mahammat يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 13:32:16

قاتتىق دىسكامنى قۇتقۇزۇڭلار !!!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش جامائىتى :

مىنىڭ خاتىرە كومپىيۇتىرىمنىڭ قاتتىق دىسكىسىدىن چاتاق چىقتى . خاتالىق ئۇچۇرى : سىمارتتتا خاتالىق بار .

دىسىك گىن دىتالى بىلەن تەكشۇرسەم ھىچقانداق خاتالىق ئۇچۇرى يوق . ھەممە نەرسە نورمال   . بىراق شۇ ھەرقاچان كومپۇيۇتىرنى قوزغاتسام يەنىلا شۇ ئۇچۇر . سىستىما قاچىلاپ باقسام ، ۋىندوۋىس كۆزنىكى ئېچىلىپلا كۆك ئىكران ھالىتىگە ئۆتىۋالىدۇ . پەقەت ئامال قىلالمىدىم . قاتتىق دىسكا ساتا 250 گىگابايىت .  كومپىيۇتىر ماركىسىcompaq presario

ئامال بارمىدۇ ............................؟  033.gif  033.gif  033.gif

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 19:45:40

قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايۇنلارغا ئايرىڭ

function يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 20:00:12

ئەڭ ياخشىسى كومپىيۇتېر ئوڭشايدىغانلارغا كۆرسىتىڭ، بىلمەي تۇرۇپ تولا ھەپىلەشسىڭىز ئىچىدىكى ئۇچۇرلاردىن قۇرۇق قېلىشىڭىز مۇمكىن.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 20:30:58

cmos تىن s.m.a.r.t ئىقتىدارىنى تاقىۋەتسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 20:31:04

BIOSقا كىرىپ قاتتىق دىسكا تەڭشىكىگە قاراپ بىقىڭ!!! AHCI ۋە ATA دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇلىنىش ئېغىزى بارمىكىن؟ئەگەر بار بولسا ئالماشتۇرۇپ تەڭشەپ بېقىڭ11يەنەAHCI بولسا ATA غا.ATAدا بولساAHCIغا.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 20:42:15

https://uyghur-archive.com/izdinix/forum.php?mod=viewthread&tid=51580

مۇنۇ مەن بۇرۇن يازغان تېما مۇشۇنداق ئىش بولغان ،ئەمما ئۇكومپىيوتىردىكىسى باشقا چاتاق ئىدى.ئەمما مۇشۇ تېمىنىڭ بىرىنچى قەۋەت ئىنكاسىدا سىزنىڭكىگە ئوخشاپ قالدىغان ئىش بولغانكەن،



[工作站 نىڭ قانداق تەڭشىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن لېكىن ئۆز ۋاقتىدا DELL خاتىرە كومپيۇتېرىمغا سىستىما قاچىلىغاندا سىزدېگەندەك \"قاچىلاش جەريانىدا سېستىما ئوپتىك دېسكىسى قوزغۇتۇلۇپ ،يەنە سېستىما ئوپتىك دىسكىسىنى ئوقۇپ قاچىلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بۇلغان windows is loading files دىگەن قىسمىدىن ئۆتكەندىن كىيىنلا كۆك ئېكران كۆرۈلدى \" ئەھۋالغا مەنمۇ ئۇچرىغان ؛كېيىن ئىزدەپ يۈرۈپ bios نىڭ sata تەڭشىكىنى ATA،AHCI ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ سىستىمىنى قايتا قاچىلىغاندا مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان .....

工作站 ماس كىلەمدۇ كەلمەمدۇ بىلمىدىم .... توغرا تاپسىڭىز سىناپ بېقىڭ ....)))

بۇ kompyuter دىگەن توردىشىمىزنىڭ ئىنكاسى.سىناپ بېقىڭ!!!

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 20:42:37

قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايۇنلارغا ئايرىڭ

....................................

دىسك گىن بىلەن فورماتلاپ باقتىم . يەنىلا ئوخشاش .



BIOSقا كىرىپ قاتتىق دىسكا تەڭشىكىگە قاراپ بىقىڭ!!! AHCI ۋە ATA دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇلىنىش ئېغىزى بارمىكىن؟ئەگەر بار بولسا ئالماشتۇرۇپ تەڭشەپ بېقىڭ11يەنەAHCI بولسا ATA غا.ATAدا بولساAHCIغا.

...........................................

بۇنىڭ بىئوس بەك ئاددىكەن . بۇنداق نەرسىنى تاپالمىدىم .

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 20:44:41

cmos تىن s.m.a.r.t ئىقتىدارىنى تاقىۋەتسىڭىز ئوڭشىلىدۇ

..........................................

ئۇنداق نەرسىنىمۇ تاپالمىدىمغۇ

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 20:47:07

كومپىيۇتىر ماركىسى  compaq presario cq42

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 21:47:40

ھاياتلىقنى قەدىرلەپ compaq presario دىن يىراق تۇرايلى ، كومپىيوتېر ئالماقچى بولغانلار ئېزىپ تېزىپ بۇ كومپىيوتېرغا يېقىن يولاپ سالماڭلار .

تېما ئىگىسى ئەڭ ياخشىسى خۇيپۇ نىڭ مەخسۇس رېمۇنت مەركىزىگە بېرىپ شۇلارغا كۆرسىتىپ بېقىڭ بولمىسا .

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 21:58:41

قايسى سېستېمىنى قاچىلىغان؟  ناۋادا Ghost XP  ياكى Windows7 بولسا سىز دېگەندەك خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا، ئېنىقكى قاتتىق دېسكىدىكى مەسىلە. ئەگەر ئۆلچەملىك قاچىلايدىغان XP بولسا، ئېنىقلا قاتتىق دېسكىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزىنىڭ تەڭشىكىدىكى مەسىلە.

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 10:51:20

كاتتا خوش خەۋەر !!! بۇگۈن قاتتىق دىسكام سەللىمازا ساقايغاندەك تۇرىدۇ . سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا قاراپ ئۆتۈپتۇ.بىر ھەپتىنىڭ ياقىدىكى داۋالاشلارنىڭ ئۈنىمى ئەمدى كۆرۈلدىمۇ ئىشقىلىپ خۇدايىم شىپالىق بەردى ، ئوڭشىلىپ قاپتۇ ، ghost xp نورمال قاچىلاندى . ھازىر شۇ خاتىرە كومپىيۇتىردا تورغا چىقىۋاتىمەن . بىراق يەنىلا قوزغالغاندا simartنىڭ ئازراق ئىلانى تۇرامدۇ نىمە .... شۇمۇ بىر ئوڭشىلىپ كەتكەن بولسا ھە ....

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 17:08:05

تېما ئىگىسى، كومپيۇتېرىمىزنىڭ تىپى ئوخشاشكەن. بۇ كومپيۇتېرنىڭ cmos تەڭشەكلىرىنى زاۋۇت ھالىتىدىن كۆپ ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.

شۇڭا، تەكلىپىم، باشقا قاتتىق دېسكىدىن بىرنى سەپلەپ (ئالغاندىكىن چوڭراقىنى ئېلىڭ)، ئاۋۇ 250 جى دېسكىنى ياندېسكا قېپىغا سېلىپ ياندېسكا قىلىپ ئىشلىتىڭ. يەرگە چۈشۈرۈۋەتمىسىڭىزلا نەچچە يىل بىمالال ئىشلىتەلەيسىز.

مېنىڭكىدىغۇ بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان.
بەت: [1]
: قاتتىق دىسكامنى قۇتقۇزۇڭلار !!!