ناۋادا ، ھايۋانلار خوجايىن بولغان بولسا ...
توخۇ
-ئاڭلىسام ساۋەننىڭ چوڭ تەخسىلىك ئادەم قورۇمىسىنى بەك داڭلىق دەيدىغۇ؟
-ۋايتاڭ، مەن يەپ باقمىغان، مەن يەنىلا ئۈرۈمچىدىكى قان پونكىتىنىڭ چوڭ تەخسىلىك ئادەم قورۇمىسىنى ياخشى كۆرىمەن. لېكىن ھازىر ئىنسان ۋىروسى تارقىلىپ كەتتى، ئۈرۈمچىدىكى ئادەملەردە ئىشەنچ يوق.
ئېشەك
-ۋۇ كالۋا، ئادەم جېنىدا پۇتى بىر قېتىم چۈشكەن كۆۋرۈكتىن ئىككىنچى ئۆتمەيدۇ، ئادەمچىلىك بولالمىغىنىڭنى قارا!
-مەنمۇ شۇ «ئادەم ئادەمدىن قالسا قۇلىقىنى كەس» دەپتىكەن، شۇڭا تەۋەككۈل قىلىپ بېقىپتىمەن.
ئات
- بۈگۈن ئاڭلسام ئادەم بەيگىسى بولىدىكەنغۇ، سەن قايسىنىڭغا تىكتىڭ؟
- مەن ئادەم بەيگسىنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ئەزەلدىن دو تىكمەيمەن.
- ئادەم مىنىش ھەقىقەتەن ھوزۇر جۇمۇ، كونىلار بىكار دېمىگەن «ئات قانىتى ئادەم» دەپ
ئىت
1.
- ھويلىدىكى باغلاغلىق ئادەمگە سۆڭەك تاشلاپ بەردىڭمۇ؟
– ياق، ئۇنداق لالما ئادەمگە سۆڭەك تاشلاپ بېرىپ نېمە قىلاي، قاچىسنى يالىسۇن.
2.
- «ئادەمنى ئۇرساڭمۇ ئىگىسىگە قاراپ ئۇر» دېگەن گەپ بار، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ چىشىغا تەگمە.
چوشقا
1.
– ۋۇ ھورۇن قوپ ئورنۇڭدىن، ئادەمدەك ھورۇن نېمە ئىكەنسەن!
2.
- تۈنۈگۈن بىر مۇسۇلمانلار ئاشخانسىدا ئادەم گۆشى بايقىلىپتىمىش، يائاللا نىمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ بۇ جاھان!
- بىلىپ بىلمەي ئۇنداق ھارام نەرسىلەرنى يەپ قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن.
چاشقان
- ئىنسانلار بىزگە ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقان 4 زىيانداشنىڭ بىرسى، شۇڭا ئۇنى چوقۇم يوقۇتۇش لازىم.
-لېكىن يوقاتقانسىرى ئاۋۇپ كېتىۋاتىدۇ، ھازىرقى ئادەم دورىلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى.
يىلان
– دادا دادا، ئادەم چاقامدۇ؟
– چاقىدىغىنىمۇ بار، چاقمايدىغىنىمۇ بار، ئەمما چېقىپ قالسا بەك چاقىدۇ، ياخشى يېرى ئۇلار ئاساسەن بىر بىرىنى چاقىدۇ.
توشقان
– ئاپا، ئادەم بەك تېز يۈگرەمدۇ؟
– شۇنداق، ئۇلار بەك قورقۇنچاق،
«ئادەمدەك 100يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا»
مەنبە ____ ئۈندىدار "Polo Club" سالونى.
«ھايۋانلار راستىنىلا شۇنداق ئويلارمۇ-ھە{:136:} {:136:} قوي
- قوزا
- ئانا گۆش يەيمممممممممممممە !?
- ئانا ساغلىق
ماقۇلې بالام، مەن شۇ سېلەرنى دەپ ماۋۇ ئەركەك ئادەملەرنى ئايرىپ قوتانغا سالغىلى ئون يىلدىن ئاشتى، ھېچبر چوڭ بولاي دېمەيدۇ،
-ھېلىمۇ نۇرغۇن ھەلەپ،شاخ-سامان، قوناقلارنى يەپ بولىدى، يا بىر سەمىرگەندەك ئەمەس، بولدىلا داداڭ كەلسە ئىۋۇ بۇرتى خەت تارتاي دىگەننى سويۇپ شورپا قىلايلى...
كالا
ئىنەك : ھوي توپاقچان بالام ، ئاۋۇ بوۋاقنى بالدۇراق ئانسىنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىۋەت ، ئانىسىنى ئېمىپ سۈتىنى قويمىدى ، ساغىدىغان سۈت قالمايدۇ بىكا ،
توپاق : ماقۇلە ئاپا كۈلدۈرۈپ ئۈچەينى ئۈزدى ما باللا {:92:} پاشا : ئوخخو بۇ ئادەمدىن خويمۇ بىزار بولدى كىشى ، ئۆز ئارا چاققىنى يەتمەي بېلىكىمنى ئەجەپ چاقتى ما سېمممممممىز كەلگەن ئوووووورۇق ئاداش {:107:} سۆڭەكلىككەن تېخى


چاشقان: تۇتە ئا شۇمنى، بىزمۇ تۇمۇشقىدىن سىم ئۆتكۈزۈپ بوينىدىن قاماللاپ قورسىقىنى تەگلىككە سۈركەۋەرگەننىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويايلى.
قۇشقاچ چۈجىسى: ئانا مەن ئادەملەر تۈزگەن ئۇندىدار دېگەن ئەپكە ئوخشاش بىر ئەپ تۈزدۈم، نامىنى نېمە دېسەك بولا؟
ئانا قۇشقاچ: ئادەملەر ئۈندىدار دەپ قويغاندىكىن، بىز بۇنىڭغا ۋىچدىدار دەپ قويايلى. بېلىق
مۇھىت بۇلغىنىپ دەريالاردا ئادەم قالمىغىلى تۇردى جۇمۇ،10يىلنىڭ ئالدىدا 100كويلۇق پۇلدىن بىرنى قارماققا ئىلىپلا دەرياغا تاشلىساق ئادەمدىن ئوننى تۇتاتتۇق بىردەمگە قالماي،ھازىر بىر كۈن ئولتۇرسىمۇ ئۆلەرمەن ئادەمدىن بىرسى قارماققا ئىلىنمايدۇ دېسە {:136:} {:136:} ياۋ ماۋۇ بالىلارنىڭ يامانلىقىنى.....
