nuri24 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 11:04:50

تاوباۋدىن مال سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،تورداشلار . نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر توردىشىمىزنىڭ تاۋباۋدا مال سېتىۋالغاندا ئاۋارچىلىققا ئۇچىراپ يازغان خېتىنى كۆرۈپ ،ئۇ توردىشىمىزغا ئازراق ياردەملەشكەن ئىدىم .ھازىر توردا مال سېتىۋېلىش دىگەن ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى ،شۇنداقتىمۇ تورداشلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تىگىپ قالار دىگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يېزىپ قويدۇم .ئەمدى ئاساسى گەپكە كەلسەم ،ئۇ توردىشىمىز ئۇچىرىغان مەسىلە مۇنداقكەن ،ئۇ توردىشىمىز مالنى سېتىۋالغاندا مال تاپشۇرۋېلىش ئادىرىسىنى تۇلۇق توغرا يېزىپتىكەن ،لېكىن تېز پوچتىنىڭ خادىملىرى توردىشىمىز يازغان ئادىرىستىن ناھايىتى يىراق بىر تېز پوچتا شىركىتىدىن تىلفون قىلىپ مالنى ئۆزى كىلىپ ئېلىپ كىتىشنى تىلفون قىلىپ ئوقتۇرۇش قىلىپتۇ .توردىشىمىز توردا دۇكاندارغا بولغان ئەھۋالنى دەپ مالنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئادىرىسقا يەنى مال تاپشۇرۋېلىش ئادىرىسغا ئەكىلىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ ،لېكىن دۇكاندار تېز پوچتا شىركىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى ھەمدە ئۇلارنى مالنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە قىستاشقا ھوقۇقىنىڭ يۇقلىقى قاتارلىق بىر مۇنچە باھانىلەرنى كۆرسىتىپتۇ .مېنىڭچە تاۋباۋدىن مال سېتىۋالغاندا تۈۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلسىڭىز ئاۋارچىلىق ئازراق بۇلىدۇ .

بىرىنچى . مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن دۇكاندار بىلەن جىقراق پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئامال بار مال توغرىسىدا جىق ئۇچۇرغا ئىگە بۇلۇڭ.چۈنكى بۇنداق قىلغاندا كىيىنچە ئەرىز قىلىدىغان ئىش بۇلۇپ قالسىمۇ ،پاراڭلاشقان سۆزلىشىش خاتىرسى بىر ئىسپات بۇلالايدۇ .مال سېتىۋالغاندىن كىيىن ناۋادا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك مەسىلىلەر كۆرۈلگەندە ،دۇكاندار بەك جىق باھانە كۆرسىتىپ تۇرىۋالسا قاتتىقراق گەپ قىلىڭ .ئازراقلا يۇمشاق گەپ قىلسىڭىز چوڭ سۈپەت ھالدا سىزگە جىڭ باسمايدىغان باھانىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىۋالدۇ،بۇ دۇكاندار دىگەن بەك تۇمۇرچى ،دۇكاندار دىمەي تىۋىپ دىسىلا بۇلىدۇ بۇ خەقنى (تور دۇكىنى ئېچىۋاتقانلار بولسا گىپىمنى ئېغىر ئالماڭلار ھە ،ئەلۋەتتە ھەممىىسى  ئۇنداق دىگەنلىك ئەمەس ).لېكىن سىزمۇ ئورۇنسىزلا ئۇلارغا قاتتىق گەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ ،ئۇلارغىمۇ ئاسان ئەمەستە كۈندە خەقنىڭ (تاتلىق)گىپىنى ئاڭلاپ .

ئىككىنچى .سىز مېلىنى ئالماقچى بولغان دۇكاننىڭ باشقا دۇكانلار بىلەن بولغان سېلىشتۇرمىسىغا دىققەت قىلىڭ .بۇ يەردە سىز ئالغان مالنىڭ دۇكاندارنىڭ چۈشەندۈرىشى بىلەن ئوخشاش ئوخشىماسلىقى ،مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ،مال ئەۋەتىش سۈرئىتى قاتارلىقلار سېلىشتۇرىلىدۇ .تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :





ئۈچىنچى .مالنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بۇ دۇكانغا بەرگەن باھا سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭ .مۇشۇ باھا سۆزلىرىگە قاراپمۇ بۇ دۇكاننىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ (لېكىن ئاڭلىسام توردا پۇل خەجلەپمۇ ياخشى باھالارنى ئالغىلى بۇلىدىكەن ،لېكىن يەنىلا نۇرغۇن دۇكاندارلار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىدىكەن ).بايام دۇكاندارغا قاتتىق گەپ قىلسىڭىز بۇلىدۇ دىگىنىمنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ يەردە ،چۈنكى ناۋادا خېرىدار مال سېتىۋېلىش جەريانىدا سېتىۋالغان مالدىن ياكى دۇكاندارنىڭ مۇلازىمىتىدىن رازى بولماي ناچار پىكىردىن نەچچىنى يەۋالسا ،بۇ دۇكانغا نىسپەتەن بەك ئېغىر زىيان بۇلىدۇ ،شۇڭلاشقا ئۇلارغا سەل قاتتىق گەپ قىلسىڭىز ،ئۇلارنىڭ باھانىلىرى تەبىئلا ئازلايدۇ .تۈۋەندىكى رەسىمدىن باشقىلارنىڭ دۇكانغا بولغان باھاسىنى كۆرەلەيسىز .





تۆتىنچى . مالنى سېتىۋالغاندىن كىيىن ،ناۋادا دۇكانداردىن زادى رازى بولمىسىڭىز پىكىر يېزىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ .ئادەتتىكى كوچىدىكى دۇكانلارغا ئاشۇنداق پىكىر يازغىلى بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى ھە .مالنى سۈپىتىدە چاتاق يوق ھەمدە دۇكاندارنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى بولسىلا مېنىڭچە ناچار پىكىر يازماڭ ،پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىدە ،ئۇلارمۇ كۈنىنى ئالسۇن (شەخسى پىكىرىم ھە ). رەسىمدىكى يەرنى بېسىپ باھا يازىسىز .





تورداشلارغا ئازراق ياردىمى تىگىپ قالسا مەنمۇ خوش بۇلىمەن ،رەھمەت .

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 22:55:37

مال كەلگەندە تاپشۇرۋالغانلىق ئىمزاسىنى قۇيۋەتكەندىن كىيىن ،مال يەتكۈزگۆچى خادىمىنى كەتكۈزۋەتمەڭ!!!ئۇنىڭغا چىرايلىق قىلىپ (مەن قاپنى ئاچقىچە تۇرۇپ تۇر،ئۇلار ماڭا چاتاق مال سالغان بولسا ئىسپات بۇلۇپ بەر )دىسىڭىز يەتكۈزگۈچى ھەرگىز ياق دىمەيدۇ.ئەگەر مال سىز ئالماقچى بولغان مال ئەمەس بولسا،بۇزۇلغان ،سۈپىتى ئۈزگەرگەن ،،،،ئىشقىلىپ كۆز بىلەن ئايرىغىلى بولدىغان چاتىقى بولسا نەچچە پارچە چاتاق ئورۇننى سۆرئەتكە تارتىپ،شۇ يەردىلا ،مال يەتكۈزگەن خادىمغا مالنىڭ ئەينى ئەھۋالىنى ياخشى كۆرسىتىپ ،ئۇنىڭ ئالاقىلىش نۇمىرى ،ئىسمى قاتارلىقلارنى خاتىرلىۋىلىپ بولسا مالنى شۇ ۋاقىتتىلا يەتكۈزۈش ھەققىنى قارشى تەرەپ تۆلەيدىغان قىلىپ قايتۇرۇپ سېلۋىتىڭ!!!!ئاندىن تاۋباۋغا ئەرىز قىلىڭ!! رەسىمىنى ،مال يەتكۈزگۈچىنىڭ نۇمۇرىنى ئىسپات قىلىڭ. دەرھال كۆز بىلەن كۆرۈپ پەرىقلەندۈرگىلى بولمايدىغانلاغا قانداق ئۈنۈملىك تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى باردۇ؟

ئەمدى باشقا ئىشلارغا ئامال يوق .مەسلەن مەن بىر ئاي بۇرۇن ئەسلى باھاسى 422 يۈنلىك رەڭ كىتابىدىن بىرنى 100يۈنگە سېتىۋالغان.مال كەلگەندىن كىيىن قارىسام 12بېتى ئېغىر دەرىجىدە سىزىلىپ كىتىپتۇ.دەرھال دۇكنىغا كىرىپ قارىسام سۇس سىرىق رەڭدە كۆزگە چىلىقمايدىغان يەرگە (ئازراق چاتىقى بار مال،بەك ئىنچىكلەيدىغانلار سېتىۋالماڭلار )دەپ يېزىپ قۇيۇپتۇ.  {:107:}   {:107:}   {:107:}

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 16:13:36

باھاغىلا قاراپ مال ستۋىلىشنىڭ ئۆزى بىر قارىغۇلۇق.....

تاۋ باۋدىكى بىر قسىم دۇككانلارنىڭ مېلغا بېرىلگەن باھا سۆزىگە ئالدىراپ ئىشەنمىگۈلۈك،

تاۋبادا توردا پۇل تېپىش دەپ ئىزدىسە بىر تالاي دېتاللار چىقدىكەن، بىر چاغلاردا مەنمۇ قىزىقىپ 7.8 يۈەنگە بىر بوغچا دىتال سېتۋلدىم، يىشىپ قارىسام تاۋباۋدىكى دۇككانلارغا باھا سۆزى يېزىپ بەرسە 1 كويدىن 3 كويغىچە پۇل بېرىدىكەن. ۋاي ھارامتاماقلار دەپ تىللاپ كەتتىم، ئەتراپمدا بىر ئىككىسى شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئۆينىڭ تور پۇلنى تاپقلى تۇرۇپتىكەن ئۇنداق ھارام ئىشلارنى قىلما دەپ ئەسكەرتىپ قويدۇم.

ئىشقلىپ تاۋباۋ دىكى مەخسۇس مال سېتش دۇككانلىرىدىن باشقا دۇككانلارنىڭ باھا سۆزىگە گۇمان بىلەن قارىغايسز...

قىممەترەك ،داڭلىق ماركىدىكى تاۋارلارنى سېتۋالماقچى بولسڭىز ئەڭ ياخشىسى تىيەنماۋنىڭ بىۋاستە سېتىش دۇككىندى ئېلىڭ....

nuri24 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 16:43:04

ھە ئە،مەنمۇ ئۇستىدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم .ئىشەنچىلىكلىرى يەنىلا كۆپ ،مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم دىققەت قىلىپ ئېلىڭلار ،ئاز بىر قىسىم ئالدامچىلارغا ئۇچىراپ قالماڭلار دىمەكچى . ئالدىنىپ قالسىڭىز پۇلنىغۇ قايتۇرۇپ كەلگىلى بۇلىدۇ ،لېكىن ۋاقتىڭىز ئىسراپ بۇلىدۇ دە .

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 17:16:22

قېرىندىشىمىز nuri24 تاۋباۋ تورىدىن مال سېتىۋىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى دەپتۇ . مەنمۇ تاۋباۋ تورىدىن 2 يىلنىڭ ياقى مال سېتىۋېلىپ كېلىۋاتىمەن . بىرەر قېتىممۇ زىيان تارتىپ باقمىدىم . سىز تېمىڭىزدا ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك . مەنمۇ تور بانكىسى ئېچىپ دەسلەپتە تاۋباۋدىن مال ئېلىشتا بەك ئەنسىرەيتتىم ، كېيىنچە ئېپىنى ئېلىۋالدىم ، بولۇپمۇ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئاۋال ئالىدىغان مېلىڭىزنى تاللايسىز ئاندىن ساقلىۋالىسىز ئاندىن ئۇلارنىڭ قانچىلىك ساتقىنىنى ۋە قانداق باھالارغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرىسىز ، ئادەتتە كۆپىنچە باھالار 95% ئەتراپىدا توغرا . مەن يېقىندا ئايپەد 3 نىڭ 64 گېگابايتلىق wifi نى 99 لۇق پاكىزىنى 2500 يۈەنگە سېتىۋالدىم ، ئايپەد 7 كۈندىن كېيىن كەلدى ، قارىسام شۇنداق يېڭى ، بىر بۇرجىكىدە كىچىك بىر سۈرۈلگەن يەر ۋە كەينىدە ئازراق سىزىلغان يېرى بارلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا بەك پاكىز ئىكەن . ھەر خىل چوڭ ئويۇنلارنى قاچىلاپ سىناپ باقتىم شۇنداق ياخشى ، قېتىۋالىدىغان ئىشمۇ يوق . شۇنداق راۋان ئاپپاراتلىرىمۇ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى . 100 پىرسەنت ھەقىقى مال ئىكەن . بالىلىرىم كۈندە ئويۇن ئويناپ خوش بولۇشۇپ يۈرىدۇ . ئۇندىن بۇرۇن مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىم iphone4 نىڭ 32 گېگابايتلىق كورىيە نۇسخىسىنى 4- ئايدا تاۋباۋ تورىدىن 2200 يۈەنگە ئاپتىكەن ، ئەنسىرىمەي قانداق ئالدىڭ دەپ ھەيران قالغانتىم كېيىن قارىسام ئۇنىڭ تېلىفونى شۇنداق ياخشى چىقتى .

ئۇندىن سىرىت نەچچە قېتىم تاۋباۋدىن بىر نەچچە قېتىم ئاياق ، مايكا ، قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالدىم . مەسىلە سىزنىڭ دۇكاننى ياخشى تاللىيالىشىڭىزدا .

ھازىر مەسىلەن تاۋباۋ تورىدا iphone 5 c نىڭ ياپون نۇسخسى 2400-2600 يۈەندىن سېتىلىۋاتىدۇ . بۇ ھەرگىزمۇ ساختا ئەمەس ، مەسىلە بۇ ياپون نۇسخىسى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3 G تورىنى قوللىمايدۇ ۋە رەڭلىك ئۇچۇر قوللىمايدۇ . ئەمدى شىياڭگاڭ نۇسىخسى بولسا ھەممىسىنى قوللايدۇ . 3400-3500 يۈەن ئەتراپىدا سېتىلىۋاتىدۇ .

سىز تېلىفون قاتارلىق ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا تاۋسەن 1 ، تاۋسەن 2 ، تاۋسەن 3 دىگەندەك تۈرلەرنى كۆرىسىز ، بەزىلىرىدە شۇ تېلىفون قاتارلىقلارغا قوشۇپ بېرىلىدىغان نەرسىلەر كۆزدە تۇتۇلسا ئايپەد قاتارلىقلاردا ئۇنىڭ يېڭى كونىلىق دەرىجىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ . تاۋسەن 1 95 لىك يېڭى ، تاۋسەن 2 98 لىك يېڭى ، تاۋسەن 3 99 لىق يېڭى ، تاۋسەن 4 تولۇق يېڭى دىگەندەك .

(تاۋسەن ) نى قانداق تەرجىمە قىلىشنى بىلەلمەي شۇنداق ئېلىپ قويدۇم .

تاۋباۋدىن مال ئېلىپ باقمىغان ئەمما ئېلىشقا قىزىقىدىغان ئىككىلىنىپ تۇرغان دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىپ قويدۇم .

doctor يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 18:20:31

بولسا مۇشۇ تورسودىسىغا ئائىت تەجىربەڭلا بولسا سۆزلەپ قۇيۇڭلا:

  مەنمۇ توردىن نەرسە كىرەك ئېلىۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋالدىم ، باشتا سەل ئەنسىرگەن كىيىنچە ئانچە ئەنسىرەپمۇ كەتمەيدىغان بولدۇم بىراق يەنە بۇ مەۋھۇم دۇنيا بولغاچقا بىرخىل ئالدىنىپ كىتىدىغاندەك تۇيغۇدىن قۇتۇلالمىدىم .

يېقىندا iPad air ئىلان قىلىنىپ كۆڭلۈمگە بىر ئوت تۇتاشتى . apple store دا ھازىرچە WiFi نۇسخىسىلا ئىلان قىلنىپتۇ جۇڭگۇدا كارتا چۈشۈدىغان ( 4G+WiFi)نۇسخىدىكىلىرى تېخىچە بازارغا سېلىنمىغاچ ھەم مەن تۇرۋاتقان غەربى يۇرت تەرەپلەردە بۇ ئۈسكىنىلەر كەم تېپىلغاچ بىرتال سېتىۋالاي دەپ تاۋباۋدىن سۈرۈشتۈرسەم شاڭگاڭ نۇسخىدىكىApple/苹果 ipad air (64G)4G版 港行 خېلى كۆپكەن تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىش تەجىربەم مول بولسىمۇ ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى سېتىۋېلىشتا سەل ئەنسىرەپ قالدىم، مالدىن كۈتۈلمىگەن مەسىلە كۈرلەپ قالسا ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنغا مال سالغان بىلەن ئىچكىرىگە باتارىيەسى بار نەرسىلەرنى تىز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى سالغىلى ئۇنىمايدىكەن .

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 18:49:19

مەن ئىشەنىچ قىلالمىغاچ توردىن بىرنەرسە سىتۋىلىشقا قىزىق مايدىكەنمەنمەن،بولسا تەجىربەڭلار بارلار يىزىپ قويساڭلار بىزمۇ بىلمىگەننى بىلۋالساق \"\"

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 19:17:02

لىكىن ياخشى نەرسىلەرمۇ باركەن

بازادىن 100 سومغا سىتىپ بەرگىلى ئۇنمىغان سونىي نائۇشنىكنى 20 كويغا سىتىۋالدىم دىسە؟

ھە راس سونىي نىڭكىدىنمۇ ياخشى ئاۋاز سۈپىتى بەلەن بولغان باشقا نائۇشنىك بارمىدۇ!؟

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 19:54:44

مەنمۇ توردىن مال سېتىۋېلىشقا باشلىغىلى بىر نەچچە ئاي بولدى. ئاساسەن 200يۈەندىن تۆۋەن نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ باقتىم. بۇ نەرسىلەرنىمۇ زۆرۈر ئىھتىياجىم يوق، تەلىيىمگە باغلاپلا سېتىۋالغان. بىرەر قېتىممۇ ئالدىنىپ باقمدىىم، قىممەترەك نەرسە سېتىۋالسام ئورنىغا باشقا نەرسە ئەۋەتىپ قويسا، كېيىن مەن قايتۇرىۋەتسەم تاپشۇرىۋالمىدىم ياكى مەن سالغان نەرسە ئەمەسكەن دەپ تېنىۋالىدىغان ئۇششۇقلارمۇ بارمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە پىكىرلىشىپ باقساق...

nuri24 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 20:09:03

4- قەۋەتتىكى doctorنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

  بولسا مۇشۇ تورسودىسىغا ئائىت تەجىربەڭلا بولسا سۆزلەپ قۇيۇڭلا:

مەنمۇ توردىن نەرسە كىرەك ئېلىۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋالدىم ، باشتا سەل ئەنسىرگەن كىيىنچە ئانچە ئەنسىرەپمۇ كەتمەيدىغان بولدۇم بىراق يەنە بۇ مەۋھۇم دۇنيا بولغاچقا بىرخىل ئالدىنىپ كىتىدىغاندەك تۇيغۇدىن قۇتۇلالمىدىم .

يېقىندا iPad air ئىلان قىلىنىپ كۆڭلۈمگە بىر ئوت تۇتاشتى . apple store دا ھازىرچە WiFi نۇسخىسىلا ئىلان قىلنىپتۇ جۇڭگۇدا كارتا چۈشۈدىغان ( 4G+WiFi)نۇسخىدىكىلىرى تېخىچە بازارغا سېلىنمىغاچ ھەم مەن تۇرۋاتقان غەربى يۇرت تەرەپلەردە بۇ ئۈسكىنىلەر كەم تېپىلغاچ بىرتال سېتىۋالاي دەپ تاۋباۋدىن سۈرۈشتۈرسەم شاڭگاڭ نۇسخىدىكىApple/苹果 ipad air (64G)4G版 港行 خېلى كۆپكەن تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىش تەجىربەم مول بولسىمۇ ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى سېتىۋېلىشتا سەل ئەنسىرەپ قالدىم، مالدىن كۈتۈلمىگەن مەسىلە كۈرلەپ قالسا ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنغا مال سالغان بىلەن ئىچكىرىگە باتارىيەسى بار نەرسىلەرنى تىز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى سالغىلى ئۇنىمايدىكەن


مەن توردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلىمۇ 6-7 يىل بۇلۇپ قالدى .مېنىڭچە بىرىنچىدىن ،ئۈستىدىكى atella توردىشىمىز دىگەندەك بەزى دۇكاندارلار پۇل تۆلەپ ياخشى باھا يازدۇردىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۈت ،بۇنى تېمىدىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتۈم ،لېكىن مېنىڭچە بۇنداق ساختىپەزلىك قىلىدىغانلار يەنىلا ئاز نىسپەتنى ئىگەللەيدۇ ،چۈنكى ياخشى پىكىرنى يازدۇرۇپ ،خېرىدارلار  بۇ دۇكاندىن جىق مال سېتىۋالغان بىلەن مالنىڭ سۈپىتىدىن چاتاق چىقسا خېرىدار يەنىلا ناچار پىكىرنى يېزىۋىرىدۇ ،شۇڭلاشقا دۇكاندارلارمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ئەلۋەتتە ئويلىشىدۇ .ئىككىنچىدىن ،بۇ توردا دۇكان ئاچىدىغانلار بەزىلىرى شەخىسلەر ،يەنە بەزىلىرى مەخسوس مۇشۇ ئىشنى قىلىدىغان سودا شىركەتلىرى ،شۇڭلاشقا چوڭراق سودا شىركەتلىرىدىن ئالسا ئىشەنچىلىكرەك .مەن بۇرۇن ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى خېلى ئالغانتىم ،خاتىرە كومپۇتېردىن ئىككىنى ،يانفوندىن 4-5 بەشنى ئالدىم ،يەنە ئۇششاق تۈششەك مەھسۇلاتلار دىگەندەك ،سۈپىتىمۇ ياخشى چىققان .ئۈچىنچىدىن ،ئاشۇ سىز ئالماقچى بولغان مالنىڭ بىر ئاي ئىچىدىكى ياكى مەلۇم ۋاقىتتىكى سېتىلىش سانىمۇ مېنىڭچە دىققەت قىلىش نوقتىسى قىلىشقا بۇلىدۇ .يەنە دۇكاننىڭ ئېچىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ،ھەرخىل پىكىرلەر دىگەندەك .مەنمۇ ئانچە مۇنچە تەجىربەمنى دىدىم ،تورداشلارمۇ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا ،ئورتاق پىكىرگە كەلسەك ياخشى .سىزگە ئازراق ياردىمى بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .


nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 22:01:06

مەنمۇ تاۋباۋدىن كۆپىنچە جىق نەرسە سىتىۋالىمەن....يىقىندا نوكىيا 920 دىن بىرنى سېتىۋالغان 1799 يۈەنگە ئەمما بۇ تېلفۇن ساختا چىقىپ قالدى، تېلفۇن ساختىكەن..قايتۇرىمەن دىسەم...سەن ساختا دەپ قارىغان بولساڭ يولغا سىلىۋەت بىز پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىلى دىدى..ھە دەپ قايتۇردۇم...مەنچە بولغاندا 100 ئادەمگە ساتسا قايتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى 10 %...كامىراسىنى، ئېكرانىنى، يادىروسىنى ئالماشتۇرىۋىتىپتۇ...مۇشۇنداق ئاقماس مالغىمۇ ساختىلىق ئىشلىتىۋاتسا...ئايفون، ئايپەد ۋە باشقا بازىرى ئىتتىك ماللارنىڭ سەپلىمىسىنى ئالماشتۇرۋىلىشى بەك ئاسان ئىش....شۇ سەۋەبتىنمۇ يىقىندا ئالما ئورگان تورىدىن ئايفون بەش ئەس ۋە ئايپەد تۆت ئالدىم، تىيەنماۋ دىكى دوكانلارغىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ....ئەگە باھا كۆپ پەرىقلەنمىسە ئاۋال جىڭدۇڭدىن ئالىمەن...ئاندىن تىيەنماۋ...ئەڭ ئاخىرىدا تاۋباۋ.....ئەمما تاۋباۋدىكى دۇكانلارغا ھەيرانمەن....ھەممىسىگە ياخشى باھا تۇشاق...بىرمۇ ناچار باھا يوق..كاززاپلار...پۇل بېرىپ تۈكرۈكچىلەرنى ياللاپ يازغۇزغاندەكلا....

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 23:17:30

6- قەۋەتتىكى arginakunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لىكىن ياخشى نەرسىلەرمۇ باركەن

بازادىن 100 سومغا سىتىپ بەرگىلى ئۇنمىغان سونىي نائۇشنىكنى 20 كويغا سىتىۋالدىم دىسە؟

ھە راس سونىي نىڭكىدىنمۇ ياخشى ئاۋاز سۈپىتى بەلەن بولغان باشقا نائۇشنىك بارمىدۇ!؟

魔音耳机 - ئەرۋاھ ئاۋازى دەيمىزما، مۇشۇنىڭ نائۇشكىلىرى ئالامەت ياخشى . ئەمما پۇلىسىمۇ بەك قىممەت. لىكىن ئىشلەتسىڭىز ئاۋاز ئۈنۈمىگە ھەقىقەتەن قايىل بولىسىز.


بازارلاردا ساختىسى يامان كۆپكەن، ئالغاندا دىققەت قىلىڭ.


مەنمۇ 2400 كويلۇقىنىڭ (قۇلاققا تاقايدىغان يوغىنى) پىيىدا بىر مەزگىل كۆيۈپ يۇرۇپ ، ئاخىرى 600 كويغا ئەڭ ئاددىسىنى، يەنى قۇلاققا تىقىپلا ئاڭلايدىغاننى ئالدىم. لىكىن مەھسۇلاتتىن ھەقىقەتەن رازى بولدۇم .


بۇرۇن سونىينىڭ قۇلاققا تاقايدىغان مىڭ سوم ئەتراپىدىكى بىر نائۇشنىك بارئىدى، بىر قىتىم ئايرودۇرۇمدىن يۈك تاقنى ئېلىپ ،ياتاققا بېرىپ قارىسام بىر قۇلىىقى ئوشتۇلۇپ كېتىپتۇ. لىكىن ئۇنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ماۋۇ يېڭى نائۇشنىكىمنىڭ ئاۋازنىڭ ئالدىدى بەكلا چېنىپ قالىدىكەن.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 01:09:16

ماڭا 5يىلچە بولدىمىكى، ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ ھازىر ئۇستاز بولدۇم ئۇلارغا، مېلىم خاتا كەپ قالسىمۇ ياكى ساختا مال سەپ سالسىمۇ ئەنسىرمەي ئالدىرماي ئولتۇرۇپ ھەل قىلىپ قوپۇپ كېتىمەن.

دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش، ئەگەر مېلىڭىز خاتا كېلىپ قالسا ياكى سۈپەتسىز چىقىپ قېلىپ ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، مالنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدۇ بۇ ئاددىي ساۋات، شۇڭا ھەرگىز مال ساتقۇچىدىن مال تاپشۇرۋېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بۇرۇن 15كۈندىن كېيىن ئاپتوماتىك مال تاپشۇرۋېلىنغان دەپ يېزىلاتتى، ئەمما ھازىر قىسقىراپ 10 كۈنگە چۈشتى، مال تاپشۇرۋېلىنغان دەپلا قالغاندىن كېيىن سەل تەس بوپ قالىدۇ ئىشىڭىز.

مەسىلەن تېلفون دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالغان بولسىڭىز، قوشۇپ بېرىدىغان نەرسىلەرنى كام بەرسە، يەنى نائۇشنىك، چاپلىما دېگەندەك نەرسىلىرى بولىدىغۇ، كاملا چىقىپ قالسا ناچار باھا سۆزى يېزىپ قويۇڭ، خالىسىڭىز پۇل ھېساپلاپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ، خالىمىسىڭىز نېمە كام بولسا شۇنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىمۇ ھەرگىز سىز مالنى ئاۋۋال قايتۇرۇپ تۇرىدىغان ئۇلار سىزگە تولۇقلاپ بېرىدىغان ئۇسسۇلنى قوللانماڭ، بەزىلىرى قۇۋ ئېلىۋىلىپلا مال يوقكەن تۈگەپتۇ دەپ پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىپلا مال سەپ بەمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈرۈمچىدە قانداقكىن بىلمىدىم، ما تەرەپتە تېلفوننىڭ باتارىيەسىنى چوقۇم چىقىرۋىتىپ سالمىسىڭىز سالالمايسىز تېز يوللانمىدىن، بىراق ھازىرقى تىلفونلارنىڭ كۆپۈنچىسى بىر جان بىر تەن تۇرسا! \"\"

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 07:47:40

9- قەۋەتتىكى nizamdinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ تاۋباۋدىن كۆپىنچە جىق نەرسە سىتىۋالىمەن....يىقىندا نوكىيا 920 دىن بىرنى سېتىۋالغان 1799 يۈەنگە ئەمما بۇ تېلفۇن ساختا چىقىپ قالدى، تېلفۇن ساختىكەن..قايتۇرىمەن دىسەم...سەن ساختا دەپ قارىغان بولساڭ يولغا سىلىۋەت بىز پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىلى دىدى..ھە دەپ قايتۇردۇم...مەنچە بولغاندا 100 ئادەمگە ساتسا قايتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى 10 %...كامىراسىنى، ئېكرانىنى، يادىروسىنى ئالماشتۇرىۋىتىپتۇ...مۇشۇنداق ئاقماس مالغىمۇ ساختىلىق ئىشلىتىۋاتسا...ئايفون، ئايپەد ۋە باشقا بازىرى ئىتتىك ماللارنىڭ سەپلىمىسىنى ئالماشتۇرۋىلىشى بەك ئاسان ئىش....شۇ سەۋەبتىنمۇ يىقىندا ئالما ئورگان تورىدىن ئايفون بەش ئەس ۋە ئايپەد تۆت ئالدىم، تىيەنماۋ دىكى دوكانلارغىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ....ئەگە باھا كۆپ پەرىقلەنمىسە ئاۋال جىڭدۇڭدىن ئالىمەن...ئاندىن تىيەنماۋ...ئەڭ ئاخىرىدا تاۋباۋ.....ئەمما تاۋباۋدىكى دۇكانلارغا ھەيرانمەن....ھەممىسىگە ياخشى باھا تۇشاق...بىرمۇ ناچار باھا يوق..كاززاپلار...پۇل بېرىپ تۈكرۈكچىلەرنى ياللاپ يازغۇزغاندەكلا....

ئوچۇقراق دەڭە، قانداق پەرقلەندۈردىڭىز سەپلىمىلىرىنى ئالماشتۇرغاننى؟

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 13:55:54

گەپلىرىڭلەرگە قارسام تاۋباۋنىڭ بۇرۇن تىكلىۋالغان ئىناۋىتىلا قالغان ئوخشايدۇ ،ئەمدى ئەشەنچىلىكرەك ئۆزۈڭلار سودا قىلىپ باققان تور بىكەتلەر بولسا ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار رەھمەت \"\"

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 14:45:57

12- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى nizamdinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ تاۋباۋدىن كۆپىنچە جىق نەرسە سىتىۋالىمەن....يىقىندا نوكىيا 920 دىن بىرنى سېتىۋالغان 1799 يۈەنگە ئەمما بۇ تېلفۇن ساختا چىقىپ قالدى، تېلفۇن ساختىكەن..قايتۇرىمەن دىسەم...سەن ساختا دەپ قارىغان بولساڭ يولغا سىلىۋەت بىز پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىلى دىدى..ھە دەپ قايتۇردۇم...مەنچە بولغاندا 100 ئادەمگە ساتسا قايتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى 10 %...كامىراسىنى، ئېكرانىنى، يادىروسىنى ئالماشتۇرىۋىتىپتۇ...مۇشۇنداق ئاقماس مالغىمۇ ساختىلىق ئىشلىتىۋاتسا...ئايفون، ئايپەد ۋە باشقا بازىرى ئىتتىك ماللارنىڭ سەپلىمىسىنى ئالماشتۇرۋىلىشى بەك ئاسان ئىش....شۇ سەۋەبتىنمۇ يىقىندا ئالما ئورگان تورىدىن ئايفون بەش ئەس ۋە ئايپەد تۆت ئالدىم، تىيەنماۋ دىكى دوكانلارغىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ....ئەگە باھا كۆپ پەرىقلەنمىسە ئاۋال جىڭدۇڭدىن ئالىمەن...ئاندىن تىيەنماۋ...ئەڭ ئاخىرىدا تاۋباۋ.....ئەمما تاۋباۋدىكى دۇكانلارغا ھەيرانمەن....ھەممىسىگە ياخشى باھا تۇشاق...بىرمۇ ناچار باھا يوق..كاززاپلار...پۇل بېرىپ تۈكرۈكچىلەرنى ياللاپ يازغۇزغاندەكلا....

ئوچۇقراق دەڭە، قانداق پەرقلەندۈردىڭىز سەپلىمىلىرىنى ئالماشتۇرغاننى؟

مەن بۇرۇندىن نوكىيا 920 ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆپ كۆرگەن، سەپلىمىلىرىنى ئاساسەن بىلىمەن...ئىنىمنىڭ قولىدا جىڭدۇڭ تورىدىن سېتىۋالغان نوكىىيا 620 مۇ بار...ئىككى تېلفۇننى سىلىشتۇرۇپلا ئاسانلا ئۇقىۋالغىلى بولىدىكەن.

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 15:32:17

مەن ئىزچىل www.jd.com يەنى بۇرۇنقى نامى www.360buy.com دىن ئالىمەن. ھەر قېتىم ئالغان ماللاردىن رازى. مېنىڭ ھېس قىلغىنىم بۇلۇپمۇ ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن ياخشى، ئىشەنچىلىك، بىراق مالنىڭ كېلىشى بەك ئاستا.

kolteken يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 17:38:25

مەن تىيەنماۋدىن SANXING S4 19502 بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم ، مال كەلگەن كۈنى ۋە ئەتىسى ئىككى كۈندە بارىلىق ئىقتىدارلىرىنى سىناپ ئۇيغۇرچە تۇنۇتساممۇ شۇنداق نورمال ئىدى ، دۇكاندار مالدىن رازى بولساڭ باھا بىرۋەتكەن بولساڭ دەپ تېلفۇن قىپتىكەن ، مەن بەش يۇلتۇز بىلەن ە ياخشى باھانى بەرگەن ، كىم بىلسۇن بىر ھەپتە بۇلاي دىگەندە usb ئېغىزى ئىشلىمىدى ، ئۇنىڭدىن سىرىت 5- 10 تالدەك ئۇيۇن ۋە باشقا ئەپلەرنى قاچىلىسام تېلفۇن ئاپتۇماتىك قوزغىلىدىغان بۇلۇپ قالدى ، دۇكاندارغا دىسەم قايتۇرۇپ سېلىۋەت مەن يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بىرەي دىگەن ۋە ئۇ ئەۋەتكەن ئادرىسقا مالنى قايتۇرۇپ سېلىۋەتكەن، ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەندە مالنى تاپشۇرۇپ ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرسەم تاپشۇرۋالالمىدىم دەيدۇ ، ئادرىسقا قۇشۇپ ئەۋەتكەن نۇمۇرغا تېلفۇن قىلسام ۋاقتى ئۆتكەن نۇمۇر دەيدۇ ، يەنە بىر نۇمۇرى بىلەن ئالاقىلاشسام تىز يەتكۈزۈشتىكىلەرنى ئىزدە دەيدۇ ، ھازىر تېلفۇنمۇ يوق پۇلمۇ يوق بولدى ، ياكى پۇلنى ياكى تېلفۇننى قايتۇرۋالىدىغان بىرەر ياخشى چارە بارمۇ ؟ 11- ئاينىڭ 7 - كۈنى مالنى قايتۇرغان سۈرۈشتۈرسەم 14- چىسلا مال تاپشۇرۇلغانلىق ئىسمى چىقتى ، كىم تاپشۇرۋالغانلىقى ئېنىق ئەمەس ؟

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 19:27:01

ماڭا ئىككى يىلچە بوپقاپتۇ بۇ تاۋباۋدا خېرىدارلىق قىلىۋاتقىلى، نېمىشقىمۇ بۇرۇنراق موشۇ تورخېرىدارلىقىغا كۆڭۈلىشمىگەندىمەن ، دەپكېتىمەن جۇمۇ راستىنلا، دۇكانمۇدۇكان، كوچىمۇكوچا پالاقشىش كەتمەيدۇ، تاللاپ تاللاپ سېۋەتكە سېلىۋېلىپ ئاشۇ دۇكاننى بىر تەتقىق قىلىۋەتكەندىن كىيىن شۇ مالنى ئىزدەش رامكىسىغا سېلىپ قايتا ئىزدەپ باقىمەن، قاي-قايسى دۇكاندا سېتىلىۋاتىدۇ، باھاسى، سېتىلىش مىقدارى، دۇكاندارنىڭ دەرىجىسى(يۈرەكمۇ، ئالماسمۇ، تاجمۇ)دېگەندەك ئۇچۇرلارغا قوشۇلۇپ ئۇنىڭ كاپالەت پۇلى تاپشۇرغان-تاپشۇرمىغانلىقى (دۇكىنىغا يۈزلۈك سومما ئىچىدە مال سالغانلار ئاساسەن 1000سوم تاپشۇرۇپ قويىدىكەن، خېرىدار سېتىۋالغىنىدىن رازى بولماي چاتاق چىقىپ قالسا ئىگە تەرەپ بولغان تاۋباۋ شۇ پۇلدىن تۆلەم بېرىدىغان چېغىۋا) خېرىدارنىڭ رازى-رازى ئەمەسلىگى بىر-بىرلەپ چىقىدۇ، ئاندىن كېلىشكۈ(كۇاڭكۇاڭ)سىنى ئېچىپ پاراڭلىشىمەن، مەزمۇنى: تاۋىرىنىڭ سۈپىتى، خېرىدارنىڭ يازغان باھاسى بىلەن بىردەك-بىردەك ئەمەسلىگى (بۇ بىرىنچىدىن ئىسپات توپلاپ قويۇش، ئىككىنچىدىن ئۇنىڭغا «ناچىرى ياكى ساختىسىنى سېلىپ قويساڭ مەنمۇ جايلىيالايمەن»دېگەندەك ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ قويۇش)، قايسى تېزيولدىن سېلىپ بېرىدىغانلىقى ، قاتارلىقلارنى ئېنىقلىۋالىمەن. ئاخىرىدا بىر-ئىككى ئېغىز «سودىمىز كۆڭۈلدىكىدەك بولغاي»دېگەندەك مۆتىۋەرانە سۆزلەر بىلەن پاراڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پۇلنى ئۇرىۋېتىمەن، شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى مالنى سالغان-سالمىغانلىقى ، قانچە كۈن مۆھلەت قويغانلىقى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى مېڭىنىڭ بىر بۇرجىكىگە سېلىپ قويىمەن، مال كېلىدۇ، ئىشخانىغا ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئەگەر يەتكۈزۈش دائىرىسى تۇرۇپمۇ ئۈستىدىكى ئىسىمغا قاراپلا «بۇ ھېلىقى موشۇيەردىكى ئۇيغۇر دېگەن موتورولاردىنكەن، ئۆزى كەلسۇنا» دەپ تېلېپۇن قىلىپ قالسا «يەتكۈزۈش دائىرەڭدە تۇرسام، شىركىتىڭنىڭ توردىكى يەتكۈزۈش خەرىتىسىگە قاراپباق، باش شىركىتىڭگە تېلېپۇن قىلاي ئەمىسە، ئۇ بۇ »دېسەم ئاقىدۇ(بۇنداق ئىشلار جىق ئۇچرىمايدۇ ، كۆپىنچە ئەھۋالدا سىز شۇ سىزگە ئۇلىشالايدىغان تېزيوللارنى تاللىسىڭىز ئاۋارە قىلمايلا ئەكېلىپ بېرىدۇ ،مەسلەن: يىندا ۋە جۇڭتۇڭ)، ئەمما مال ئىگىلىرى يۈندا بىلەن جۇڭتۇڭ سالىدىغان مېلىمىز مەلۇم سانغا توشمىسا كەلمەيدۇيەي، مۇناسىۋېتىمىز يوقەي دېگەندەك يالغان-ياۋداقنى جىق توقۇيدۇ، مەقسەت بىزدىن 20-30كوينى ئېلىپ «ئۆزەڭ ئېلىپ كەت»دېگەن تېزيول شىركەتلىرىگە يېرىمىنى بېرىپلا قايماق ئايرىماقچى، ئۇ شىركەتلەر ئۇ تەرەپتە ئەرزانلا ئېلىپ قويۇپ بۇ تەرەپتە بىزنى ماڭدۇرىدۇ ئاندىن.



ھازىرغىچە شۇنچە سودىسىنى قىلىپ بەرسەممۇ ئىشەنچ دەرىجەم تۆت يۇلتۇزغا يەنە يەتتىسى كامكەن ،ئىشخانىدىكى خىزمەتداشلار سوداسارايلىرىدىكى قىممەت قىممەت كىيىملەرنى كىيىپ سىناپ ، ماركىسىنى بىلىۋېلىپ ماڭا ئالغۇزىدۇ، تېلپۇنلىرىغا سالىدىغان پۇلنىمۇ تاۋباۋدىن مەن سېلىپ بېرىمەن، بەش مۇ دىن تا بىر سومغىچە ئەرزان 20-30سومدىن پۇل سالسىڭىز، لېكىن قويمىچىلارمۇ ئۇچراپ تۇردى، بىر قېتىم خىزمەتدېشىمغا 50سوم پۇل قاچىلاپ بەرسەم چۈشكىچە كىرمەپتۇ، مال ئىگىسى كېلىشكۈسى ئوچۇق-ۇ جاۋاپ بەرمەيدۇ، بەرمەيدۇ، ئەتىسى پۇل تاپشۇرغان ئىسپاتلىرىمنى كېسىپ ئېلىپ ئەرز قىلسام بىلمەسكە سېلىپ قايتۇرۇپ بەردى، باشقا قويمىچىلارغا ئۇچراپ باقمىدىم ئىنشائاللاھ.

يەنە بىرقېتىم ئىشخانىدىكى خەنزۇۋان ئايال ئۆيۈمنى زىننەتلىگەن، شاخچىراق ئېلىپ بەرسەڭ ،خۇاليڭدا 5-6مىڭ دەيدۇ دەپ تاللىغان چىرىقىنى 3300سومغا ئېلىپ بەردىم، قاچان كېلىدۇ دەپ كۆزۈمگە كىرۋالغاچقا مەنمۇ قارىماپتىمەن يەتكۈزمە ئۇچۇرىغا، ئونىنچى كۈنى قارىسام «تاپشۇرىۋالدىم»كۆزنىكى «باھالاڭ»غا ئۆزگۈرۈپ كېتىپتۇ، بۇ نېمە بوپكەتتا، دەپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ خىزمەتدېشىم تۇلا ئادەمنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىدىغان، سوغۇقلا بىر ئايال بولغاچقا ئەتە ئىشخانىدا سەتلەشكىلى تۇرارمۇ دەپ ئەرۋاھىم ئۇچتى، لېكىن مال ئىگىسى ياخشى گەپلەر بىلەن تەسەللى بېرىپ پۇلنىڭ مۆھلەت توشقانلىقتىن ئاپتۇماتىك ئۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ، ئەنسىرمەسلىگىمنى، دەپ مالنىڭ قەيەردە كېلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بەردى ۋە مالمۇ ئىككى كۈندىن كىيىن ساق كەلدى، كىيىن ئۇ خىزمەتداش ئۇنى ئاسقۇچە 100سوملۇقتىن بىرنى چېقىپ قويۇپتىكەن ساتقۇچىغا دېسەم، ئالىمادىس چېقىلىپ كېتىپ قالسا يەنە بىرنى قوشۇپ سېلىپ بېرىش قائىدىمىز ئۈچۈن دەپ ھەقسىز سېلىپ بەردى. يەنە بىر قېتىم بالىلارنىڭ ئاپىسىغا 400نەچچە سوملۇق بىر سومكا ئېلىپ بەرسەم ھالقىچۇغى قېتىشمىكەن چۈشۈپ قاپتۇ، سۈرەتكە تارتىپ يوللاپ بەرسەم زاۋۇت بىلەن ئالاقىلىشىپ تۆت تال سېلىپ بەرگەنىدى، يەنە بىر قېتىم 60سومغا بىر توك چۆگۈن ئېلىپ يېرىم يىل ئىشلىتىپ ئاپتۇماتىك ئۆچۈرگۈسى ئىشلىمەي يېڭسىغا ئالماشتۇرۇپ بەر دېسەم پوچتا ھەققىنى ئېلىپ يىپيېڭىسىغا تېگىشىپ بەرگەن يەرلىرىمۇ بار.

خۇلاسە كالام، ياخشى تەتقىق قىلساڭلارلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپمۇ كەتمەيسىلەر.
بەت: [1]
: تاوباۋدىن مال سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار