zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-18 21:23:39

ئامىرىكا سابىق زۇڭتۇڭى كېننىدىنىڭ قەسىتكە ئۇچراش جەريانى



ئامىرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جون كېننىدى



(سەھرا يولى مىنى ئۆيۈمگە باشلايدۇ!)






بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جون .كىننىدىنىڭ قەستكە ئۇچرىغانلىقىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە يىلى . ئامېرىكىدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىر نەپەر ساقچىنىڭ مۇشۇ دېلونى ئانالىز قىلغان ئالاقىدار ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، خاتىرە ۋە كومىدىيە بىرلەشتۈرۈلگەن بىر فىلىم ئىشلەپ چىققان. فىلىمدە كېننىدىنىڭ جېنىنى ئالغان شۇ ئوقىنىڭ ئىچىدىكى بىر پاي ئوقنى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئالاھىدە خادىمى چىقارغانلىقىدىن بىشارەت بېرىلگەن.1963 – يىل 11 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جون . كېننىدى ئامېرىكا داللاستا قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچى تەرەپ قولغا ئالغان بىردىن بىر جىنايەت گۇماندارى ئوسۋالد سوئال سوراققا تارتىلىشتىن بۇرۇن ئېتىۋېتىلگەچكە، كېننىدىنىڭ قەستكە ئۇچرىشىدىكى سەۋەب ئىزچىل بىر سىر بولۇپ كەلگەن.....







1963-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، كېننىدى ئەر-ئايال ئايروپىلان بىلەن تېكساس شىتاتىغا كەلدى، ئۇلار ئولتۇرغان ماشىنا ئايرىدورمدىن داللاس شەھىرىگە قاراپ ماڭدى، شۇ يەردە بىر مەيدان نۇتۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.كېننىدى ئەر-ئايال تېكساس شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئۈستى ئوچۇق ماشىنىغا ئولتۇرغان، ماشىنا بىر ئېگىز بىنانىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، بىنانىڭ بەشىنچى قەۋىتىدىكى دېرىزىدىن ئۈچ پارچە ئوق ئېتىلغان، بىر پاي ئوق كېنندىنىڭ چېكىسىگە تەگكەن. يېرىم سائەتتىن كېيىن، كېننىدى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. تېكساس شىتاتىنىڭ باشلىقىغىمۇ ئىككى پاي ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغان.








كېنندىغا ئوق تەگكەندىن كېيىن، قوغدىغۇچىلار بىلەن ساقچىلار دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، قاتىلنى ئىزدىگەن. ئۇلار بىنادىكى بىر ئۆيدىن (تېكساس شىتاتلىق مەكتەپنىڭ بىر كىتاپ ساقلاش ئۆيى) بىر مىلتىقنى تاپقان.چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 38 مىنۇت ئۆتكەن، لىندېن.جوناسون ھاۋا ئارمىيە بىرىنچى نومۇردا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغىنى بەدىنى قان بىلەن بۇلغانغان، ھودۇقۇپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان جېكرۈي.كېننىدى ئىدى. 9 مىنۇتتىن كېيىن، ئايروپىلان ۋاشىنگتون ئاندىرۇس ئايدورمىغا قاراپ ئۇچتى.ئاپروپىلان ئاندىرىس ئايدورمىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، جوناسون زۇڭتۇڭلۇققا ئولتۇرغاندىن كېيىنىكى تۇنجى تېلىۋىزىيە نۇتۇقىنى سۆزلىدى، ئارقىدىن تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئاقسارايغا كەتتى. كېننىدى ھەمراھلىرى دوختۇرخانىدا جەسەت تەكشۈرۈشنى ساقلىدى.













ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 4 تىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى يېپىلغان تاۋۇت ئاقسارايغا ئېلىپ كېلىندى، كېننىدى خانىم تاۋۇت يېنىدا، بايراقتىكى يۇلتۇزلارغا تىكىلىپ تۇراتتى.داللاس ساقچىلىرى ۋەقە يۈز بېرىپ 80 مىنۇتتىن كېيىن بىر كىنوخانىدىن قاتىلنى تۇتۇپ، دېلو تۇرغۇزدى. قاتىلنىڭ ئىسمى رى.خاۋى.ئوسۋارد بولۇپ، دەرىسلىك كىتابلارنى ساقلايدىغان بىنانىڭ خىزمەتچىسى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساقچىلار كىتاپ ئىسكىلاتىنىڭ ئالتىنچى قەۋىتىدىن ئىتالىيىدە ئىشلەنگەن 6.5mm×52mm لىق كاركانو M91/38 قايتما مىلتىقنى بايقىدى.









مىلتىققا C2788 نومۇرلۇق ئوق قاچىلانغان بولۇپ، نەق مەيداندىن بايقالغان ئوق بىلەن ئوخشاش ئىكەن ھەمدە مىلتىقتا ئوسۋاردنىڭ بارماق ئىزى بارئىكەن.قاتىل شۇ كۈنى كەچتىلا سوراقنى قۇبۇل قىلدى، سوراقتىن كېيىن ئۈچىنچى كۈنى، ئوسۋارد 70 نەچچە نەچەر ساقچى يالاپ ئېلىپ ماڭغان ئەھۋالدا، جېڭ.رۇبى ئىسىملىك كېچىلىك كۇلۇبنىڭ خوجايىنى تەرىپىدىن ساقچىخانا ئىشىكى ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقەدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە، يېڭى زۇڭتۇڭ جوناسون ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، تەكشۈرۈش كومېتىتى قۇرۇلدى.








ئون ئايدىن كېيىن، تەكشۈرۈش كومېتىتى 200 مىڭ خەتكە يېقىن تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى تەييارلاپ مۇنداق خۇلاسە چىقاردى :<<زۇڭتۇڭنى قەستلەش پۈتۈنلەي ئوسۋاردنىڭ شەخسى غەرىزىدىن بولغان، ھىچقاندا كىشىنىڭ ئوسۋاردا ياردەملىشىپ قەستلەش پىلانى تۈزگەن ياكى تەشكىللىگەنلىك ئىسپاتى تېپىلمىدى.بۇنىڭ بىلەن كېننىدىنى قەستلەشنىڭ ماھىيىتى ئاشكارىلانغاندەك بولدى، ئەمما بۇ دوكىلات كىشىلەرنى قايىل قىلالمىدى، ئەمەلىيەتتە ۋەقەگە بولغان خىلمۇ-خىل گۇمانلار كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.كېيىن قۇرۇلغان بىر ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش كومېتىتى قەستلەش دېلوسىنى تەكشۈرۈشكە ئالاھىدە خادىم ئەۋەتىپ، 1976-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە تەپسىلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئىسپات توپلىدى ھەمدە ئوسۋاردنىڭ زۇڭتۇڭنى قەستلىشى ھەرگىزمۇ شەخسى غەرەز ئەمەس دېگەن يەكۈننى چىقارغان، ھەتتا، ئوسۋاردنىڭ قاتىللىق سالاھىيىتىنىمۇ ئالاھىدە تەكشۈرگەن.



مەنبەسى:ئىنتىرنىت تورى.


talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 20:41:35

زۇڭتۇڭنى قەستلەش پۈتۈنلەي ئوسۋاردنىڭ شەخسى غەرىزىدىن بولغان.

قىزىق ئىش ئوسۋاردنى70نەچچە ساقچى قۇغداپ تۇرسىمۇ ئېتىۋەتكۈدەك، ئوسۋارد ئاۋۇ كىچىلىك كۇلۇپ خۇجايىنىغا نىمە قىلىپ قۇيغان بولغىدى.

ئوسۋاردقۇ ئۈلسۈن،كىچىلىك كۇلۇپ خۇجاينىغا نىمە بوپتۇ.سۇراقتۇ ئۇ دەلتە ئۇ مىنىڭ زۇڭتۇڭىمنى ئۈلتۈرۋەتتى شۇڭا مەن ئۇنى ئۈلتۈردۈم دەپتىمۇ؟؟؟\"\"

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 21:54:02

مەنمۇ بانكىرلارنىڭ چىشىغا تەككەن دەپ ئاڭلىغان.

abdulla78 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-18 22:11:59

ئاجايىپ ئىشلار شۇنداقلا رەزىللىككە تولغان سىياسى ۋەقەلەر

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-11-18 23:22:26

بەزى مەنبەلەردە ، بۇنى ۋال كوچىسىدىكى خەلقارالىق بانكىرلار قىلغان دەپ قارايدىكەنغۇ ؟ چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا كېننىدى زۇڭتۇڭ ئامېرىكا فىدىراتسىيە زاپاس ساقلاش كومۇتىتىنى ( ئامېرىكا مەركىزى بانكىسىنى ) ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشنى پىلان قىلغان ئىكەن .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 13:11:59

لىنكولىنمۇ يېڭى پۇل سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەنمۇ؟ لىنكولىننى قەستلىگۈچى ئارتىسنىڭ جەنۇبلۇقلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدىم دەپ ئىقرار قىلغىنى قانداق ئىش. ياكى ھەقىقىي مۇددىئاسىنى شۇنداق دەپ يوشۇرغانمۇ؟

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 13:21:34

لىنكولىن بىلەن كىننىدى ئىككىلىسى قەستلەپ ئولتۇرۇلگەنمىكىنە ؟!

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 13:34:58

‹‹پۇل ئۇرۇشى›› دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ بېقىڭلار،بۇ كىتاپتا ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرلۈش سەۋەبى پۇل سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىيىلگەن.لېكىن بۇ كىتاپتا ئېلىنغان مەنبەلەرنىڭ ھەممسى دىگۈدەك مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش توردىدىن ئېلىنغاندەك بىر ئىش باركەن.شۇڭا ئىشەنچلىك دەرىجىسىدە گۇمان بار.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 14:28:12

جەمىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن گەپ بىلەن توردىكى ئۇچۇرلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يېزىپ چىققان كىتاپ تولۇق ئىشەنچلىك بولامدۇ سىزنىڭچە؟

مەنچە بۇ كىتاپنى ئوقۇپ قويسا بولىدۇ،بەك ئىشنىپ كەتسە بولمايدۇ.

كىتاپ يازغۇچىنىڭ 2007-يىلدىكى كىرىزسقا بەرگەن باھاسى بىر قىسمىراق،ئادەمنى تازا قايىل قىلالمايدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 14:44:09

ھەممە ئادەمنى دۈشمەن دەپ ئويلاپ بۇنداق قىينالمىساڭلار بولمامدىغاندۇ

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 14:48:31

قارشى پىكىرنى ئاڭلىغاندا قۇيقى چېچى تىك تۇرۇش نۇرمال ئەھۋال،لېكىن باشقىلارنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلاپ باققانغا يەتمەيدۇ.‹‹سىلەر››دىگەن نىمە دىگەن گەپ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 15:01:12

‹‹پۇل ئۇرۇشى››دىگەن كىتاپنى لاڭ شىيەنپىك يازمىغان،بۇ كىتاپنىڭ تۈزگۈچىسى سوڭبىڭ،تۈزگۈچسى دىيىشىمدىكى سەۋەپ كىتاپقا 宋鸿兵 著دەپ ئەمەس بەلكى 宋鸿兵编著 دەپ يېزىلغان.

يەنە بىرسى بەك چوڭقۇر ئويلاپ كېتىپسىز،مەن كىتاپ ئوقۇغاندا ئاپتۇرى ياكى تۈزگۈچىسىگە قاراپ ئەمەس كىتاپنىڭ مەزمۇنىغا قارپ كىتاپقا باھا بېرىمەن. توردىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ كىتاپ يېزىش ئىلىمى بولغان ئۇسۇل ئەمەس .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 15:29:31

مەندە ‹‹كاپىتال››نى ئوقۇپ بېقىش خىيالى پەيدا بولۇپ قالغان بىر چاغلاردا خې شىن ئەپەندىنىڭ ‹‹پىرۋوت نىسپىتىدىكى بوران-چاپقۇن››دىگەن بىر كىتاۋىنى ئوقۇپ قالدىم،بۇ كىتاپتا ‹‹كاپىتال››ئەڭ توغرا نەشرىنىڭ 2004 -يىلى خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان نەشرى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن بۇرۇن نەشىر قىلىنغانلىرىدا ئەسلى نۇسقىسىغا سادىق بولمىغان جايلىرى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.بۇنى بەيدۇلاپ باقسام بەيدۇ قامۇسىدا مۇنداق دەپتۇ:‹‹كاپىتال›› نىڭ 2004-يىلىدىن بۇرۇنقى نۇسقىلىرى روسچە نۇسقىسىدىن تەرجىمە قىلنغان،روسچە نۈسقىسىنىڭ بەزى جايلىرىنى روس بولشىۋىكلىرى ئۆز مەنپەئەتلىرىگە بويسۇندۇرۇپ ئۆزگەرتىۋەتكەن،شۇڭلاشقا بۇرۇنقى نۇسقىلىرى ماركىس يازغان ئەسلى نۇسقىلىرى بىلەن بىردەك ئەمەس.2004- يىلىدىكى نۇسقىسى بولسا گىرمانچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغان،شۇڭا ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ،دىگەندەك گەپلەر،بۇ ئادەمنى ھەيراق قالدۇردىغان بىر گەپ،ئەجىبا،،،،،،،،،،،،،

جاھاندا ئىش جىق،بۇمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى،خې شنىغا ئىشەنمەي ئامالىم يوق،چۈنكى ئۇ ئەشەددى سولچى دەپ قارىلىدىغان بىر ئىقتىسادشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن ماركىس توغرۇلۇق يالغان گەپ قىلىشى مۆمكىن ئەمەس،بەيدۇ تورىمۇ ئۇنڭ بۇسۆزىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم شۇكى مەن ئادەم يازغان كىتاپلارنى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئوقۇيمەن،ھەم ئاسانلىقچە ئىشەنمەيمەن،كىتاپنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسنى،مەنبەلەرنىڭ ئىشەنچلىك مەنبە ئىكەنلىكى قاتارلىقلارغا بەك دىققەت قىلىمەن،شۇڭا بەك چوڭقۇر ئويلاپ كەتمەڭ.ھەممە ئادەم سىزنىڭكىلا راس دەپ تۇرسا جاھاننىڭ مەززىسى قالمايدۇ،كەڭ قورساق بولايلى.

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 18:24:23

كېنىدى ھوللىۋوددىكى داڭلىق كىنو ئارتىسى مونرونى يوشۇرۇن قەسىتلىگەن دېگەن گۇمان ھازىرغىچە مەۋجۇتكەن.

kaltapam يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 18:40:18

\"\"



\"\"



بۇ ئاداشنى ئاتقان گۇيمۇ خېلى مەرگەن نىمىكەن ! ئىككى پاي ئوقنى دەل ئەجەللىك يەرگە ئاتقىنىنى كۆرمەمدىغان .ھەي كۆزى ئۇچۇق كەتكەن كىننىدى ....نى نى ئارزۇ ئۈمىتلىرىڭ،ئارزۇلىرىڭ بار بولغىيدى .

بەت: [1] 2
: ئامىرىكا سابىق زۇڭتۇڭى كېننىدىنىڭ قەسىتكە ئۇچراش جەريانى