Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 13:22:11

[تەرجىمە]ئالبېرت ئېينىشتىيىن ئۈزۈندىلىرى

ئالبېرت
ئېينىشتىيىننى ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ يۈرۈش ھاجەتسىز.ئۇ كۆپىنچىمىزگە باشلانغۇچتىكى
ۋاقتىمىزدىن تارتىپ تونۇش.باشلانغۇچتىكى بىر ساۋاقدېشىم ئۇنىڭ ئىسمىنى دىيەلمەي
ئېتىنىشتىيىن دەيدىغانلىقى ھازىرغىچە ئىسىمدە
.


بۇ
ئالىمنىڭ پەندىكى نەتىجىلىرىدىن باشقا،تۇرمۇشتىكى پەلسەپىۋى ئۈزۈندىلىرىمۇ
ئۆزگىچىكەن،قىزىق بىلىنىپ نەچچىسىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم.ئىنگىلىزتىلى
بىلىدىغان تورداشلارغا ئىنگىلىزچىسىنىمۇ تەڭ يوللاپ قوياي،ھۇزۇرلىنارسلەر.ئىنگىلىزچىسى
بەك ھۇزۇرلۇق.



The world is a dangerous place to live; not
because of the people who are evil, but because of the people who
don"t do anything about it



دۇنيا ياشاش ئۈچۈن
خەتەرلىك بىر ئورۇن.رەزىل كىشىلەر تۈپەيلى ئەمەس،رەزىللىككە قارشى ھېچ ئىش
قىلمايدىغان كىشىلەر تۈپەيلى.



The
difference between stupidity and genius is that genius has its limits
.



تالانت ئىگىسى
بىلەن ھاماقەتنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى تالانت ئىگىسى چەكلىك قابىلىيەتلىك.



A person who never made a mistake never tried
anything new.




ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان كىشىلەر شۇ ھېچبىر يېڭى ئىش
قىلىپ باقمايدىغان كىشىلەر.



Only two things are infinite, the universe and human
stupidity, and I"m not sure about the former.



ئىككى نەرسە چەكسىز،ئالەم ۋە ئىنساننىڭ ھاماقەتلىكى.مەن تېخى
بىرىنجىسىنى چەكسىز دەپ كېسىپ دىيەلمەيمەن.



Logic
will get you from A to B. Imagination will take you everywhere.




لوگىكا سىزنى ئا دىن ب غا يەتكۈزىدۇ.تەسەۋۋۇر بولسا سىزنى ھەرقانداق
يەرگە يەتكۈزىدۇ.





Science
without religion is lame, religion without science is blind.





ئىلىم-پەنسىز ئېتىقاد مۇكەممەل ئەمەستۇر،ئېتىقادسىز ئىلىم-پەن قايمۇقۇشتۇر.



Intellectuals
solve problems, geniuses prevent them.



زىيالىيلار مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ،تالانتلىقلار مەسىلىنىڭ ئالدىنى
ئالىدۇ.



The
hardest thing to understand in the world is the income tax.




جاھاندا ئەڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئىش مۇشۇ شەخسى تاپاۋەت بېجى.



Information is not knowledge.



ئۇچۇر ئۇ بىلىم ئەمەس.



It is strange to
be known so universally and yet to be so lonely.



شۇنداق غەلىتە،دۇنياغا تونۇلۇڭكى ئەمما يالغۇز قېلىڭ.



You can"t blame
gravity for falling in love.




سىز بىرەسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن تارتىش كۈچىنى
ئەيىپلىسىڭىز توغرا بولمايدۇ.



Technological
progress is like an axe in the hands of a pathological criminal.




تېخنىكىنىڭ ئىلگىرلىشى بولسا بىر نىرۋا كىسەلنىڭ قولىدىكى پالتىغا
ئوخشايدۇ.









































































































مەنبە : http://www.brainyquote.com/quotes/authors/a/albert_einstein.html


uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 16:56:30

پەيزى گەپلەر ئىكەن

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 17:42:35

Science without religion is lame, religion without science is blind.





ئېتىقادسىز ئىلىم-پەن مۇكەممەل ئەمەستۇر، ئىلىم-پەنسىز ئېتىقاد قايمۇقۇشتۇر.



ئالمىشىپ قاپتۇ.ئۆزەم تەھرىرلىسەم يەنە قايتا تەستىقلاشقا توغرا كەلگۈدەك.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 20:29:26

بۇ تەرجىمىلەرنى بەك ياخشى قىپسىز قېرىندىشىم.

قارىغاندا بۇ ئېنىشتىن دېگەن كىشى بىلەن خېلى يېقىن ئوخشايسىز ھە.

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 01:36:56

بىر يوتقاندا يېتىپ چوڭ بولغانلاردىنكەن  {:92:}

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 09:30:55

The difference between stupidity and genius is that genius has its limits.

تالانت ئىگىسى بىلەن ھاماقەتنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى تالانت ئىگىسى چەكلىك قابىلىيەتلىك.



تەرجىمە تازا توغرا ئەمەستەك بىلىندى.\"\"

  


تالانت ئىگىسى بىلەن ھاماقەتنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى تالانتنىڭ چېكى بار.


يۇقۇرقىدەك تەرجىمە قىلساق راۋان ھەم مەنە ئىنىق بولىدىغاندەك ھېس قىلدىم.



گوگۇللاپ كۆرسەم خەنچە مۇنداق تەرجىمە قىپتۇ.


天才和傻逼的区别在于天才是有上限的,而傻逼是没有下限的!


一个人聪明是有限的,但是愚蠢是无限的



tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 10:15:21

سىلە ياخشى ئىپادىلەپسىلە

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 17:28:10

ساقلاپ قۇيىلى \"\"

RaZiL17 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 10:26:20

سېنى ياراتمايدىغانلارغا پەقەتلا كۈلۈپ قوي ،ئەينى ۋاقىتتا مېنمۇ قولدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ ياراتمايتتى ،ئاخىرى ئاتومنى قولغا پارچىلاپ تۇتقۇزۇپ قويدۇم .

ئالبىرىت ئېينىشتين..  {:90:}
بەت: [1]
: [تەرجىمە]ئالبېرت ئېينىشتىيىن ئۈزۈندىلىرى