zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 09:02:23

لىمغا بەز ياللۇغىدىن مەسلىھەت بەرسەڭلار!

لىمغا بەز ياللۇغى نىمە سەۋەپتىن پەيدا بۇلىدۇ؟غەربچە دۇرىلارنى ئىستىمال قىلىش ئىمكانىيىتى يوق بىمارلارئوپىراتسىيە قىلدۇرماي، مىللى تىبابەت تەرەپتىن داۋالاپ ئۈزۈل-كىسىل ساقايغىلى بۇلامدۇ؟  

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 10:23:16

لىمغا مۇ لىمفامۇ ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 10:31:55

ـفـ بىلەن ـغـ نى ئايرىماي ئىشىلتىدىغان ئىشنى بەك جىق كۆرەپ كەتتىم، قانداقىسىگە ف نىڭ ئورنىغا غ نى باسىدىغاندۇ؟

مەسىلەن تېلېفوننى تېلېغون، نېفىتنى نېغىت دەپ يازىدىغان.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 12:41:18

گودلاك توغرا دەيدۇ.مەنمۇ بەزىدە نىفىتمۇ ياكى نىغىتمۇ ئايرىيالماي قالىمەن.



بۇ ئىككى ھەرىپ قۇشۇمچە بۇلۇپ يېزىلغاندا نىمانچە ئوخشاش يېزىلىپ قالىدىغاندۇر دەيمەن.

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 13:33:24

بۇ تىيمىدا دەۋاتقان گەپ بىر ياقتا قىلىپ ، بىر ھەرىپ بىلەن بوپ كېتىپسىلەر ، تىيما ئېگىسىگە نان تېگىدىغان گەپ قىلمامسىلەر ھەي دوسلار ، ياخشى مەسلىھەت ، چارە بولسا بىر دەۋىتىڭلار  {:106:}

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 13:54:09

لىمفا، دەپ يازماقچىدىم كەچۈرۈڭلار!

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 14:47:15

لېمفا بەزلىرى توغرىسىدا يەنىلا بىلگەجانغا ئوخشاش كەسىپ ئىگىلىرىگە مۇراجەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

لېمفا بەزلىرىدە كۆرۈلگەن ياللۇغ بەدەندىكى مىكرو ئىلمىنتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئوقۇغاندەك قىلغان بىر چاغلاردا. تۆمۈر، زىنىك، ناتىرىي، قوغۇشۇن دىگەندەك مىكرو ئىلمىنتلارنىڭ بەدەندىكى مىقدارىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلسە، مۇناسىپ ھالدا مەلۇم بىر لېمفا بېزى ئىششىپ قالامدۇ ئىشقىلىپ شۇنداقراق بىر گەپ ئىدى.

ئىممونىت ئىقتىدارنىڭ ناچارلاپ، ئاجىزلاپ كېتىشىمۇ لېمفا بەزلىرىدە ئىششىش، ياللۇغلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغۇ دەيمەن. مەسىلەن ئەيدىز بىمارىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر.



يەنىلا كەسىپ ئىگىلىرى مەسلىھەت بەرسە بولغىدەك.

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 15:44:53

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 16:13:30

ئەسما خانىم، ئۆزىڭىزمۇ قانۇنغا ئالاقىدار ئىشلار بولسىلا ھەممىسىدە بارغۇ، باشقىلارنىڭ ھېچقاچان سىزنى ئادوۋۇكات ئەمەس، سوتىچى ئەمەس شۇڭا ئارلاشمىسۇن دىگىنىنى كۆرمىگەنتىم. قانۇنغا ئالاقىدار ئىشلارنى باشقىلارغا قارىغاندا ياخشىراق بىلىسىز شۇڭا ماڭا نىسپەتەن سىز كەسىپ ئىگىسى.

بىلگەجانمۇ تىبابەتكە ئالاقىدار ئىشلارنى ياخشى بىلىدۇ شۇڭا دوختۇرلۇق قىلمىسىمۇ يەنىلا كەسىپ ئىگىسى ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇرلۇقتىكى تېخنىكىلار شۇ تەتقىقاتلار ئارقىلىق بايقىلىدىغان، دەلىللىنىدىغان تۇرسا، شۇنداق ئەمەسمۇ؟


putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 20:14:39

بۇنىڭغا يەنىلا كەسىپ ئىگىلىرى جاۋاپ بەرسە بولغۇدەك.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 00:36:19

لىمفا بەز كېسىلى دېگەن قايتا قوزغىلىش نىسبىتى بىر قەدەر كۆپ بولغان ھېلىقى كېسەل شۇدۇ؟ بويان تەرەپتە بولىدىغان شۇمۇ؟

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 23:47:03

ئەگەر بىمارنىڭ بوينىدىكى لىمفا بەزلىرى ئىششىپ ئاغرىغان بولسا بۇ مېدىتسىنادا سۋىنكا ياكى يۇقۇملۇق پاروتىت دەپ ئاتىلىدۇ،خەنچە سەيشەييەن دىيىلىدۇ.ئۇيغۇرلار ئىچىدە «تەپكە» بولۇپ قاپتۇ دىيىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاغرىغان بالىلار باشقا بالىلاردىن ئايرىپ داۋالىنىدۇ.چۈنكى بۇ كېسەل يۇقىدۇ. بۇكېسەلنى داۋالاشنىڭ خەلقىمىز ئىچىدە دورا يىگۈزمەي،ئوكۇل سالدۇرماي داۋالايدىغان نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتكەن ئۇسۇلى بار: بىمارنىڭ بېشىنى ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىغا قويۇپ ياتقۇزىمىز،بىر پۇتىمىزغا بەتىنكە (كالاچ ياكى مەسسە بولسىمۇ بولىدۇ) كىيىپ «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» دەپ بويۇندىكى ئىششىغان يەرگە تاپىنىمىزنى ئۈچ قېتىم بوش تەگكۈزىمىز،بۇ ئۇسۇلنى ئۇدا ئۈچ كۈن قوللىنىمىز.خۇدايىم بۇيرىسا ساقىيىپ كېتىدۇ.

   ئەسكەرتىش: سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقى سەۋەپلىك «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»نى ئەرەپچە يوللىيالماي قالدىم،ئوقۇغاندا توغرا تەلەپپۇز قىلىپ ئوقۇغايسىز.
بەت: [1]
: لىمغا بەز ياللۇغىدىن مەسلىھەت بەرسەڭلار!