Phoneمەشغۇلات سېستېمىسى چەكمە ئېكران بولمىغان ئۈسكۈنىلەرنى قوللىمايدۇ، بىراق ئۈسكۈنەياسايدىغانلار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىش قوشۇپ يۈرۈپ كۇنۇپكا ئارقىلىق باشقۇرۇلۇدىغان Windows Phone قاچىلايدىغان ئىقتىدارى ناچارراق ئۈسكۈنىلەرنى ياساپ چىقالايدۇ.


پروگرامماتۈزگۈچىلەرنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر ئىش Windows Phone دا پەقەت ئىككى خىللا ئېكران چوڭلۇقى بار، يەنى ئەڭ دەسلەپ ئېلان قىلىنغىنى (048*800 )WVGA . ئىككىنچى خىلى بولسا(HVGA (320*480 كېيىن ئېلان قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق ئەپ تۈزگەندە ئەپنىڭ ئېكران چوڭلۇقىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.


خوش بۈگۈنكى گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، نېمە دەپ تام تۈۋىدىن ھوشو قوپقاندەك Windows Phoneمەشغۇلات سۇپىسى ھەققىدە گەپ قىلىپ قالدىڭ دېسەڭلار، Phone مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ مۇقۇملۇقى ياخشى، يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكەندەك مەجبۇرلاش خارەكتېرلىك قاتتىق دېتال تەلەپلىرى ئۇنى شۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان، يەنە كېلىپ ھازىريېزىقىمىزنى تەۋەككۇلچىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سېستېمىسىغا قوشۇپ بېرىۋاتقان ماغدۇرى بار شىركەتمۇ Microsoft. بېشىڭنى كىم سىيلىسا ماشايىقىڭ شۇ، يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا چىرايلىقىڭ شۇ دېگەندەك شۇنىڭ ھەققىدە گەپ قىلىپ قالدىم.


ناۋادا Windows Phoneمەشغۇلات سېستېمىسىغا ئەپ يېزىشقا قىزىقىدىغانلار بولسا ( بولغاندىمۇ كۆپرەك بولسا) كېيىن بۇ توغرىسىدا تېما يوللىنىلىدۇ.


(مەن پەقەت7.8Windows Phoneكىچە ئەپ يېزىشتىن گەپ قىلىپ بېرەلەيمەن، 8Windows Phoneكەئەپ يېزىش توغرىلىق گەپ قىلاي دېسەم كومپيۇتېرغا تەلىپى ئالاھىدە يۇقۇرىكەن، قول تىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم) .


ھەممىڭلارغاسالامەتلىك تىلەيمەن...ئاقماس جېدەلنى ئاز قىلىڭلار...


تۆۋەندىكى رەسىم 7.8Windows Phoneكە تۈزۈلگەن ئەپنى سىناش جەريانىدىن كېسىپ ئېلىنغان.





WP





tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 08:53:35

ۋىندوۋس پون مەشغۇلات سىستىمىسىنى قايسى تىلىپۇنلارقوللايدۇ؟

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 09:41:09

نوكىيا نىڭ لۇما يانفۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ۋىندوۋس پون قاچىلانغان. باشقا ماركىدىكىلەر يوقنىڭ ئورنىدا .

7.8 ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەپلەرنى 8 دىمۇ ئىشلەتكىلى بولامدۇ ؟ ھەممىسى ۋىنپون بولغاندىكىن دەيمىنا ئەمدى \"\"

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 12:48:18

7.8دە تۈزۈلگەنلىرىنى 8 دە قوللايدۇ، 8ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىرىنى 7.8قوللىمايدۇ.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 15:44:47

ئۇيغۇرچە تىل-يىزىق قىتىلدىمۇ ؟

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 21:43:50

بەك ياخشى تىما يېزىپسىز! «بېشىڭنى كىم سىيلىسا ماشايىقىڭ شۇ، يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا چىرايلىقىڭ شۇ»

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-26 00:19:15

تېما ياخشىكەن، رەسىم كۆرۈنمىدى.



مىكروسوفىت شىركىتى مەشغۇلات سېستىمىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرمىسە، ياكى بولمىسا ھەقسىز قىلمىسا يېقىن كەلگۈسىدە باشقا مەشغۇلات سېستىمىلىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويشى مۇمكىن. مىسال قىلىپ نوكىيا شىركىتىنىڭ تارىخىغا نەزەر سېلىپ باقساق بولىدۇ. كۆزنەك سېستىمىلىق تېلفوننىڭ باھاسىنىڭ قىممەت بولىشىدىكى بىر سەۋەپ، تېلفون ياسىغان شىركەت ھەر بىر تېلفون ساتسا، مەشغۇلات سېستىمىسى ئۈچۈن بىر قېتىم مىكروسوفىتقا ھەق تۆلەيدىكەن. كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ( يانفون، تاختا كومپىيوتىر، مەخسۇس ئۈسكىنە) بەلكىم بارغانسىرى كومپىيوتىرنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى قاتارلىق تېخنىكىلار پات ئارىدا ئەمەلى قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولىدۇ. بۇ چاغدا گوگۇلنىڭ ھەقسىز مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ باھا جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن بازارنى تېخىمۇ كونترول قىلىۋېلىش ئېھتىماللىقى بار.



مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى توغرۇلۇق بىر ماقالە بار ئىدى، ۋاقىت چىقىرىپ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويارمەن.



مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىمدا، كەلگۈسىدىكى IT بازىرىنى قايتىدىن تەڭشەيدىغان بىر قانچە تېخنىكىلار:

سىمسىز توك قاچىلاش تېخنىكىسى: بۇ تېخنىكا ھازىر ئەمەلگە ئېشىپ بوپتۇ، لىكىن ئەسۋاپ بەك چوڭ، چوڭلىقى خىزمەت ئۈستىلىدەك كېلىدۇ.

مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى: بۇ تېخنىكا ھازىر ئىپتىدائى ھالەتتە، ئۈستەل يۈزى دىگەندەك فىزىكىلىق ئەمەلى تەكشىلىككە مۇھتاج، بېۋاستە ھاۋاغا تەسۋىر چۈشۈرۈپ دىگەندەك مەۋھۇم تەكشىلىكتە خىزمەت قىلالمايدۇ.

گوگۇل كۆزەينىكى: بۇ توغرىلىق ماتىرياللار بەك كۆپكەن، تەپسىلى توختالمىساممۇ بولغىدەك.

يۇقۇرقى ئىككى تېخنىكا گوگۇل كۆزئەينكى بىلەن بىرلەشسە، ھازىرقى ھالەت تامامەن بۇزۇپ تاشلىنىش ئېھتىماللىقى بار. شەخسى كومپىيوتىر پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قېلىشىمۇ مۇمكىن.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-26 01:21:04

@arislanmemet


تور كۆرگۈچنىڭ ئادرېس يازىدىغان يېرىگە


http://image226-c.poco.cn/mypoco/myphoto/20131124/20/6607034220131124205433039.jpg


دەپ يېزىپ ENTER كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا رەسىم ئېچىلىدۇ،  ئاندىن كېيىن ئىزدىنىشتا  تېمىنى قايتا ئاچسىڭىزرەسىم ئېچىلىۋېرىدىكەن. نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. ئېھتىمال رەسىم يوللانغان بوشلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ.

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2013-12-7 17:00:07

نوكىيا نىڭ 1020 ياكى 1520 دىن بىرنى ئالاي دىگەن .

ئۇلارنى تللاشتىكى سەۋەبىم كۆزنەك سېستىمىسى بولغاچ يېقىندا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ياكى كىرگۈزگۈچ ئېھتىماللىقى بار .

1020 نىڭ رەسىم تارتىش ئىقتىدارى ناھايتى ياخشى ئېنىق.

1520 نىڭ ئىكرانى چوڭ ، سەپلىمىسى يۇقۇرى .

توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ (تىيەنماۋ ) دىن ئىزدەپ يۈرۈپ بىرنەچچە خىل نۇسقىسى ئۇچۇراپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇ نۇسقىسى ئەڭ قىممەت ئىكەن . يەنە شاڭگاڭ نۇسقى، ئامرىكا نۇسقىسى، ياۋرۇپا نۇسقسى دىگەندەك نۇسقىلار بار ئىكەن باھاسىمۇ خېلىلا پەرىقلىق ئىكەن.

ھەرقايسى نۇسقىسىنىڭ قانداق پەرقى بار .

مۇشۇ توغرىسىدىمۇ بىلىدىغانلار مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار ؟؟؟
بەت: [1]
: WindowsPhone مەشغۇلات سېستېمىسى توغرىسىدا گەپ قىلىپ بېرەي.[تېخنىكا]