[كۆچۈرۈلمە]iPhone ئويۇن رولى مۇشۇ ھەپتە بازارغا سېلىنىدۇ
پەن-تېخنىكا بىلوگى appleinsider نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما پارچە سېتىش دۇكىنى ۋە تور دۇكىنىدا مۇشۇ ھەپتە MOGA شىركىتى ئىشلەپچىقارغانiPhone ئويۇن رولى سېتىلىشقا باشلىغان . بۇ تۇنجى ئالما ھوقۇق بەرگەن ئويۇن كونتىروللىغۇچ بولۇپ ، iOS 7 يانفۇن سېستىمىسىنى قوللايدۇ .
بۇ مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسى 99 دوللار، ئىسمى MOGA ACE POWER بولۇپ ، ئالمىنىڭئۇلاش lightning ئېغىزىبار بولغان :iPhone 5,iPhone 5C,iPhone 5Sۋە بەشىنچى ئەۋلاد iPod touch بىلەنماسلىشىدۇ . بۇ ئۈسكۈنىگە 1800 مىللئامپېرلىق توك قاچىلاش ئەسۋابى سەپلەنگەن .
MOGAئويۇن رولىغا ئىككى خىل باشقۇرۇش دەستىسى سەپلەنگەن ، ئالدى يۈزىدە A، B، X ۋە Y كۇنۇپكىلىرى بار، يان تەرىپىدە L1، R1، L2 ۋەR2 كۇنۇپكىلىرى بار ، بۇنىڭدا قاتلىغىلى بولىدىغان لايىھە بولۇپ ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ، ئاچقاندىن كېيىن ئابونتلار iPhone ياكى iPod touch نى ئۈستىگە قويۇپ، lightning ئېغىزى ئارقىلىق iPhon، iPod touch نى ئۇلىسا بولىدۇ ، بۇ بۇ ئۈسكۈنىنىڭ سىم ئۇلاش ئارقىلىق كونتىرول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، بۇ ئۈسكۈنە ئالمىنىڭ باشقا iOS ئۈسكۈنىلىرىنى ، مەسىلەن iPad نى قوللىمايدۇ .
ئابونتلار بۇ ئۈسكۈنىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولسا چوقۇم ئۈچىنچى تەرەپ زاپچاسلىرىنى يېڭىلىشى كېرەك ، يېڭى بازارغا چىققان بولغاچقا ، قوللايدىغان ئويۇن تۈرى چەكلىك، پەقەتOceanhorn,Bastion and LEGO Lord of the Rings نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئالما ھە ۋەسكارلىرى ئۇچۇن يوللاپ قويدۇم ،
مەنبە: كارۋان تورى
تېما ئىگىسىگە رەھمەت!ئىجادىيلىققا ئىگە بولغان پەن-تېخنىكا خەۋەرلىرىنىڭ ھەرقاندىقىنى كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ،چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغايدۇ،ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغۇتىدۇ. مانى ئەمدى كۇپەي،زاپەيلەر تۆكمە قىلىپ ياساپ توشقىزۋىتىدىكەندە.......... ئاۋارچىلىقتەك بىلىندىغۇ ،،،يەنە بىر مەزگىلدىن كىيىن ھەرخىل داڭلىق ماركىلاردىكى يانفۇنلار مۇشۇ ئەندىزە بويۇنچە تەرىققىي قىپ كەتسە ،كىشلەر پۇلسالدىغانغا ھەميان ئىشلەتكەندەك بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىرنىمە ئىسشىپ يۈرەمدۇ نىمە{:107:} گۈلدىيار مۇراببالىرى بىلەن ئايكىلاس ئىككىسى بىر شىركەتنىڭما؟ ئايكىلاسنىڭ ئېلانىنى باسسام گۈلدىيارنىڭ تور بېتى ئېچىلىۋاتىدۇيا؟
