alkincn يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 17:53:44

ئۇيغۇر دوكتورلىرى «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى»ناملىق مۇھاكىمە يىغى


    2013-11-20







    ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە رەسمىي باشلاندى. يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە ئوقۇپ ئۆتتى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ھەر يىلى چاقىرىلىدىغان بۇ يىغىنغا تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان تۈرك، ئۇيغۇر، قازاق، تۈركمەن، ئۆزبېك، قىرغىز ۋە ئەزەرلەردىن 60 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى مۇدىرى پروفېسسور سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر سۆزلىدى.



    ئۇ، نۇتقىدا مۇنداق دېدى:

ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار، سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار ھەممىڭلار خۇش كېلىپسىلەر. ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىز 2002-يىلىدىن تارتىپ ھەر يىلى چاقىرىپ كېلىۋاتقان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى. 1991- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى قۇرۇلدى. ھازىر تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 8 ئۇنىۋېرسىتېتتا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى قۇرۇلدى. بۇ 20 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى زور تەرەققىي قىلدى. ھازىر تۈركىيەدە پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، ئارخېئولوگىيىسى توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بېرەلەيدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپەيدى.



    ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى يىغىنى 19- نويابىردىن 22- نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يىغىن ھەر كۈنى 3 گۇرۇپپا شەكلىدە داۋام قىلماقچى. ھەر گۇرۇپپا دوكلات بېرىش يىغىنىغا داڭلىق تۈركولوگلارنىڭ نامى بېرىلگەن بولۇپ، 21- نويابىر كۈنىدىكىگە تونۇلغان ئۇيغۇر تۈركولوگ پروفېسسور خەمىت تۆمۈرنىڭ ئىسمى بېرىلگەن. يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە بىنائەن بۈگۈن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم «جۇڭگۇ مەنبەلىرىدە تۈرك ئاتالغۇسى» تېمىسىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. نۇرانىيە ھىدايەت ئەكرەم «كۆكتۈرك مۇزىكىسىنىڭ جۇڭگۇنىڭ سەنتەي مۇزىكىسىغا بولغان تەسىرى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى. در. ئەركىن ئەكرەم دوكلاتىدا جۇڭگۇ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كاللىسىدا تۈرك ئۇقۇمىنىڭ مۈجمەل ئىكەنلىكىنى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىستانبۇلغا كەلگەن جۇڭگۇ سەيياھنىڭ ساياھەتنامىسىدە ئوسمانلى تۈركلىرىنى كۆكتۈرك مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان «تۇجۈئې» ئىسمى بىلەن يازغانلىقىنى بايان قىلدى. در. نۇرانىيە ھىدايەت ئەكرەم خانىم بۈگۈنكى ياپون مۇزىكىسىنىڭ نوتىلىرىنىڭ كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدە جۇڭگۇ ئوردىلىرىغا كىرگەنلىكىنى، جۇڭگۇ ئارقىلىق ياپون مۇزىكىسىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە جۇڭگۇدا باربىت بىلەن ئىجرا قىلىنغان سەنتەي مۇزىكىسىنىڭ كۆكتۈرك مۇزىكىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەڭ ئاخىرىدا ۋۇمان ئىجرا قىلغان سەنتەي مۇزىكىسىدىن ئۆرنەكلەر ئاڭلاتتى. پروفېسسور تۇنجەر گۈلەنسوي ئەپەندى در. نۇرانىيە خانىمنىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ، كۆكتۈرك دۆلىتى مەزگىلىدىكى نۇرغۇن چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە موڭغۇلىيە، سىبىرىيە، تۈركىستان ۋە باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىكى تۈركىي خەلقلەردە مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما بۇ ھەقتە تۈركىيەدە تەتقىقاتلارنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

    ئارقىدىن پروفېسسور نەۋزات ئۆزقان، دوكتور ئابدۇرېشىت قارلۇق، دوكتور ئابدۇللاھ گۆك، دوكتور جەمىلە قىناجى خانىم ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

    پروفېسسور نەۋزات ئۆزقان ئەپەندى «قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى، قوچو ئىدىقۇت دۆلىتى، قاراخانىيلار دۆلىتى، سەئىدىيە خانلىقى، 1863- يىلى قۇرۇلغان قەشقەرىيە دۆلىتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش تارىخىنى ئاڭلاتتى. ئۇ دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش تارىخى ۋە  قوشۇۋاتقان تۆھپىسى توغرىسىدا توختالدى.

    در. ئابدۇرېشىت قارلۇق سۆزىدە جۇڭگۇ كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئاڭلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا ھەر خىل ئىجتىمائىي تەبىقىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ئېيتتى.نىدە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئابدۇللاھ گۆك ئەپەندى «قازاقىستاننىڭ ئانا تىل سىياسىتى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي دوكلاتىنى بەردى.

    ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى يىغىنى 19- نويابىردىن 22- نويابىرغىچە داۋاملاشماقچى ۋە كېيىنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يەنە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالە ئوقۇلماقچى.



http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=18631

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 10:27:53

بېگىرنىڭ دەرجىسى ئۆسەپتۇ ھە

supernatural يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 11:06:50

1- قەۋەتتىكى begir4نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەڭ ئاخىرقى ئابزاستىكى مۇنۇ قۇرنى چۈشۈنەلمىدىم .

( در. ئابدۇرېشىت قارلۇق سۆزىدە جۇڭگۇ كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئاڭلاتتى)




ئۆتكەندە ئىزدىنىشتا بۇ بۇرادەر ئەركەك جەمئىيەتشۇناس دەپ نام ئالغانىدى. ئەمدى ئۇ تۈركىيەگە چىقىپ كېتىپ، چىشىسى بىزگە قالدىمۇ نىمە؟

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 19:24:46

2- قەۋەتتىكى sazguriنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بېگىرنىڭ دەرجىسى ئۆسەپتۇ ھە




قىززىق ئىنكاسكەن

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 20:56:57

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم كۆپ تەرەپلىمە بىلىمگە ئىگە تارىخچى ھەم ئىستىراتىگىيەشۇناس . ئۇ ئونۋىسىتىتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە تۈركىيەنىڭ ئىستىراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىدە ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ .

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 15:14:34

ئىستىراتىگيە دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى نىمە ؟

semerqent يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 19:21:33


6- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىستىراتىگيە دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى نىمە ؟   



<< مەقئەت كوچىلاش كومۇلىچى >> دېگەن گەپ .


jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 14:57:14

7- قەۋەتتىكى semerqentنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


6- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىستىراتىگيە دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى نىمە ؟   



<< مەقئەت كوچىلاش كومۇلىچى >> دېگەن گەپ .






=====================


رەخمەت،،خالا باشلىقى

semerqent يوللانغان ۋاقتى 2013-12-16 23:53:23

8- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى semerqentنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


6- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىستىراتىگيە دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى نىمە ؟   



<< مەقئەت كوچىلاش كومۇلىچى >> دېگەن گەپ .






=====================


رەخمەت،،خالا باشلىقى



        ئەرزىمەيدۇ ، ھاجىتىڭىز راۋا بولغاي ! \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-17 00:08:50

9- قەۋەتتىكى semerqentنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى semerqentنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


6- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىستىراتىگيە دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى نىمە ؟   



<< مەقئەت كوچىلاش كومۇلىچى >> دېگەن گەپ .






=====================


رەخمەت،،خالا باشلىقى



        ئەرزىمەيدۇ ، ھاجىتىڭىز راۋا بولغاي ! \"\"


\"\"
بەت: [1]
: ئۇيغۇر دوكتورلىرى «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى»ناملىق مۇھاكىمە يىغى