jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 09:37:50

ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشىنىنى توغرا ھەيدىيەلەمسىز؟


ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشىنىنى توغرا ھەيدىيەلەمسىز؟


بەلكىم سىز بۇ ماقالىنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى, ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشىنىنى ھەيدەش ئەڭ ئوڭاي, ماي كلاپانىغا دەسسىسىلا ماڭىدۇ, تورمۇزغا دەسسىسىلا توختايدۇ, قول خوتلۇق ماشىنىدەك ئۇنداق خوت ئالماشتۇرىمەن, مۇفتىغا دەسسەيمەن دېگەندەك ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن, ئەمما سىز ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشىنىنىڭ خوت يۆتكىشىنى چۈشىنەمسىز, بۇ خىل ماشىنىنى ھەيدەش راستىنلا سىز ئويلىغاندەك شۇنچىلىك ئاددىي ھەم ئاسانمىدۇ؟ ئۇنداقتا قېنى بىر بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى, بىز ئەسلى زادى قانداق ھەيدىسەك توغرا بولىدۇ.

1. ماشىنىنى قوزغاش:

ئادەتتە سىزنىڭ قوزغاش ئۇسۇلىڭىز تۆۋەندىكىدەك بولۇشى مۇمكىن: تورمۇزغا دەسسەش-ئوت ئالدۇرۇش-خوتنى P دىن D غا يۆتكەش-قول تورمۇزنى قويىۋېتىش-پۇت تورمۇزدىن پۇتىنى كۆتۈرۈش-ماي بېرىش-قوزغىلىش. ئەمما بۇ خىل ماشىنىنى قوزغاش خاتا.

توغرا ئۇسۇلى بولسا : ئالدى بىلەن ماشىنىنىڭ توك مەنبەسىنى ئۇلايمىز ( يەنى ئاچقۇچنى ئېچىپلا ماتورنى ئوت ئالدۇرمايمىز ) تورمۇزغا دەسسەپ خوتنى P دىن N غا يۆتكەيمىز, ئاندىن ماتورنى ئوت ئالدۇرىمىز, كېيىن خوتنى N دىن D غا يۆتكەپ, قول تورمۇزنى قويىۋېتىپ, پۇتىمىزنى پۇت تورمۇزدىن كۆتۈرۈپ قوزغايمىز. بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى : ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىۋاستە P دىن D غا يۆتكىگەندە R خوتتىن ئۆتىدىغان بولۇپ, تېزلىك ئۆزگەرتىش كوروپكىسى قىسقا ۋاقىتلىق قارشى يۆنىلىشتىكى زەربىگە ئۇچرايدىكەن, شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن توغرا ئۇسۇلدا قوزغاش كېرەك.



2.قىزىل چىراقنى ساقلىغاندا

قىزىل چىراقنى ساقلىغاندا تورمۇزغا دەسسەش-يېشىل چىراق يېنىش-پۇتىنى تورمۇزدىن كۆتۈرۈش-ماي بېرىش-قوزغاش, ياكى -تورمۇزغا دەسسەش-خوتنى P غا يۆتكەش-يېشىل چىراق يېنىش-خوتنى D غا يۆتكەش-پۇتنى تورمۇزدىن كۆتۈرۈش-ماي بېرىش-قوزغاش, ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل خاتا.

توغرا ئۇسۇلى بولسا : قىزىل چىراقنى ساقلىغاندا ياكى قىسقا ۋاقىتلىق (30 سىكۇنتتىن تۆۋەن) توختىغاندا, ماشىنا توختىغاندىن كېيىن قول تورمۇزنى تارتقاندىن كېين, خوتنى N غا يۆتكەش, ئۇزۇن ۋاقىت (30 سىكۇنتتىن يۇقىرى) ساقلىغاندا خوتنى D دا قويۇپ ساقلاش. بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى :خوتتا قۇلۇپلاش ئۈسكۈنىسى بار بولۇپ, خوتنى P غا يۆتكەپ قول تورمۇزنى تارتمىغاندا مەزكۇر ئۈسكۈنىنىڭ ئۇپرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ, ئەمما خوتنى D دا ساقلىغاندا ئۇپرايدىغىنى تېزلىك ئۆزگەرتىش كوروپكىسى.


 3. يول يۈرىۋاتقاندا تېزلىك ئاشۇرۇش ياكى كىمەيتىش

يول يۈرىۋاتقاندا ماي كېلاپانىغا بىر خىل دەسسەپ تۇرۇش, سۈرئەت ئاشۇرماقچى بولسا ماي بېرىش, تۆۋەنلەتمەكچى بولسا كۆتۈرۈش, سىزچە مۇشۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟

توغرا مەشغۇلات بولسا : ماي كىلاپانىغا دەسسەپ ماتورنىڭ ئايلىنىشى خوت ئالمىشىش رايونىغا يەتكەندە ( تەخمىنەن 2000 دىن 2500 گىچە ئايلانغاندا ) ماي كىلاپانىنى كىچىككىنە قويۇپ بېرىپ ( بۇ ۋاقىتتا ئاپتوماتىك تېزلىك ئۆزگەرتىش كوروپكىسى خوت ئالماشتۇرۇش بۇيرۇقى بېرەلەيدۇ ) ئاندىن ماي بېرىش. بۇنداق بولغاندا يۇقىرى خوتقا ئالمىشىش ئىنتايىن سىلىق بولىدۇ, مۇشۇ بويىچە دەرىجىمۇ دەرىجە خوت ئالماشتۇرۇلىدۇ, سۈرئەت ئاشىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى : ئەگەر سىز ماي كىلاپانىغا ئىزچىل دەسسەپ تۇرسىڭىز, تېزلىك ئۆزگەرتىش كوروپكىسىنىڭ خوت ئالماشتۇرۇش ۋاقتى كېچىكىپ كېتىدۇ, ماتورنىڭ ئايلىنىشى 3000 دىن يۇقىرى بولغاندا ئاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى خوتقا ئالمىشىدۇ؛ئەگەر سىز ماي كىلاپانىغا تولۇق دەسسسىڭىز, ماتورنىڭ ئايلىنىشى قىزىل رايونغا ئۆرلىگەندە ئاندىن يۇقىرى خوتقا ئالمىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتوماتىك ماشىنىنىڭ تېزلىكى ئاستا دەپ ئاغرىنىدۇ, ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ توغرا بولمىغان كىلاپانغا دەسسەش ئۇسۇلىڭىزدىن كېلىپ چىققان مەسىلە بولۇپ, سىز كىلاپانغا دەسسەۋېتىپ كىچىككىنە قويىۋىتىپ ئاندىن يەنە دەسسىسىڭىز يۇقىرى خوتقا ئالمىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز, بۇندان بولغاندا ماي تېجەش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ, ئەمما بۇنداق بولغاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۈرئەت ئاشۇرۇشقا تەسىرى بار. ناۋادا سىز ماي كىلاپانىدىن پۇتىڭىزنى كۆتۈرۈپ خوت ئالماشقاندىن كېيىن مايغا بەكرەك دەسسىۋەتسىڭىز, ئۇ ھالدا تېزلىك ئۆزگەرتىش كوروپكىسى سىزنى جىددىي سۈرئەتنى ئاشۇرماقچى دەپ قاراپ تۆۋەن خوتقا ئالماشتۇرۇپ قويۇپ خوت ھالقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


 4.دۆڭگە چىققاندىكى ۋە تۆۋەنگە چۈشكەندىكى خوت يۆتكەشتە:

بەلكىم سىز بۇ خىل ئەھۋالدا ئىزچىل D خوتتا ھەيدىشىڭىز, سۈرئەتنى ئاستىلاتماقچى بولسىڭىز تورمۇزغا دەسسەپ كونتىرول قىلىپ كېلىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن, ئەمەلىيەتتە بۇنداق مەشغۇلات قىلىش خاتا.

توغرا مەشغۇلات بولسا : 1 - 2 -خوت (سۈرئەت چەكلەش خوتى) نى داۋانغا, دۆڭگە چىققاندا ياكى تۆۋەنگە چۈشكەندە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. دۆڭگە چىققاندا ئەگەر تىكراق بولسا ئەھۋالغا قاراپ 1 ياكى 2-خوتنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ, داۋانغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن, D خوتقا يۆتكەپ نورمال يۈرسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەنگە چۈشكەندە بولسا ( چۈشۈش ئارلىقى ئۇزۇن بولغاندا ) ئوخشاشلا سۈرئەت چەكلەش خوتىغا ئالماشتۇرۇپ, تورمۇز بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ھەيدىسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى : بۇ خۇددى سىزنىڭ شوپۇرلۇق مەكتىپىدىكى قول خوتلۇق ماشىنىنى تۆۋەن سۈرئەتلىك خوتنى ئىشلتىش پىرىنسىپى بىلەن ئوخشاش, بۇنداق بولغاندا تورمۇز دېسكىسىغا بولغان بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.


 5. ئالدىدىكى ماشىنىنى يانداش

ماشىنا ياندىغاندا بەلكىم سىز ماي كىلاپانىغا بەكرەك دەسسىسىلا ياندىۋەتكىلى بولىدۇ دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن, ئەمەلىيەتتە بۇنداق مەشغۇلات خاتا.

توغرا مەشغۇلات بولسا : ئەگەر ئالدىڭىزدىكى سۈرئىتى ئاستىراق بولغان ماشىنىنى ياندىماقچى بولسىڭىز, ئالدى بىلەن ئاپتوموبىل ماي كىلاپانىنى سەل قويىۋىتپ ئاندىن بىراقلا دەسسسىڭىز تېزلىك ئۆزگەرتىش كوروپكىسى ئاپتوماتىك ھالدا تۆۋەن خوتقا ئالماشتۇرۇپ يېتەرلىك بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. يانداپ بولغاندىن كېيىن, ماي كىلاپانىنى قويىۋەتسىڭىز خوت ئورنى ئاپتوماتىك سىزنىڭ نۆۋەتتىكى تېزلىكىڭىزگە ماس بولغان خوتقا ئالمىشىدۇ, ئاندىن ماي بېرىش ئارقىلىقلا كونتىرول قىلسىڭىز بولىدۇ؛ ئەگەر سىز جىددىي تېزلىك ئاشۇرماقچى بولسىڭىز, ئۇ ھالدا سۈرئەت چەكلەش خوتىنى ئىشىلتىپ, بىۋاستە تۆۋەن خوتقا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ماي بېرىشكە ماسلاشتۇرۇپ سۈرئەتنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ.



6. ماشىنىنى توختىتىش:

بەلكىم سىز يول يۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېين ماشىنىنى توختىتىپ, P خوتقا ئالماشتۇرۇش-پۇت تورمۇزنى قويۇپ بېرىش-قول تورمۇزنى تارتىش-ئاچقۇچنى چىقىرىش مەشغۇلاتى بىلەن تاماملىشىڭىز مۇمكىن, ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خاتا. توغرا مەشغۇلات بولسا : ماشىنا توختىتىش ئورنىغا توختاتقاندىن كېين, تورمۇزغا دەسسەش-قول تورمۇزنى تارتىش-P خوتقا يۆتكەش-پۇت تورمۇزنى ئاستا قويىۋېتىش-ئاچقۇچنى چىقىرىۋېلىش. بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى : سىز ئاۋۋال P خوتقا ئالماشتۇرۇپ ئاندىن پۇتىڭىزنى تورمۇزدىن كۆتۈرگەندە, ئەگەر يەر يۈزى تەكشى تۈز بولماي قالسا ماشىنىنىڭ كىچىككىنە يۆتكىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ,بۇنداق بولغاندا P خوتنىڭ قۇلۇپلاش ئىقتىدارى تېزلىك ئۆزگەرتىش كوروپكىسىنىڭ چىشلىق چاقى ئۆز ئارا جىپسىلىشىپ قېلىپ, كېلەر قېتىم خوتقا سالغاندا خوتنى بەكرەك كۈچەپ ئالماشتۇرىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 10:08:34

بۇلارغا جەۋلانكام ئۆزىمۇ دېققەت قىلىپ بولامماي قالامدىكىن دەيمە \"\"

RGB يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 10:10:57

دىمىسىمۇ نۇرغۇن شوپۇرلار بۇ جەھەتتە ئانچە دىققەت قىپ كەتمەيدۇ ، ماشىنا ھەيدەش ئادىتىنىڭ قانداق بولۇشى بىۋاستە ماشىنىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىگە باغلىق بوپ قالىدىكەن ، شۇڭا توغرا ئۇسۇلنى قوللانغاندا ھەممىگە قولايلىق بولىدىكەن ، مەنغۇ قولخوتلۇقنى ھەيدەپ كۆنۈپ كەتتىم ، ئىككىنجى ماشىنامنى ئاپ قالسام ئ.اپتوماتىك خوتلۇقنى ئالىمەن ، ياخشى تېمىكەن ، ئەلا دىن بىرسى كەتتى ئەمسە

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 10:12:11

بۇرۇن دىققەت قىلمىغان يەرلىرىم ھەقىقەتەن كۆپكەنتۇق ، مۇشۇ ماقالىنىڭ خەنزۇچىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئامال بار دىققەت قىلدىغان بولدۇم ، مەسىلەن ئاۋال N غا ئەكىلىپ ئاندىن ئوت ئالدۇرۇش دىگەندەك ........ \"\"

choice يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 10:54:03

مەنمۇ خېلى جىق ئەھۋاللاردا خاتا مەشغۇلات قىلىدىكەنمەن،ئەمدى بىلىۋالدىم. پايدىلىق يازما بوپتۇ، رەھمەت. \"\"

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 12:24:55

يەنىلا كۇچارنىڭ سوپۇنى ياخشى دەپ، خوتلۇق ماشىنا ھەيدىگەن ياخشىمۇ نىمە.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 14:00:23

داۋانغا چىققاندا+ بەلگىىسىدىكى1-2-خوتنى، داۋاندىن چۈشكەندە- بەلگىىسىدىكى خوتىنى ئىشلىتەمدۇق؟



ئەمما بۇزۇلۇپ قالسا دەھشەت ئاۋارىچلىقكەن بۇ ئاپتوماتىك خوت دېگەن. يا سۆرىگىلى بولمىغان...

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 14:36:03

ئۇزۇن مەزگىل خوتلۇق،ئايرىپ-قوشقۇچلۇق ماشىنا ھەيدەپ كۈنەپ قالغاچقا ئاپتۇماتىك خوتلۇق ماشىنا ھەيدىسەم تازا ھىساپ بولمايدىكەن.كۈنەپ قالغان يامان ئوخشايدۇ  {:92:}

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 17:43:59

7- قەۋەتتىكى paliwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇزۇن مەزگىل خوتلۇق،ئايرىپ-قوشقۇچلۇق ماشىنا ھەيدەپ كۈنەپ قالغاچقا ئاپتۇماتىك خوتلۇق ماشىنا ھەيدىسەم تازا ھىساپ بولمايدىكەن.كۈنەپ قالغان يامان ئوخشايدۇ \"\"



سول قولىڭىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالامدىكەن \"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 18:28:09

ماشنىنىڭ نوچىسى يەنىلا خوتلۇق ماشنا جۇما، پات-پات خوت ئالماشتۇرۇپ مۈگدەپ قالمايدۇ.  {:92:}

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 18:30:52

8- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى paliwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇزۇن مەزگىل خوتلۇق،ئايرىپ-قوشقۇچلۇق ماشىنا ھەيدەپ كۈنەپ قالغاچقا ئاپتۇماتىك خوتلۇق ماشىنا ھەيدىسەم تازا ھىساپ بولمايدىكەن.كۈنەپ قالغان يامان ئوخشايدۇ \"\"



سول قولىڭىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالامدىكەن \"\"

سىزنىڭ ئنكاسلىرڭىز بۈگۈن تازا ئوڭ ساق ئەمەس جۇمۇ؟سىز ماڭا ئوخشاش جۇڭگودا ياشاۋاتقان بولسىڭىز ،ماشىنا ھەيدىگەندە چۇقۇم ئوڭ قۇللىڭزدا خوتقا سالىتىڭز\"\"ئەگەردە سىزدەك ئوڭ قولىدا رولنى چىڭ سىقىمداپ،سول قۇلىڭىزدا خوتقا سالمەن دىسىڭز\"\"بەلكىم سول تەرەپتە سىز تۇتقىدەك خوتنىڭ دەستىسى يوق بۇلشى مۇمكىن\"\"كىرەك يوق ،سولقۇلىڭز بىلەن ئىشتان چاپانلىرڭىزنىڭ تۈگمىللىرنى ئىتىپ ماڭسىڭىز ،ياكى يېشىڭىزنى ئېيىپ ماڭسىڭىزمۇ بۇلدۇ\"\"

ablkm يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 19:08:35

خەتكۈچ

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:18:30

ئاپلا ماۋۇ تېمىڭىزنى بىر ھەپتە بۇرۇن كۆرگەن بولسامچۇ...  {:136:}  

ئاۋۇ كۈنى ئاغىنەمنىڭ كىروزىنى توك موتوسېكلىتنى ھەيدىگەندەكلا ھەيدەپتىمەن دىسە.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:53:32

10- قەۋەتتىكى paliwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى paliwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇزۇن مەزگىل خوتلۇق،ئايرىپ-قوشقۇچلۇق ماشىنا ھەيدەپ كۈنەپ قالغاچقا ئاپتۇماتىك خوتلۇق ماشىنا ھەيدىسەم تازا ھىساپ بولمايدىكەن.كۈنەپ قالغان يامان ئوخشايدۇ \"\"



سول قولىڭىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالامدىكەن \"\"

سىزنىڭ ئنكاسلىرڭىز بۈگۈن تازا ئوڭ ساق ئەمەس جۇمۇ؟سىز ماڭا ئوخشاش جۇڭگودا ياشاۋاتقان بولسىڭىز ،ماشىنا ھەيدىگەندە چۇقۇم ئوڭ قۇللىڭزدا خوتقا سالىتىڭز\"\"ئەگەردە سىزدەك ئوڭ قولىدا رولنى چىڭ سىقىمداپ،سول قۇلىڭىزدا خوتقا سالمەن دىسىڭز\"\"بەلكىم سول تەرەپتە سىز تۇتقىدەك خوتنىڭ دەستىسى يوق بۇلشى مۇمكىن\"\"كىرەك يوق ،سولقۇلىڭز بىلەن ئىشتان چاپانلىرڭىزنىڭ تۈگمىللىرنى ئىتىپ ماڭسىڭىز ،ياكى يېشىڭىزنى ئېيىپ ماڭسىڭىزمۇ بۇلدۇ\"\"



ھا ھا ھا ،،،،ھەقسىز كۈلۋالدىڭىزدە ،\"\"،،،موتو مىنىپ باققانما ؟

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 21:28:53

خەتكۇچ

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 21:58:13

قانداق موتسىكىلىتنى دەيسىز  {:92:}  ئۇستام ،ئۈچ چاقلىق قوش گاڭلىق موتونى دەمسىز ياكى

ماۋۇ جۇڭگۇنىڭ چۇڭچىڭ ياماخاسىنىمۇ ؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 18:58:14

ئوت ئالدۇرغان چاغدا، خوتنى \"D\"غا ياكى \"P\"غا ئەكەلسەم، ماشىنا ئوت ئالمىدىغۇ؟ (باياتىن تېخى سىناپ باققانتىم).

قايتىدىن \"P\"غا ئەكىلىپ، ئاندىن ئوتئالدۇرالىدىم.

kolteken يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 19:28:20

P دا تۇرغۇزۇپ ئوت ئالدۇرمىسا قانداق ئوت ئالىدۇ ؟  {:107:}

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 11:14:47

ئاپتوماتىك خوت ئۇنچە نازۇك نەرسە ئەمەس.

P دىن بىۋاستە D ئەپكىلىش خاتا ئەمەس، تورموزنى دەسسەپ تۇرۇپ خوتقا سالىمىز،R غا سالغانغا كوروپكا سىلكىنىپ كەتمەيدۇ، تورموزنى تولۇق دەسسىمىسە سىلكىنىشى مۈمكىن، ئەمما كورۇپكا بۇ سىلىكىنىشكە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

L,1،2 خوتلىرىنى ئىشلىتىشتە داۋاننىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، يانتۇرلىقى قاتارلىقلارغا قارايمىز، ئادەتتىكى باغلىما يوللار ئۇزۇن ئەمەس، ھەم يانتۇرلىغى چوڭ ئەمەس، D خوتتا ھەيدەشكە تامامەن بولىدۇ.

قىزىل چىراقتا توختىغاندا P گە سالىدىغان ئادەملەرمۇ بارمىكەن ؟  {:107:}    ئۇنى پەقەت ماشىنا توختاتقاندا، توختاپ بولغاندا ئىشلىتىمىز، تۈز يەردە توختاتقاندا P غا سېلىپ قول تورموزنى تارىتمىسىمۇ بولىدۇ. P خوت بىلەن N خوتنىڭ پەرقى P خوتتا ئاسمىنى كوروپكا بىلەن قوشۇپ قۇلۇپلاپ قويغىلى بولىدۇ. N نى پەقەت ۋە پەقەت قىسقا ۋاقىت توختىغاندا (مەسىلەن قىزىل چىراق) توختىغاندا ئىشلىتىش مۇۋاپىق،ئەلۋەتتە D دا تۇرىۋەرسىمۇ بولىدۇ، ئەمما تورموزنى دەسسەش ئاۋارچىلىق ھەم بىخەتەر ئەمەس.



ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشىنىنى N غا سېلىپ تۇرۇپ قىسقا ئارلىققا (10-20 كىلومىتىردىن تۆۋەن)سۆرىتىش مۈمكىن، ئەمما سۆرەتكەندە يۈرۈش سۈرئىتى ئاستا بولمىسا بولمايدۇ.

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 14:41:05

نەق مەن بىلمەكچى بولغان مەزمۇنلاركەن، تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

بىر سوئال سوراپ باقسام، قول خوتلۇق ماشىنىلارنى قىش كۈنى ھەيدىگەندە، خوت يۆتكەش ئارقىلىق تورمۇز دەسسىمەي سۈرئەتنى ئاستىلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئاپتۇماتىك خوتلۇق ماشىنىدىچۇ؟ قىش كۈنى D خوتتا كېتىۋېتىپ، خۇددى قول خوتلۇق ماشىنىغا ئوخشاش، 3- 2- خوتلارغا سېلىپ تورمۇز دەسسىمەي سۈرئەتنى ئاستىلاتساق بولامدۇ؟ شۇنداق قىلساق ماشىنىغا يامان تەسىر بولامدۇ؟ بىلگەنلەر جاۋاب بەرگەن بولساڭلار.
بەت: [1] 2
: ئاپتوماتىك خوتلۇق ماشىنىنى توغرا ھەيدىيەلەمسىز؟