amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 21:30:30

يانفوندىن ياردەم

samsung i959 تېلگىراف نۇسخسىدىن بىرنى ئىشلىتىۋاتقان،بېسىپ باقاي روتلاپ كەتمەس دەپ،جىنسەننىڭ بىر كۇنۇپكا بىلەن رۇتلاش دىگەن كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ساپتىمەن،يېڭى تېلىفون روتلىنىپ قاپتۇ.

بىلمەكچى بولغىنىم:روتلاش دىگەن نىمە،روتلىسا قانداق زىيان پايدىسى بار،روتلىغان تېلىفوننى ئىشلەتكەندە نىمىگە دىققەت قىلىمىز؟

بۇ بىرنىمە ئۇيغۇرچىنى تونۇيدىكەن،ئەمما خەت چىرايلىق ئەمەسكەن،فونت قاچىلىيالمىدىم.ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنى قاچىلىسام،كىرگۈزۈش نورمال ئەمەس،بىر قېتىم نورمال بولغاندەك قىلاتتى،بىرنەچچە قېتىم قايتا قوزغاپ ئىشلىتىش جەريانىدا،يەنە بۇزۇلۇپ كەتتى.

سوئالىم:مۇشۇ بىرنىمىگە ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىدىغان،نورمال كىرگۈزگىلى بولىدىغان ياخشى ئۇسۇلنى تۇنۇشتۇرۇپ بەرسەڭلار.

بۇ بىرنىمىگە 360،جىنسەن،LBE,公信卫士 دىگەندەك بىرنىمىلەرنى ئىشلەتتىم،ئەمما زادى قايسىسى مۇۋاپىق يەنىلا بىلەلمىدىم.ئاۋۇ گوڭشىنۋېيشى دىگىنى تېلىفون زاۋۇت تەرەپ تەمىنلىگىنىكەن.ئاساسلىغى مەخپىيەتلىكنى ساقلاشتا قايسىسى ياخشى،قايسىسى سېستىما مەنبەسىنى ئاز ئىشلىتىپ،يانفون شاش ماڭىدۇ دىگەنلەرنى ئاساس قىلىمەن.

بىلىۋالسام:ئادەتتە تېلىفون ئالاقەم بەك كۆپ،ئويۇن تايىپىنى ئوينىمايمەن،ئەمما قىسقا ئۇچۇر،ئۈندىدار،ئېلخەت،تورسودىسى،توربانكىسى،ماتىريال يوللاش ھەم ساقلاش دىگەندەك شەخسى مەخپىيەتكە دائىر نەرسىلەرنى بەك كۆپ ئىشلىتىمەن،شۇڭا مەخپىيەتلىك،مۇقۇملۇق،مەنبەنى ئاز ئىگەللەش جەھەتتە قايسىسى ياخشىدۇ.

ئاساسلىغى مۇشۇ رۇتلاش،فونت قاچىلاش،روم قاچىلاش،يانفون قوغدىغۇچىسىنى تاللاش جەھەتتە بىلگىنىڭلارنى دەپ بەرسەڭلار،يېڭى ئۈگەنگۈچىگە ياخشى،چۈشۈنۈشلۈك بولغان ئۇلۇنىشلارنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار،بەك خوش بولاتتىم.باشقۇرغۇچىلارمۇ بۇنداق گەپلەر بۇرۇن بولغان،ئوبدان ئاختارسۇن بەتنى دەپ ئولتۇرماي،بىر تەستىقلاپ بەرسەڭلار،كۆپ مىننەتدار بولاردىم.

ئاخرىدا راس گەپنى دىسەم،ئالىپ بېتىنى نەچچە كۈن ئاختۇرۇپ كۆرۈپ ،يەنىلا جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم،ياكى ئىزدەشنى ئۇخمىدىم.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 21:31:19

15- قەۋەتتىكى amanpahriنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالىپتىكىلەر نىمىشقا مۇنداق ياردەم تېمىلىرىنى تەستىقلىمايدۇ،ئۇلارنىڭ قانداق ئۆلچىمى بار،بىلىدىغانلار دەپ بېرىڭلار.



ئالپتا ئۇنداق يازمىلار بەك كۆپ. قانداق تېمىلارنىڭ تەستىقلانمايدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس يازمىمۇ بار.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 21:38:03

10- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىڭ بىر جاپادا بىرمۇنچە ھەپلىشىپ ئاغىنەمنىڭ تېلېفونىنى روتلىدىم، سىستېما 4.1.2 كەن، سىستېمىدىكى ئەرەبچە فونتنى ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرسام، ئۇيغۇرچە خەتلەر قالايمىقان نەرسىلەرگە ئۆزگىرىپ قالدى، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ھەرپلەرنى قايسى فونتنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغانىقىنى بىلەلمىدىم.



خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولۇپ خاسلىقتىن ھوقۇق تەڭشەكلىرىنى تەڭشىمىسە ئاشۇنداق قالايمىقان كۆرنىۋالىدىكەن.

ھې پالتاخۇنىكا، مۇشۇ ئىنكاسنى تۈنۈگۈن يازساڭلا بىر نىم بولا، ئۇنى بۇنى ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ بىر خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ سىستېمىنى قايتا قوزغاتقىنىمنى بىلىمە، تېلېفون قوزغالماي تۇرىدۇ، ئامالسىز سىستېما يېڭىلايمەن دەپ ROM ئىزدەپ يۈرىمە مانا\"\"





مېنىڭ تىلفونۇم بىر كېچىسى ئاقساقاللىق قىلىپ سېستىما يېڭىلىشىمدىن شۇنداق قوزغالماي قېلىپ، «كېسەك ئوخشايدۇ ئالغىنىم» دەپ كېچىچە يىغلىغىلى تاس قالغان، توكقا چېتىپ قويۇپ ئەتىسى قوزغاتسام قوزغالغان.  مېنىڭغۇ سونىي، شۇندىن بۇيان روتمۇ يوق، سېستىمىسىمۇ كونا ھالەتتە ئىشلىتىۋاتىمەن، سىلە نېمىدە روتنى قايتا قاچىلىغانسىلە؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 23:16:29

رۇتنى ئالالىغان بولسىڭىز ياخشىكەن تېلېفۇن، قەستەن قۇلۇپلىۋەتكەندىن ياخشى. ئالىپ بېكىتىدىن خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولۇپ، ئەخلەت ئەپلەرنى ئۆچۈرۈپ بولۇپ، رۇتنى تاقىۋەتسىڭىز ھېچنىمە بولمايدۇ.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2013-11-18 00:12:39

1- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رۇتنى ئالالىغان بولسىڭىز ياخشىكەن تېلېفۇن، قەستەن قۇلۇپلىۋەتكەندىن ياخشى. ئالىپ بېكىتىدىن خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولۇپ، ئەخلەت ئەپلەرنى ئۆچۈرۈپ بولۇپ، رۇتنى تاقىۋەتسىڭىز ھېچنىمە بولمايدۇ.

hapa bolmay nak ulinixnila bargan bolsingiz,tapalmidim

bendora يوللانغان ۋاقتى 2013-11-18 00:44:47

مېنىڭ روتۇمنى يوقۇتىۋەتكىلى نېمكەم، مەن ئالالمايۋاتسام سىز قانداق ئالغانسىز؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-18 22:08:29

ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىخەتەر ساقلاش جەھەتتە، جىنشەن كۇەيپەن دىگەننى تېلىفونغا قاچىلاپ قويغىلى خېلى زامانلار بوپ قالدى. تېلىفوندىكى رەسىم دىگەندەكلەرنى زاپاسلاپ قويىدۇ.



بىراق يېقىندا ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بىر زاپاسلىغۇچنى ئۇچراتتىم. يەنى بەيدۇنىڭ 2048گىگابايتلىق مەڭگۈلۈك ھەقسىز بۇلۇت دېسكىسىنىڭ تېلىفون نۇسخىسىنى تېلىفونىڭىزغا قاچىلىسىڭىزلا 2048نى مەڭگۈ ھەقسىز بېرىدىكەن. بۇغۇ مەيلى بىراق ماڭا ئەڭ ياققان يېرى، بۇ دېسكا ئارقىلىق تېلىفون بىلەن كومپيۇتېرنى باغلاپ قويغىلى، يۈتۈپ كېتىپ قالسا تېلىفوننى تاقاش، سايرىتىش، كارتا ئۇچۇرلىرىنى يۇيۇۋېتىش، قارشى تەرەپ نومۇرنى ئالماشتۇرۇۋالسا يېڭى نومۇرىنى بىلىش ، تېلىفونغا ئورۇن بەلگىلەش دىگەندەك ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ ئىقتىدارىمۇ ماڭا بەك يارىدى. ئاندىن تېلىفون دەپتىرىڭىز، ھەتتا قىسقا ئۇچۇرلىرىڭىز، رەسىم، فىلىم، ھۈججەت ئامبارلىرىڭىز بۇ بۇلۇت دېسكىغا ئاپتوماتىك زاپاسلىنىپ ماڭىدىكەن. سىز پەقەت مۇشۇ دېسكىنى ئوبدان ساقلىسڭىزلا، تېلىفون يۈتۈپ كەتسىمۇ پۇلىغا قورساق ئاغرىغاننى ھىسابقا ئالمىغاندا بەك زور ئاۋارىچىلىك بوپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.

تۆۋەندىكىسى 2048گىگابايتلىق مەڭگۈلۈك ھەقسىز بۇلۇت دېسكىنى ئېچىش ئادرىسى، ياخشى نەرسىلەردىن ھەممىمىز ئورتاق پايدىلىنايلى:

ماۋۇ ئۇلانما ئارقىلىق كىرسىڭىز سىزنىڭ كىرگىنىڭىز بىلەن ماڭا 1ئادەمگە 512مىگانى 4گىگا بولغۇچە يەنە قوشاپ بېرىدۇ.  بىراق سىزگە ھەرگىز كەم بوپ قالمايدۇ.


http://yun.baidu.com/disk/beinvited?uk=1581154934


ناۋادا ماڭا يەنە قوشاپ بەرمىسۇن دەپ قالسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىستىن كىرىڭ: زىنھار توغرا چۈشىنىمەن\"\"


http://yun.baidu.com/1t

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 06:45:29

مىڭ بىر جاپادا بىرمۇنچە ھەپلىشىپ ئاغىنەمنىڭ تېلېفونىنى روتلىدىم، سىستېما 4.1.2 كەن، سىستېمىدىكى ئەرەبچە فونتنى ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرسام، ئۇيغۇرچە خەتلەر قالايمىقان نەرسىلەرگە ئۆزگىرىپ قالدى، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ھەرپلەرنى قايسى فونتنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغانىقىنى بىلەلمىدىم.

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 07:08:38

روتىلغان بولسىڭىزمۇ ئەپلەرنى google play دىن چۈشەرسىڭىز ياكى ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن چۈشۈرسىڭىز چوڭ چاتاق يوق

ifont دېگەن ئەپنى ئىشلىتىپ فوت ئالماشتۇرسىڭىز بۇدۇ بولمىسا

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 12:37:12

ئاندىرويىد ئىشلىتىۋاتقانلار چوقۇم ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدىغان ئەپ بازارنىڭ ياخشىراقىنى تاللاڭلار، نوچىسى Googleplay، بەيدۇنىڭ، 91 نىڭ ئەپ بازىرى ھەممە ئەپلەرنىڭ ئىمزا 签名 سىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، (بىلمىدىم 360 نىڭمۇ شۇنداقمىكىن). بۇنداق قارا نىيەت ئەپ بازارلىرىدىن يىراق تۇرغان تۈزۈك.

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 13:23:52

4.1.2ئۈچۈن ئۇيغۇرچە فونت http://pan.baidu.com/s/1swVdJ

4.0 ئۈچۈن ئۇيغۇرچە فونت http://pan.baidu.com/s/1cNS3R

خەتنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ھوقوق تەڭشەشنى ئۇنۇتماڭ

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 16:06:21

5- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىڭ بىر جاپادا بىرمۇنچە ھەپلىشىپ ئاغىنەمنىڭ تېلېفونىنى روتلىدىم، سىستېما 4.1.2 كەن، سىستېمىدىكى ئەرەبچە فونتنى ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرسام، ئۇيغۇرچە خەتلەر قالايمىقان نەرسىلەرگە ئۆزگىرىپ قالدى، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ھەرپلەرنى قايسى فونتنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغانىقىنى بىلەلمىدىم.



خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولۇپ خاسلىقتىن ھوقۇق تەڭشەكلىرىنى تەڭشىمىسە ئاشۇنداق قالايمىقان كۆرنىۋالىدىكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 16:12:44

9- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىڭ بىر جاپادا بىرمۇنچە ھەپلىشىپ ئاغىنەمنىڭ تېلېفونىنى روتلىدىم، سىستېما 4.1.2 كەن، سىستېمىدىكى ئەرەبچە فونتنى ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرسام، ئۇيغۇرچە خەتلەر قالايمىقان نەرسىلەرگە ئۆزگىرىپ قالدى، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ھەرپلەرنى قايسى فونتنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغانىقىنى بىلەلمىدىم.



خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولۇپ خاسلىقتىن ھوقۇق تەڭشەكلىرىنى تەڭشىمىسە ئاشۇنداق قالايمىقان كۆرنىۋالىدىكەن.

ھې پالتاخۇنىكا، مۇشۇ ئىنكاسنى تۈنۈگۈن يازساڭلا بىر نىم بولا، ئۇنى بۇنى ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ بىر خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ سىستېمىنى قايتا قوزغاتقىنىمنى بىلىمە، تېلېفون قوزغالماي تۇرىدۇ، ئامالسىز سىستېما يېڭىلايمەن دەپ ROM ئىزدەپ يۈرىمە مانا\"\"

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 16:38:39

گوگلى پىلاي ۋايفايدا ئۇلانمايۋاتىدۇ، ئامال تېپىڭلار

destiny يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 16:52:09

مەنمۇ روتلاپ بولۇپ ئالىپ تورىدىكى فونت چىرايلىقلاشتۇرغۇچنى قاچىلىسام ڧونت چىرايلىق بولدى ، بىراق ئى ھەرىپى ئۇلانمىدى . بۇرۇن خەت شەكلى سەت ۋاختىدىمۇ ئۇلانمايتتى .


بولمىسا سىستىما 4.1  ئىدى . ئاخرى بولماي يىڭىدىن روم قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن .

sevinch يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 18:22:56

I9295مۇشۇ يانفۇننى روتلاپ باققانلار بولسا تەجىربەڭلارنى سۆزلەڭلار مەنمۇ بانىدا بىر روتلاپ باقاي

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 19:16:12

8- قەۋەتتىكى jahanzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4.1.2ئۈچۈن ئۇيغۇرچە فونت http://pan.baidu.com/s/1swVdJ

4.0 ئۈچۈن ئۇيغۇرچە فونت http://pan.baidu.com/s/1cNS3R

خەتنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ھوقوق تەڭشەشنى ئۇنۇتماڭ

4.2.2 ningkiqu

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 19:23:37

ئالىپتىكىلەر نىمىشقا مۇنداق ياردەم تېمىلىرىنى تەستىقلىمايدۇ،ئۇلارنىڭ قانداق ئۆلچىمى بار،بىلىدىغانلار دەپ بېرىڭلار.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 22:23:53

@bendora

سىز ROM بىلەن Root نى ئارلاشتۇرىۋاپسىزمۇ قانداق؟ ROM نى قاچىلايدۇ، ئادەتتە نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياكى سىستېمىنى يېڭىلاش ئۈچۈن، Root نى بۇزىدۇ، ئالى ھوقوققا ئېرىشىپ سىستېمىغا خالىغانچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن، مەسىلەن ئۇيغۇرچە خەت قاچىلاش دېگەندەك.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 22:46:27


18- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@bendora

سىز ROM بىلەن Root نى ئارلاشتۇرىۋاپسىزمۇ قانداق؟ ROM نى قاچىلايدۇ، ئادەتتە نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياكى سىستېمىنى يېڭىلاش ئۈچۈن، Root نى بۇزىدۇ، ئالى ھوقوققا ئېرىشىپ سىستېمىغا خالىغانچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن، مەسىلەن ئۇيغۇرچە خەت قاچىلاش دېگەندەك.



ياق شۇ root权限 دىگەن نەسە يوق.   بۇنى جىق يەدە قىپ بېرەممەيدىغان ئوخشايدۇ...


توردا قايتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاش ئۇسسۇلى باكەن، لېكىن سۈتتە ئاغزىم كۆيگەچكە قېتىق ئىچىشتىن رايىم ياندى.


بەت: [1] 2
: يانفوندىن ياردەم