koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:35:52

بېيجىڭدا باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدا ...

جۇڭشىن ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 20-نويابىر
تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى 19-نويابىر
«باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىنگلىزتىلى ئوقۇتۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ
ئۆزگەرتىش» تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ بىرسىدە، كېلەر
يىلدىن باشلاپ، باشلانغۇچنىڭ 1-، 2-يىللىقلىرىدا ئېنگلىز تىلىغا مۇناسىۋەتلىك
ھېچقانداق دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرماي، 3-يىللىققا چىققاندا نۆلدىن باشلاپ چەتئەل تىلى
تەسىس قىلماقچى بولدى.

بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى 19- دىكابىر سۆھبەت
يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا كۆپلىگەن باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرلىرى، يەسىلى
باشلىقلىرى بېيجىڭدىكى ئاساسىي مائارىپتا كۆرىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن
نۇقتىلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ
مۇدىرى فۇ جژفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، نۆۋەتتە مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدا مەكتەپ
تاللاش مەسىلىسى ئېغىر، ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدا بولسا دەرس-تاپشۇرۇق يۈكى ئېغىر
بولىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە، بېيجىڭدىكى كۆپ قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1-، 2-
يىللىقلىرىدا ھەر ھەپتىدە 2 سائەت ئىنگلىز تىلى دەرسلىكى ئۆتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ
دەرس ۋە تاپشۇرۇق يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا مەكتەپ
ئىنگلىزتىلى ئىمتىھانىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشلانغۇچ- ئوتتۇرا
مەكتەپلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى دەرسلىكىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچى؛
باشلانغۇچ 1-، 2- يىللىقلاردا ئېنگلىز تىلى تۈرىدىكى دەرسلىكلەرنى ئەمەلدىن
قالدۇرماقچى؛ ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىدا بېيجىڭدا نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان دەرس
پىلانى بويىچە ئېنگلىز تىلى دەرسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشماقچى بولىۋاتىدۇ.

بۇنىڭدىن
بۇرۇن، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ
ئىمتىھانىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە پىكىر يىغىش پىلانىنى چىقىرىپ، ئىنگلىزتىلىنىڭ
ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىگىلىگەن نوپوزىنى تۆۋەنلەتمەكچى
بولغان ئىدى. ئىنگلىز تىلى دەرسلىكى ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا ئائىت تەڭشەشلەر
جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىۋاتىدۇ.  فۇ جژفېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى،
مۇناسىۋەتلىك بۇ تەدبىرلەر ئىنگلىز تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تۆۋەنلەتكەنلىكتىن دېرەك
بەرمەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئون نەچچە يىل ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىپمۇ، يەنىلا
چەتئەللىكلەرنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ئوقۇ- ئوقۇتۇش شەكلىنى ئۆزگەرتكەندىلا،
ئاندىن نۆۋەتتىكى «گاچا ئېنگلىز تىلى» مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىغىلى
بولىدۇ.

فۇجژفېڭنىڭ ئاشكارلىشىچە، يېقىندا بېيجىڭدا «ئېنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىنى
كۈچەيتىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىرلەر»نى ئېلان قىلىدىكەن، بۇنىڭدا مەجبۇرى مائارىپ
باسقۇچىدىكى ئېنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،
ئاڭلاش- سۆزلەش ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىدىكەن، ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا بولسا ئاڭلاش،
سۆزلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن ئاساستا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش
ئىقتىدارىنى كۈچەيتىلىپ، ئېنگلىز تىلىنىڭ ئەسلىدىكى ئالاقە قۇرالى بولۇشتەك
ئالاھىدىلىكى ئەسلىگە كەلتۈرىلىدىكەن.

بېيجىڭ مائارىپ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن
باشلىقى ساڭ جىنلۇڭ مۇنداق دەيدۇ، بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى
ئىنگلىز تىلى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- ئېنگلىز تىلى دەرسلىكىنىڭ ئىمتىھانپەرەس
يۆنىلىشىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتچىللىقىغا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش،
ئېنگلىز تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى نۇمۇر ئېلىپمۇ ئېنگلىز تىلى
ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇشتەك ھادىسىسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن
يىللىقىدىكى ئېنگلىز تىلى دەرسلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىكى سەۋەب بەلكىم
بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىغا زور زېھىن ۋە پۇل سەرپ قىلىپمۇ، ئەمەلىي ئۈنۈمى ياخشى
بولمىغانلىقىنى ئويلاشقان بولسا كېرەك.

ئېنگلىز تىلىنى 3- يىللىقتىن باشلاپ
ئۆتۈشكە قارىتا، ئاتا-ئانىلار يۈكنى يەڭگىللىتىشنى قوللىدى، ھەمدە ئۇنچىلىك كىچىك
بالىغا ئىنگلىزتىلىنى بالدۇر ئۆگىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدى؛ بەزى ئاتا-ئانىلار
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئېنگلىز تىلىنى تۈرلۈك تەربىيىلەش كۇرۇسلىرىغا «كۆتىرە بەرگەنلىك»،
ھەرگىزمۇ ھەقىقىي تۈردىكى «نۆلدىن باشلاش» ئەمەس دەپ گۇمانلاندى؛ يەنە بەزى
ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيىلەش كۇرۇسلىرىغا ئاپىرىپ بېرىشنى قوللاپ، بۇنىڭ
ئىمتىھان ئۈچۈن ئەمەسلىكى، بەلكى بالىلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىدە
چىڭ تۇردى.

بېيۋەي ياش- ئۆسمۈرلەر ئېنگلىز تىلى بازىرىنىڭ باش نازارەتچىسى زويەن
مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ، ئاتا- ئانىلارغا قارىتىلغان بىر
پارچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، %80 ئاتا-ئانىلار «باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن
يىللىقىدا ئىنگلىزتىلى دەرسلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ئېنگلىز
تىلىنى ئۆگىتىش ئويىغا تەسىر يەتمەيدىكەن».

مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى
مۇنداق دەيدۇ، بېيجىڭدا تۆۋەن يىللىققىنىڭ ئېنگلىز تىلى دەرسلىكى ئەمەلدىن
قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور تەسىر
ئېلىپ كېلىدۇ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتتىن ئايرىلىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىدۇ. يەنە
بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنداق دەيدۇ، چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلغاندا،
بالىلارنىڭ ئېنگلىز تىلىنى ئاڭلاپ چۈشىنىش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى ھەقىقەتەن زور
ئىلگىرلەش بولىدۇ، لېكىن نۆۋەتتە بېيجىڭدا چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىپ قىلىپ
ئىشلىتىشقا دائىرى ئېنىق بىر سىياسىتى يوق، شۇڭا مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇقىم ۋە
كاپالەتكە ئىگە بولغان «چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلار ئامبىرى» قۇرۇش تەكلىۋىنى
بەردى.

بېيجىڭدىكى كۆپلىگەن تەبىيىلەش ئورۇنلىرى بولسا، بۇ خىل تەڭشەش
سىياسىتىنى بازارغا پايدىلىق ئۇچۇر دەپ قارىدۇ. مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملار
مۇنداق دەيدۇ، تەربىيىلەش ئورۇنلىرىمۇ ئىنگلىزچە ئۆگىتىشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىنى
ئۆزگەرتىپ، ۋەقەلىك ئوقۇتۇش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن تەييارلاش قاتارلىق ئۇسۇللار
ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئىنگلىزتىلىنى جانلىق ئۆگىنىشىگە يېتەكلەيدۇ ۋە
رىغبەتلەندۈرىدۇ.



مەنبە: نۇرتورى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 01:07:49

تىل مونۇپۇللىقى دەپ قۇيامدۇق ؟

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 08:08:38

بۇلارمۇ يات بىر تىلنى قۇبۇل قىلىشنى قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنىڭ تەمىنى ئەمدى تېتىپتۇ دە. بىزنىڭ بۇ يەرلەردىكى يەسلى مائارىپىدىلا يولغا قويغان مەجىبۇرلاش خاراكتېردىكى مائارىپىنى قاچانمۇ ئۆزگەرتەر ئەمدى؟ شىنجاڭدىمۇ بۇرۇنقى ئۇسۇل بويىچە 3- يىللىقتىن باشلاپ خەنزۇتىلى دەرسلىكى ئورۇنلاشتۇرۇلسا توغرا بولاتتى دە..




lawa0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 10:29:39

ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە-ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئەسلى150نۇمۇرلۇق ئېنگىلىز تىلى نۇمۇرى تۆۋەنلىتىلىپ 100نۇمۇرغا چۈشۈرلۈپ، خەنزۇ تىلىغا 20نۇمۇر، خىميەگە 30نۇمۇر قېتىۋېلىپ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئېنگىلىز تىلى قىزغىنلىقىغا قىزىل چىراق يېقىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

دۆلەتنىڭ ئانا تىل قىزغىنلىقى نەقەدەر يۇقۇرى ھە؟؟؟

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 11:51:33

ئۆمرۈم شۇنداق ئۆتەرمۇ

ھەسرەت ئىچىرە ئۆرتىنىپ

  \"\" \"\" \"\"

function يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 15:15:56

12 ياشتىن بۇرۇن يات بىرتىلنى تېڭىپ مەجبۇرى ئۆگىتىش مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، شۇڭلاشقا تولۇقسىزغا چىققاندىن باشلاپ يات تىل ئۆگىنىش ئەقلغا مۇۋاپىق.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 18:45:15

9 ياشتىن كىيىن يات تىل ئۈگىنىش مائارىپى قاچان ئەسلىگە كىلەر ؟؟؟

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 20:11:39

بۇلارمۇ ھىس قىلىپتۇ دە

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 22:44:23

دېكابىر ئېيى تېخى كەلمىدىغۇ قېرىندىشىم؟

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 09:45:49

موللام كۈلمەيمىش ،كۈلسە تېلىقىپ كىتەرمىش...

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 11:08:57

بىزلەرنى مەجبۇرلايدۇ ،،بەسەيلەرنىڭكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ ھېلقى تۇرسۇن نازىر دىگەن كىشىگە ئاپىرىپ كۆرسىىتىپ قۇيدىغان تىما ئىكەن

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 13:07:59

قانۇنسىز دەيدىغان قالپاقتىن يەنە بىرسى كۆپىيەمدۇ نىمە

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 19:14:01

«پىچاقنى ئۆزەڭگە سال، ئاغرىمىسا كىشىگە(سال)» دەيتى بوۋىلىرىمىز، خەخنىڭ ماقالىدا «پىچاقنى كىشىگە سال، ئاغرىسا ئۆزەڭگە سالما» دەيدىغان گەپ بار ئوخشايدۇ.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 19:35:35

بۇ تۈزۈم شىنجاڭغىمۇ كەلگەندە، ئاندىن بىز گېپىمىزنى قىلساق بولىدۇ.

خەنزۇلارنىڭ مۇشۇ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشى قەتئىي مۇۋەپپەقىيەتسىز بىر دەرس بولدى. باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىدۇ-يۇ، بىرەر چەتئەللىك بىلەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشالمايدۇ. ئۇيغۇر باللىرى 3-سىنىپتىن (ھازىر يەسىلىدىن، ياق بۆشۈكتىن باشلاپ ئۆگىتىۋاتىدۇ) باشلاپ خەنزۇچە ئۆگىنىدۇ، ئالىي مەكتەپتە خەنزۇچە پىكىرلىشەلەيدۇ، ئاندىن 1-2 يىل ئېنگلىزچە ئۆگىنىپلا، خەنزۇلارنىڭ 15 يىل ئۆگەنگەن ئېلىز تىلى سەۋىيەسىنى بېسىپ چۈشىدۇ.

ھازىر يەسىلىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارغا خەنزۇچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ، بالىلار باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە يا ئۇيغۇرچىنى يا خەنزۇچىنى تولۇق سۆزلىيەلمەيدىغان ھەم يازالمايدىغان بولۇپ چىقىۋاتىدۇ.

ھازىر مەكتەپتە بىلىم ئۆگىنىش ئەمەس، تىل ئۆگىنىش نىشان بولۇپ قالدى.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-6 20:02:09

15- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھازىر يەسىلىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارغا خەنزۇچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ، بالىلار باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە يا ئۇيغۇرچىنى يا خەنزۇچىنى تولۇق سۆزلىيەلمەيدىغان ھەم يازالمايدىغان بولۇپ چىقىۋاتىدۇ.

ھازىر مەكتەپتە بىلىم ئۆگىنىش ئەمەس، تىل ئۆگىنىش نىشان بولۇپ قالدى.

يېشىل خەت بىلەن كۆك خەتنى بىرلەشتۈرسەك، نىشان تىل ئۆگىنىشمۇ بولماي بەلكى دۆتلەشتۈرۈش بولۇپ قالغىدەك.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 14:27:03

ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

taptix يوللانغان ۋاقتى 2013-12-27 16:06:01

بېغىر 6ئەپەندىمنىڭ مۇبارەك چىرايىنى كۆرۈۋالدىم
بەت: [1] 2
: بېيجىڭدا باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدا ...