erdewil يوللانغان ۋاقتى 2013-11-18 21:37:02

‹‹ئار ئېچ ››قان تىپى زادى قانداق قان تىپى ؟

قان
تىپى زادى قانداق قان تىپى ؟
Rh



  
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئا، ب ، ئاب، ئو قان سىستىمىسىنى بىلىدۇ، بىراق ئار
ئېچ قان تىپى سىستىمىسىنى ئاساسەن ئاڭلاپ باقمىغان(خەۋەر، تور ۋاستىسى ئارقىلىق
يېقىنقى يىللاردىن بېرى جىق ئۇچرىتىدىغان بوپ كەتتى ھەقىچان.)،بۇنى مەن چۈشىنىشلىك
قىلىپ قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. ئاۋۋال قان تىپى دېگەن نېمە؟ شۇنى بىلىشىمىز
كېرەك.



قان تىپى : بۇ
ئۇقۇمنى تۇنجى بولۇپ 1900-يىلى ئاۋستىرىيىلىك تېببىي ئالىم لاندستېنېر ئوتتۇرغا
قويغان ھەم تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ئا ،ب ،ئو قان تىپى سىستىمىسىنى بايقىغان.بۇ
زور نەتىجىسى ئۇنى نوبىل مىدىتسىنا-فىزىيولوگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگەن.بۇنىڭدىن
بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر قالايمىقان ماس كەلمىگەن قاننى بىمارغا سېلىش سەۋەبلىك(قان
رېئاكسىيەسى، قان ئېرىش تۈپەيلى) جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.


قىزىل قان
ھۈجەيرىسى ئادەم توقۇلمىسىنى ئۇزۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم بولغان جانلىق
ماددا.بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ قان سىستىمىسىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ
ئۈستىدە ئۆزىگە خاس مەلۇم بىر خىل ئالاھىدە ماددا(ئانتىگىن) بار بولىدۇ.بۇ ماددا گانگې دەرياسى مايمۇنىنىڭ قىزىل قان ھۆجەيرە پەردىسىدىكى ماددا(ئانتىگېىن)
بىلەن ئوخشاش بولغاچقا ئېنگىلىزچە
Rhesus Macacus ئاتىلىشىنىڭ ئەڭ بېشىدىكى
ئىككى ھەرپ بىلەن قىسقارتىلىپ ئار ئېچ ئانتىگىن دەپ ئاتالغان. مۇبادا مەلۇم بىر
ئادەمنىڭ قىزىل قان ھۆجەيرە پەردىسىدە بۇ ئانتىگىن بار بولسا بۇ ئادەمنىڭ قېنى ئار
ئېچ پىلوس بولىدۇ، ئەگەر بولمىسا ئار ئېچ مىنوس بولىدۇ.ئار ئېچ قان تىپىدىكى قان
ئۆزلۈكىدىن ئانتېتىلا پەيدا قىلالمايدۇ پەقەت ئار ئېچ مىنۇس ياكى پىلوس قان تىپىدىكى
قان ئۆز ئارا ئۇچراشقاندا ئاندىن (قان ئېرىش قاتارلىق) رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ.


     ئومۇمەن،ئىنسانلارنىڭ قىزىل قان
ھۆجەيرىسىنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرى بولۇپ، خەلقئارادا ئىتىراپ قىلىنغان ھەم تەكشۈرۈپ
بايقالغان قان تىپى سىستىمىسىدىن ھازىرچە 30خىلى بار.بۇنىڭ ئىچىدە ئىنسانىيەت
ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار(بولۇپمۇ قان سېلىش ئىشلىرىدا تەسىرى
كۆرۈنەرلىك بولغان)ئەڭ مۇھىم بولغان 2 خىلى بار بولۇپ، يەنى ئا، ب ،ئو قان تىپى
سىستىمىسى(بۇنىڭ تارقىلىش نىسبىتى پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر ئارىسىدا تەكشى بولۇپ،
ئوخشايدىغان قاننى تېپىش بەك ئاسان)بىلەن ئار ئېچ قان تىپى سىستىمىسى(بۇ قان تىپى
سىستىمىسىنىڭ تارقىلىشى نىسبىتى ئالاھىدە،تەكشىسىز،تېپىش بەك تەس )دۇر. بۇ قان
تىپى ئىنسانلاردا ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان بولغاچقا ،يەنى مۇشۇنداق قېنى بار
كىشىلەرنىڭ قېنى(مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇشۇنداق قاندىكىلەرنىڭ سانى) خۇددىي
مۈشۈكئېيقتەك ئىنتايىن ئاز بولغاچقا خەنزۇچە ئاتىلىشتا‹‹مۈشۈكئېيىق قېنى››دەپ
ئاتىلىدۇ. جۇڭگو مىيقىياسىدىن قارىغاندا خەنزۇلارنىڭ 99.7پىرسەنتىنىڭ قان تىپى ئار
ئېچ پىلوس قان ،بىر قىسىم ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچىدىمۇ 90پىرسەنتىنىڭ قان تىپى
ئار ئېچ پىلوس . چەت ئەللەردە بولسا بولۇپمۇ ياۋروپادىكى ئاق تەنلىكلەر نوپۇسىنىڭ
15پىرسەنتى ئار ئېچ مىنوس قان، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئار ئېچ پىلوس
قان.ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ بولسا 4پىرسەنتى ئار ئېچ مىنوس قان. ئاپتونۇم
رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەخمىنەن 5-6پىرسەنتىنىڭ قېنى يەنىلا ئار ئېچ مىنوس
قان.مىياۋزۇلاردا ئار ئېچ مىنوس بولغانلار12.3پىرسەنتنى،
تاتارلاردا15.8پىرسەنتنى،ئۆزبېكلەردە 7.8پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. بىراق باشقا
ئازسانلق مىللەتلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇرلاردا بۇ قان يەنىلا كۆپ سالماقنى
ئىگىلەيدۇ.


     پۈتۈن جاھاندىكى
مەدەنىيەت، ئارخولوگىيە ۋە ئىرىق تارقىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ھەمدە
فىزىيولوگىيەلىك ھەم مولىكولا سائىتى نەزەرىيەسىدىن پەرەز قىلىنىشىچە،(دىققەت :بۇ
بىر مۆلچەر، پەرەز خالاس)، ئار ئېچ مىنوس قان تىپى بولسا قەدىمىي ئاتلانتىسلارنىڭ
قېنى ھېسابلىنىدۇ. ئاتلانتىس بولسا ھازىرقى جەبىلتارىق
بوغۇزىنىڭ سىرتى يەنى ،ئىسپانىيە بىلەن ماراكەشنى دېڭىز ئارقىلىق ئايرىپ تۇرىدىغان
بوغۇزنىڭ سىرتقى قىسىمىغا توغرا كېلىدۇ،مىلادىدىن ئون نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى
مۇشۇ ئەتراپتا قۇرۇلغان ،مەدەنىيىتى مىسلىسىز راۋاج تاپقان بىر ئىمپىرىيە بولۇپ بۇ
ئىمپىرىيە ‹‹ئاتلانتس››دەپ ئاتالغان،ئىمپىرىيە كىشىلىرى ئاتلانتسلىقلار دەپ
ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 12000-يىلىدىن9600-يىللىرى ئۆپچۆرىسىدە ئويلىمىغان
دەھششەت تەبىئي ئاپەتتە ئىمپىرىيە ۋەيران بولغان،دېڭىز ئاستىغا ئولتۇرشۇپ
كەتكەن(بۇ خارابىلىقلارنى ھازىرقى زامان ئالىملىرى بايقاپ بولغان) ئاپەتتىن
قۇتۇلۇپ چىققانلار ئۇدۇل شىمالغا قاراپ ھازىرقى غەربىي ياۋروپاغا ئورۇنلاشقان
شۇنداقلا 30000يىل بۇرۇن ياۋروپادا شەكىللەنگەن ئوتتۇرچە ئۆمۈرى 40ياشتىن
ئاشمايدىغان كرو-ماگىنون ئادەملىرى بىلەن ئۆزئارا كىرىشىپ(شالغۇتلىشىپ) شۇنىڭدىن
باشلاپ ئار ئېچ مىنوس قان تىپىدىكى ئىنسانلار بارا-بارا ئەتراپقا تارقاقلىشىشقا (باشقا
جايلارغىمۇ كېڭىيىشكە)باشلىغان.بۇنىڭدىن قارىغاندا ئار ئېچ مىنوس قان
تىپىدىكىلەرنىڭ ئەجدادىنى ياۋروپا ئاق تەنلىكلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلەمدۇ
قانداق؟ بۇ كېيىنكىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىغا قالغان قىزىقارلىق مەسىلە.





بەيدۇدىكى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن تاللاپ
تەرجىمە قىلىندى.(قان تىپى بىر سىرلىق دۇنيا،ئىزدىنىشكە ئەرزىيدىغان تېما. ۋاقىت
قىس بولۇپ قېلىپ كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ بولالمىدىم،بەزى جايلار سەل چۈشىنىكسىز بوپ
قالغان بولۇشى مۇمكىن، تولۇقلايدىغانلار بولسا مەرھەممەت.....)


http://baike.baidu.com/link?url=wtxj3ysZKMKQ3WbMRCoegBeKlDP-aAaKWTdxumnfq4qCBOx5__TGkkqRapoo8nHp





ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 21:30:59

بىلگەجان ، ئېلىشىپ قالغان ئاياللارنى داۋالايدىغان تەتقىقات تۈرلىرى بارمۇ؟ بولسا تەرەققىياتى قانداقراق كېتىۋاتىدۇ.  {:92:}   {:92:}   {:92:}

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 21:46:02

ئاغىنىدارچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئەلانى بېسىپ چىقىپ كېتەي. \"\"

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 21:59:05

ياخشى تېمىغىغۇ تۇتۇش قىپتىكەنسىز بىراق سەل مۇجمەل بوپ قاپتۇ.داۋاملىق ئىزدىنىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن!

مۇشۇ توغىرسىدا بىلگەجاننىڭ تېمىسنى كۆرسەك بولاتتى....

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 11:15:10

رەھمەت ،ئەلا.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 12:18:30

ئەڭ مۇھىم بولغان 2 خىلى بار بولۇپ، يەنى ئا، ب ،ئو قان تىپى سىستىمىسى(بۇنىڭ تارقىلىش نىسبىتى پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر ئارىسىدا تەكشى بولۇپ، ئوخشايدىغان قاننى تېپىش بەك ئاسان)بىلەن ئار ئېچ قان تىپى سىستىمىسى(بۇ قان تىپى سىستىمىسىنىڭ تارقىلىشى نىسبىتى ئالاھىدە،تەكشىسىز،تېپىش بەك تەس )دۇر. بۇ قان تىپى ئىنسانلاردا ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان بولغاچقا ،يەنى مۇشۇنداق قېنى بار كىشىلەرنىڭ قېنى(مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇشۇنداق قاندىكىلەرنىڭ سانى) خۇددىي مۈشۈكئېيقتەك ئىنتايىن ئاز بولغاچقا خەنزۇچە ئاتىلىشتا‹‹مۈشۈكئېيىق قېنى››دەپ ئاتىلىدۇ.

==========================

تېما باھالاپ يۈرگۈم يوق ئىدى، ئەمما يۇقىرىدىكى ئىنكاسنىڭ ئەكسىچە مەن بۇ تېمىنى «ناچار يازما» دەپ قارايمەن.



يۇقىرىدىكى بايان قىلىنغانلىرى پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ قاپتۇ، ياكى بىر نەرسە كەم بولۇپ قاپتۇ. Rh قان تىپىنى مەنفى ۋە مۇسپەت دەپ ئايرىيمىز، ئاز تىپىلىدۇ ئەمەس دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار Rh مەنفى ياكى مۇسبەت ئىككىسىنىڭ بىرىگە تەۋە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن بۆلەك يازمىدا نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ چۈشىنكسىز بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. ئاپتۇر كەسىپ ئەھلى بولمىسىمۇ قىزىقىپ باققىنى ياخشى ئىش، ئەمما مۇنداق كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋاقتى كەلگەندە ھاياتىغا تاقىشىدىغان مەزمۇندىكى بىلىملەرنى بىلمىسە خالىغانچە يېزىپ تارقاتسا بولمايدۇ.



«قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن» دىگەن سۆزنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىنى تەكىتلەيمەن. ئۆزى چۈشەنمىگەننى سورىسا بولىدۇ، ئەمما خاتا ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش يازمىغاندىنمۇ ناچار قىلىق. ئەتە ۋاقىت چىقىرىپ بۇ خىل قان تىپى ۋە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر (بوۋاقلاردىكى قان توختىماسلىق كېسىلى دىگەندەك) ئۈستىدە تورداشلارغا ئۇچۇر بىرىمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 12:44:43

ماۋۇ ئىنكاسقىمۇ ئەلا \"\"

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 13:19:31

ئاپتور بۇ جەھەتتە كەسىپ ئىگىسىتى، توردىكى ئۇچۇرلار قايمۇقتۇرۇپ قويۇپتۇدە.

بىراق مىنۇس تىپلىق قان زادى ئاز ئۇچرايدىغۇ.

بىلگەجان ياۋروپا تەرەپتە پىلۇس تىپلىق قان كۆپ ئۇچرامدۇ.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 13:56:52

بىلگىجان، بولسا ھېلىقى مىليون ئادەمنىڭ بىرسىدىن چىقىپ قالىدىغان بومباي قان تىپى توغرىلىقمۇ قوشۇپ يېزىڭلار.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 14:35:04

قەدىمكى مۇ قۇرۇقلىقى ۋە ئۇيغۇرلار سۆزلىندىغان بىر تارىخى يازمىدا شۇقەدىمكى مىللەتنىڭ قانتىپى بىلەن بىردەك قانتىپى ئوخشايدىغان ئۇيغۇرلارنى قازىقىستاندا ياشاۋاتىدۇ دەپ بىرنەرسە كۆرگەندەك يادىمدا

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 14:51:06

قان تىپى بولسا قاننىڭ تۈرگە ئايرلىىش ئۇسۇلى بولۇپ ،ئادەتتە قىزىل قان ھۆجەيسىنىڭ يۈزىدە ئانتىگېن بار-يوقلىقىغا قاراپ بىكىتىلىدۇ .نۆۋەتتە دۇنيا بويچە قان تىپىنىڭ تۈرى30دىن كۆپرەككە يەتكەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى ABOۋەRhقان تىپى سېستىمىسدۇر .قان تىپى قان بېرىش قاتارلىق ئىشلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ،ئوخشىمىغان قانلار ئۆز ئارا ئۇچراشسا قاننىڭ ئېرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ھەمدە شۈك بولۇپ قېلىش،ھەتتا ئۆلشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .كىچىك بالىلارنىڭ قان ئرىش كېسىلگە گىرىپتار بولىشىمۇ قان تىپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .

ئادەملەرنىڭ قان تىپى ئىچىدەABOقان تىپى سېستىمىسى ئەڭ دەسلەپتە بايقالغان ،ھەمدەA,B,Cئۈچ خىل قان تىپى ئىنىقلاپ چىقىلغان كىيىنچە Cقان تىپى Oئۆزگەرتىلگەن .1930-يىلىغا كەلگەندەRhقان تىپى سېستىمىى بايقالغان .دىمەك قان تىپى سانى ناھايتى كۆپ بولسىمۇ يۇقارقى ئىككى قان سېستىمىسى كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدۇ .قالغانلىرى بولسا ناھايتى ئاز كۆرۈلىدۇ .

شۇڭا دوختۇرخانىلاردىمۇ ئاساسلىق يۇقارقى ئىككى قان سېستىمىسىنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرىدۇ.ناۋادا بىر ئادەمنىڭ قان تىپىABھەمدە مۇسبەت تىپلىق بولسا AB+ قىلىپ يېزىلىدۇ .

Aقان تىپلىق ئادەمنىڭ قېنىدا Aتىپلىق ئانتىگېن بولىدۇ .شۇڭلاشقا A تىپلىق قان تىپى بولغان ئادەمگە A ياكى Oتىپلىق قاننى سالسا بولىدۇ . Bتىپلىق ئادەملەرگە بولسا Bتىپلىق ياكى Oتىپلىق قاننى سالسا بولىدۇ .ABقان تىپلىق ئادەمگە بارلىق قان تىپىنى سالسا بولىدۇ .ئەمما ABقان تىپى بار ئادەمگە قان ئىئانە قىلىشى كېرەك .Oتىپلىق قانغا ھەرقانداق قاننى سالسا بولىدۇ ،ئەمما Oتىپلىق قانغا چوقۇم Oتىپلىق قاننى سېلىش كېرەك .

پۈتۈن دۇنيا بويچە Oقان تىپى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ .ئەمما ياپونىيە قاتارلىق جايلادا بولسا Aقان تىپى ئاساسلىق قان تىپى ھېساپلىنىدۇ .ABOقان تىپىنىڭ تارقىلىشى رايون ۋە ئېرىق بويچە پەرىقلىق بولىدۇ .Rh- Rh+ قاتارلقلار بولسا Rh قان تىپى سېستىمىسنىڭ ئىككى تۈرى ،Rh- Rh+بولسا قان بېرىشتىكى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى ،ئۇقۇشماستىن Rh-ئادەمگە Rh+ قان تىپىنى سالسا قۇبۇل قىلغۇچىنىڭ قېنى ئىرىپ كىتىپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيادا ئاسالىقى Hhقان تىپى Pقان تىپى قاتارلىقلار بار .

ABOقان تىپى سېستىمىسىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ماتېرياللار : ئادەتتە ئاتا-ئانا بولغۇچى Oتىپلىق بولسا تۇغۇلغان بالىسىنىڭ قان تىپىمۇ چوقۇم Oبولىدۇ .ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ بىرسى ABبولسا بالىسىنىڭ قان تىپى Oبولىشى مومكىن ئەمەس .AۋەO قان تىپلىق ئاتا -ئانىدىن Bۋە ABقان تىپلىق بالىنىڭ تۇغۇلىشى مومكىن ئەمەس .Bۋە O قان تىپلىق ئاتا-ئانىدىن Aياكى ABتىپلىق بالىمۇ توغۇلمايدۇ .



بۇ ماقالە تارىخ بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://www.blogbus.com/tarix-logs/40430584.html

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 14:52:09

ئەينى ۋاقتا تەرجمە قىلغان، ھازىر ئوقۇپ باقسام بەزى يەرلىرىنى ئۆزۈممۇ چۈشەنمىدىم يا  {:92:}

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 18:42:41

Oقان تىپلىق ئەر بىلەنAB قان تىپلىق ئايال توي قىلسا ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ قان تىپى A بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بارمۇ ؟

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 18:48:54

بىلگەجاننىڭ يېڭى تېمىسىنى ساقلاي، قان تىپىغا ئائىت ساۋاتلار جەزمەن بىلىشكە تېگىشلىك ساۋاتلار قاتارىغا كىرىدىكەن.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 19:03:22

ئۇيغۇر بالىغنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئەڭ ئاستىنى ئىككى قۇردا

: ئادەتتە ئاتا-ئانا بولغۇچى Oتىپلىق بولسا تۇغۇلغان بالىسىنىڭ قان تىپىمۇ چوقۇم Oبولىدۇ .ئەگەر ئاتا-ئانىنىڭ بىرسى ABبولسا بالىسىنىڭ قان تىپى Oبولىشى مومكىن ئەمەس .

AۋەO قان تىپلىق ئاتا -ئانىدىن Bۋە ABقان تىپلىق بالىنىڭ تۇغۇلىشى مومكىن ئەمەس .Bۋە O قان تىپلىق ئاتا-ئانىدىن Aياكى ABتىپلىق بالىمۇ توغۇلمايدۇ .

مۇشۇنىڭدا خاتالىق( مۈجمەللىك) مەۋجۇت ئېنىق دىمەمسىلە دەيمەن .مەسىلەن ئاتىسنىڭ قان تىپى AB بولسا ئانىسنىڭ قىنى O بولسا قانداق بولدۇ ؟

بىلگەجاننىڭ ئىنكاسنىڭ جىنى بار خاتا نەرسىلەرنى يازماسلىق كىرەك

saray يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 19:04:40

9- قەۋەتتىكى alshahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

Oقان تىپلىق ئەر بىلەنAB قان تىپلىق ئايال توي قىلسا ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ قان تىپى A بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بارمۇ ؟

A ياكى B لا بولىدۇ

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 19:19:02

ساراي 0 قانمۇ چىقا ئەر 0 بولغاندىكىن \"\"

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 23:55:40

خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغانكەن ،شۇڭا بەزى يەرلىرى ئاشۇنداق مۈجمەلرەك چىقىپ قاپتۇ .

ئەينى چاغدا مەنمۇ تۇنجى قېتىم ئۆزەمنىڭ قان تىپىنىڭ ئا ب مەنپى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە دوختۇر سېسترالار سەل ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولغاچقا ئاشۇنچىۋالا بىر قانمىدۇ دەپ بەيدۇلاپ باقسام خەنزۇلاردا زىيادە بەك ئا ئۇچرايدىكەن بۇ قان ۋە شۇڭا نەسلى قۇرۇپ كېتەي دېگەن مۈشۈكئېيىتەك ئەتىۋارلىق بولغاچقا مۈشۈكئېيىق قېنى دەپ نام بېرىشكەن ئىكەن ۋەھاكازا ۋە يۇقىرىدىكى تەرجىمىدىكى مەزمۇنلارنى چىقىرىپ بەرگەن ئىدى . ببېيجىڭدا بۇ خىل قان تىپىدىكىلەرئادەتتە  قىزىل كىرىست جەمىيىتىنىڭ ئالاھىدە قان تىپلىقلىقلار جەمىيىتى دېگەندەك ئۇششاق جەمىيەتلىرىگە ئەزا بولۇپ كېنىشكە بېجىرىدىكەن ۋە جىددى ئەھۋال بوپ قالسا ئۆزئارا ئالاقىلىشىدىكەن . خەنزۇلاردا ئاز ئۇچرايدىغانلىقى تۈپەيلىدىنمۇ ياكى ساقلاشقا قولايسىزمۇ بۇ خىل تىپتىكى قان قان ئىسكىلاتىدىمۇ ساقلىنىپ كەتمەيدىكەن .

كۈمۈش ئايلامنىڭ بىر تېمىسى بار ئىدى مۇشۇ خىل مەنپى قان تىپى توغرىلىق .ئۇنىڭدا بۇ خىل قان تىپىدىكى ئاياللار ھامىلدار بولۇپ بىر قانچە ئايدىن كىيىن (سانى ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ ) ھامىلە پەرۋىشىگە دىققەت قىلماي بالىسى چۈشۈپ كېتىپ قالسا ئادەت خاراكتىرلىك بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىمۇ ...مۇ ئەيتاۋۇر شۇنداق بىر مەزمۇنلار بار ئىدى .

ئىشقىلىپ بۇخىل قان تىپى خەنزۇلار ئىسمىنى قويىۋالغاندەك پەخىرلىنىپ كېتىدىغان قان تىپى ئەمەسكەن. جىددى ئىش يۈز بېرىشتىن خۇدايىم ساقلىمىسا ياكى خالىغانچە قان سالغىلى بولمىغان.




bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 01:02:11

15- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلگەجان ، ئېلىشىپ قالغان ئاياللارنى داۋالايدىغان تەتقىقات تۈرلىرى بارمۇ؟ بولسا تەرەققىياتى قانداقراق كېتىۋاتىدۇ. \"\" \"\" \"\"

==================


بۇنداق تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ بارلىقىغۇ بار، ساقايتىشمۇ تامامەن مۇمكىن. لىكىن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ساقايماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلىشىپ قالغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا ئىلىشىپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. بىلدى دىگەن تەقدىردىمۇ دوختۇرخانىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەچكە ساقايماي شۇ پېتى قالىۋىرىدۇ...\"\"

Umun99 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 01:17:11

.Oتىپلىق قانغا ھەرقانداق قاننى سالسا بولىدۇ ،ئەمما Oتىپلىق قانغا چوقۇم Oتىپلىق قاننى سېلىش كېرەك .

----------------------------------

ئۇيغۇر بالىسى بۇ جۈملىدە سەل خاتالىق بادەكمۇ نىمە؟؟ئازراق قىزىقارلىق تۇيۇلىۋاتىدىغۇ ماڭا  {:92:}
بەت: [1] 2
: ‹‹ئار ئېچ ››قان تىپى زادى قانداق قان تىپى ؟