toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 16:05:23

شۇڭىلاشقا، مۇشۇنداق ئەھۋالغا ماس كەپ قالغان ئاتا-ئانىلار ئىككىنچى پەرزەنتى بولۇشتىن بۇرۇن ئوبدان تەييارلىق قىلىشى لازىم. ھازىر بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئانىلارغا Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىنى ئۆلتۈرىدىغان قاننى ھامىلدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. دىققەت قىلمىسلا، بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىككىنىچى پەرزەنتىنى ساغلام تۇغۇشى تەسكە توختايدۇ. بۇ كېسەلنى بوۋاقلاردىكى قان ئېرىشچانلىق كېسىلى دەپ ئاتايمىز.

.......................................................................

دىمەكچى بولغىنىڭىز 2-بالىغا ھامىلدار بولغاندا ۋە شۇ ھامىلدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىنى ئۆلتۈرىدىغان قاننى ئانىغا ئۇكۇل قىلىش ئارقىلىق بالىنىڭ ھايتىغا خەۋىپ يىتىشتىن ساقلانغىلى بولدىكەن. ...ئەمما ئېسىمدە قېلىشىچە مۇشۇنداق قان تىپىغا ئىگە ئانىنىڭ 1-بالىسى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن 2-بالىغا ھامىلدار بولۇشنى ئارزۇلاپ دوختۇرنىڭ مەسىلىھەتىنى ئالغىلى بارغاندا دوختۇر« ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋىتىپسىلەر،ئەسلى 1-بالا تۇغۇلغاندىلا ئانىغا Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىنى ئۆلتۈرىدىغان قاننى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش كىرەكتى.ئەمدى بالىلق بولماقچى بولساڭلار بالىدا قان ئېرىش كېسىلى يۈز بېرىپ بىر بولسا ھامىلدارلىق ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىدۇ،بىر بولسا تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كىتىدۇ ،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئىككىڭلار ئاجرىشىپ قان تىپىڭلار ماس كېلىدىغانلار بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولۇڭلار!» دىگەن ئىكەن، شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئىككەيلەن ئاجرىشىپ كەتتى. ئايال تەرەپ دوختۇرنىڭ شۇ گىپىدىن قۇقۇپ قايتا توي قىلىشقا بولۇپمۇ قايتىدىن بالىلىق بولۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى،بىر نەچچە يىلدىن كىين 3 بالىسى بار بىرسىگە ياتلىق بولۇپ ئىناق ئۆتەۋاتىدۇ.لىكىن ھازىرغىچە يىغلايدۇ مىنىڭمۇ قان تىپىم نورمال ئادەملەرنىڭكىدەك بولغان بولسا بالىلىق بولالار ئىدىم دەپ.

پىكىرىڭىزى ئاڭلپ باقسام ئاۋۇ دوختۇرنىڭ دىگەنلىرى قانچىلىك خاتا؟

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 16:14:15


....................


3. ھەر ئىككەيلەن AB قان تىپلىق بولسا، ئۇ ھالدا بالىلىرى پەقەت A, B, O لار بولۇشى مۇمكىن.




............................



ئاتا-ئانا ئىككەيلەن AB قان تىپلىق بولسا , خىرموسۇمنىڭ گۇرۇپپىلىنىش قانۇنىغا ئاساسلانغانداOقان تىپلىق بالا تۇغۇلماس،


AياكىBياكىAB قان تىپلىق بالا تۇغۇلا .

doctor يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 16:39:06

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان :

مۇشۇ قان راكى توغرىسىدا ئانچە مۇنچە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلا ، يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قانداق ئېلىپ بېرلىدۇ ؟ يىلىك كۆچۈرسە ساقىيىش نىسبىتى قانچىلىك يىلىكنى قانداق كۆچۈرىدۇ .

بىر قېرىندىشىمىزغا ئۈرۈمچىدەقان راكى دەپ دىئاگۇنۇز قۇيۇپتىكەن ، ئۈرۈمچىدە يىلىك كۆچۈرىمىز دەپتۇ يىلىك كۆچۈرۈشتىن ئەنسىرەپ تىبابەتتىن ئۈمۈت كۈتۈپ كەپتۇ ، ئۇيغۇر تىبابەتتە تېخى ئىلمى بولغان قېلىپلاشقان داۋالاش لاھيەسى يوق كىسەللىكنىڭ نىمە سەۋەپتىن كەپ چىقىدىغانلىقىنىمۇ كىسەلگە بولغان مۇپەسسەلرەك تۇنۇش ئاز بولغاچقا يەنىلا يىلىك كۆچۈرۈشكە تەۋسىيە قىلدۇق ، بىراق داۋالىنىش خىراجىتىگە ئازكەم 300-400 مىڭ ئەتراپىدا كىتىدىكەن غەرىپتىكى دىھقانلاردا نەدىمۇ بۇنچە جىق پۇل دەيسىلە .

بۇكىسەلنىڭ نىمە سەۋەپتىن كەپ چىقىدىغانلىقى ، كىسەللەنگەندىن كىيىنكى ئىپادىلىرى ، داۋالاش لاھيەسى ، ساقىيىش نىسبىتى ۋە ئاقىۋېتى قاتارلىق مەسىللەرگە ئازراق چۈشەنچە بەرسەڭلا.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 16:47:03

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇنbilgejan!سىزدىن سورايدىغان بىر سوئالىم بار ئىدى: مەندە مەندە ئېغىر دەرىجىدە قان قويۇقلۇق كېسىلى بار،4 يىلنىڭ ئالدىدا بېشىم قېيىپ بىر يىقىلىپ چۈشكەنچە يېرىم پارالىچ بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم،كېيىن داۋالاش بىلەن چىنىقىشنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالىدى،ئۆيگە چىقىپ چىنىقىش سايمانلىرىنىڭ ياردىمىدە 3 يىل چىنىقتىم،پەقەت دورا ئىشلەتمىدىم،(ئۆرە بولىۋالدىم)بۇ يىل تۆتىنجى يىلى بىرسى بىلەن بىرلىشىپ يەر ئىجارىگە ئېلىپ نەق 8 ئاي تەرلەپ ئىشلىدىم، ئەمما سەمرىپ كەتتىم، بۇ جەرياندا قارا گۆش ۋە كۆكتات بىلەن ئوزۇقلاندىم،ھايۋان مېيىنى قەتئى يىمىدىم،قان تەكشۈرتسەم يەنىلا قويۇق ،(دوختۇر بالنىتسىغا بۇيرۇيدۇ،) مەن قايناقسۇ،ھەر خىل سوغلۇق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپ يۈرىمەن.ئەمدى سىزدىن سورايدىغىنىم مەن يەنە قانداق قىلسام بولىدۇ؟مەسلىھەتىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 16:47:36

مەنمۇ قارا كۈنجۈر چىچىلغان گىردە ئىكەنمەن{:92:}

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 17:01:55

24- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ قارا كۈنجۈر چىچىلغان گىردە ئىكەنمەن \"\"



سىز ئەمدى كۈنجۈر نىڭ گىپنى قىلۋاتسىزغۇ؟ئەستايىدىل ئوقوماپسىز دە تىمنى.؛گىردىگە كۈنجۇر چاچقان نەدە بار،چۇقۇمكى كۆزنىڭ ئازراق دەدى بار\"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 17:23:03

25- قەۋەتتىكى paliwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

24- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ قارا كۈنجۈر چىچىلغان گىردە ئىكەنمەن \"\"



سىز ئەمدى كۈنجۈر نىڭ گىپنى قىلۋاتسىزغۇ؟ئەستايىدىل ئوقوماپسىز دە تىمنى.؛گىردىگە كۈنجۇر چاچقان نەدە بار،چۇقۇمكى كۆزنىڭ ئازراق دەدى بار\"\"

كۈنجۈتمۇ يا ،،،،،كەشتە ئوقۇمامدىم ئالدىرمايغىنا \"\"،،،پەلىۋان زەبىپ ئپەندى

tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 17:30:19

بىلگەجان ئاكا!

بولسا مۇشۇ پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش يارمىلىرىڭىزنى «بىلىم-كۈچ»ژورنىلىغا بېرىپ باقسىڭىز،تېخىمۇ كۆپ كىشلەر نەپ ئالسا .

بۇيىل 5ئايدىن باشلاپ «دوكتور ئاشتى»لىق بۇيىچە ئوقۇدىڭىز،بۇ ئوقۇشىڭىز قاچان ئاخىرلىشىپ يۇرتقا قايتىپ كىلىسىز؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 19:06:16

20- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇڭىلاشقا، مۇشۇنداق ئەھۋالغا ماس كەپ قالغان ئاتا-ئانىلار ئىككىنچى پەرزەنتى بولۇشتىن بۇرۇن ئوبدان تەييارلىق قىلىشى لازىم. ھازىر بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئانىلارغا Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىنى ئۆلتۈرىدىغان قاننى ھامىلدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. دىققەت قىلمىسلا، بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىككىنىچى پەرزەنتىنى ساغلام تۇغۇشى تەسكە توختايدۇ. بۇ كېسەلنى بوۋاقلاردىكى قان ئېرىشچانلىق كېسىلى دەپ ئاتايمىز.

.......................................................................

دىمەكچى بولغىنىڭىز 2-بالىغا ھامىلدار بولغاندا ۋە شۇ ھامىلدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىنى ئۆلتۈرىدىغان قاننى ئانىغا ئۇكۇل قىلىش ئارقىلىق بالىنىڭ ھايتىغا خەۋىپ يىتىشتىن ساقلانغىلى بولدىكەن. ...ئەمما ئېسىمدە قېلىشىچە مۇشۇنداق قان تىپىغا ئىگە ئانىنىڭ 1-بالىسى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن 2-بالىغا ھامىلدار بولۇشنى ئارزۇلاپ دوختۇرنىڭ مەسىلىھەتىنى ئالغىلى بارغاندا دوختۇر« ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋىتىپسىلەر،ئەسلى 1-بالا تۇغۇلغاندىلا ئانىغا Rh مۇسبەت ئانتىگېنغا قارشى ئانتىبودىنى ئۆلتۈرىدىغان قاننى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش كىرەكتى.ئەمدى بالىلق بولماقچى بولساڭلار بالىدا قان ئېرىش كېسىلى يۈز بېرىپ بىر بولسا ھامىلدارلىق ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىدۇ،بىر بولسا تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كىتىدۇ ،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئىككىڭلار ئاجرىشىپ قان تىپىڭلار ماس كېلىدىغانلار بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولۇڭلار!» دىگەن ئىكەن، شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئىككەيلەن ئاجرىشىپ كەتتى. ئايال تەرەپ دوختۇرنىڭ شۇ گىپىدىن قۇقۇپ قايتا توي قىلىشقا بولۇپمۇ قايتىدىن بالىلىق بولۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى،بىر نەچچە يىلدىن كىين 3 بالىسى بار بىرسىگە ياتلىق بولۇپ ئىناق ئۆتەۋاتىدۇ.لىكىن ھازىرغىچە يىغلايدۇ مىنىڭمۇ قان تىپىم نورمال ئادەملەرنىڭكىدەك بولغان بولسا بالىلىق بولالار ئىدىم دەپ.

پىكىرىڭىزى ئاڭلپ باقسام ئاۋۇ دوختۇرنىڭ دىگەنلىرى قانچىلىك خاتا؟

==============


مانا توغرا قۇسۇردىن بىرسى چىقىپتۇ. \"\" دوختۇرنىڭ دىگەنلىرى پۈتۈنلەي توغرا، ئەمەليەتتە بىرىنچى بالىنى تۇغۇش ئالدىدا شۇ خىل قاننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئانا بەدىنىدە بوۋاق قېنىنى ئېرىتىدىغان ئانتىبودى ھاسىل بولۇشى قېىيىنغا توختايدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 19:22:58

21- قەۋەتتىكى kurax007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


....................


3. ھەر ئىككەيلەن AB قان تىپلىق بولسا، ئۇ ھالدا بالىلىرى پەقەت A, B, O لار بولۇشى مۇمكىن.




............................



ئاتا-ئانا ئىككەيلەن AB قان تىپلىق بولسا , خىرموسۇمنىڭ گۇرۇپپىلىنىش قانۇنىغا ئاساسلانغانداOقان تىپلىق بالا تۇغۇلماس،


AياكىBياكىAB قان تىپلىق بالا تۇغۇلا .



=============


توغرا دەيسىز، ئالدىراپ يېزىپ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن، تىپىۋالغىنىڭىزغا رەھمەت. شۇنداق، O تىپلىق تۇغۇلمايدۇ.

erdewil يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 19:30:26

ئۆزلىرىنى خېلى بىلىمدار ئوخشايدۇ دەپ قاراپتىكەنمەن. ئويلاپ قالدىم، يەنىلا ‹‹كەمتەرلىك ئىنسانغا بەك يارىشىدىكەن››...يازمىڭىزدىن قۇسۇر چىقارغۇم يوقتى.بىراق يەنىلا دېگۈم كەلدى(ئەمەلىيەتتە سىزمۇ بىلىمدار،ياكى بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئەمەس ئوخشايسىز،داۋاملىق تىرىشىڭ......)



Rh قان تىپى سىستىمىسى:

Rh مەنفىي بولۇشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ مەنفىي بولۇشى كىرەك دەپ يېزىپسىز..... سىزنىڭ پەلسەپەرىڭىزمۇ قانداق بۇ ؟



جاھاندا بۇنداق گەپنىڭ بارلىقىنى تۇنجى ئاڭلىشىم. ئەپسۇس، سىز خاتالاشتىڭىز. يەنىلا ماتېرىيال كۆرۈپ بېقىڭ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 19:49:57

30- قەۋەتتىكى erdewilنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆزلىرىنى خېلى بىلىمدار ئوخشايدۇ دەپ قاراپتىكەنمەن. ئويلاپ قالدىم، يەنىلا ‹‹كەمتەرلىك ئىنسانغا بەك يارىشىدىكەن››...يازمىڭىزدىن قۇسۇر چىقارغۇم يوقتى.بىراق يەنىلا دېگۈم كەلدى(ئەمەلىيەتتە سىزمۇ بىلىمدار،ياكى بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئەمەس ئوخشايسىز،داۋاملىق تىرىشىڭ......)



Rh قان تىپى سىستىمىسى:

Rh مەنفىي بولۇشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ مەنفىي بولۇشى كىرەك دەپ يېزىپسىز..... سىزنىڭ پەلسەپەرىڭىزمۇ قانداق بۇ ؟



جاھاندا بۇنداق گەپنىڭ بارلىقىنى تۇنجى ئاڭلىشىم. ئەپسۇس، سىز خاتالاشتىڭىز. يەنىلا ماتېرىيال كۆرۈپ بېقىڭ.

===========


ئاتا-ئانا ھەر ئىككىلى تەرەپتە ئاز دىگەندە بىردىن Rh مەنفىي بولۇشى كىرەك. ئۇ گەپنى سىزدەكلەر شۇنداق خاتاسىغا چۈشىنىپ ئادەم باھالاشقا چۈشىدۇ. قالغىنىغنى قانۇنىيىتنى دەپ بەرگەندىكىن كىچىك بالىمۇ ھېسابلاپ چىقىرىۋالسا بولىدۇ. مەن بۇ ماقالىنى دىگىنىمدەك بىر نەچچە سائەتتە يىزىپلا يوللىۋەتكەن، قايتا ئوقۇشقىمۇ پۇرسەت بولمىغان ئىدى. بەزى ئىملا خاتالىقلىرى ۋە لوگىكىلىق خاتالىقلارنى ھېس قىلىپ بىر قېتىم تەھرىرلىدىم. قالغىنىنى مېنى قانداق ئويلىسىڭىز مەن ئۈچۈن بەربىر. دىگەنلىرىمگە قائىدە-پىرىنسىپلىرىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. يادلىغاننى، كۆچۈرۋالغاننى دىمىدىم. قۇسۇر ئىزدىسىڭىز يەنە بىر مۇنچە چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:05:36

خوككايدولىقلارنىڭ كۆپى O تىپلىق، يېڭىلىق يارىتىشچان يېتەكلىگۈچىلەردىنمىش، شوڭا ئۇ يەرنىڭ تەرەققىياتى تېزمىش..

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:16:34

32- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوككايدولىقلارنىڭ كۆپى O تىپلىق، يېڭىلىق يارىتىشچان يېتەكلىگۈچىلەردىنمىش، شوڭا ئۇ يەرنىڭ تەرەققىياتى تېزمىش..

قارىغاندا مەنمۇ يىڭىلىق يارىتىش تىپىتىدىكى تىپقا كىرگۈدەكمەن \"\"

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:25:03

29- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

21- قەۋەتتىكى kurax007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


....................


3. ھەر ئىككەيلەن AB قان تىپلىق بولسا، ئۇ ھالدا بالىلىرى پەقەت A, B, O لار بولۇشى مۇمكىن.




............................



ئاتا-ئانا ئىككەيلەن AB قان تىپلىق بولسا , خىرموسۇمنىڭ گۇرۇپپىلىنىش قانۇنىغا ئاساسلانغانداOقان تىپلىق بالا تۇغۇلماس،


AياكىBياكىAB قان تىپلىق بالا تۇغۇلا .



=============


توغرا دەيسىز، ئالدىراپ يېزىپ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن، تىپىۋالغىنىڭىزغا رەھمەت. شۇنداق، O تىپلىق تۇغۇلمايدۇ.



بولسا مۇشۇ قان تىپىنىڭ خىرومۇسۇملارنىڭ بۈلۈنۈش قائىدىسى بۇيىچە ھىساپلاش جەرياننى بىر كۆرسىتىپ قويسىڭىز قانداق؟!

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:31:25

بىلگەجاننىڭ بىزنىڭ تەلپىمىزنى يەردە قويمىغىنىغا كۆپ تەشەككۈر!

تولۇق ئوتتۇرا 2-يىللىقىدا بىئولوگىيە دەرسىمىز بەك كۆڭۈللۈك ئۆتەتتى،45 مىنۇتنىڭ توشۇپ كەتكىنى بىلمەي قالاتتۇق.{:92:}

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:41:44

پەرزەنىت Rh مۇسبەت قان تىپى بولۇش ئۈچۈن ئاتا ۋە ئانىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ياكى پەقەت بىرىدە مۇشۇ خىل گېن بولسىلا بولىدۇ؛ Rh مەنفىي بولۇشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ مەنفىي بولۇشى كىرەك. شۇنداق بولغاچقا Rh مەنفىي قان تىپى ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ.

............................................................................................................................

ئۇنداقتا يەنە سوراپ باقاي:

Rh مەنفىي قان تىپىلىق ئەر بىلەن Rh مەنفىي قان تىپىلىق ئايال توي قىلسا بۇلاردىن تۇغۇلغان پەرزەنىتنىڭ قان تىپى مۇقەررەر Rh مەنفىي تىپلىق بولامدۇ؟ ئەگەر بۇلارنىڭ بىرەسىنىڭ ئاتا-ئانىسى Rh مۇسبەت تىپلىق بولسا نەۋرىسىدە Rh مۇسبەت تىپلىق قان بولۇش ئىھتىماللىغى قانچىلىكتۇ؟

يەنە بىر سۇئال:

دوختۇرنىڭ دىگىنىدە ئەر تەرەپ Rh مەنفىي قان تىپىلىق،ئايال تەرەپ Rh مۇسبەت قان تىپىلىق بولسا تۇغۇلغان بالىدا قان ئېرىش كېسىلى يۈز بىرىش ئىھتىماللىغى تۆۋەن،ئەگەر دەل ئەكسىچە بولسا بالىدا مۇقەررەر قان ئېرىش كېسىلى يۈز بىرىدۇ،شۇڭا چۇقۇم ئالدىنى ئېلىش كىرەك ئىكەن. شۇنداقمۇ؟

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:58:56

ئەگەر بىر Rh مەنفىي تىپلىق ئايال بىر Rh مۇسبەت تىپلىق ئەر بىلەن توي قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ پەرزەنتى چوقۇم Rh مۇسبەت تىپلىق بولىدۇ

.................................................................................................................................................................................

بۇ گەپنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجسى قانچىلىكتۇ؟ ئەگەر دەل ئەكسىچە بولسىچۇ؟ مەسىلەن:ئەگەر بىر Rh مەنفىي تىپلىق ئەربىر Rh مۇسبەت تىپلىق ئايال بىلەن توي قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ پەرزەنتى ؟

bendora يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 00:50:53

قان تىپلىرىنىڭ ئادەم مىجەزى بىلەن راستلا مۇناسىۋىتى بارمۇ بىلگەجان ئاكا؟ (قارىسام مەندىن چوڭدەك تۇرىسىز ئاكا دەۋەردىم)

سېلىشتۇرۇپ باقتىم ھەقىقەتەن كۆپ جايلىرىدا ماس كېلىش بولدى، مەسىلەن، ئو قان تىپلىق كىشىلەرنى يالغان سۆزگە بەك ماھىر دەيدۇ، راست چىقتى، نەچچە ئادەمدىن كۆردۈم، يالغانچىلىقى چېنىپ تۇرسىمۇ داۋاملاشتۇرىدىكەن...

{:134:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 03:33:38

دۇنيادا O قان تىپى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان قان تىپى. B قان تىپى بولسا ئەڭ ئاز كۆرۈلىدىغان قان تىپى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما B قان تىپى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. قان تىپى بىلەن مىجەزنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن چۈنكى قان تىپىنىڭ ئوخشىمىغان بولۇشىنى مەزكۇر تېمىدا تەپسىلىي چۈشەندۈرگىنىمدەك پەقەت بىر ساخارىدلانغان ئاقسىلدىكى ناھايتى كىچىك پەرق بەلگىلەيدۇ ۋە بۇ ئاقسىل مىجەز-خاراكتىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

@baqka،

خوككايدولۇقلارنىڭ ئىجادچان بولۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ قان تىپىنىڭ مۇناسىۋىتى بار دىگەن گەپ پۈتۈنلەي يالغان. O قان تىپى ئەمەليەتتە جەنۇبىي ئامرىكىلقلاردا ئەڭ كۆپ بولۇپ 100% گە يىقىن جەنۇبىي ئامرىكىلىقلار O قان تىپلىق كىشىلەردۇر.



@bendora،

O قان تىپلىق ئادەم يالغانچى بولىدىكەن دىگەن گەپ ماڭا خۇددى ئىرقىي كەمسىتكۈچىلەرنىڭ سۆزىدەك ئاڭلاندى، ھەرگىزمۇ قىسمەنلىككە قاراپ ئومۇمىيلىققا باھا بەرگىلى بولمايدۇ. مەنمۇ O قان تىپلىق، ئەمما مەن يالغانچى ئەمەس ۋە ئەتراپىمدىكى O قان تىپلىقلارمۇ سەممىي كىشىلەر.



بۇنداق قان تىپى بىلەن مىجەز، مۇھەببەت، مۇۋاپىققىيەت، ئالاھىدىلىك، ...ۋە يەنە بىر نېمىلەرنى باغلىۋالىدىغان ئەخمىقانە گەپلەرگە ئىشەنمىگەيسىلەر. پەقەت قان تىپى بىلەن ئىنسانلارنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقى مەلۇم، باشقا شۇ قاتاردىكى گەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىلمىي ئاساسى يوق ئاسمانغا قاراپ ھاڭۋىقىپ ئولتۇرغان بىر كىملەر تىپىۋالغان ۋە مودىغا ئايلاندۇرۋالغان يالغانچىلىقتىن ئىبارەت.
بەت: 1 [2] 3 4 5 6
: (bilgejan) قان ۋە قان تىپلىرى ھەققىدە