jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 10:23:11

ھايۋاناتلاردا ھىسىيات بارمۇ؟



ھايۋاناتلاردا ھېسىيات يوق دەپ كىم دەيدۇ؟!







قارلىغاچنىڭ ھايات-ماماتلىق مۇھەببىتى!




بۇ بىر ئاددى، ئەمما تەسىرلىك ھېكايە. ئۇلار كۆكتە بەسلىشىپ ئۇچۇپ، ئىككى كىشىلىك دۇنيانىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەس ئېلىۋاتقاندا، چىشى قارلىغاچ تاشيولدىكى كۆۋرۈك ئاستىدىن ئەگىپ ئۇچماقچى بولىدۇ، ئەمما دەل مۇشۇ چاغدا تراگىدىيە يۈز بېرىدۇ، ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان بىر يۈك ماشىنىسى بۇ قارلىغاچنى سوقۇۋېتىدۇ…



چىشى قارلىغاچ يارىلاندى، ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. ئەركەك قارلىغاچ ئۇنىڭغا يەيدىغان نەرسە تېپىپ كەلدى، بۇ ئارقىلىق ئۇنى ئۇخلاپ قالماسلىققا ئۈندىمەكچىدەك تۇراتتى



ئۇ چىشى قارلىغاچنى يەنە بىر قېتىم ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن، يېمەكلىك ئىزدەپ كەتتى، بىراق قايتىپ كەلگەندە، چىشى قارلىغاچ ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان ئىدى




ئۇ چىشى قارلىغاچنى مىدىرلىتىپ ئويغاتماقچى بولدى، ئەمما بۇ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى بىكار ئىدى




ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۆت ئەتراپقا قارايتى، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، بىراق رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا، ئۇ قىلچە ئامالسىز ئىدى




ئۇ سۆيگەن يارىنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى بايقىغان چاغدا، ئەلەم بىلەن ۋاقىرىۋەتتى…




ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ناتونۇش كۆرۈنەتتى، بۇدۇنياغا نىسبەتەن، ئۇنىڭغا يەنە بىر تونۇش پۇراق قالمىغان ئىدى




ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، فوتوگراف بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى فرانسىيەدىكى بىر چوڭ گېزىتكە سېتىپ بەرگەن، ئەمما سۈرەتلەر ئۈچۈن پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندا ھەق ئالغان. سۈرەتلەر بېسىلغان كۈنىدىكى شۇ كۈنلۈك گېزىت پاك-پاكىز سېتىلىپ تۈگىگەن.


ھايۋانلاردا ھېسىيات يوق، ئەقىلسىز، ھېسىياتسىز دېگەن قارىشىڭىز ھېلىھەم بارمۇ؟


ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق بىر قىسمەت بېشىمىزغا كەلسە، مۇشۇ قۇشقاچچىلىك بولالارمىزمۇ؟




bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 22:11:28

ھايۋانلاردا ھېسسىيات بارمۇ دىگەندە قايسى خىل ھېسسىيات ئىكەنلىكىگە باغلىق. ئىنسانلاردا ھېسسىيات ئەمەليەتتە نېرۋىدىكى بىر قاتار خېمىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ناھايتى ھېسسىياتسىز دىگەن ئادەمگىمۇ مۇناسىۋەتلىك ھورمۇنلار ۋە باشقا خېمىيىلىك ماددىلارنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق (تومۇرغا ياكى بىۋاستە مېڭىگە) ئۇلارنى ھەر خىل ھېسسىياتلارغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى بۇنداق سىناق قىلىش توغرا دىمەكچى ئەمەسمەن، ئەمما دورىلار ئارقىلىق ھەر قانداق ئادەمنى خالىغان ۋاقىتتا خۇشال بولۇش، خاپا بولۇش، ھاياجانلىنىش، ئاچچىقى كىلىش، مۇھەببىتى ئۇرغۇپ تىشىش، جىددىيلىشىش، ھىچنىمىگە پەرۋا قىلماسلىق، بىر نەرسىگە ئۆچ ياكى ئامراق بولۇش، كۆزىگە مەۋھۇم نەرسىلەر كۆرۈنۈش، نەشە چەككەنلەردەك غەلىتە نەرسىلەرنى خىيال قىلىش، جىنسىي قوزغىلىش.... ئىشقىلىپ سىز بىلىدىغان ھېسسىياتلارنىڭ ھەممىسىگە قىسقا ۋاقىت ئەكەلگىلى بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ھېسسىياتلىرى ئادەتتە ئىنسانلاردەك مۇرەككەپ بولمايدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ كاللىسىمۇ بىر قەدەر ئاددىي.



ھېسسىيات بىز ئويلىغاندەك يۈرەكتىن چىقمايدۇ، بەلكى مېڭىنىڭ ئىشى. ھېسسىياتنى كونتىرول قىلغۇچى ئورۇن ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئارقا مېڭە قىسمىغا جايلاشقان ھىپوسالامۇس ئارقىلىق كونتىرول قىلىنىدۇ. بۇ ئورۇن سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىنى خېمىيلىك ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ھېسسىيات بىلەن ئىپادە قىلىدۇ.



ھايۋانلاردىمۇ ھەر خىل ھېسسىياتلار بار بولۇپ، ئەڭ ئاددىيلىرىدىن بىرنى مىسال ئالاي: ئەگەر ئىنەكنى ساغقاندا ئىنەككە ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ۋە دائىم ئىنەك بىلەن ئۇچرىشىىپ تۇرىدىغان باققۇچى ساغسا سۈت شۇ ئىنەكنىڭ ئەڭ چوڭ سۈت ئىشلەش مىقدارىچىلىك چىقىدۇ؛ ئەمما ئىنەكنى خارلىغان ۋە ئىنەك ياقتۇرمايدىغان ئادەم كىلىپ ساغسا ئىنەكتىن سۈت نورمالدىن ئاز چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئىنەك يات ۋە ئەسكى دەپ قارايدىغان كىشىنى كۆرگەندە جىددىيلىشىدۇ ۋە جىددىيلەشتۈرگۈچى ھورمۇنلارنىڭ تەسىرىدە سۈت مىقدارى ئازلايدۇ.

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 22:37:21

تۇنجى قېتىم تاساددىبى بېقىلىپ قالغان بىر كەپتەر ئۆزى بىر كىچە تۇرغان چوڭ ئۆينىڭ دىرىزىسىدىن ئەتىسى چىقكىتىپ قاپتىكەن ،كىلىشتۈرۈپ قانىتى بوغۇشلاقلىق ئىدى ،بىرەر نەرسە ئۇنى تۇتۇپ يىۋالدىغان بولدى دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى،پەقەت ئويلىمىغان يەردىن ئۇ كەپتەر 10كۈندىن كىيىن دەل شۇ ئۆيگە پەيدا بوپ قالدى

شۇندىن بۇيان كەپتەرگە بۆلەكچە ئامراقلىقىم بار.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 10:28:12

رەسىملەر كۆرۈنمەي قاپتۇمۇ نېمە

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 10:40:23

رەھمەت گۇدلاك ، دىققەت قىلماپتىمەن ، بوشلۇق ئالماشتۇرۇپ قويدۇم ، چىقىپتىمۇ ؟

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 10:40:37

@goodluck ئەمدى كۆرىنىدۇ، ئەسلىدىكى بوشلۇقتىكىسىنى قوللىمايدىكەن، ئوڭشاپ قويدۇم.

ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ ئۆز ئارا بىر- بىرىگە ئىپادە قىلىنىدىغان ھېسياتى ھەقىقەتەن ئاجايىپ، ئۇلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىمۇ شۇنداق.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 10:43:40

مەنمۇ ئالماشتۇرۇپتىكەنمەن تېخى ، رەھمەت تۇمارىس \"\"

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 10:50:52

@jewlan ئاكا تۈزۈت قىلىش بولمىسۇنچۇ، ئۆزىمىزنىڭكىگە يۆتكەپ قويدۇم \"\"

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 11:20:51

\"\" رھىمھت رەھمەت سوجاڭ

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 12:39:04

مىنىڭچە ھايۋانلاردىمۇ ھىسىيات بار،ئەگەر ھىسىيات بولمىغىنىدا ئۇلار قانداق جۈپلىشىپ قانداق ئەۋلات قالدۇرار بولغىيتتى.

ھايۋانلاردا تېخى بىر-بىرىگە ئىچ ئاغرىتىش ھىسىياتىمۇ بولىدىكەن.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 13:29:35

مەن ئىلگىرى كەپتەر باققان ئىدىم ، ( تەخمىنەن 10 يىللار ئىلگىرى ) ، شۇ چاغدا بىر كەپتىرىمنىڭ ئىككى يىللىق بولغان جۆرىسى ئۆلۈپ كېتىپ ، بازاردىن قانچە قېتىم جۆرە كەپتەر ئەپچىقىپ بەرگەن بولساممۇ ، ( ئۇلار ئىچىدە ئەسلىدىكى جۆرىسىدىنمۇ چىرايلىق ، سورتى ياخشىلىرى بار ئىدى ) لىكىن ئۇ كەپتەر يىڭى جۆرىلىرىگە قىلچىلىك كۆڭلىنى بەرمەي ، جىلە قىلىۋەتكەن ئىدى ، تېخى بەزىدە كۈن - كۈنلەپ قونداقتىن چۈشمەي كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ خىيال سۈرۈپ كېتەتتى ، مەن ھايۋاناتلاردا ھېسسىيات بارلىقىنى ئەشۇ چاغدا راستىنلا ھېس قىلغان ئىدىم .

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 14:04:26

ئۆلگەم قۇشنى كۆرۈپ بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى. بولۇپمۇ قىزلار سېغىز چايناپ، قالدۇقىنى قوناقتەك پوملاپ يەرگە ئاتقاندا قۇشلار ئەگەر ئۇنى دانمىكىن دەپ يۇتۇپ سالسا بىچارە قۇشنىڭ ئاشقازىنىغا چاپلىشىپ قۇش ئۆلۈپ كىتىدىكەن. شۇڭا سېغىزنى يەرگە ئاتمىساق، بولۇپمۇ شەھەرلەردە...

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 14:07:00

بىزنىڭ ئۆيدە بىر جۇپ تاغ قۇشقىچى بېقىۋىدۇق، بەك ئەقىللىق بۇلىدىكەن جانىۋارلار، بىر كۈنى چۈشتە قاراپ تۇرسام بىرسى قەپەزنىڭ ئىشكىدىكى ئىلغۇچىنى تۇمشۇقىدا ئېچپلا پۇرررىدىلا ئۇچۇپ كەتتى، بىرسى قېپقالدى، ئارلىقتا بىرەر-ئىككى ئاي ئۆتۈپ ئۆي كۆچتۇق تەخمىنەن بىرەر كېلومىتىر ئارلىققا، بىر كۈنى كەچتە ھېلىقى قۇشقاچ يېنىپ كەلدى، ئۆينى قانداق تاپقانلىقىغا ئەقلىم ھەيران. بىراق كېچىچە ھېلىقى قاچقۇن ئۆلۈپ قاپتۇ...يەنە بىر ھەمراھى داد-پەرياد ئۇرۇپ ئەتىسى ئۇمۇ ئۆلۈپ قالدى. بەلكىم قۇشقاچلاردا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كىېتىدىغانلىقنى بىلدىغان ئالاھىدە ئىقتىدار بولسا ھەمراھى بىلەن ۋىدالىشۋېلىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك. يەنە بىر ھەمراھىمۇ ھىجىرانغا چىدىمىدى ئەتىمالىم.



ۋاپادارلىق دېگەن مۇشۇنچىلىك بۇلار. ئەقىل، ھىسيات دېگەن بارلىق جانىۋارلاردا بار.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 17:46:44

يوۋ بولمامدىغان ھىسىيات{:136:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 19:54:03

مەن كۆرگەن ئىتلارنىڭ ھەممىسى ئوڭخاي! ھەممىسى ماشىنىلارنىڭ چاقىغا ئوڭ پۇتىنى كۆتىرىپ بەلگە سالىدۇ، ئېزىپ- تىزىپ سول پۇتىنى كۆتۈرگەن بىر يوق.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:01:51

ھايۋانلاردا ھېسىيات بار، ئەقىل يوق دەپ ئاڭلىغان، ئەگەر شۇندا بولسا يۇقارقى رەسىملەردىكى ۋەقەلىكلەر ھايۋانلاردا بولدىغان تۇغما ھېسىيات ئارقىلىق يۇز بەرگەن بولامدا؟ بۇ ۋەقەلىكتىكى ئىشقا قىلچە ئەقىل ئارلاشمىغان بولامدا؟

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:26:40

مەنغۇ بۇرۇندىنلا ھايۋانلاردا ھېسىيات بار دەپ بىلىمەن.چۈنكى مەن بىر چارۋىچى ئائىلسىدە تۇغۇلغان.مۇنداقچە ئېيتقاندا قوي،كالا ئات،ئىتلارنىڭ ئارسىدا چوڭ بولغان.شۇڭا ھايۋانلارغا بىر خىل چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:28:56

جانابى ئاللاھ ،ھايۋانلارنىڭ تىلنى باغلىۋتىپتىكەن ،،،سىيەممىگەن ئات ئىشەكلەرنى مازارلىققا ئىلىپ بارسا شۇ زامات سىيۋىتىدىكەن ،چۈنكى گۆردە بولۋاتقان ھىساپ كىتاپ ،سوراق سۇئاللارنى ئاڭلايدۇ كۆردۇ دەيدۇ ، ھايۋاننى تەپەككۈر قىلالمايدۇ دەپ ئاڭلىغان، لىكىن ئۆيۈمدىكى مۈشۈكلىرىمگە بىردەم قاراپ ئولتۇرسام بىرسى بىرسى بىلەن ئوينۇشۇپ

دىيشىۋالغاندەك ھەركەت قىلىشلىرى، ئۇ نەزىريەلەرنىڭ ساختا بىرتەرەپلىمە ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرۋاتقاندەك ھىس قىلمەن .

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 07:44:22

مۇش ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدا ياچىۋەك دەيدىغان بىر ھاشارەت با، كىچىكىمىزدە كۆپ كۆرەتتۇق، ھازىر يوقاپ كەتتىغۇ تاڭ. جۈپلىشىپ بولۇپ چىشىسى ئەركىكىنى يەۋىتىدىكەن. شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتى قاندا بولا بۇ جانىۋارنىڭ.

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 17:08:37

16- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇش ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدا ياچىۋەك دەيدىغان بىر ھاشارەت با، كىچىكىمىزدە كۆپ كۆرەتتۇق، ھازىر يوقاپ كەتتىغۇ تاڭ. جۈپلىشىپ بولۇپ چىشىسى ئەركىكىنى يەۋىتىدىكەن. شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتى قاندا بولا بۇ جانىۋارنىڭ.


توۋا مۇشتاقمۇ ئىش باكەن دەيلى .....





بەت: [1] 2
: ھايۋاناتلاردا ھىسىيات بارمۇ؟