ھازىرقى غول ماركا ۋە شاخ ماركىلارنىڭ باغلىنىشى
ماركىلىشىپ كەتكەن دۇنيادا، ئەتراپىمىز خىلمۇ خىل، نۇرغۇن ماركىلار بىلەن تولۇپ تاشقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ماركىلار بىر غول ماركا ئاستىغا توپلاشقان بولىدۇ. خىلمۇ خىل شەكىل، ھەرپلەردىن لايھىلەنگەن ماركىلارنىڭ غول ماركىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قويساق زىيىنى يوق دەپ ئويلىدىم. توردا ئۇچراپ قالغان ماۋۇ رەسىم، بۇنى چۈشىنىمىز ئۈچۈن خېلى پايدىلىقكەن.
لىكىن تېما يوللىغۇچى يوللىغان شەكىل بىلەن بىزنىڭ مىللىي كارخانىلارنىڭ پەرقى چوڭ ... ئانا ماركا ۋەشاخ ماركا توغرىلىق نى نى ماقالىلەر يېزىۋېتىلگەن. ئادەتتە شاخ ماركىلارنىڭ بازار ئەھۋالى ئانا ماركىلار ۋە ئۇنىڭ ئىستىقبالى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقى بولىدۇ. ئەگەر شاخ ماركىلاردا سۈپەت قاتارلىق ھەرقانداق بىر خاتالىقلار كۆرۈلۈپ قالسا ئانا ماركىنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئانا ماركىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن تەڭ مۇشۇنداق بالا ماركىلارنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق يېڭى مەھسۇلات ئۇقۇمىنى پەيدا قىلغىلى بۇلىدۇ ۋە داۋاملىق كېڭىيىش يېڭىلىنىپ تۇرۇش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ماركىلاشقان دەۋىردە ئانا ۋە شاخ ماركىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بىر شېركەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يېڭىچە تاكتىكىلارنىڭ بىرى .
بىر ماركىدىن ئۇششاق ماركىلارنى تۈرلەندۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئۈنىمى ياخشى ئوخشىمامدۇ ،، قارىسام ھەممىسى ئەخلەت ماركىدەك كۆرۈندى ماڭا.
غول ماركا ۋە شاخ ماركا دەپ...... چىك ئايييي ، سىز ئۆزىڭىز ئاشۇ ئاتالغۇنى خاتا ئاتاپ. ئەسلى ئانا ماركا بالا ماركا دېيىش كېرەكتى . ئانا شېېركەت بالا شېركەت دېگەندىكىن . بومۇ ئوخشاش بىر مەنتىقە ئىدى ئەسلىدە . ئۆزگەرتىۋەتتىم. 万网 مۇ ئالىبابانىڭ قولىدا. قارغاندا، تۈركىيە ئۈلكەر گورھىمۇ شۇلارنى نۇسقا ئاپتىكەندە. لىكساس ماشىنا تويوتا شىركىتىنىڭ ..
كىئا بىلەن خىيونداي بىر شىركەتنىڭ دىگەندەك.
بەت:
[1]