tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 11:44:53

تاشپولات: قارا ئۆڭكۈر پۈركۈگۈچ ئېغىر زەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن



قارا ئۆڭكۈر پۈركۈگۈچ ئېغىر زەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن



تاشپولات روزى








بۇ ماقالە 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى تەبىئەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇ
تەتقىقات ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، قارا ئۆڭكۈرنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى
تېزلىك پۈركۈگۈچىسىدىن چىقىرىلغان ماددىلاردا، تومۇر قاتارلىقلاردا
بولىدىغان ئېغىر زەرىجىلەرنىڭ بارلىقى مۇقۇملاشتۇرۇلغان.



ئاسترونومىيە ئالىملىرى مۇشۇ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بېرى، ئالەمدىكى ئەڭ
كۈچلۈك ھادىسىلەردىن بولغان قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن پۈركۈلۈپ چىققان
ماددىلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلىشكە قىزىقىپ كەلگەن ئىدى.  ئالىملار
ھازىرغىچە قارا ئۆڭكۈرنىڭ پۈركۈگۈچىسىدىن كېلىپ چىققان ماددىلار
ئېلېكترونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ناھايىتى تۆۋەن ماسسىلىق زەرىجىلەردىن
تەركىب تاپقان دەپ قاراپ كەلگەن.



بۇ قارا ئۆڭكۈر پۈركۈگۈچىسى مىنۇس زەرەتلىگۈچى زەرىجىلەردىن ئىبارەت
ئېلېكترونلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، بۇ يەردىكى سىر پۈتۈن
پۈركۈگۈچ مىنۇس زەرەتلىگۈچىدىن تەركىب تاپمىغانلىقىدىن بولغان. بۇ
دېگەنلىك مىنۇس زەرەتلىگۈچلەرنىڭ ئۆزئارا يېيىشىپ كېتىشى ئۈچۈن پىلۇس
زەرەتلەنگەن قانداقتۇر بىرنېمىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.



يۇقىرىدىكى پەرەزگە ئاساسەن ئاۋسترالىيە تەتقىقات گۇرۇپپىدىكىلەر ياۋروپا
ئالەم تەتقىقات ئورگىنىڭ X نۇر ئۆلچەش سۈنئىي ھەمراھى بىلەن شەرقى
ئاۋسترالىيەدىكى ئېلىكتىر دولقۇن ئارىلىشىش ئۆلچىگۈچىلەرنى ئىشلىتىش
ئارقىلىق ، يۇقىرىدا دېيىلگەن نەرسىنىڭ تۆمۈر قاتارلىقلاردا بولىدىغان
زەرىجىلەردىن ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان.



بۇ بايقاشنىڭ مۇھىملىقى بولسا قارا ئۆڭكۈرنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچىلا
بولماستىن، ئۇنۇڭ يارىتىش كۈچىنىڭمۇ بارلىقىدىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  يەنى
قارا ئۆڭكۈر ماددىلارنى ھەم ئېنېرگىيىنى ئالەم بوشلۇقىدا قايتا پەيدا
قىلىدۇ دېگەنلىك. ئۇنۇڭ پۈركۈگۈچىسى سامان يول سىستېمىسىدىكى
يۇلتۇزلارنىڭ  قاچان قەيەردە پەيدا بۆلىشىنى بېكىتىشكىمۇ ياردەم قىلىدۇ.



تېخىمۇ كۈپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:



http://www.astronomy.com/news/2013/11/black-hole-jets-pack-a-powerful-punch


uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 15:30:20

قارا ئۆڭكۈر، قارا ئۆڭكۈر دەيمىز .زادى بۇ قارا ئۆڭكۈر

قانچىلىك چوڭلۇقتا ،بىزنىڭ سامان يولى سىستىمىمىز قانچلىك يىراقلىقتا؟

قارا ئۆڭكۈردىن قانچىسى بار؟دىگەندەك سۇئاللار پەيدابولدى مەندە.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:51:43

ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا قاراڭغۇ ئۆڭكۈر دىگەن ئاتالغۇنى بەك كۆپ ئاڭلايتتىم.

تاشپولاتكا ئاۋۇ تومۇرمۇ ياكى تۆمۈرمۇ؟

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 12:02:57

1- قەۋەتتىكى uchkur1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قارا ئۆڭكۈر، قارا ئۆڭكۈر دەيمىز .زادى بۇ قارا ئۆڭكۈر

قانچىلىك چوڭلۇقتا ،بىزنىڭ سامان يولى سىستىمىمىز قانچلىك يىراقلىقتا؟

قارا ئۆڭكۈردىن قانچىسى بار؟دىگەندەك سۇئاللار پەيدابولدى مەندە.

---


قارا ئۆڭكۈرغۇ چەك چىگىرسى بار دەيلى، مۇھىمى ئالەمنىڭ چىگىرسى

tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 12:15:54

2- قەۋەتتىكى putboljanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا قاراڭغۇ ئۆڭكۈر دىگەن ئاتالغۇنى بەك كۆپ ئاڭلايتتىم.

تاشپولاتكا ئاۋۇ تومۇرمۇ ياكى تۆمۈرمۇ؟

  تۆمۈر (Iron)

tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 12:21:03

1- قەۋەتتىكى uchkur1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قارا ئۆڭكۈر، قارا ئۆڭكۈر دەيمىز .زادى بۇ قارا ئۆڭكۈر

قانچىلىك چوڭلۇقتا ،بىزنىڭ سامان يولى سىستىمىمىز قانچلىك يىراقلىقتا؟

قارا ئۆڭكۈردىن قانچىسى بار؟دىگەندەك سۇئاللار پەيدابولدى مەندە.

قارا ئۆڭكۈر توغرىلىق چىقىرىلغان بۇرۇنقى يەكۈنلەر ھازىرقى نەتىجىلەر بىلەن
ئوخشىمايۋاتىدۇ. ئېينىشتېين تېئورېمىسىغا ئاساسلانغاندا، قارا ئۆڭكۈرىنىڭ
تارتىش كۈچى چەكسىز دېيىلەتتى. بىراق يېقىنقى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا
ئۇنۇڭ تارتىش كۈچى چەكسىز ئەمەسكەن.



قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسىغا ھەم نەزەرىيىگە ئاساسلانغاندا ئۇ 3 تۈرگە
بولىنىدىكەن. 1. يۇلتۇزلار(stellar) قارا ئۆڭكۈرى، 2. ناھايىتى چوڭ
ماسسىلىق(supermassive) قارا ئۆڭكۈرى،  3. كىچىك(miniature) قارا
ئۆڭكۈرلەردىن ئىبارەت. كۆپلىگەن گالاكسىلەر(galaxy)نىڭ مەركىزىدە 2-تۇردىكى
قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئىكەن. ھازىرغىچە 3-تۇردىكى قارا ئۆڭكۈرنى يەنە
ماسسىسى بىزنىڭ قۇياشنىڭكىدىن كىچىكرەكىنى تېخى بايقىمىغان ئىكەن.
پەرەزلەرگە قارىغاندا چوڭ پارچىلاشتىن كېيىن پەيدا بولغان ئىكەن.



قارا ئۆڭكۈرنىڭ سانىغا كەلسەك، ئۇنۇڭغا ئېنىق بىرنېمە دېيىش تەسكە
توختايدۇ. بىراق ھازىرقى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرلار ئارقىلىق تەقلىد
قىلغاندا ئاز دېگەندە  500 مىلياردتىن كوپ قارا ئۆڭكۈر ئالەمدە بولارمىش.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 13:54:19

ۋاي ئاللا ، ئالىملار يىڭنىنىڭ تۆشكىدەك يەردىن ئالەمنى كۆزەتكەندەك تۇيغۇ بىردىكەن ئادەمگە.

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 14:48:46

نىمە بولۇپ كەتتى بۇ ئەمدى؟ يېڭى نەزىرىيە تۇرغۇزۇشقا توغرا كېلىۋاتامدۇ نىمە ؟

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 22:19:51

بارا -بارا بۇرۇنقى نەزەرىيلەرنىڭ بىر قىسىم خاتالىقلىرى چىقىۋاتىدۇ -ھە!
بەت: [1]
: تاشپولات: قارا ئۆڭكۈر پۈركۈگۈچ ئېغىر زەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن