bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 13:38:00

NASA: بۈگۈن يەنە بىر ئالەم ئۇچقۇرى مارسقا ماڭدى

ناسا: بۈگۈن يەنە بىر ئالەم ئۇچقۇرى مارسقا ماڭدى




بىلىمخۇمار

2013-يىلى 18-نويابىر




ناسا بۈگۈن يەنە بىر ئالەم ئۇچقۇرىنى مارسقا قارىتىپ ماڭدۇردى.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرى توغرىسىدا مەن 2013-يىلى 7-سىنتەبىر كۈنى تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى يوللىغان بولۇپ، ئۇ ئۇچۇرنى بۇ يەرگە ئەينەن كوچۈرۈپ قويدۇم.




بۇرۇنقى ئۇچۇرنىڭ تور ئادرېسلىرى:

http://bbs.misranim.com/thread-110743-1-1.html

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=54812

http://bbs.bagdax.cn/thread-19716-1-1.html




پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

http://www.space.com/23631-maven-mars-orbiter-launch-photos.html

http://i.space.com/images/i/000/034/515/i02/maven-launch-close-low-angle.jpg?1384801385

========================================= =




ناسا بۇ يىل 11-ئايدا، مارسنىڭ يۇقىرى ئاتموسفرا قاتلىمىنى تەكشۈرىدىغان ئالەم ئۇچقۇرىدىن يەنە بىرنى قويۇپ بېرىدۇ.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرى «مارسنىڭ ئاتموسفراسى ۋە ئېگىز-پەس ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش ئۇچقۇرى» (Mars atmosphere and volatile evolution mission, MAVEN) دەپ ئاتىلىدۇ.




ناسا قىلىۋاتقان ئىشلارنى «ئىسراپچىلىق» دەپ ھېسابلايدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس.  ئەمەلىيەتتە ناسا ئۆزىنىڭ يىللىق خامچوتىنىڭ 10 پىرسەنتىنى يەر شارى ئىلمى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.  بۇنىڭدىن مەقسەت، يەر شارىنى تولۇق چۈشىنىش، ئۇنى مۇۋاپىق ئاسراش، ئۇنى ئۈنۈملۈك قوغداش، ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش.  ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مارستا بۇرۇن دېڭىز-دەريالار مەۋجۇت بولغان.  ئۇنىڭ ھاۋاسىمۇ ھازىرقىدىن كۆپ قويۇق بولغان.  ئەمما بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىز ۋۇجۇتقا كەلگەندىن كېيىنكى 4.5 مىليارد يىل مابەينىدە، مارستا نۇرغۇن ئىگىز-پەس ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ئۇ بۈگۈنكىدەك سۈيى يوق، قۇرغاق، ۋە ھاۋاسى شالاڭ بىر ھالەتكە كېلىپ قالغان.  ناسا دىكىلەر مارستىكى ئۆزگىرىشلەر قانداق ۋە نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنىش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن كېيىن يەر شارىدىمۇ ئاشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقماقچى بولىۋاتىدۇ.  شۇڭلاشقا ناسا مارسنى تەكشۈرۈشكە ھازىرقىدەك بەك كۈچەۋاتىدۇ.




ئىنگلىزچە «ماۋەن» دەپ ئاتالغان، بۇ يىل 11-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى بۇرۇنقى مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىلىرىغا ئوخشىمايدىغان تەرىقىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.  يەنى ئۇ مارسنىڭ يەر يۈزىدە ئەمەس، ئۇنىڭ ناھايىتى ئېگىز ئاتموسفراسىدا ئايلىنىپ، ئاشۇ ئاتموسفرادىكى ماددىلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مارستا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقى، ۋە نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىدۇ.




مەن بۇرۇنمۇ تىلغا ئالغىنىمدەك، مارس بىلەن يەر شارى ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم قۇياشنىڭ ئوخشاش تەرىپىگە ئۆتىدۇ.  شۇڭا ناسا مۇ مارسقا ماڭدۇرىدىغان ئالەم ئۇچقۇرلىرىنى ئاشۇنداق ۋاقىتتا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغان بولۇپ، ھەر بىر تاق يىلى (2009-، 2011- ۋە 2013-يىللىرى) بىر ئالەم ئۇچقۇرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغانغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋاقىت پەقەت 2 ئاي.  ھازىر مارسنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان «مارس ئىلىم-پەن تەجرىبىخانىسى» نى ئەسلىدە 2009-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارماقچى ئىدى، لېكىن تەييارلىق ئىشلىرى بىر ئاي كېچىكىپ قېلىپ، ئۇنى 2009-يىلى ماڭدۇرالماي، 2011-يىلى ماڭدۇرۇشقا مەجبۇرى بولدى.  




ماۋەن ئەسلىدە ناسا نىڭ مەرىلاند (Maryland) دىكى مەركىزىدە قوراشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ 2-ئاۋغۇست كۈنى بىر K-17 تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلان بىلەن فلورىدادىكى كېنېدىي ئالەم مەركىزىگە يۆتكەپ كېلىندى.  ئۇ ئالەم بوشلۇقىغا مۇشۇ يەردىن چىقىرىلىدۇ.  




پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

http://www.nasa.gov/content/maven-eyes-mars-as-launch-preps-begin/#.UizWSMbktIQ

http://www.computerworld.com/s/article/9241428/NASA_preps_for_November_launch_of_Maven_spacecraft_for_Mars




رەسىملەر:

http://www.nasa.gov/sites/default/files/mavenonsprocstand-cropped.jpg

http://www.computerworld.com/common/images/site/features/2013/08/maven.jpg



Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 19:52:17

بۇ ئۇچقۇرنىڭ ۋەزىپىسى نېمىدۇ.

nazigul يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 22:08:17

ئۆزىمىز ياشاۋاتقان يەر شارىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلارنى ئىسراپچىلىققا چىقىرىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئېنىقلامغۇ.

يەر شارىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن تارتىپ، كېيىن كەلگۈسىگىچە بولغان ئەھۋاللارنى بىلىشكە قىزىقمايدىغانلار بولمىسا كېرەك.

ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىغا كېلىدىغان خەۋپ -خەتەر دىگەندەك ھەر خىل ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، ئالدىنى ئالالىسا تېخىمۇ ياخشىغۇ.

شۇڭا ئالەم ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇر ۋە ئالەم بوشلۇقى بىلىملىرنى ۋاقىت چىقىرىپ داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمىز.

urkesh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 15:08:46

ھەقىقەتەنمۇ ناسا ئاسمانغا سۆرىۋاتقان دوللارلارنى «ئىسراپچىلىق» سانايدىغانلار ئاز ئەمەس.  كەلگۈسى دۇنيادا رىقابەتنىڭ تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ يۈكسەك بولۇشى بۇ «ئىسراپچىلىق»نىڭ زۆرۈرلىگىنى بېكىتكەن بولسا كېرەك. مەنچە كەلگۈسىدىكى ھەل قىلغۇچ ئۈستۈنلۈك تېز، يۈكسەك، ۋە كەڭ دېگەندەك كەلىمەلەرگە مۈجەسسەملەشكەن.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 15:50:18

ئاباي تېخى خەنچە  مەنبەدىكى خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭدا دىيىلىشىچە مارىستا بۇرۇن سۇ بولغان. دىمەك سۇ بۇلۇش ئۈچۈن ناھايتى قېلىن ئاتمىسفۇرا قاتلىمى بۇلۇشى كېرەك، ئاتمىسفۇرا قاتلىمى بۇلۇش ئۈچۈن ماگنىت مەيدانى بۇلۇشى كېرەك، ماگىنىت مەيدانى بۇلۇش ئۈچۈن مارىس يادروسى ئۆز ئىچىدە ئايلىنىش كېرەك دەپتۇ. ئاشۇ قېلىن ئاتمىسفۇرا قاتلىمى نىمىشقا تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن؟ دىگەننى بۇ قېتىم قۇيۇپ بېرىدىغان ئۇچقۇ تەكشۈرەپ چىقىدىغان ئوخشايدۇ.
مارىس يادروسىدا ئاتۇم بومبا پارتىلاتسا يادرو ئايلىنىشى ئەسلىگەىلىشى

0996 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 15:56:25

مارىس يادروسىدا ئاتۇم بومبىسى پارتىلاتسا يادرو ئايلىنىشى ئەسلىگەكېلەمدۇ؟ ەپ ئىنكاس چۈشۈپتىكەن، ئامرىكىنىڭ بىر كىنوسىدەك؟
كۈچلۈك قۇياش بورىنىمۇ يەرشارىنىڭ ماگىنىت قۇتۇپلىرىنى ئالماشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن دەپ كۆرگەن بىر خەۋەرلەردە....ئېھتىمال مارىسنى «ئۆلتۈرگەن قاتىل» قۇياشمىدۇ؟

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 22:12:09

مەن ھەرگىز ناسانى ئىسىراپچىلىق قىلدى دەپ قارىمايمەن.مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ بىر ئالدىن كۆرەرلىك.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 13:16:36

ناسانىڭ پىلانى تاشقى پىلانىت تېپىشمۇ؟ يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسى ئىزدەشمۇ؟ يېڭى پىلانىت ئىزدەشمۇ؟ ياكى ئاسماندىن ئۆتۈشىدىغان ‹‹تونىل›› ئىزدەۋاتامدۇ؟ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنى تاپماقچىمۇ؟ بۇلارنىڭ يەرشارى بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟ ھازىرقى قەدەملەر ئەڭ ئىپتىدائىي دەسلەپكى قەدەم دەپ چۈشىنەمدۇق؟ كەلگۈسى پىلانلار ئۈچۈن بېسىلماقچى بولغان قەدەم دەپ قارامدۇق؟
بەت: [1]
: NASA: بۈگۈن يەنە بىر ئالەم ئۇچقۇرى مارسقا ماڭدى