721muhlisa يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 10:33:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-5 10:48

ياخشىمۇسىز ، مەن Rhمەنپىي تىپلىق، تۇنجى قىزىمنى تۇغىدىغاندا ئاندىن مەنپىي تىپلىق ئىكەنلىكىمنى بىلگەن ئىدىم، ۋىلايەتلىك دۇختۇرخانىدا ئوپىراتىسيە قىلىپ تۇغدۇم ،دۇختۇرلارنىڭ ماڭاRh كە قارشى تۇرغۇچى ئاقسىلنى ئوكۇل قىلىپئۇرغان ئۇرمىغانلىقىنى بىلمەيمەن، قىزىم شۇنداق ساغلام چوڭ بۇلۇۋاتىدۇ، ھازىر بىر يېرىم ياشقا كىردى، ئەمما ھازىر يەنە ھامىلدار بۇلۇپ قاپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشكىزەككەن، بۇ بالىلارنى شۇنداق تۇغقۇم بار بولسىمۇ لىكىن بالىلىرىم كىيىن قان ئېرىش كىسىلى بۇلۇپ قالارمۇ دەپ ئويلاپ قورقۇۋاتىمەن، ماڭا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟
===============
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مېنىڭ مۇشۇ بەتنىڭ 96-قەۋىتىدىكى ئىنكاسىمنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقسىڭىز سۇئالىڭىزغا جاۋاپ چىقىشى مۇمكىن. مەن سىزدە ھىچقانداق تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولمىغان ئەھۋالدا بۇ قېتىمقى قوش كېزەك پەرزەنتىڭىزنىڭ قان ئېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا قارىتا بىر نىمە دىيەلمەيمەن. مەن ئۈستىدە تەۋسىيە قىلغان تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ كۆرۈپ، دوختۇرنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن مەندىن يەنە بىلمىگەن يەرلەرنى سورىسىڭىز جاۋاب بىرەي.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 06:28:05

koygandengiz يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 15:00 static/image/common/back.gif
ئالدى بىلەن شۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىنى يوللىغىنىڭزغا ت ...

قىزىم ساق -سالامەت تۇغۇلۇپ 5 كۈندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئېغىزىدىن ۋە چوڭ تەرەت ئارقىلىق قان كېلىپ بىزنى بەك قورقىتىۋەتتى . تەكشۈرتۈش ئارقىلىق« تۇغما ۋىتامىن ك كەمتۈكلۈك كېسەللىكى » دەپ دىئاگنوز قويۇلدى . ۋىنادىن ۋىتامىن كقەرەللىك بىرقانچە قېتىم ئۇرۇلغاندىن كېيىن قان كېلىش تامامەن توختىدى . ھازىر قىزىم 7 ياشقا كىردى ، ساغلام چوڭ بولىۋاتىدۇ ، ئەمما ھازىرغىچە ئويلىسام بىر خىل بىئارام بولىمەن .
سىزدىن سوراپ كۆرسەم ، بۇ خىل كېسەلنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى نىمە ؟ قىزىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىدا بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتىنىڭ قايتا كۆرۈلۈش نىسبىتى بارمىدۇ ؟ نىمىلەرگە دىققەت قىلساق بولىدۇ ؟
=================================================
ۋىتامىن K كەملىكى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان تەن خىروسوملىرىدىكى يوشۇرۇن گېنلار ئارقىلىق ئېرسىيە قالىدىغان كېسەللەر بولۇپ، بالىدا ئىپادىلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن چوقۇم ئاتا-ئانا ھەر ئىككىلىسىدە يوشۇرۇن ھالدا بۇ خىل گېن بار بولغان بولىدۇ. بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردا قان ئۇيۇشتۇرۇغۇچى فاكتورلارنىڭ بىر خىلى ياكى كۆپ خىلى كەمچىل بولىدۇ، فاكتور II, V, VIII قاتارلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى كۆپرەك بولىدۇ. بۇنداق كېسەللەر ھەددىدىن زىيادە كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ، پەقەت يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۆز-ئارا توي قىلىدىغان ئىنسانلار توپلىرىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

قىزىڭىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىدا بۇ كېسەلنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بار. ئەڭ مۇھىمى، قىزىڭىزنىڭ بەدىنىدە قايسى خىل قان ئۇيۇشتۇرغۇچى فاكتور كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئېنىق تەكشۈرۈتۈپ بىلىش كىرەك. ئەگەر فاكتور VIII كەم بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ كەلگۈسىدە ئانا بولماقچى بولسا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۆزلۈكسىز داۋالاشقا توغرا كىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ بالىسى چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. يەنە بىرى چوقۇم قىزىڭىز توي قىلماقچى بولغان كىشىدە بۇ خىل يوشۇرۇن گېن بولماسلىقى كىرەك، بولمىسا ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ شۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شىنجاڭدا گېنتىكىلىق مەسلىھەت بىرىش ئورۇنلىرى بار بولۇشى كىرەك دەپ ئويلايمەن (ئېنىق بىلمەيمەن)، شۇنداق جاي بولسا بىرىپ تەكشۈرتۈپ باققىنى ۋە توي قىلىشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپمۇ مۇشۇ يوشۇرۇن گېنغا ئىگە ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاتسا ياخشىراق. ئېرسىي كېسەللىكلەرگە نېسبەتەن تۇرمۇشتا دىققەت قىلغاننىڭ ئاساسەن رولى بولمايدۇ، پەقەت كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە داۋالاشقىلا بولىدۇ.

hazang يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 10:25:46

رەھمەت سىزگە، بولسا مۇشۇنداق پەننى ئوموملاشتۇرۇش ھەققىدىكى يازمىلارنى كۆپرەك يوللىسىڭىز.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 12:24:16

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-2-13 06:28 static/image/common/back.gif
قىزىم ساق -سالامەت تۇغۇلۇپ 5 كۈندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئېغ ...

    شۇ چاغدىمۇ دوختۇرلار بۇنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئىكەنلىگىنى دىگەن ئىدى .بىزنىڭغۇ ئازراقمۇ ئۇرۇق تۇققانچىلىق مۇناسىۋېتىمىز يوق . كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بۇرنۇم شۇنداق كۆپ قانايدىغان . ھەتتا بەزىدە بۇرنۇمنى چىڭ تۇتىۋالسام ئېغىزىمدىن ، ئېغىز - بۇرنۇمنى چىڭ تۇتىۋالسام كۆز چانىقىمدىن قان چىقىپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ بولغان .   شۇلارنى ئويلاپ ئۆزەمدە مەسىلە بارمىكىن دەپ ھېس قىلغانتىم . ئەستايىدىل مەسلىھەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت !
ئەمدى گەپ زادى قايسى ئورۇنغا ئاپىرىپ تەكشۈرتسەم مۇۋاپىق بولىدۇ ؟ چوڭ قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چىققىلى بولامدۇ ، ياكى كېسەللىك ئەھۋالىنى دەپ تۇرۇپ شۇ بىر تۈرىنىلا تەكشۈرتەمدىم ؟

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:45:12

ئۇفففف...ماۋۇ تېما ساقلىۋالغۇدەك زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بىر تېماكەن لېكىن! نەچچە سائەتتە تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ مەنمۇ توي قىلىشتىن بۇرۇنلا يۇقىرىقىدەك مۇھىم ساغلاملىق بىلىملىرىگە ئىگە بولدۇم. بىلگەجان ئاكىغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن. مۇشۇنداق زور قىممەتكە ئىگە يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي بىلگەجان ئاكا. پېقىرمۇ كۈنجۈتسىز ئاپئاق گىردىكەنمەن:lol

fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 18:40:57

ىۋالدىم ،مەن تەبىي پەنگە بەك ئامراق ،دوسلار

xukrialla يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 10:39:15

بۇ تىمىڭىزنى نىمىشقا بۇرۇنراق كۆرمىگەندىمەن، ئاينۇر دەل    RH   B   مەنفى   ئىدى،بۇ قىتىم 7-ئاينىڭ 2-كۈنى يەڭگۈگەنتىيەكەندە بۇقان تىپى يوقكەن،ئوپراتسىيە قىلالماي تاسلا قالىدى(ئاللا ساقلىدى)،ئاخىرى 20نەچچە سائەتتە ئۆزى تۇغدى ، بالام ساغلام، لىكىن تۇغۇتتا قاناپ كىتىپ كىيىن قان ۋە ئاقسىل بەردۇق،ھازىر ئەھۋالى يامان ئەمەس، دوختۇرمۇ ئىككىنچى تۇغۇتىدا ئاساسەن قاناش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ دىدى، بۇ قاندىن 400 مىللىلىتىر ئىلىش ئۈچۈن تۆت ئادەم 400 مىللىلىتىردىن جەمئىي 1600 مىللىلىتىر قاننى بىكارغا بىرىپ ئاندىن لازىملىق 400مىللىلىتىر قاننى نۇرمال قاندىن 10ھەسسە باھادا سىتىۋىلىش كىرەككەن ،مەنمۇ شۇندان قىلدىم ،ئەگەر مۇشۇنداق قان RHمەنفىدوسلار بولسا بۇرۇنراق تەييارلىق قىلىشىڭلارنى سورايمەن، ياكى ئازراق بولسىمۇ قان تەقدىم قىلىپ قويۇش كىرەككەن. تۇرسۇنجاندىن مەسلەھەت سوراش ئۈچۈن تىلفونىنى بەك ساقلاپ كەتتىم ،دائىم تىلىفون قىلىپ تۇرىدىغان ئادەم يا بۇ مۇھىم ۋەقىتتا تىلىفون قىلمايدۇ.{:92:}{:92:}{:92:}{:92:}{:92:}:lol:lol:lol،

xukrialla يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 10:41:01

RH

xukrialla يوللانغان ۋاقتى 2014-7-20 10:59:50

مىنىڭ ئايالىم دەل阴性RHB   (مەنفىي) ئىدى،بۇيىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىككىنچى بالامنى تۇغدى،لىكىن يەكەندە بۇ قان بولمىغاچقا ئوپراتسىيە قىلساق قاناپ كەتسە ئامال يوق ،قان سالالمايمىز دەپ ساقلاپ 20نەچچە سائەتتە ئۆزى تۇغدى ،لىكىن تۇغۇت جەريانىدا يەنە قاناپ كىتىپ ئاۋارە بولدى،ھازىر ئەھۋالى ياخشى ،بالاممۇ شۇنداق ساغلام(ئاللاغا مىڭ شۈكىرى). تۇغۇتتىن كىيىن قان سىلىش لازىم بولغاچقا( بۇقاننى ۋىلايەتلىك قان پونكىتىدىن ئىلىش كىرەككەن) بۇقاندىن 400 مىللېلىتىر سىتىۋىلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى قاندىن 4ئادەم 400 مىللېلىتىردىن جەمئىي 1600مىللېلىتىر قاننى تەقدىم قىلغاندا ئاندىن بۇ لازىملىق قاندىن 400 مىللېلىتىرنى ئادەتتىكى قاندىن 10ھەسسە باھادا(5600يۈەن) سىتىۋالغىلى بولىدىكەن.(قائىدىسى شۇنداقكەن) ،كىيىن يەنە ئاقسىل سىلىش زۆرۈر بولۇپ قىلىپ ئاقسىل سالدۇن، شۇڭلاشقا مۇشۇندان قان تىپلىق دوسلار بولسا ،بۇرۇنراق تەييارلىق قىلارسىلەر، ئادەتتە قاھىيە دوختۇرخانلىرىدا بۇنداق قان يوقكەن،مەن دەل مۇشۇنى بىلمىگەچكە ئاۋارچىلىق بولۇپ قالدى، يا دائىم تىلىفون قىلىپ تۇرىدىغان بۇ دوستۇم تۇرسۇنجان دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تىلىفون قىلمايدۇ:lol:lol:lol. بۇ ماقالىنى بۇرۇنراق كۆرسەمچۇ ئىسىت.دوختۇرمۇ شۇنداق دىدى .ئىككىنچى تۇغۇتتا ئاساسەن قاناش كۆرىلىدىكەن.

aqturk يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن بۇرۇن

:handshake

aqturk يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن بۇرۇن

:handshake

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن بۇرۇن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ، قان تىپى توغرىسىدىكى ماقالىڭىزدا RH مۇسبەت تىپلىق ئەر بىلەن RH مەنقى تىپلىق ئايال توي قىلسا ئىككىنجى بالىسىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى شۇڭا 28- ھەپتىسى ئۇرىدىغان ئوكۇلنىڭ گىپىنى قىلغانتىڭىز . سورماقچى بولغىنىم ئەگەر بىلەلمەي ئوكۇل ئۇرمىغان ۋە بالا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ئۈچىنجى بالا قانداق بولىدۇ ؟
========================
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كېسەل كىلىپ چىقىش خەۋىپى 2-بالىدىن باشلاپ كېيىنكى ھەممە بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. 3-بالىغا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىغا Rh مۇسبەت تىپلىق قاندىن ئايرىلغان ئاز مىقداردىكى پلازما ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلسا قان ئېرىش كېسىلى كىلىپ چىقىش خەۋىپى تۆۋەنلىشى مۇمكىن. بۇ ئوكۇلنىڭ نەدە بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. بېيجىڭدا تۇغقان بىر قېرىندىشىمىز ئىزدەپ يۈرۈپ ئاران تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم. ئەسلى ھەر قانداق تۇغۇت دوختۇرخانىسىدا بولۇشقا تىگىشلىك.

0997 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن بۇرۇن

قان پىلازمىسى (血小板)ئازلىق كېسىلىگە ئۈنۈملۈك دورا بارمۇ ؟ تىببىي جەھەتتىن ھورمۇنلۇق دورىلار بىلەن داۋالايدىكەن ، دورىنى توختاتسا كېسەل يەنە قايتا يېنىپ قالدىكەن ...ئۇنىڭ ئۈستىگە ھورمونلۇق دورىنى جېق يەپ كەتسە سەمىرتىپ بىنورمال تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلدىكەن.مۇشۇ كېسەلنىقانداق باسقۇچ ۋە دورىلار بىلەن داۋالىسا ئۈنۈملۈكبولار ؟
بەت: 1 2 3 4 5 [6]
: (bilgejan) قان ۋە قان تىپلىرى ھەققىدە