kolteken يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 20:16:15

ئىزدىنىش تورىدىن تور تەرجىمانى تەكلىپ قىلىمىز

ئىزدىنىش تورى بىزنىڭ زىيالىلىرىمىز ۋە بىلىملىك كىشىلىرىمىز ۋە شۇنداقلا كۆزگە كۈرۈنگەن تەرجىمانلار يىغىلغان ماكان ،قابىل تەرجىمانلارغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقىمىز ئۈچۈنشۇڭا مەزكۇر ئۇچۇر يوللاندى..



قېرىنداشلىرىمىزنى ئەڭ يېڭى ئاپتوموبىل خەۋەر - ئۇچۇرلىرىنى ئۆزۋاقتىدا يەتكۈزۈش ۋە خەۋەردار قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ،خەۋەر قانىلىمىزغا 5 نەپەر تەرجىمان قۇبۇل قىلىنىدۇ . ( ئىشتىن سىرىت قىلسىمۇ بۇلىدۇ ، ئاساسلىقى ئۆز جايىدا قىلدۇ ،ئىشخانىغا كىلىش ھاجەتسىز ) .


تور بىكىتمىزنىڭ ئادرىسى: http://www.uycar.com بۇرۇنقى ئۇيغۇر ماشىنا تورىنىڭ قايتا يېڭىدىن ياسالغىنىشۇ

كونكرىت خىزمىتى خەنزۇچە نوپوزلۇق ئاپتوموبىل تور بەتلەردىكى ئاپتوموبىلغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئەڭ سەرخىل خەۋەرلەرنى ، يېڭى چىققان ،يېڭى بازارغا سېلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭخەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش قاتارلىقلار ..



قوبۇل قىلىدىغان تەرجىمانغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئاپتوموبىلئاتالغۇلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ، توغرا ،ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلالايدىغان بۇلىشى ،ئىملاسى ئالاھىدە توغرا بۇلىشى ، خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇشى ، كۈندە ئاز دىگەندە 3 پارچە مەزمۇن تەرجىمە قىلالايدىغان بۇلىشى كىرەك ..



ماۋۇ ماشىنا تورىدىكى مەزمۇنلارغائوخشاش باشقا ماشىنا تورلىرىدىكىئۇچۇرلارنى ۋە خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلىمىز ..



www.auto.sina.com.cn



شەرىتكە چۈشىدىغانلار تەپسىلاتلارنى 13999021321 تېلىفۇن قىلىپ ياكى چ چ: 747270154 ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈڭ. ھەمدە مۇشۇ تېما ئاستىغا تېلفۇن نۇمۇرىڭىز ياكى كىيۇ كىيۇ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . مۇئاش ۋە تەرجىمە جەھەتىكى تەپسىلاتلارنى سىناقتىن كىيىن بىكىتىمىز ..

قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن سىناق ئېلىنىدۇ، سىناقتىن ئۆتسە قوبۇل قىلىنىدۇ.سىناق 3 پارچە خەۋەر تەرجىمىسى بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ .


توردا خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-11-18 00:17:18

توردا قوڭىنى بىسىپ ئىشلەيدىغان تەرجىمان تىپىش مۈشكۈل بىر ئىش دەپ قارايمەن.گەپنىڭ پوس كاللىسى شۇكى ھازىر ھەقىقىىي مەنىدىكى پۇل تىپىشقا ھەۋىسى بار ياشلىرىمىز ناھايىتىمۇ كەمچىل.

ئەگەر ۋاقتىم بولسا ئىدى ھەقسىز خەۋەر تەرجىمە قىلىپ يوللاپ بەرگەن بولاتتىم.ئۆزۈممۇ ئاپتۇمبىل كەسپىدە بولغانلىقىم ئۈچۈن كەسىپچانلىقىم بىر قەدەر كۈچلۈك.تەرجىمە سۈپىتى،سۈرىتى جەھەتتە ئۆزۈمدە مەسىلە يوق دەپ قارايمەن. باشقا ئىشلار بولسا ئالاقىلىشايلى.مەسىلەن مەبلەغ دىگەندەك.

چ چ : 99655269

يانفۇن:18609980000

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2013-11-18 09:54:01

كۈندە ئاز دىگەندە 3 پارچە مەزمۇن تەرجىمە قىلالايدىغان بۇلىشى كىرەك ..

مۇشۇ بويىچە بولسا بىر ئايدا قانچىلىك مۇئاش بېرەلەيسىلەر دىسەڭلار قىزىقىدىغانلار چىقىشى مومكىن.

30 كۈن بويىچە ھىساپلىسا 90 پارچە بولىدىكەن

خەنزۇچىنى خەت سانى بويىچە ھىساپلايدۇ 100خەتكە مانچە پۇل دەپ . ئەگەر بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرمەن دەيدىكەنسىلەر چوقۇم مۇقىم تەرجىمانلارنى تېپىپ ئىش ھەققىنى ياخشى بەرمىسەڭلار ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

يەنە بىرسى نىمە ئۇ ئۇيكار دىگەن ،كەڭ خەلق ئاممىسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ماشىنا ،ياكى پىكاپ ياكى ماشىن دىگەندەك ئىسسملارنى قويساڭلارمۇ بولىدۇغۇ.(توربەت ئېچىلمىدى)



بۇرۇن مەن بىر تەرجىمە شېركىتىگە شۇنداق ئىش قىلىشىپ بەرگەن بىرنەچچە پارچە تەرجىمە قىلدۇرۋېلىپ يوقاپ كەتتى ،خەيرىيەت ئىشلىرى ئاسان بولسۇن.

musajan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-18 14:53:37

بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ.

kolteken يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 15:13:41

2- قەۋەتتىكى hoopeeloverنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۈندە ئاز دىگەندە 3 پارچە مەزمۇن تەرجىمە قىلالايدىغان بۇلىشى كىرەك ..

مۇشۇ بويىچە بولسا بىر ئايدا قانچىلىك مۇئاش بېرەلەيسىلەر دىسەڭلار قىزىقىدىغانلار چىقىشى مومكىن.

30 كۈن بويىچە ھىساپلىسا 90 پارچە بولىدىكەن

خەنزۇچىنى خەت سانى بويىچە ھىساپلايدۇ 100خەتكە مانچە پۇل دەپ . ئەگەر بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرمەن دەيدىكەنسىلەر چوقۇم مۇقىم تەرجىمانلارنى تېپىپ ئىش ھەققىنى ياخشى بەرمىسەڭلار ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

يەنە بىرسى نىمە ئۇ ئۇيكار دىگەن ،كەڭ خەلق ئاممىسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ماشىنا ،ياكى پىكاپ ياكى ماشىن دىگەندەك ئىسسملارنى قويساڭلارمۇ بولىدۇغۇ.(توربەت ئېچىلمىدى)



بۇرۇن مەن بىر تەرجىمە شېركىتىگە شۇنداق ئىش قىلىشىپ بەرگەن بىرنەچچە پارچە تەرجىمە قىلدۇرۋېلىپ يوقاپ كەتتى ،خەيرىيەت ئىشلىرى ئاسان بولسۇن.

ئۇيكار دىگەن ئىسىمنىئېنگىلىزچىدىن قىسقارتىپ ئالغان ، بۇنى مۇۋاپىق كۆرمىسەڭلار يەنە بىر ئىسىممۇ بار maxina.cc مۇشۇنى تەڭ ئىشلىتىۋاتىمىز، قايسىسىنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ .


بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىش ، خەيرىيەت ئىشلارنىڭ ئاخىرىنى چۈشىرىمىز ، بۇ بىردەملىك قىزغىنلىق بىلەن قىلغان ئىشلار ئەمەس ... ھەممە ئىشلار كىچىكىدىن باشلىنىدۇ .

kolteken يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 15:16:17

1- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توردا قوڭىنى بىسىپ ئىشلەيدىغان تەرجىمان تىپىش مۈشكۈل بىر ئىش دەپ قارايمەن.گەپنىڭ پوس كاللىسى شۇكى ھازىر ھەقىقىىي مەنىدىكى پۇل تىپىشقا ھەۋىسى بار ياشلىرىمىز ناھايىتىمۇ كەمچىل.

ئەگەر ۋاقتىم بولسا ئىدى ھەقسىز خەۋەر تەرجىمە قىلىپ يوللاپ بەرگەن بولاتتىم.ئۆزۈممۇ ئاپتۇمبىل كەسپىدە بولغانلىقىم ئۈچۈن كەسىپچانلىقىم بىر قەدەر كۈچلۈك.تەرجىمە سۈپىتى،سۈرىتى جەھەتتە ئۆزۈمدە مەسىلە يوق دەپ قارايمەن. باشقا ئىشلار بولسا ئالاقىلىشايلى.مەسىلەن مەبلەغ دىگەندەك.

چ چ : 99655269

يانفۇن:18609980000

بۇلىدۇ ، رەھمەت ..سىز ئىچكىردە تۇرامسىز

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 09:18:41

بېرىدىغان ئىش ھەققىنىڭ گېپىنى قىلماپسىلەرغۇ؟

kolteken يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 20:07:33

تەرجىمان داۋاملىق قۇبۇل قىلىنىدۇ ، ھەرۋاقىت تېلفۇن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بۇلىدۇ ، كىيۇ كىيۇ نۇمۇرۇممۇ ئاشۇ تېلفۇن نۇمۇرى شۇ

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 20:14:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yuwax0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-5 20:18

داۋاملىق تىرىشىڭلار

Kapitan! يوللانغان ۋاقتى 2014-3-5 21:28:33

توردا تەرجىمان قوبۇل قىلىدىغان ئېلانلار خېلى كۆپ، ئەمما تەرجىمە ھەققى بەك تۆۋەن، شۇڭا ئىزچىل قىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس، بۇ ئېلانغا تەرجىمە ھەققىنىمۇ قوشۇپ ئەسكەرتىلسە، ئەگەر مۇۋاپىق بولسا، قىزىقىدىغانلار كۆپرەك چىقىشى مۇمكىن.

kolteken يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 21:13:17

ئىشقىلىپ بىزنىڭ باشقىلارنىڭكىدىن يۇقۇرى ، بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىش {:112:}

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 15:49:54

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،kolteken ئەپەندى،ئارغۇ ئەپەندى توغرا دەيدۇ،بۇ ئىشنى ياخشى قىلىش
ئۈچۈن،تەكلىپ قىلىندىغان تەرجىماننىڭ ئىش ھەققى،تەرجىمە قىلدىغان ئەسەرنىڭ خەت سانى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەلەپلەرنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى.

aytarim يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 17:24:28

تەمىنلىگەن خەنزۇچە تور بەت ئېچىلمىدى. ئۈستىدىكى تورداشلار توغرا دەيدۇ. مۇئاش تەمىناتىڭلارنى ئەسكەرتىشىڭلار كېرەك ئىدى. مېنىڭ تەرجىمىدا خېلى تەجىربەم بار، مەسىلەن مەن سىناقتىن ئۆتتۈم دەيلى، مۇئاشىنى قانداق بېكىتىسىلەر؟ ئازىراق بولسىمۇ ئۇچۇرىنى قالدۇرغان بولسىڭىز.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-22 17:58:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uchkur1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-22 18:02

ما نۇر تورى بەك ئىچىمنى سىقىۋىتىپ بارىدۇ .(كۆرمەي دىسەم ئۇكام يوللاپتىكەن قاراپ ساپتىمەن)
تەرجىمە بەكلا ناچار . بولۇپمۇ ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ نامى بەك خاتا تەرجىمە قىلنىۋاتىدۇ
(ئاساسلىقى تەنتەربىيە ۋە ماشىنا تۈردىكىلەر)
پەقەت خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىش كىرەكمۇ ؟
بەزى ناملارنىڭ مەلۇم بىر ئارقا كۆرنىشى بار . بىز ئۇنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ قويسا قانداق بولىدۇ ؟
ب ئەم دابلىيۇ(BMW) نى تۇلپار دەۋالغىنى Chevroletنى شۆفۇلەن ئۇنىڭ camaro نى سامارو
porsche باۋشىجىيدەپ دىگەندەك
خەنزۇلارغۇ بەزەن تاۋۇشلار يوق ئاھاڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەتسۇن
بىزدىكى تاۋۇشلار ئاساسەن90 /100 پىرسەن چاتاق چىقمايدۇ شۇنداق تۇرۇپ
ھەي بولدىلا بەك مەسۇلىيەتسىزلىك قىلنىۋاتىدۇ تىلىمىزغا.
بەت: [1]
: ئىزدىنىش تورىدىن تور تەرجىمانى تەكلىپ قىلىمىز