تۈركىيەگە چىقىش ۋە پاسپورت ھەققىدە مەسلىھەت سورايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر...
ئىزدىنىشتا چەتئەل كۆرگەن تورداشلىرىمىز جىق بولغاچقا بۇ ئىشلاردىن مەسلىھەت ئالاي دەپ بۇ تېمىنى يوللىدىم .
گەپنىڭ پوسكاللىسى؛
تۈركىيەنىڭ پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق تاتلىق تۈرۈم پىشۇرۇق تېخنىكىلىرىدىن ئۆگىنىپ كىرمەكچى . مۇشۇ مەقسەد بىلەن ئۇ يەردە ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە تۇرۇش ئۈچۈن قانداق پاسپورت ياكى قانداق ئىشلارنى بېجىرسەم بولىدۇ ؟ ئايالىمنىمۇ ئېلىپ چىقماقچى بولسامچۇ؟ تۈركىيەدە مەخسۇس مۇشۇ ساھەدە تەربىيلەش،ئۆگىتىش ئېلىپ بارىدىغان شارائىتى ياخشى مەكتەپ بارمۇ؟......دېگەندەك، مۇشۇ توغۇرلۇق مەسلىھەت بەرسەڭلار...رەھمەت ...
ئەمما ئىشنىڭ يولىنى تىپىپسىز جۇمۇ!!!پاسپورىتنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالار ئۈچۈن بىرلا تۈرى بار. قوللايمەن. تۈركىيەنىڭ مۇشۇ خىل تۈردىكى نەرسىلىرى راستلا بەك ياخشى . سىز پىشۇرۇق پىشۇرۇشنىلا ئەمەس دۇكاننى قانداق بىزەپ ئېچىش ۋە خېرىدارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىۋاستە ھېس قىلىپ ئۈگىنەلەيسىز. بۇ يەردە مۇلازىمەت رەسمىي بىر مەدەنىيەت سۈپىتىدە ئومۇملاشقان .
سىزگە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىۋەتتىم . مېنىىڭ ئۈندىدار نومۇرۇمنى قوشۇۋالسىڭىز شۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەچ ياردىمىمنى قىلىۋالاي . ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم ،بەكمۇ ياخشى ئويلاپسىز . ياردەم كېرەك بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. تېلفون:13321193717
ياخشى ئىش!
(بۇ چاقچاق): ھازىر «پولات ئەلەمدار» ماركىلىق ئىش، پايپاق كىيەلىدۇق. ئۇزۇنغا قالماي، «پولات ئەلەمدار» ماركىلىق تورت يەيدىغان ئوخشايمىز!
خۇدايىم بۇيرىسا، مەن تۈركىيەگە چىقىپ قالسام، خۇسۇسىي نەشرىياتچىلىق ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرقانچە يىل تۇرۇشنىڭ ئىپى بارمىدۇ ،...؟ ئەگەر ساياھەت قىلىمەن دەپ باسىڭىز 6 ئاي تۇرغىلى بۇلىدىكەن باشقىچە بولسا ئۇزۇن مۇدەەتلىك ۋىزىغا ئىرىشىش خېلى قىيىن ئوخشايدۇ ياخشى گەپلەر بولسا بىۋاستە يېزىپ قويمامسلە
بەت:
[1]