zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-18 19:45:51

يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى



يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئەپەندى





پىشقەدەم يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مول ھوسۇللۇق يازغۇ چىلىرىمىزنىڭ بىرى، شۇنداقلا ماھىر رەسسام. ئەپسۇسكى، ئەسىر ئاتلاپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچە بۇ مۆھتىرەم يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ مول ئىجادىيەت مىۋىلىرى ھەققىدە ئومۇمىييۈزلۈك، چوڭقۇر ياكى قىسىمەن بولسىمۇ بىرقەدەر ئەتراپلىق تەھلىل، تەنقد ياكى باھا بېرىلىپ باقمىدى. بېرىلگەن بولسىمۇ، مۇنداقلا ئىسمىنى ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ياكى ئەسەرلىرىنىڭ ئىسمى مىسالغا ئېلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش بىلەنلا بولدى قىلىندى. بۇ گەرچە ئۇيغۇر ئەدەبىيا تىدىكى قىسمەنلىك بولسىمۇ، لېكىن جالالىدىن بەھرامدەك ئەسەرلىرى ھەممىدىن كۆپ نەشر قىلىنغان ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن قىزىغىن ئالقىشلىنىپ، كىتابلىرى تالىشىپ ئوقۇ لىۋاتقان،بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەيلى سان،مەيلى سۈپەت،تېما ۋە بەدىئىيلىك جەھەتلەردىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىشىپ، بارغانچە راۋاجلىنشى ۋە تەرەققىي قىلىپ(گەرچە مەن بۇ تەرەققىياتتىن ئانچە رازى بولمىساممۇ)بۈگۈنكىدەك خېلىلا گۈللەنگەن ھالغا كېلىشىگە تىگىشلىك تۆھپە قوشقان، تىرىشچان، ھارماس، كەمتەر، كىچىك پېئىل يازغۇچىنىڭ ھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ، جالالىدىن بەھرام ۋە شۇ قاتارلىق بىرقىسىم يازغۇچى-شائىرلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا،بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىگى ۋە ئوبزورچىلىق ساھەسى دىققەت نەزىرىنىڭ سىرتىدا قېلىۋاتقانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.




دېمىسىمۇ، خېلى يىللاردىن بېرى نىمجانلىقتىن بېرى كېلەلمەيۋاتقان يىلىگى شورلۇق تەنقەدچىلىگىمىزدىن ئاغرىنغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇ تامامەن پالەچ ھالەتتە ئەمەس ئىدى.ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە ئوبزورچىلىقنىڭ ئۇرۇنۇپ بېقىش، سىناپ بېقىش، تىرىشىش ئىمكانىيتى خېلى كەڭرى ئىدى.شۇنداق ئىكەن، دەل مۇشۇ جالالىدىن بەھرام بۇ ساھەنىڭ ئۇرۇنۇپ بېقىش، سىناپ بېقىش، تىرىشىش نوقتىسى، تەتقىق قىلىپ بېقىش تېمىلىرىنىڭ بىرى بولالايتتى.ھەئە، بىزدە نەچچە زامانلاردىن بېرى نەپسى شىپا ئاقساقال-ھەكىملىر ىمىزنىڭ نەۋرە، چەۋرىلىرىنىڭ قولىدا سارغىيىپ يېتىپ، ئەمدىلىكتە زىمىستاندا ئۆگزىدە قالغان تۇخۇمدەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان، ئەمىلىيەتتە زۇكام بولۇشنىڭ ئالدىدا كىشىنىڭ بۇر نىدىن ساقىيدىغان پوتلىسىنى توختىتىشقىمۇ يارىمايدىغان ئاتالمىش «مەخپىي رېتسىپ»لار خاتىرلەنگەن ئاتالمىش «تىببىي»كىتابلارغا ئېرىنمەي نەچچە ئون بەت كىرىش سۆز، چۈشە ندۈرۈشلەرنى يېزىۋېتىدىغانلار بار.ئادەمنى بىر چۈش كۆرۈپ ئويغانسىلار باي قىلىۋېتىدىغان «بېيىش دەستۇرلىرى»، بالىلىرىمىزنى بۈشۈگىدىلا ئالىم قىلىپ چىقىدىغان«بالىلارنى تەر بىيلەش دەستۇرلىرى» تىرىپ-تۆشەپ يوغان كىتاب قىلىپ چىقىلغا«قامۇس»لارغا ئاجايىپ كاتتا باھالارنى بېرىپ، ئوبزور يازىدىغانلار بار.تېخى كۈچۈك چىشى چۈشمەي تۇرۇپلا كىشىلەر نىڭ ئائىلە، مۇھەببەت، نىكاھ تۇرمۇشىغا، پىسخولوگىيىسىگە، روھىي ساغلاملىقىغا…ئايا للارغا،ئەرلەرگە، چوڭلارغا، كىچىكلەرگە، قېرىلارغا، ياشلارغا…خىلمۇ-خىل دانا مەسلىھەتلەر نى بېرىپ،ئارتۇق-كەم ئەمەس،دەل 101دىن ياكى نەچچىنى يازالىسا شۇنچىدىن مەسلىھە تلەرنى بېرىپ يۈرۈشلۈك كىتاپلارنى يېزىۋاتقانلاربار.دېمەك،بىزدە باھالىغۇچىلار، باھا بەرگۈ چىلەر،تونۇشتۇرغۇچىلار كەم ئەمەس. ئەدەبىي تەنقد،ئوبزورچىلىقنىڭ نوپۇزلۇ قلىرىغۇ مەيلى، ھېچ بولمىسا،ئاشۇ «باھالىغۇچى»، «تونۇشتۇر غۇچى»لاربولسىمۇ ئەدەبىياتقا،جۈملىدىن جالالىدىن بەھرام ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە نەزىرىنى ئاغۇرۇپ باقسا بولاتتى. مېنىڭ قايناپ قېلىشىم دەل مۇشۇ نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ قويماسلىقاتا. جالالىدىن بەھرامنىڭ تەنقىدچىلەر، ئوبزورچىلار،باھالىغۇچىلار ھەم «بازارغا يۈز لىنىش»شامىلى كۆتۈرلۈش بىلەن بىردىنلا «ئونۋ ېرسال»لىشىپ،يەنىلا شۇئەدەبىيات ئارقىلىق جان بېقىۋاتقان مەتبۇئاتلىرىمىزنىڭ دىققىتىنىڭ سىرتىدا قېلىۋاتقا نلىقىدا…بولمىسا، ئوبدان دىققەت قىلسا، بىر قىسىم كىشىلەر جالالىدىن بەھرام ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، باھالاپ، ھېچ بولمىسا تەنقىدلەپ يۈرۈپ بولسىمۇ،ئۆز تالانتىنى جارىي قىلدۇرالايتتى، بۇ ئارقىلىق ئەدەبىياتنى چوخچىلاپ جېنىنى باقالايتتى.





جالالىدىن بەھرام ئەپەندى ئۇقۇرمەنلىرىگە


سۆز قىلماقتا




ئۇنداقتا،جالالىدىن بەھرام قانچىلىك يازغۇچى، ئۇ يېزىقچىلىققا يېڭىلا كىرىشكەنمۇ؟ ياق.



يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963-يىلى، ئۇ 21 ياش ۋاقتىدا رەسمىي باشلانغان.شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ ئون پارچە ھېكايە، پوھېستلار توپلىمى(10كىتاب)،14رومان (21 كىتاب)، 16 تېلىۋېزىيە فىلىمى(ھەممىسى فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن)، جەمئىي 29 كىتاب، 16تېلېۋېزىيە سىنارىيىسى يازغان.بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئوۋچىلىرى»، «موللا مۇسا سايرامى»، «فارابى»…قاتارلىق نەچچە ئون پارچە نادىر رەسىملەرنى سىزغان. «ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە، شىبەچە500 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى لاھىيلىگەن ۋە مىڭلىغان قىستۇرما سۈرەت، كۆنچىك،نەقىشلەرنى ئىشلىگەن»(شىنجاڭ يازغۇچىلىرى مەجمۇئەسى»2006-يىللىق 1-سان).ئۇنىڭ «ماناس»داستانىنىڭ مۇقاۋىسى قاتارلىق بىر قانچە رەسىم ئەسىرى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن،«ئانا مېھرى»ناملىق ھېكايىسى 11-نۆۋەتلىك«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئېرىشكەن، بىرقانچە پارچە ئەسىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.دېمەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇنچىلىك كۆپ ئىجادىيەت نەتىجىلىرىگە ئېرىشەلىگەنلەر قانچىلىك؟ ھازىرغىچە 31پارچە كىتاپ چىقىرالىغان يازغۇچىلار قانچىلىك؟ بەلكىم بىزنىڭ نەچچە ئون مىڭ پارچە شېئىر يازغان شائىرلىرىمىز، دۇنياۋىي مەشھۇر تېمىلارنى تەتقىق قىلىپ نەچچە يۈز پارچە ماقالە يازغان ئالىملىرىمىز باردۇر، بىراق بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ پىروزا ژانىرى بويىچە بۇنچىلىك كۆپ قەلەم تەۋرەتكەن، يېزىش سۈرئىتى پەۋقۇلئاددە تېز،بولۇپمۇ رومان ئىجادىيتىدە 21كىتاب يازغان يازغۇچى مېنىڭ بىلىشىمچە تېخى يوق. گەرچە ئۇ تېخى قانداقتۇر بىر ئۇسلۇپ، ئېقىملارغا ۋەكىل بولۇپ ئوتتۇرغا چىقارمىغان بولسىمۇ،لېكىن ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي سەۋىيىسى، بولۇپمۇ ھېكايە قۇراشتۇرۇش، ئوبراز يارتىش، تىل ئىشلىتىش جەھەتلەردىمۇ خېلى يۇقۇرى سەۋىيە ياراتقان. ناۋادا، جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى كۆپ بولغان بىلەن سۈپىتى تۆۋەن دىيىلىپ قالسىمۇ، ئاشۇ تۆۋەنلىكنى تەرەببال تارتىپ چىقالمايمىز.مانا بۇلار ئىجادىيەت ئەمەسمۇ؟ مانا بۇلار تەھلىل، تەنقىد، باھالاش تەتقىق قىلىشقا ئەرزىمەمدۇ؟!






جالالىدىن بەھرام قەلىمى پىشمىغان يازغۇچىمۇ؟ ياق.



ياش قۇرامى جەھەتتىن ئالغاندا ئۇ ئاللىقاچان 70 لەرگە تاقاپ قالدى، دېمەك، ئۇ ئاللىقا چان پىشقە دەملەر سېپىگە ئۆتتى.ئەمىلىيەتتىمۇ،بىزدە جالالىدىن بەھرام بىلەن تەڭ قوراملىق ئەدىپلەر ساناقلىقلا قالدى.شۇنداق ئىكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ،ئەدەبىي تەنقىد چىلىك ساھەسى ئۇنىڭغا خېلى بۇرۇنلا دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى.بۇ بىزنىڭ جالالىدىن بەھرام قاتارلىق پىشقەدەم يازغۇچىلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە تەنقىد قارىشىمىزدىكى ئېغىر نۇقسان.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ نۇمۇسى.



جالالىدىن بەھرامنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، بىز ئۇنى كامالەتكە يەتتى، دېيەلمىسەكمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەلىمى تولۇق پىشىپ-يىتىلدى، دىيەلەيمىز.دېمەكچى مەنكى ئۇ تۈرلۈك تېمىلاردىكى تەسىرات، ھېسسىي بايان، تەجربە تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرىنى يېزىپ،گېزىت-ژورناللاردا پات-پات كۆرۈنۈپ تۇرمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ساپ بەدىئىي ئىجاد ىيەت، بولۇپمۇ پىروزىنىڭ ھېكايە، پوۋېست، رومان تۈرلىرى بويچە توختىماي قەلەم تەۋرەتتى. قارىغاندا ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئېنىرگىيىسى خورايدىغاندەك ئەمەس.شۇڭا ئۇنىڭ يېڭى ئەسىر نىڭ بېشىدىن باشلاپقى ئىجادىيەت سۈرئىتى پەۋقۇلئاددە تېز بولدى. قارايدىغان بولساق، ئۇ 1999-يىلىلا تۆت رومان، بىر پوۋېسىت-ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشردىن چىقاردى.(گەرچە شۇ يىلى يازغان ئەسەر شۇ يىلىلا نەشردىن چىقمايدىغان بولسىمۇ)، 2000-يىلىغا كەلگەندە بىر ھېكايىلەر توپلىمى، ئىككى تاللانما ئەسەرلەر توپلىمى، بىر پارچە روماننى نەشردىن چىقاردى. 2004-يىلى بىر رومان(ناتىۋانلار)، 2005-يىلى بىر رومان (كۆمۈرچى بالا)بولۇپ يىلىغا بىردىن روماننى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ 16 تېلىۋېزىيە فىلىمى سىنارىيىسىمۇ مۇشۇ 2-3يىلدا يېزىلىپ، ھەممىسى فىلىم قىلىپ ئىشلەندى. 2006-يىلى بولسا، ئۇنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىدىكى يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل بولدى.بۇ يىلدا ئۇ «ئامەت ۋە ئاپەت»(ئىككى قىسىملىق رومان)نى نەشردىن چىقاردى، «ئالماس ئارتىشى»(ئىككى قىسىملىق رومان)نى نەشرگە تاپشۇردى.2007-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئۈچ رومان (بەش كىتاب)نى بىزگە تەقدىم قىلدى. 2010-يىلىغا كەلگەندە يەنە بىراقلا ئىككى رومان يېزىپ(بۇنىڭ بىرى تارىخىي رومان دىيىشكە بولىدۇ)بىزگە يىلىغا بىردىن رومان تەقدىم قىلىپ كەلمەكتە.دېمەك،بۇ يىللاردا ئۇنىڭ ئىجادىيەت تۇلپارى خۇددى دۇلدۇلدەك چاپتى. بۇ يىللاردا ئۇ،خۇددى ئابدۇقادىرجالالىدىن بىر نەچچە يىل ئاۋال «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پىروزىغا قاندىمۇ؟»ناملىق ماقالىسىدە ئېيتقىنىدەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى پىروزىغا قاندۇرۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تەر ئاققۇزدى.ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىمۇ«گىراف مونتې كىرستوف»، «تېنىچ دون »،«ئۇرۇش ۋە تېنىچلىق»، «مەمەت ئاۋاق»، «سۇبويىدا»، «قىزىل راۋاتىكى چۈش»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»…گە ئوخشاش نەچچە توملۇق ئەسەرلەرنى ئوقۇيالا يدىغان بولدى.بەلكى قىزىقىپ ئوقىدى ھەم ئوقۇۋاتىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ ھەر ساھە تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەر.ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقى تېخى پىروزىغا قانمىدى.بىز كەلگۈسىدە مۇشۇنىڭدەك تالاي پىروزا ئەسەر لىرىگە، تالاي جالالىدىن بەھراملارغا مۇھتاج…



ئەمدى يەنە، جالالىدىن بەھرام ئەسەرلىرىگە قىسقىچە كۆز يۈگۈرتۈپ باقىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەيلى سان، مەيلى سۈپەت جەھەتتىن بولمىسۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىجادىي ئەسەرلەر فوندىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.بۇ قولاقنى يۇپۇرۋالغىلى،ئۆزىمىزنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان ئەمىلىيەت. تېخىمۇ كونكىرتنى قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ مەيلى ھېكايە، پوۋېسىت، رومان ۋە تېلېۋېزىيە سىنارىيىلىرى بولمىسۇن، ئەسەرلەرنىڭ تېمىسى كۆپ خىل،جانلىق، ئاساسەن رىئالنى تېمىلارغا بېغىشلانغان.ئەسەرلىرىنىڭ سىيۇژىتى سېترولۇق، پىرسۇناژلىرى جەلىپكار،خاراكېرلار رەڭگارەڭ ۋە ئىنچىكە، جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا مەنسۇپ بولغان ئوبرازلار يارتىلغان بۇلۇپ، بۇلار ئىنتايىن جانلىق، خاراكتېرى چوڭقۇر،بۇ ئەسەرلەرگە ئىشلىتىلگەن تىلدا يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ ئۆزىگە خاس تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا،ئۇ ئىجادىيەتتە نەزىرىنى بۈگۈ نگە، ھازىرغا قارىتىشتەك ئۇسلۇپ يۆلىنىشىنى شەكىللەندۈرگەن.








ئەدەبىيات ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەھلىل، تەنقىد، باھالار، دېمەكچى؛ ئالدى بىلەن يازغۇچىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە بولىشى كېرەك.بۇ نوقتىدا جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ چىقىشقا بولىدۇ.مەسىلەن؛ «قامغاق»،«قەبرە بېشىدىكى چۈش»، «قاچقۇن»، «دانۇر تاغا»قاتارلىق نادىر پوۋ ېسىتلارنى دېمەيلا قويايلى، پەقەت«مېھرى گىيا»روماندىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوبرازى بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىلەرنىڭ دىل تارىنى چېكىدۇ.«لېيىغان بۇلاق»ناملىق ئومۇمىي ماۋزۇ ئاستىدىكى 6توملۇق روماندىكى ھېكمەت، كامىل، گۈلزىبالار ھەم بۇ روماندىكى سىيۇژىتقا ئاساس بولغان ۋەقەلىك ئىپزوتلىرى«مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت ئاشۇ قىزىل تېرورلۇق ھۆكۈم سۈرگەن يىللارنى بېشىدىن كەچۈرگەن، بىزنىڭ ئەڭ قەدىردان كىشىلىرىمىز بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاشۇ بىر دەۋىر كىشىلىرىنىڭ يۈرەك تارلىرىنى چېكىپ، كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش ئاققۇزىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ رومان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئارسالدىلىق دەۋىر ھەم شۇ دەۋىر كىشىلىرى تېمىسىدا يۈرەكلىك ھالدا ئەڭ كەڭ توختالغان ئەسەر.«لېيىغان بولاق»رومانىنى،ئىلىمىز، جۈملىدىن خەنزۇ ئەدەبىياتىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»تېمىسىنىڭ «جاراھەت ئەدەبىياتى»…دېگەندەك ناملار بىلەن ئاللىقاچان بىر ئەدەبىي ئېقىم بولۇپ شەكىللەنگە نلىكىگە قارىماي، بىزنىڭ«مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نى تارىخ،تەرجىمھال ۋە سىياسىي نەزىرىيە كىتابلىرىدىن ئەمەس، بەلكى بەدىئىي ئەدەبىيات يۈزىدە چۈشىنىۋېلىشىمىزدىكى ئەڭ تولۇق، ئەڭ جانلىق ماتېرىيال دىيىشكە بولىدۇ. ھەجىم جەھەتتىن «لېيىغان بۇلاق»رومانى ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىمىزدا ھازىر غىچىلىك ئۈچ تومدىن ئېشىپ كەتكەن رومانلارنىڭ تۇنجىسى بولىشى مۇمكىن.




ئۇنىڭدىن باشقا يەنە،«ناتىۋانلار»،«كۆمۈرچى بالا»،«تەكلىماكان ئوغلى»،«ھايات قىسمىتى»،«ئەقىللىق قىز»، «كونا قاپقان »قاتارلىق رومانلار بولسا،بۈگۈنكى زامانىمىزدىكى ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىق،دوستلۇق، مۇھەببەت، ساداقەت، ۋىجدان، دىيانەت، ئادالەت ۋە ئاداۋەت، سەمىمىيلىك،ئەپۇ، ئېتىقاد، ئىلىم-بىلىم تېمىلىرىغا بېغىشلانغان، ھەممە كىشىنىڭ ئوقۇشىغا باپ كېلىدىغان،تىلى تاتلىق ھەم راۋان، ۋەقەلىكلەردىكى زىددىيەت-توقۇنۇشلار ئۆتكۈر ۋە جەلىپكار، پۈتكۈل ھاياتتا كىشىلەرنى ئىزگۈلۈك، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ۋاپا، سادا قەت، ئېتىقاد بىلەن ياشاشقا ئۈندەيدىغان ئاكتىۋال تېمىلاردا، دەۋىر روھى كەڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئاممىباپ رومانلاردۇر.«ئامەت ۋە ئاپەت»ناملىق ئىككى قسىملىق رومان بولسا، بۈگۈنكى زامانىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاپەت، ۋەھشىي بالا-قازا ھىساپلىنىدىغان زەھەردىن ئىبارەت بۇ رەزىل نەرسىگە خۇمار بولۇپ قالغان بىر ياشنىڭ سەرگۈزەشتلىرى تەسىۋرلەنگەن، پۇل، مۇھەببەت، سودا، قېرىنداشلىق ۋە مېھرى-مۇھەببەت بىزنىڭ ھازىرىمىزغا، بۈگۈنىمىزگە قويۇپ يۇرۇتۇپ بېرىلگەن، بۈگۈنكى زاماندىكى ئەڭ ئۆتكۈر تېمىغا بېغىشلانغان رومان.








بۇ روماننى ئوقۇغان كىشى ئاشۇ ئەسلىدىنلا شوخ، تېتىك، ئەقىللىق بالا قەدىردان بىلەن بىللە ھايات قايناملىرىغا تەڭ چۆكۈپ، پۇل ۋە بايلىقنىڭ لەززىتىنى بىللە سۈرۈپ، زەھەر خۇمارىنىڭ چىدىغۇسىز ئازاپلىرىدا بىللە تولغانغاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ. دېمەك، بۇ رومانمۇ بۈگۈنكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ زەھەر خۇمارى بولۇپ، ھاياتىنى نابۇت قىلىپ، ئاتا-ئانا،ئۇرۇق-تۇققان، قەۋم-قېرىنداشلىرىنى خانىۋەيران بولىۋاتقانلىقىدەك ئەڭ ئۆتكۈر، ئەڭ ۋەھىيمىلىك تېمىنى كەڭ يۇرۇتۇپ بەرگەن رومانلارنىڭ تۇنجىسى ھىساپلىنىدۇ. مەلۇم بولىشىچە،بىز پات ئارىدا ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولىدىغان «ئالماس ئارتىشى»ناملىق رومانمۇ،بۈگۈنكى زامانىمىزدىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق،پىشقەدەم تەرجىمانىمىز توختى باقى ئارتىشى ئاكىنىڭ ھاياتى بىئوگرافىيىسىگە بېغىشلانغان رومان ئىكەن.دېمەك، بۇمۇ ھازىر تېخى ئارمىزدا بار بولغان مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالىغا بېغىشلانغان چوڭ ھەجىملىك رومانلارنىڭ تۇنجىسى بولۇپ قالغۇسى.ئۇنىڭدىن باشقا جالالىدىن بەھرامنىڭ يەنە بىزگە تەقدىم قىلماقچى بولغان قانداق ئەسەر لىرى،قانداق ئىجادىيەت پىلانلىرى بار، بۇ مۆھتىرەم يازغۇچىمىزنىڭ زېھنى كامالىتى ۋە ئۆمۈر سائىتىگە باغلىق.




مېنىڭچە،يازغۇچى دېگەن بۇ نام تولىمۇ شەھەرەپلىك، ئۇلۇغ ھەم خەۋىپلىك نام. ئۇ ۋىجدان، بۇرۇچ، ۋەزىپە، ئەڭ مۇھىمى تۈگىمەس جاپا-مۇشاقەت، سولماس روھتىن دېرەك بېرىدۇ.قاراپ باقساق بىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىمىز ئىچىدە خەلقىمىز نامىنى ئۇلۇغلاپ، قەدىرلەپ كۆككە كۆتۈرمىگەن، ئاندىن يەنە ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈر قەلىمىنىڭ ئۇچىدىن نېرى بارمىغان بارماقلىرىدىكى مەڭگۈ ئۆسمەيدىغان تىرناقلىرى ئاستىدىن كىر ئىزدەپ، ئۇنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى،ئۆمۈر تارىخى،كىشىلىك تۇرمۇشى،گەپ-سۆز،ھەركەت قىلىقلىر ىغىچە خىلمۇ-خىل گەپ، سۆز -چۆچەك تېپىپ، بەدنام، شانائەتلەرنى چاپلاپ،ئۇنداق ياكى مۇنداق دىيىلمىگىنى يوق ئىكەن.جالالىدىن بەھراممۇ بەلكىم بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇ، لېكىن مەن ھازىرغىچە ئۇنىڭ پەقەت؛«يېقىندا نەشر قىلىنغان ئىككى رومانىنى كىتاب سودىگەر لىرىگە سېتىپ بېرىپ ياخشى قىلمىدى، شۇڭا ئۇنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتتى»دېگەندىن باشقا، پۇلغا، ھاراققا، ھوقۇققا،خوتۇنغا بېرىلگەن يازغۇچى…دېگندەك بىمەززە، لاۋزا، يوقىلاڭ گەپلەرنىمۇ ئاڭلىمىدىم.بۇ تەرەپلەر دىنمۇ جالالىدىن بەھرام ئۆزىنى پاكىز تۇتۇپ كەلگەن يازغۇچى دەپ قارايمەن.


دېمەك،جالالىدىن بەھرام بىز بىلىپ بېقىشقا تىگىشلىك يازغۇچى، ئەسەرلىرىنى بىر ئوقۇپ باققۇچىلىكى بار يازغۇچى، ئەسەرلىرى ئۈستىدە خېلى تۇتامغا چىققۇدەك باھالاش ئېلىپ بېرىپ، خېلى چوڭقۇر تەنقىد، تەتقىقات قىلغىلى بولىدىغان يازغۇچى…






مەن شائىر،يازغۇچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى رەت،تەرتىپكە تۇرغۇزۇشنى تازا ئادىل بولمىغان ئىش دەپ قارايمەن.شۇڭا مەن«ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا جالالىدىن بەھرامنىڭ ئورنى»دېگەندەئۇنى ئەدەبىياتىمىز سەھنىسىنىڭ ئالدىقنى ياكى كېيىنكى رەتلىرىگە ئولتۇرغۇزۇشنى، باشقىلارنىڭمۇ ئۇنىڭ قايەردە تۇرۇشىنى بىكىتشكە ياردەم قىلىشىنى ئويلىمىدىم.پەقەت، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ،بولۇپمۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ساھەسىنىڭ جالالىدىن بەھرام ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلدىم.بۇ يازغۇچى، شائىرلىرىمىز ئۈچۈن نەچچە ئايلىق كۇرۇسلاردىنمۇ ئۈنۈملۈك تەربىيلەش ئۇسۇلى بولالايتتى، دەپ ئويلىدىم. قېنى جالالىدىن بەھرامنىڭ ئورنى ئەدەبىياتنى چىن يۈرىگىدىن سۆيىدىغان پاك قەلىپ كىشىلىرىمىز ئادىل تارازىنىڭ قايسى يېرىدە تۇرىدىكىن؟!…



يۇقارقى ماقالىنىڭ ئاپتۇرى تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار.


بۇ تىما "ئوغۇز"بىلوگىدىن ئېلىندى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 09:24:26

ناچار يازما

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 09:44:34

1- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناچار يازما



شۇنداقمۇ ؟ \"\" ئەمىسە مەزكۇر تىمىغا كۆپىرەك \"ناچار\"نى بېسىپ بېرەرسىز \"\"ئىزدىنىشقا يوللىغان تىممللىرىم \"ناچار\"باھالىنىۋېرىپ يۈزۈممۇ قېلىن بۇلۇپ كەتتى ! \"\"

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 10:17:00

ياخشى يازمىكەن

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 10:36:42

مۇشۇ يازغۇچىمىزنىڭ كۆمۈرچى بالىسىدىن كىيىنلا ئەسەرلىرىنى ئوقۇماس بولدۇم...  {:136:}

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 10:39:13

غاجاش نۆۋىتى جالالىدىن بەھرامغا كەپتۇ-دە.

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 10:50:12

لېكىن ئامەت ۋە ئاپەت نى غەزەپ يېزىپ قوياپتىكەن......

yatwash يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 10:50:14

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئەستايىدىل ئەدەبىياتتىن بىزار قىلىپ، كۆپرەك ئەخلەت تۆكۈش بىلەن شۇغۇللانغان يازغۇچى..... بۇنداق يازغۇچىلارنىڭ بازار تېپىشى ئەدەبىياتنىڭ پاجىئەسى ئىكەنلىكىنى ھامان بىر كۈنى ھېس قىلىپ قالۇرمىز....

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 10:55:08

ئۈستىدىكى قۇرۇق گەپ قىلغانلار  قۇرۇق گەپ قىلىپ خەقنى غاجىماي ئۆزەڭلار بىر يېزىپ بىقىڭلار



يازالمىسڭلار ئابلىكىم كەلكۈننىڭ كۆكۈيۈن نىڭ ئىتوتنى كۆرۈڭلار....

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 11:08:53

ماۋۇ تورداشنىڭ ئايالى تاماقنى ياخشى ئىتەلمىسە پەرتۇقنى ئۆزى تارتىدىغان ئوخشايدۇ.

function يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 11:16:27

مەن يۈزگە يېقىن رومان ئوقۇغان بولساممۇ مەزكۇر يازغۇچىنىڭ رومانىدىن بىرنىمۇ ئوقۇپ باقماپتىمەن، بۇ مېنىڭ مەزكۇر يازغۇچىنى ياكى مەزكۇر يازغۇچىنىڭ رومانلىرىنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىمدىن ئەمەس، ئىشقىلىپ نىمىشقىكىن ئوقۇمىدىم. شۇنچە جىق رومان يازغان يازغۇچىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق تىللاش كۆرەلمەسلكىتىن باشقا نېم ئەمەس، مەزكۇر يازغۇچىنى غاجاپ-تىللاپ ئۈلگۈرگەن يۇقارقى غاچاقچىلارنىڭ ئىچىدىن توڭگۇز قاترايدىغانلىقى ئېنىقلا چىقىپ تۇرىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 11:41:42

مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇيدىغان كىتاپ يوق «يېرىم كېچىدە چىللىغان توخۇ»، «قىزىل قىيا» دېگەندەك كىتاپلارنى ئوقۇپ يۈرگەن.

ئامەت ۋە ئاپەت، لېيىغان بۇلاق دېگەن كىتاپلارنى ئوقۇتقۇچى، شوپۇر، شۇجى، ئوقۇغۇچى، دېھقان، موزدوز، ساتىراچ، تىجارەتچى.... دېگەندەك ھەر قايسى ساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇغۇننى، ئەتىۋارلاپ ساقلىغىننى كۆردۈم.

ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەت ئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، جالالىدىن بەھرام قاتارلىق يازغۇچىلار مويەندەك «ئۇلۇغ» يازغۇچى بولمىسىمۇ ئۇيغۇرنىڭ يازغۇچىلىرى. مۇشۇنداق غاجاۋەرسەك بالىلىرىمىز، نەۋرىلىمىرىز ئوقۇيدىغانغا ئۇيغۇرچە كىتاب تاپالمايدۇ. ئۆزىنىڭ يازغۇچى شائىرلىرىنى تىللاش ئۆتۈپ كەتكەن پەسكەشلىك.

sujup يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 11:45:36

كىتاپلىرىنى ئوقوغانلار بولساڭلار ماڭا دەپ بىرىڭلار ئەڭ ياخشى رۇمانى زادى قايسى ؟ مەن شۇنىڭدىن باشلاپ بىر ئوقۇپ باقاي . دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر دىگەن نام بويىچە كىتاپ ئوقۇپ ئۈگۈنۈپ قاپتىكەنمەن ، بۇ كىشىنىڭ ھازىرغىچە رۇمانلىرىنى ئوقۇپ باقمىدىم . يىزىش سۈرئىتىنىڭ تىزلىگى مىنى ئىزچىل گۇمانغا سىلىپ كەلگەچكە شۇڭا ئوقۇپ باقمىغان بولسام كىرەك .



مەن ياخشى كۆرىدىغان ياخشى يازغۇچى



1- ئابلا ئەخمىدى

2 - نۇرمۇھەممەت توختى

3- ئابدۇللا ساۋۇت



مەن ئەسىرىنى ئوقۇپ باققان يازغۇچىلار ۋە ياخشى يازغۇچى دەپ سانايدىغانلىرىم مۇشۇ ئىكەن . ئەمما ئابلا ئەخمىدى دىگەن يازغۇچىنى تەڭداشسىز تالانىتلىك يازغۇچى دىسە بۇلىدۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە . ئۇ كېشىنىڭ ھىكايە پوۋسىتلىرى . رۇمانلىرى ئاجايىپ ئېسىل ، ئابلا ئەخمىدىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى قەشقەرنى ۋە ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرىنىڭ خارەكىتىرىنى . ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىگىنى ھەقىقى بىر چۈشىنەي دىسڭىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بېقىڭ . يىشى سەكسەنگە كىرىپمۇ يەنە كىچە كىچىلەپ ئىجادىيەت قىلىش ھەممە يازغۇچىغا نىسىپ بۇلىۋەرمەيدۇ . تۇرسۇنجان بەگيار ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىمۇ بىر نەردە دەپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .


temsilci يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 12:46:28

10- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ تورداشنىڭ ئايالى تاماقنى ياخشى ئىتەلمىسە پەرتۇقنى ئۆزى تارتىدىغان ئوخشايدۇ.



تورداش تادۇبەگ،شۇنداق كىشىلەر باركى تويۇمسۇزلۇقى،مۈشۈك خاراكتېرىنى ئالغانلىقى سەۋەپلىك ئايالىنىڭ ئوخشىغان تامىقىنىمۇ ئوخشىماپتۇ دېيىشكە تىلى ھەم بارىدۇ،بۇ ھالدا پەرتۇقنى كېلىشتۈرەلمىسىمۇ تارتماقتىن باشقا نەچارە؟چۈنكى ھالال تاماققا كۇفرىلىق قىلىدىغانلارغا ئۆزىنىڭ ھارامخورلۇقىدىن باشقا ھېچنەرسە لەززەت بېرەلمەيدۇ ئەمەسمۇ؟!


Marshal يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 13:56:33

يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ رومانلىرى ئۇيغۇر كىتابخانىلىرىدا باس-باس سېتىلۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە باھا بېرىشتە بەزى تورداشلار ئىنكاس يازغاندا ناچار دەپ باھا بېرىپتۇ.

يازغۇچى جالالىدىن بەھرام تۇرمۇش چىنلىقىغا چۆككەن،رېئال دۇنيادىكى ئۈزۈندىلەرنى توپلاپ ئۆزىنىڭ قەلەم كۈچىگە تايىنىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ كېلىۋاتقان ياخشى يازغۇچىلارنىڭ بىرى.يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ ‹‹لېيىغان بۇلاق››دېگەن كۆپ قىسىملىق رومانى نەشىردىن چىققاندىن كېيىن ئوقۇش قىزغىنلىقى تاكى ھازىرغا كەلگۈچە تۈگەپ قالغىنى يوق.

‹‹ئامەت ۋە ئاپەت ››روماننىڭ ئىككىنجى قىسمىنىڭ قانداق نەشىر قىلىنىپ قالغىننى كۆپ كىشىلىرىمىز بىلمەيدۇ.‹‹ئامەت ۋە ئاپەت››رومانىنىڭ 2-قىسمىنى يازغۇچى پەقەت بىرلا قېتىم يېزىپ قايتا كۆرۈپ چىقىشقا ئىمكانىيەت بولمىغان.نەشرىياتتىكى خادىملار ئۇ كىتاب پۈتمەي تۇرۇپلا نەشىر قىلىمىز دەپ جالالىدىن بەھرام ئاكىمىزنىڭ ئۆيىدىن ئۇنمىغىنىغا قارىماي ئەچىقىپ كېتىپ نەشىر قىلغان.گەرچە،روماننىڭ 2-قىسمى بىر قېتىمدىلا يېزىپ چىقىلغان،قايتا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىلمىغان رومان بولسىمۇ ياخشى چىقانلىقى ئۇيغۇر كىتابخانىلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ.

مەنچە،يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ياخشى يازغۇچى.ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېردىغانلارمۇ كېلىدۇ.يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ھازىر ئەھەت تۇردى،ھاجى مىرزاھىد كېرىمى،نۇرمۇھەممەت توختى... قاتارلىق ئوخشاش زامانداشلار بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەرنى تەقدىم ئەتكەن،بىز قەدرىنى قىلىشقا تېگىشلىك بولغان پىشقەدەم يازغۇچىلارنىڭ بىرى دەپ قارايمەن.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 14:01:39

يالقۇنغا بىر ئوبزور يازدۇرۇڭلار!!!!پىكرىڭلار بىر يەردىن چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس \"\" \"\" \"\" \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 14:11:02

جالالىدىن بەھرام قەلىمى پىشمىغان يازغۇچىمۇ؟ ياق.

ياش قۇرامى جەھەتتىن ئالغاندا ئۇ ئاللىقاچان 70 لەرگە تاقاپ قالدى، دېمەك، ئۇ ئاللىقا چان پىشقە دەملەر سېپىگە ئۆتتى.ئەمىلىيەتتىمۇ،بىزدە جالالىدىن بەھرام بىلەن تەڭ قوراملىق ئەدىپلەر ساناقلىقلا قالدى.شۇنداق ئىكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ،ئەدەبىي تەنقىد چىلىك ساھەسى ئۇنىڭغا خېلى بۇرۇنلا دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى.بۇ بىزنىڭ جالالىدىن بەھرام قاتارلىق پىشقەدەم يازغۇچىلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە تەنقىد قارىشىمىزدىكى ئېغىر نۇقسان.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ نۇمۇسى.



===============

خوشاقمىغاندەك ئوقۇپ كىلىپ مۇشۇ يېرىگە كەلگەندە كۈلىۋېتىپتىمەن

ھەي.....

تالماسنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن \"\"



بۇ ئادەمنىڭ بىرمۇ ئەسىرىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 15:47:53

مەنمۇ بۇ كىشىنىڭ بىرەر ئەسىرىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن. مەكتەپتىكى ۋاقىتتا كىتاپ ساتقان ئىدىم. جىق باللا كىلىپلا:«جالالىدىن بەھرامنىڭ ‹لىيىغان بۇلاق› دىگەن كىتاۋى بارمۇ؟|»، دەيدۇ. سۈرۈشتۈرسەم بۇ كىتاپ كىتاپخانلاردا يوقمىش، چەكلىنىپتىمىش. ئىچكىرلەپ سۈرۈشتۈرۈپ بۇ كىتاپنىڭ يەرلىك باسمىخانىلاردا بېسىلغىنىنى تاپتىم. ئالتە قىسىمنى توپقا 180 سومدىن ئېلىپ 300 دىن سېتىۋەردىم. خېلى جىق سېتىلدى. مۇشۇ روماندىنلا 2000 سومدەك پايدا ئاپتىكەنمەن. \"\"

خەق نىمانچە ئامراقتۇ بۇ رومانغا دەپ پىشكە ئوقۇپ باقسام ساپلا تۇرمۇشنىڭ گەپلىرى باردەك ھىس قىلىپ ئاخىرىنى ئوقۇش خوش ياقمىدى. تارىخ تەسۋىرلەنگەن بولسا ئوقۇپ باقاتتىم. \"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 16:40:23

قوي-كالىلارنىڭ جاللىتى بۇرادەر لېيىغان بۇلاقنى ئوقۇپ قويۇڭلار. مەدەنىيەت ئىنقىلابىمۇ تارىخقا كىردىغاندۇ؟ شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ قورال تارقىتىپ، بىر مەھەللە بىلەن يەنە بىر مەھەللىنىڭ ئادەملىرىنىڭ AK47 دە ئېتىشقان ئىشلىرى خېلى تەپسىلى چىقىدۇ. شۇغۇنىسى ھەجىمى سەل چوڭ. ئەسلى يەتتە كىتاپتىكى مەزمۇن ئۈچ كىتاپقا پېتىپ كېتەتتىكەن، سىلىمۇ گۆش جىڭلىغاندا كىلوغا توشمىغان يېرىگە جىگەردىن ئازراق، ياغدىن ئازراق تاشلاپ قويغاندەك ئىش. مەمەت ئاۋاقنىڭ تۆتىنجى بۆلۈمىدىكى گەپلەرنىڭ كۆپلىكىدىن زېرىكىپ ئوقۇپ بولالمىدىم، ئۇنىڭغا قارىغاندا لېيىغان بۇلاق زېرىكتۈرمەيدۇ.


كىتاپ سېتىپ، كىتاپنى ئوقۇمىغىنىڭلىغا قارىغاندا مەن قاسساپ دەپ يۈرگەن بىلەن گۆشىنىمۇ تۈزۈك يېمەيدىغان ئوخشايسىلە \"\"

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 16:53:11

ما گەپ كەپتۇ ھە \"\"
بەت: [1] 2 3 4
: يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى