turkzad يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 08:15:26

ئاتالمىش «چەكسىز تور دېسكىلىرى» نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى

تورغا چىقىدىغانلاردىن تور دېسكىسى ئىشلىتىپ باقمىغانلار ئاز بولىشى مۇمكىن. بىر چاغلاردا تور دېسكا دېگەنمۇ ئەتىۋار نەرسە ئىدى، 5G بوشلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن قىمىغانلىرىمىز قالمايتتى. مۇشۇ بۇلۇت تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشى نەتىجىسىدە، يېقىندىن بىرى تور دېسىكىسى دېگەن كونا تاغاردەك تۆكمە بوپ كەتتى. بۇ خىل ھادىسە بەزى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماي قالمىدى ، ئەلۋەتتە. 1TB 2 TB بولغان بۇنچە چوڭ سىغىملىق ھەقسىز بوشلۇقلار نەدىن كېلىدۇ؟ زادى قانداق بىر غايەت زور مۇلازېمىتىر چەكسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، نامراتلىقىمىزدىن ھەقسىز نەرسىلەرگە ئوبدانلا كۆنۈپ كەتكەن بىزلەر ئۈچۈن، ئاشۇ چەكسىز تور بوشلۇقلىرى پەقەتلا بىزلەرنى جەلىپ قىلغۇچى يالتىراق خالتا بولىشى مۇمكىن.

مودا بولىۋاتقان چەكسىز تور دېسكا بوشلۇقلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى مۇنداق ئىدى:

تۆۋەندە سىزنى تور دېسكا بوشلۇقى تەمىنلىگۈچى تەرەپ، مېنى ۋە بىزنى ئابونت دەپ مىسال ئالىمىز!

سىزدە ھەربىر ئابۇنتقا 1G بوشلۇق تەمىنلىيەلەيدىغان، 1000G لىق بىر مۇلازېمىتىر بولسا، ئۇنداقتا بۇنى قانچە ئابونتقا تەقسىملىشىڭىز مومكىن؟ ئېنىقكى " 1000G/1G=1000 يەنى 1000 ئادەمگىلا تەقسىملەيمەن" دەپ جاۋاب بېرىسىز. ئەمما ئويلاپ باقساق، بۇنداق تەقسىملەنگەندە ھەربىر ئابونتنىڭ 1G بوشلۇقنى تولۇق ئىشلىتىشى ناتايىن. بەزىلەر پەقەت تىزىملىتىپ قويۇپ ئىشلەتمەيدۇ، بەزىلەر ئازراقلا نەرسە يوللاپ تاشلاپ قويىدۇ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەر كۆپرەك ئىشلىتىدۇ...ئۇنداقتا بىز ئوتتۇرىچە ھىساب بىلەن ھەربىر ئابونت 50M بوشلۇق ئىشلىتىدۇ دەپ پەرەز قىلايلى، ئۇنداقتا سىز 1000 ئابونتقا تەقسىملەپ بەرگەن 1000G بوشلۇقتىن ئاران 1000*50M=50G ئىشلىتىلگەن بولىدۇ، دېمەك 950G بوشلۇق بىكار تۇرغان، يەنى مۇلازىمىتىرىڭىز ئاساسەن بىكارغا ئىسراپ بولغان بولىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشىڭىز كېرەك؟

سىز ئاۋۋال تەقسىملەش ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ، 1000G بوشلۇقنى 20000 ئابونىتقا قورقماي بۆلۈپ بېرىڭ( ئەلۋەتتە ھەربىر ئابونىتقا نامدا بېرىلگەن بوشلۇق يەنىلا 1G بولىدۇ). ئەمدى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلىتىشى 50M بويىچە ھىسابلىسىڭىز، 20000*50M=1000G بولىدۇ، دېمەك مۇلازىمىتىرنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئاشتى. ئەمما لېكىن بىراق، بۇنداق تەقسىملەپ قويغاندىن كىيىن، ئويلىمىغان يەردىن بىرەر ئابونت كۆپرەك ھۆججەت يۈكلەپ سېلىشى ، ھەمدە ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىلگەن تور دېسكا بوشلۇقىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بايقاپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا يۇقارقىدەك 20000 ئابونتقا بۆلۈپ بەرمەي، 19000 غا بۆلۈپ، قالغىنىنى زاپاسقا ئېلىپ قويسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟!. چۈنكى، ئوتتۇرىچە قىممەتتىن ئاشۇرۇپ ھۆججەت يۈكلەيدىغانلار ھامان ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.

شۇنداق قىلىپ ئوخشاش مۇلازىمىتىرنىڭ ئۈنۈمنى بىردەمدىلا 19 ھەسسە ئاشۇردىڭىز،لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمايسىز.يەنە ئويلاپ باقايلى!

ئەگەر سىزدە 1000 دانە مۇلازىمىتىر بولسا، ھەربىر مۇلازىمىتىرنىڭ سىغىمى 1000G بولسا، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە بولغاندا ھەربىر مۇلازىمىتىردا 50G سىغىمنى زاپاس قويىشىڭىز كىرەك، ئۇنداقتا بۇ 1000 دانە مۇلازىمىتىرىڭىزدا 1000 *50G=50000G بوشلۇق بىكارلا قالغان بولدى(50دانە مۇلازىمىتىر بىكار قالغان گەپ)، بۇ نەقەدەر زور ئىسراپچىلىق – ھە!؟ بۇنى ھەل قىلماي بولمايدۇ! كىشىلەر ئاللىبۇرۇن توپلاشتۇرۇپ ساقلاش(计存储集群) تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ تېخنكىا ئارقىلىق بىر ئابونتنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئەھۋالغا قاراپ، ئوخشىمىغان مۇلازىمىتىرلارغا بۆلۈپ ساقلاشقا بولىدۇ(يەنى مەن تور دېسىڭىزغا بىر دېتال يوللىغان بولسىام بەزى ھۆججەتلىرى خوتەندىكى مۇلازىمىتىرغا، بەزى ھۆججەتلىرى ئۈرۈمچىدىكى مۇلازىمىتىرغا يۈكلەنگەن بولىشى مومكىن، بۇنى مەن سەزمەيمەن، خالاس). بۇنداق بولغاندا ھەربىر مۇلازىمىتىردا زاپاس بوشلۇق قالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، ھەتتا كۆپ قىسىم مۇلازىمىتىرنىڭ بوشلۇقىنى 100% ئىشلىتىشكە بولىدۇ(يەنى 10000 ئابونىتقا 1G دىن10000G بوشلۇق بۆلۈپ بېرىلىپ، ئەسلى 10دانە مۇلازىمىتىر ئاجىرىتىلىشى كىرەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 10000 ئابونىتنىڭ يۈكلىگەن ھۆججەت ئومۇمى سىغىمى 1000G بولغان بولسا، ئاران بىر مۇلازېمىتىر ئىشلىتىلگەن بولىدۇ). مۇشۇ ھالەتتە تاكى ھەربىرىنىڭ سىغىمى 1000G بولغان 1000دانە مۇلازىمىتېرنىڭ ئومۇمى سىغىمى 1000*1000G=1000000G تولۇق ئىشلىتىلىپ بولغۇچە تەمىنلەشكە بولىدۇ، ئەگەر سىغىم توشۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى يىقىنلاپ، زاپاس بوشلۇق رايونىغا كىرىپ قالسا، ئۈنئالغۇغا لېنتا سالغاندەك مۇلازىمىتىرغا دېسكا سەپلىسىڭىزلا بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ مۇلازېمىتىر بوشلۇقىڭىزنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمنى يەنە ئاشۇرۇلدى، چەكلىك بوشلۇقنى چەكسىزگە يىقىن ئابونىتلارغا تەقسىلەپ بېرىش تامامەن مۇمكىن بولدى.

ئۇنداقتا ئۈنۈمنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان باشقا ئامال بارمۇ – يوق؟

بىركۈنى مۇلازىمىتىر ئاسىرىغۇچى خادىمىڭىز توساتتىن بىر ئىشنى بايقاپ قالدى: گەرچە تور دېسكا بوشلۇقىغا تىزىملاتقان ھەربىر ئابونتقا نامدا 1G ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرىچە 50M بوشلۇق تەقسىملەپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بەزىلەر نەچچە KB نەرسە يوللاپ قويۇپ، بىر نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل يوقاپ كەتتى. بۇنداق بىكار تەلەتلەر ئۈچۈن قىممەتلىك مۇلازىمىتىرنى بىكار قويۇشقا بولمايدۇ – دە! بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىللىق ئىنژىنىرلىرىڭىز تۆۋەندىكى لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى:

" بىر ئابونتنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئوخشىمىغان مۇلازىمىتىرغا بۆلۈپ ساقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق،تارقاق ۋە توپلاشتۇرۇپ ساقلاش تېخنىكىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردۇق، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمامدۇق؟ ئىنتايىن ئاسان، بىز قورقماي ئابونىتلارغا 1G بوشلۇق بەردۇق دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە دەسلىپىدە 0M بوشلۇق تەقسىملەيلى، ئاندىن ئۇلار قانچىلىك نەرسە يوللىغىنىغا قاراپ ئاپتوماتىك بوشلۇق ئاجىرىتىپ بىرەيلى!"

بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىر دانە 1000G لىق دېسكىڭىز بىلەن تەخمىنەن 1000000 ئابونتنىڭ ئىھتىياجى قاندۇرۇلىدىغان بولدى(دۆلىتىمىزدە 4000000000 ئادەم بار دەپ قاراپ، ھەمىسىى تور دېسىكىىڭىزنى ئىشلەتتى دېسەك، ئۇنداقتا تەخمىنەن 4000000000/1000000=4000 ھەربىرى 1000G بولغان دسكىدىن پەقەت 4000 دانە بولسىلا يىتەرلىك،ئەلۋەتتە 4مىليارد ئادەمنىڭ تور دېسكىڭىزنى ئىشلىتىشى ئاساسەن مومكىن ئەمەس). دېمەك بەيدۇ، 360 تور دېسكىلىرىنىڭ پونى زەڭ سالماي ئېتىپ، بوشلۇق تۆكمە قىلغىنى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس!

ئاتالمىش تور دېسكا مەخپىيەتلىكلىرى موشۇنىڭ بىلەن تۈگىدىمۇ؟

ياق، ياق... ئېلىخەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن يۇقىرىقىلار يىتىپ ئاشىدۇ، ئەمما تور دېسكىسى ئۈچۈن يەنە باش قاتۇرۇشىڭىز كىرەك! چۈنكى، ئېلىخەت مۇلازىمىتىرىدا ئۇچۇرلار ئاساسەن ئوخشىمايدىغان ۋە ئىجادىي بولىدۇ. بىراق تور دېسكىسىدا بولسا ئوخشاش بىر ھۆججەتنى نەچچە ياكى نەچچە مىڭ ئادەم يوللايدىغان ئەھۋال ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن:

مەمەت مەلۇم تور بەتتىن "گۈلەمخان" ناملىق كىنونى چۈشۈرۈپ، تور دېسكىڭىزغا تىزىملاتقاندىن كىيىن ساقلاپ قويدى. سەمەتمۇ ئوخشاش كىنونى چۈشۈرۈپ تور دېسكىڭىزغا ساقلاپ قويدى. موشۇ بويىچە مىڭ ئابونت ئوخشاش بىردانە ھۆججەتنى 1000 قېتىم تور دىسكىڭىزغا يۈكلىدى. ئەگەر بۇنداق كىتىۋەرسە نەچچە ئايغا قالماي تور دېسكىڭىزنى تاقاپ، قېچىپ كەتمەي ئامالىڭىز يوق.

شۇنىڭ بىلەن ئىنژىنىرلىرىڭىز يەنە ئامال تېپىشقا باشلىدى:" ئەخمەق ئابونتلار ئوخشاش ھۆججەتنى تەكرار يوللاۋەرگەندىكىن بىزمۇ "ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ " قىلىپ، ئوخشاش ھۆججەتتتىن دېسكىمىزدا بىر نۇسخىلا ساقلايلى. ئاندىن ئابونتقا سەزدۈرمەستىن دېسكىمىزدىكى ئوخشاش ھۆججەتنى تېپىپ، ئۇ يوللىغان ھۆججەت ئورنىدا تىزىملىكىنى كۆرسىتىپ بىرەيلى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ "بۇ ھۆججەتنى ئۆزۈم يوللىدىم" دەپ خۇش بولسۇن، بىز بولساق قىممەتلىك دېسكىمىزنى تىجەپ قالايلى. لېكىن – زە، ئەگەردە ئۇ بىردىنبىر نۇسخا ھۆججەتنى مەلۇم ئابونت ئۆچۈرىۋەتمەكچى بولسا قانداق قىلىمىز؟بۇنىڭمۇ ئامالى بار، بىز پەقەت ئۇنىڭ خاھىشى بويىچە ھۆججەت تېزىملىكىنى ئۆچۈرۈپ بەرسەكلا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابونت ئۆچۈرگەن ھۆججەت شەكىلدە ئۆچۈپ، ئەمەلىيەتتە دېسكىمىزدا ساقلىنىپ قالىدۇ. دېمەك، بىرەر ئابونىتىڭ ھۆججەتنى ئۈچۈرۋېتىشى سەۋەبلىك، باشقىلارنىڭ ساقلىۋالغانلىرى يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. پەقەت مەزكۇر ھۆججەتنى ساقلىغۇچۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆچۈرىۋەتكەندىلا ئاندىن بىز ئالدىرىماي دسكىمىزدىن تازىلىۋەتسەكلا بولىدۇ".

ئابونىتلارنىڭ كۆپىيىشى، يوللانغان ھۆججەتلەرنىڭ ئاۋۇشى بىلەن دېسكىڭىز گوياكى چەكسىز ئوكيانغا ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن يوللانماقچى بولغان ھۆججەتلەرنىڭ تەكرارلىقىغا ھۆكۈم قىلىشمۇ، ئۇنىڭ دېسكىدىكى تەييار نۇسخىسىنى ئىزدەپ تېپىشمۇ قولايلىقلىشىپ ماڭىدۇ. دېمەك، بىر زامانلارغا بارغاندا ئابونىتلار ساقلىۋالغان ئاساسلىق ھۆججەتلەر دېسكىڭىزدا تولۇق بىر قامۇس شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇچاغلاردا "بۇلۇت بوشلۇقى" دېمەي "ھاۋا بوشلۇقى" دېسىڭىزمۇ باشقىلار ئىشىنىدۇ. موشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا ھەربىر ئابونىت ئەمەلىيەتتە پەقەت 1M ئەتىراپىدا ھەقىقىي ھۆججەت يوللىغان بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن دېسكىڭىزنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يەنە ئاز دېگەندە 50 ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ۋاقىت ئۆتكەنسېرى خادىملىرىڭىز يەنە بىر قانۇنىيەتنى بايقاپ قالدى: مەمەت يۈكلىگەن "گۈلەمخان" ناملىق ھۆججەت بىلەن سەمەت يۈكلىگەن " ئۇيغۇرچە كلاسسىك كىنو - گۈلەمخان" پەقەت ھۆججەت نامى ئوخشىمايدىغان ئوخشاش ھۆججەت ئىكەن. "ئەجىبا، بىز موشۇنىمۇ ئايرىيالماي، ئابونتلار ئۈچۈن ئوخشىمىغان نامدا بىر ئوخشاش ھۆججەتنى تەكرار ساقلاپ يۈرەمدۇق؟ نەدە ئۇنداق ئەخمەقلىق بولسۇن! پەقەت بىر نەچچە قۇر ئىپادە( مەسىلەن: MD5 قىممىتى) ئارقىلىق ھەربىر قىسقۇچ ئىچىدىكى نىشان ھۆججەتنىڭ شەكلى ۋە يۇشۇرۇن خاسلىقلىرىنى پەرىقلەندۈرسەكلا ئىش پۈتمەمدۇ؟! چاپىنى ھەرخىل بولسىمۇ ئىچىدىكىنى بايقىۋالىمىز، ئاندىن تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكرار يۈكلەشتىن ساقلىنىمىز. پەقەت ئابونت ئۈچۈن ئۆزى قويىۋالغان نامنى كۆرسىتىپ بەرسەكلا ئىش پۈتىدۇ" – خادىملىرىڭىز شۇنداق دەيدۇ.

بىراق كىيىنچە يەنە باش ئاغىرىقى چىقتى. ھەربىر ھۆججەتنىڭ MD5 سىنى ئايرىم ھىسابلىغاندا ئىېنىقلا باش ئاپپارات CPU سىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. يەنە كېلىپ ئوخشاش ھۆججەتلەرنىڭمۇ ئوخشاشلىقىنى قايتا تەكشۈرۈش، زور دەرىجىدە ئىقىم خورىتىدۇ. ئەمىسە قانداق قىلغۇلۇق؟

ئەقىللىق پروگراممىرلىرىڭىز كىچچىككىنە بىر دېتال ياكى قىستۇرما يازسۇن – دە، ئابونتلار ھۆججەت يۈكلەشتىن ئاۋۋال شۇنى قاچىلاپ قوزغىتىش تەلەپ قىلىنسۇن(ياكى يۇشۇرۇن قاچىلىنىپ ئىشنى پۈتتۈرسۇن). شۇنىڭ بىلەن MD5 ھىسابلاشلىرى پۈتۈنلەي ئابونىتنىڭ كومپىيوتېرىدا ئاشۇ دېتال ياكى قىستۇرما ئارقىلىق ھەل قىلىنسۇن. ئەگەر يۈكلەشتىن ئاۋۋال نۆۋەتتىكى ھۆججەتنىڭ دېسكا بوشلۇقىدىكى مەلۇم ھۆججەت بىلەن ئوخشاشلىقى بايقالسا، نۆۋەتتىكى ھۆججەتنى ئەمەلىي يۈكلەشتىن توختىتىپ، پەقەت ئابونىتقا يۈكلەۋاتىمەن دەپ قويسۇن، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە " XX ھۆججەت نەچچە سكۇنتتىلا يۈكلەندى" دەپ پو ئېتىپ قويۇپ، ئارقا سەھنىدە تەييار ھۆججەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى رەتلەپ، شۇ ئابونىتنىڭ ھىساۋاتىغا پەيدا قىلىپ بەرسۇن.

يۇقارقى بىر قاتار نەيرەڭلەر ئارقىلىق بۇرۇن پەقەت 1000 ئابونتقىلا تەمىنلەشكە بولىدىغان بوشلۇقنى، ئابونىت تەرەپتىكى 1G بولغان بوشلۇق قىممىتىنى ئۆزگەرتمەستىن 1000000 ئابونىتقا تەمىنلەيدىغان بولدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن ياخشى چۈش كۆرۈپ قالغان بىرەر كۈنى قوپۇپ" دەرھال 1TB لىق ھەقسىز تور دېسكىسى ئېلىۋېىلىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بىزنىڭ بىرنەچچە دېتاللىنىلا قاچىلاپ، ئۇچىرىغانلارغا ماختاپ بەرسەڭلارلا بولىدۇ" دەپ تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغاڭ، ھەقسىزگە كۆنگەن تالايلىغان ئادەملەر بەس – بەستە بۇ خەۋەرنى تارقىتىپ، 1TB لىق بوشلۇققا ئىرىشپ تىرىسىگە سىغماي قالسۇن. بىراق ئۇلارنىڭ ھۆججەت يوللاش ئوتتۇرىچە سىغىمى 50M دىن ئازراقلا ئاشىقان بولىدۇ . تور دېسكىڭىزنىڭ سېغىمغا بولغان ئىھتىياجنىڭ بۇنچىلىك ئېشىشى ئىرىشكەن پايدىلىڭىز ئالدىدا ئادەتتە تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ. ئەمما نامدا "چەكسىز بۇلۇت بوشلۇقى" بىلەن "ھەقسىز" تەمىنلەپ دەۋىر بۆلىگۈچ ئۆزگىرىش قوزغىغان بولىسىز.

ئەلۋەتتە جاپاكەش ئىنژىنىرلىرىڭىز توختىماستىن قانداق قىلغاندا تور دېسكا بوشلۇقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ. بەلكىم بىر كۈنى كومپىيوتېرىمىزنىڭ سېستىمىسىنمۇ تور دېسكڭىزغا قاچىلاپ قويۇپ، نەچچە مىليون ئابونت ئورتاق ئىشلىتىدىغان بوپ كېتىشىمىز مۇمكىن!

مەنبە: تەشنا بلوگى

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 22:16:09

مەيلى نىملا بولسۇن ئىشقىلىپ ماڭا پايدىسى ئاز ئەمەس ھازىر. بەيدۇنىڭ2TB لىق تور دىسكامدىن يېرىمى تۇشۇپ قالاي دىدى.مەيلى خەقنىكىدىن ئايرىپ بەرسۇن.ياكى مىنىڭكىنى خەققە بەرسۇن ئىشقىلىپ چۈشۈرىمەن دىگەندە چۈشۈرۈپ، يەرلىك دىسكام توشۇپ كەتسە چىقىرىمەن دىگەندە يەنە چۈشۈرگىلى بولىدۇ دەپ خاتىرجەم چىقىرىپ.لازىم بولغاندا ئىزلەيمەن دەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماي ،ئىشلىتىۋاتىمەن.نۇرغۇن -نۇرغۇن ماتىرياللىرىم بار.چاتاق يېرى بۇلار مىنىڭكىنى خەققە بەرسىمۇ مەيلى،ئەمما بىر كۈنلەردە ئېچىلماس بۇلۇپ قالمىسىلا بۇلاتتى. \"\" \"\"

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 04:36:54

مېنىڭ چۈپەندىكى بوشلۇقۇم تاقىلىپ قېلىپ قورسىقىم راسا كۆپكەن. شۇنىڭدىن كىيىن تور دىسك دېگەننىمۇ ئىشلىتەمدۇ دەپ قاراپمۇ قويماپتىكەنمەن ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە تورغا قويغۇدەك بىرەر نەرسەممۇ چىقىپ يۈرمىگەن.

لېكىن ماۋۇ ئۇچۇرلارنى بىلىۋالدىم. تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت .

ئاۋۇ گىستاپو دىگەن تورداشنىڭ چەتئەلنىڭ قايسى تور بېكىتىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمىدىم .مېنىڭ بىلىشىمچە چەتئەلنىڭ نۇرغۇن نەرسىلىرى ھەقلىققۇ ،كىتاب كۆرەي دېسىمۇ ماۋۇ خەنلەرنىڭكىدەك بىكارلىق يېرىنى تېپىپ كۆچۈرۋالغىلى بولمىغان ،پۇلىسىنى تۆلەي چۈشۈرەي دېسىڭىز بىر مۇنچە ئاۋارچىلىق يا بۇ خەقنىڭ ۋەتەندېشى بولمىغاندىكىن . سىز بىلىدىغان ئاشۇنداق ھەقسىز ماتېريال چۈشۈرىدىغان ،توردا نەرسە ساقلايدىغان بېكەتلىرىنىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرىڭە ،مەن بىر چۈشۈرۋالاي . بەزىدە جاندەكلا مۇھىم بوپ كېتىدىكەن بۇ خىل نەرسىلەر.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 14:54:13

ھەقىقەتەن تەپسىلىي تەھلىل قىلىنىپتۇ. لېكىن يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بۇ ھىيلە-نەيرەڭلىرىنىڭ بىز ئىشلەتكۈچىلەرگە كۆپ زىيانلىق تەرىپى يوق دەپ قارايمەن. مەسىلەن: ئۆتكەندە بىرنەچچە گېگابايتلىق سىن ھۆججىتىنى بەيدۇنىڭ تور دېسكىسىغا يوللىماقچى بولدۇم، نەچچە ئون kbلىق سۈرئەت بىلەن قاچان يوللاپ بولار دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرسام، بىر نەچچە مىنۇتقا قالمايلا يۈكلەپ بولغانلىق ئۇچۇرى چىقتى. تازا ئىشەنمەي توردىن بۇ ھەقتە ئىزدەپ باقسام ماقالىدە ئېيتىلغاندەك، مەن يوللىغان سىن ھۆججىتىنى مەلۇم بىرسى بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاپ بولغاچقا مېنىڭ قايتا يولىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. دېمەك نۇرغۇن ۋاقىت تېجىلىپ قالىدىغان گەپ، بۇ تەرەپلىرى ماڭا يېقىپ قالدى.

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 16:05:35

بۇرۇن چۈپەن ئىشلتىتۇق، ئەمدى 360نىڭ بۇلۇت سۇپىسى بوشلۇقنى ئشلىتىۋاتىمىز....360نىڭ ھەمبەھىر رايوندىن نۇرغۇن كىنو، كىتاپ،دەرسلىك ماتېرىياللىرىغا ئېرشكىلى بولدىكەن،

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 16:21:15

مەنمۇ بۇ گۇيلارنىڭ ئالدامچىلىقىنى بايقاپ، 360 بىلەن بەيدۇنىڭ بۇ خىل بوشلۇقلىرىنى كومپيۇتېرىمنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا كىرگۈزۈلگەن ھۆججەتلىرى بىلەن لىق توشقۇزۇپ قويدۇم.

==================

بۇلارنىڭ يەنە بىر تېخنىكىسى بار ئىكەن.

A ئىشلەتكۈچى يوللىغان ھۆججەتنى B ياكى C ئىشلەتكۈچىمۇ يوللىسا، ئۇلار شۇنىڭلا بىر ئۇلارنمىسىنى سىزنىڭ ھېساباتىڭىز ئاستىغا قۇرۇپ قويىدىكەن. ھۆججەتنى ئەمەلىي يوللىمايدىكەن. سىز ھۆججەت يۈكلىگەندە ئۇلار ئاۋۋال ھۆججەتنى تەھلىل قىلىدىكەن، ئاللىبۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن يۈكلەنگەن ھۆججەت بولسا، 1T چوڭلۇقتا بولسىمۇ 2 سېكونتتىلا يۈكلەپ بولىدىكەن. مەسىلەن، ھەممە كىشى كۆرۈپ باققان كىنودىن بىرنى يوللاپ بېقىڭ. 1-2 گېگابايت نەرسە 1 سېكونتتىلا يوللىنىپ بولىدۇ. ئەمما ئۆزىڭىز قۇرغان 1M لىق Word ھۆججىتىدىن بىرنى يۈكلىسىڭىز يېرىم سائەت ساقلايسىز.

------------------

شۇڭا بۇنداق تور دىسكىلىرىنى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، ئىككىنچى بىر ئادەمدە بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ھۆججەتلەر بىلەن توشقۇزۇپ قويۇش كېرەك.

مەسىلەن، PDF كىتابنىڭ بىرەر بېتىنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز ياكى قوشۇپ قويسىڭىز، كىنونى zip ھۆججىتىگە ئايلاندۇرسىڭىز ياكى فورماتىنى ئۆزگەرتسىڭىز، دېگەندەك، ئوخشىمىغان ھۆججەتلەر شەكىللىنىدۇ.

gistapo يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 16:41:50

بۇ گەپلەرنى ئاتايىن تەھلىل قىلىپ ماقالە يېزىشنىڭ ئورنى بامۇ،ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ...بۇنى ئىشنى ئازراقلا كاللىسى بار ئادەم ئويلاپ تەللىل قىلىپ بىلەلەيدۇ،بۇنى مۇلاھىزە قىلىشنىڭ ئەھمىيتى يوق،باشقا ئىشلار باغۇ،شۇنى تەھلىل قىلىڭ....

بۇنداق توردىسكا ئشلىردا بەسەيلەر چەتئەللەرنىڭ 20 يىل ئارقىدا چەتئەل تور دىسكا ئىشلىرى بالدۇر باشلانغان...بۇلار چەتئەلنىڭ توردىسكىلىرنى چەكلەپ قويغان،دۆلىتىمىزدە جىقلىرى ئېچىلمايدۇ

misran807 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 19:03:35

مەن ئىشلىتىۋاتىمەن، مېنىڭكى 38.2T بوشلۇق بولۇپ كەتتى ھازىر... (بۇلارنىڭ شۇ خىلدىكى نەيرەڭ بىلەن بەرگەن بوشلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم)

مەن ئىلگىرى بىر شىركەتنىڭ مۇلازىمېتىرىنى باشقۇراتتىم، 56، youku لار تازا راۋاج تاپقان مەزگىللەردە بىزنىڭ شىركەتمۇ ھەر بىر شەخىسكە 1G دىن بوشلۇق بىرىپ فىلىم يوللاپ ئۆزى باشقۇرىدىغان فىلىم بىتى قىلغان مەن بىلسەم شۇ چاغدا مۇلازىمېتىرخانىدى ئاشۇ سىن مۇلازىمېتىرنىڭ قاتتىق دېسكا بوشلۇقى ھەممىدىن چوڭ بولۇپ 72G لىق دېسكىدىن 3 تال بار ئىدى، قالغانلىرى كىچىك ئىدى تېخى، شۇ چاغدىكى سىن يوللاش ئۈچۈن تور بەتتتىن ئۆزىگە ھىسابات ئاچقان ئابونتلار 10 مىڭغا يىتىپ قالغان ئەمما ئۇ بوشلۇق تۇشۇپ قالمىغان!

مەن ھازىر بەيدۇ بەرگەن تور دېسكىسىنى مېنىڭ ناخشا ساقلاش ئامبىرىم قىلىۋالدىم، MP3 ناخشىلارنى چىقىرىپ قۇيۇپ خالىغانچە باسساملا توردىن ئۇدۇللۇق چۈشۈرمەي قۇيۇلىدۇ، ئەمما ماۋۇ 360 دېگەن ەۇينىڭ بوشلىقىغا MP3 يوللىساق چۈشۈرمىسە ئاڭلىغىلى بولمايدۇ، ئەمما 360 نىڭ بوشلۇقىنى مەن شىركەتتىنى مەن ئىشلىتىدىغان كومپىيۇتېرنىڭ بىر قاتتىق دېسكا رايۇنى بىلەن بىر قىلىپ قويدۇم، ئىشخانىدا شۇ رايۇنغا نىمە ساقلىسام دەرھال 360 قا يوللىنىپ بولىدۇ، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ياكى باشقا جايلاردا شىركەتنىڭ ماتېرياللىرى لازىم بولسا تورلا بولسا ئاچالايمەن، بەزى ئىشلارنىڭ قالدۇقىنى ئۆيدە قىلىمەن، ئەمما مېنى دورايدىغانلار ئېھتىيات قىلىڭ، كاللا كېتىدىغان نەرسىنى يوللاپ قويماڭ، ئەمما باشقىلار ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز نەرسە بولسا بىلىپ يوللاڭ، مەن ئەزەلدىن 360 قا ئىشەنمەيمەن، ئۇ ئەڭ چوڭ FBI دەپ ئاخبارات توپلايدىغان ئورۇن دەپلا قارايمەن خالاس! ھەممە نەرسىسى ھەقسىز تۇرسا، قايسى شىركەت شۇنچە يىل شۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى ھەقسىز بىرىپ تېخى كىرىمى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بۇنچە تەرەققىي قىلالىغان؟ شۇڭا مەن دەيمەن ئەڭ ياخشى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا پايدىلىنىشنى بىلىۋېلىڭ! شۇنداق قىلسىڭىز بۇنىڭدىن خوش بولىدىغان يەرلەر بەك جىق دەيمەن!

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 19:51:21

4- قەۋەتتىكى gistapoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ گەپلەرنى ئاتايىن تەھلىل قىلىپ ماقالە يېزىشنىڭ ئورنى بامۇ،ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ...بۇنى ئىشنى ئازراقلا كاللىسى بار ئادەم ئويلاپ تەللىل قىلىپ بىلەلەيدۇ،بۇنى مۇلاھىزە قىلىشنىڭ ئەھمىيتى يوق،باشقا ئىشلار باغۇ،شۇنى تەھلىل قىلىڭ....

بۇنداق توردىسكا ئشلىردا بەسەيلەر چەتئەللەرنىڭ 20 يىل ئارقىدا چەتئەل تور دىسكا ئىشلىرى بالدۇر باشلانغان...بۇلار چەتئەلنىڭ توردىسكىلىرنى چەكلەپ قويغان،دۆلىتىمىزدە جىقلىرى ئېچىلمايدۇ

ئىلىم دىگەن ئارتۇقچىلىق كەتمەيدۇ. مىڭىڭىزنىڭ ئۇپرىشىنى خالىمىسىڭز كۆرمەي ئۆتۈپ كەتسىڭز بولىدۇ. ئەمما بۇ تېما بىزگە چەكسىز تور دېسكىسىنىڭ ماھىيتىنى تونۇتۇپ قويدى.  باشقىلار بىلگەننى بىزمۇ بىلىپ قويساق ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 11:31:53

ئەگەر مەلۇم بىر ھۆججەتنى شىركەت تەرەپتىن ئۆچۈرمەكچى بولسا ناھايىتى ئاسان ئىكەن، مەلۇم ھۆججەتنى 500مىڭ ئادەم چىقارغان بولسا بۇنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن خېلى ۋاقىت ۋە زېھىن كېتىشى مۇمكىن، لېكىن ھازىر 500مىڭ ئادەم ئوخشاش نەرسىنى تورغا يۈكلەپ ئەتىسى قارىسا ھەممىسىنىڭكىدە يوق. ھېلىقى بۇلۇت تېخنىكىسى بىلەن ساقلىۋالغان ماتېرىياللار باش ئاپىراتتىن بىر كونۇپكا بىلەن ئۆچۈرۈلسە يەنە بەش مىلىيون ئادەم ساقلىغان تەقدىردىمۇ ئوخشاشلا ۋاقىتتا يوقايدۇ دېگەن گەپ ئىكەنغۇ  {:107:}



بۇ تېخنىكىدا باشقۇرۇش ۋە دېكتاتورا خېلىلا نامايەن بولۇپتۇ. \"\"

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 14:09:18

بۇلۇت تېخنىكىسىنىڭ ماھىيىت ئەسلىدىنلا شۇ بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش، ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش، جۈملىدىن مۇھىت ئاسراش دىسەكمۇ ئىغىر كەتمەيدۇ. لىكىن بۇ تېخنىكىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنىش كىرەككى، ھەرگىزمۇ يوللىغان نەرسىنى ماڭىلا تەئەللۇق دەپ ئويلاپ قالماسلىق كىرەك. ھىلىمۇ شىركەتلەر ھەر خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداۋاتىدۇ.

ئەڭ دەسلەپتە ھەقىقى قوللىنىشچان تور دىسكا تارقاتقىنى huawei بىلەن QQ ئىدى. huawei نىڭكىنى مەن پۇل تۆلەپ ئىشلتىۋاتقىلى ئۈچ يىل بولدى، ئاران 15G كىلىدۇ.

abd282 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 18:12:17

4- قەۋەتتىكى gistapoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ گەپلەرنى ئاتايىن تەھلىل قىلىپ ماقالە يېزىشنىڭ ئورنى بامۇ،ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ...بۇنى ئىشنى ئازراقلا كاللىسى بار ئادەم ئويلاپ تەللىل قىلىپ بىلەلەيدۇ،بۇنى مۇلاھىزە قىلىشنىڭ ئەھمىيتى يوق،باشقا ئىشلار باغۇ،شۇنى تەھلىل قىلىڭ....


بۇنداق توردىسكا ئشلىردا بەسەيلەر چەتئەللەرنىڭ 20 يىل ئارقىدا چەتئەل تور دىسكا ئىشلىرى بالدۇر باشلانغان...بۇلار چەتئەلنىڭ توردىسكىلىرنى چەكلەپ قويغان،دۆلىتىمىزدە جىقلىرى ئېچىلمايدۇ


ھەممىمىز سىز دەك ئەقىللىق بولمىغاندىكىن بىزگە پايدىسى خىلى بولدى


kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 20:48:38

قانداقلا بولمىسۇن خەق ھەقسىز بەرگەندىكىن قانداق قىلغۇسى كەلسە قىلىدۇ. ئەگەر قورسىقىمىز كۆپسە ئىشلەتمەيلا قويساق بولدىغۇ خەقنى تىللىماي.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 12:24:18

رەھمەت بۇمۇ بۇلىدىغان گەپكەن دىسە .

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 22:30:20

تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ، مۇرەككەپ تېخنىكىلارنى مۇشۇنداق ئاممباپ تىلدا يازىدىغانلارغا ناھايىتى ھەۋىسىم كىلىدۇ .

mardan_hoshur يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 10:48:39

تېمىڭىزگە كۆپ رەھمەت.



ئۇلارنىڭ «نەيرەڭلىرى» ھەقىقەتەن ئابونتقا زىيانسىز. سىزگە قانچىلىك بوشلۇق بەرگەن بولسا، شۇنچىلىك ھۆججەت چىقىرالىشىڭىز مۇمكىن.

ئەڭ مۇھىم نوختا شۇكى، بوشلۇقىڭىزدا ئاران 1KB ھۆجىتىڭىز بولسىمۇ، ئۇلار چوقۇم بۇ كىچىككىنە ھۆججىتىڭىزنى «مەڭگۈ» ساقلاپ بېرىشى كېرەك. بۇ بىر شىركەت ئۈچۈن ھەقىقەتەن چوڭ خىرىس. پەقەت ناھايىتى داڭلىق ۋە ئابونىتلىرى ئىنتايىن كۆپ شىركەتلا پات ئارىدا تاقىلىپ قالماسلىققا ياكى ھۆججەتلىرىڭىزنىڭ توساتتىن غايىپ بولۇپ كەتمەسلىكىگە ئەڭ ئۇزۇن كاپالەتلىك قىلالىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىلدىكى مۇلازىمەتلەرگە ئىلتىماس قىلغىنىڭىزدا ئامال بار ئاز بەرسىمۇ ئىناۋەتلىك شىركەتلەرنى تاللىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلايمەن. بولۇپمۇ تور دېسكىسىدا مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلانماقچى بولسا تېخىمۇ شۇنداق. تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى قالدۇردۇم، پايدىلىنارسىز. مەن شەخسەن Microsoft SkyDrive نى كۆپ ئىشلىتىمەن، ھازىرغىچە ئىنتايىن مۇقىم.



بىرىنچى تۈر، دۆلەت سىرتىدىكى مۇلازىمەتلەر:

(ZDNet تور خەۋەرلىرى بېتى باھالاپ چىققان ئون ئەڭ داڭلىق تور دېسكىسى تەمىنلىگۈچىلەر)



1. Amazon Cloud Drive

ھەقسىز بوشلۇق: 5GB

http://www.amazon.com/gp/feature.html?ie=UTF8&docId=1000796931&ref_=cd_lm_rd_fp



2. Apple iCloud

ھەقسىز بوشلۇق: 5GB

https://www.icloud.com/



3.Box

ھەقسىز بوشلۇق: 5GB

https://www.box.com/



4. Dropbox

ھەقسىز بوشلۇق: 2GB

http://www.dropbox.com/



5. Google Drive

ھەقسىز بوشلۇق: 5GB

https://drive.google.com/



6. MediaFire

ھەقسىز بوشلۇق: 50GB

https://www.mediafire.com/



7.Mega

ھەقسىز بوشلۇق: 50GB

https://mega.co.nz/



8. Microsoft SkyDrive

ھەقسىز بوشلۇق: 7GB

http://windows.microsoft.com/en-us/skydrive/home



9. SpiderOak

ھەقسىز بوشلۇق: 2GB

https://spideroak.com/



10. Ubuntu One

ھەقسىز بوشلۇق: 5GB

https://one.ubuntu.com/



ئۇچۇر مەنبەسى: http://www.zdnet.com/the-top-10-personal-cloud-storage-services-7000011729/



ئىككىنچى تۈر، دۆلەت ئىچىدىكى مۇلازىمەتلەر:



1. بەيدۇ تور دېسكىسى

ھەقسىز بوشلۇق: 5GB دىن 1T غىچە

http://pan.baidu.com/



2. شۈنلېي تور دېسكىسى

ھەقسىز بوشلۇق: 5GB دىن 64GB غىچە

?



3. جىنشەن تور دېسكىسى (Kuaipan)

ھەقسىز بوشلۇق: 5GB دىن 115GB غىچە

http://www.kuaipan.cn/



4. 115 تور دېسكىسى

ھەقسىز بوشلۇق: 15GB دىن 520GB غىچە

http://www.115.com/



5. خۇۋاۋېي تور دېسكىسى

ھەقسىز بوشلۇق: 5GB دىن «چەكسىز» غىچە



6. 360 بۇلۇت دېسكىسى

ھەقسىز بوشلۇق: 5GB دىن 1T غىچە

http://yunpan.360.cn/



ئۇچۇر مەنبەسى: http://www.weste.net/2013/8-29/93413.html





ئەسكەرتىش:

1. بەلكىم بەزى چەتئەل شىركەتلىرى تەمىنلىگەن تور دېسكىلىرى دۆلەت ئىچىدە ئېچىلماسلىقى ياكى سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولۇشى مۇمكىن.

2. كۆپۈنچە تور دېسكىلاردا تەمىنلەنگەن ھەقسىز بوشلۇقلار سىز مەلۇم شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرگەندە ئۆزلىگىدىن چوڭىيىشى مۇمكىن. تەپسىلاتىنى ئورگان بېكىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەردىن بىلگەيسىز.

alif يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 11:52:28

مېنىڭ ئىشىلتىۋاتقىنىم 115.com نىڭ تور دېسكىسى. \"\"

yolyol يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 10:29:14

10- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇلۇت تېخنىكىسىنىڭ ماھىيىت ئەسلىدىنلا شۇ بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش، ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش، جۈملىدىن مۇھىت ئاسراش دىسەكمۇ ئىغىر كەتمەيدۇ. لىكىن بۇ تېخنىكىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنىش كىرەككى، ھەرگىزمۇ يوللىغان نەرسىنى ماڭىلا تەئەللۇق دەپ ئويلاپ قالماسلىق كىرەك. ھىلىمۇ شىركەتلەر ھەر خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداۋاتىدۇ.

ئەڭ دەسلەپتە ھەقىقى قوللىنىشچان تور دىسكا تارقاتقىنى huawei بىلەن QQ ئىدى. huawei نىڭكىنى مەن پۇل تۆلەپ ئىشلتىۋاتقىلى ئۈچ يىل بولدى، ئاران 15G كىلىدۇ.

huawei نىڭكىسى dbank Vmall دىگەن شۇدۇ ؟!


ماڭا 2T بىرىۋەتتىيا ھەقسىز .

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-3 15:45:21

مەنمۇ تازا ئىشەنچ قىلالماي يۈرەتتىم مۇشۇ تور دىسكىسىغا، ئەمما قۇلايلىق تەرەپلىرىمۇ كۆپكەن بۇنىڭ. تىما ئىگىسى ھەقىقەتەن ئاددىي تىل بىلەن ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپتۇ. بەك ئىشەنچ قىلالمىساق مۇھىم ماتىرياللارنى ساقلىمىساقلا بولىدىغۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-21 14:18:41

ئۆتكەندە QQ نىڭ بوشلۇقىغا بىر ھۆججەت يوللىسام، ئاشكارا سورىدىغۇ: «بۇ نەرسە بوشلۇقتا بار، ئاشۇ شۇمۇ؟» دەپ، ئىسىم- سىغىملىرى ئوخشاش ئىكەن. «ھەئە» لا دىدىم، سىكونتتا چىقىپ بولدىغۇ.
بەت: [1]
: ئاتالمىش «چەكسىز تور دېسكىلىرى» نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى