tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 14:32:29

تاشپولات: ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ

پەخىرلىك ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ
2013-يىللىق غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن 12 شەخسىنىڭ بىرى
بولۇپ باھالىنىپتۇ! مۇبارەك بولسۇن! تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن
كۆرۈڭ!








http://www.ipscell.com/2013/10/top-12-finalists-for-stem-cell-person-of-the-year-2013/

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 16:51:05

مۇبارەك بولسۇن!بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ 2013-يىللىق مۇھىم ئىشلار خاتىرسىگە كىرگۈزگۈلۈك.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 17:22:59

\"\"



ئەسلى مەنبەدىكى مۇنۇ رەسىم بىرەر قېتىملىق بېلەت تاشلاش نەتىجىسىمۇ ياكى باشقا سان-سفىرمۇ؟


ئەگەر بېلەت تاشلاش بولغان بولسا بىلمەي قاپتۇق، بولمىسا ھە ھۇ دىيىشىپ بىر مەيدان بېلەت تاشلاكەنمىز، ئىسمى بەك ئاخىرىدا چىقىپ قاپتۇ.

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 17:38:11

ھەقىقەتەن مۇبارەكلىگۈدەك ئىش بوپتۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 17:46:38

ئېسىل، نوبېل نامزاتى دەپ بىر ئېلان قىلىۋەتكەن بولسا..

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 18:07:16



  ھەققىەتەن بىر خوش خەۋەركەن ، شۆھرەتكامنىڭ تەجىبە نەتىجىسى بۇيھە ئادەمنىڭ بىرەر ئەزاسى يىتىشتۇرۇلۇپ چىققان كۈنى بۇنىڭدىنمۇ چوڭ خوش خەۋەر ئاڭلايمىز !

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 19:52:25

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قوياي،

The voting is over and we have our top 12 finalists for the 2013 Stem Cell Person of the Year Award. You can see the final votes results below. It\"s definitely an intriguing list that reflects the range of important areas in the field today.



I can say without any hesitation that all 12 of them have had major impacts on the stem cell field and I believe are likely to continue doing so. Keep in mind that the voting up until now was simply to chose the top 12 finalists. Any of the 12, regardless of vote total in the previous stage, could be picked to receive the Award.



I\"m going to have a challenge picking just one from these finalists. I plan to announce the Award recipient within a week or so. Stay tuned for more details. Meantime, here are the finalists.



بىلەت تاشلاش ئاخىرلاشتى ۋە بۇ يىللىق غول ھۈجەيرە كىشىسى مۇكاپاتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى 12كىشىنى تاللاپ چىقتۇق. ئاخىرقى بىلەت نەتىجىسىنى ئاستىدا كۆرىۋالالايسىز. كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگىدەك بۇ تىزىملىك بۈگۈنكى كۈندىكى مۇشۇ ساھەنىڭ مۇھىم رايۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.

قىلچە ئىككىلەنمەي شۇنى ئىيتالايمەنكى 12كىشىنىڭ ھەممىسى غول ھۈجەيرە ساھەسىدە ھەل قىلغۇچ تەسىرى بار شەخسلەر ھەمدە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى يەنە شۇنداق بولغۇسى. شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ھازىرغىچە ئىلىپ بىرىلغان بىلەت تاشلاش پەقەت ئەڭ ياخشى 12كىشىنى تاللاش ئۈچۈنلا ئىلىپ بىرىلدى. بۇ تۇنجى باسقۇچلۇق ئومۇمىي بىلەت نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئاخىرىدا 12ئادەمدىن خالىغان بىرى مۇشۇ يىللىق غول ھۈجەيرە كىشىسى مۇكاپاتىغا ئىرىشىشى مۇمكىن.

بۇ تۆھپىكارلاردىن پەقەت بىرىنىلا تاللاش ماڭا تەس كىلىدۇ. مۇكاپات ساھىبىنى بىر ھەپتە ئىچىدە ئىلان قىلىمەن. تەپسىلاتلار دىقىتىڭىزدە بولسۇن، تۆۋەندىكىلەر بولسا ئاشۇ 12 تۆھپىكارلاردۇر:

...

بىلەتنى بىزدەك كۆپ سانلىق قوللىغۇچىلىرى تاشلىيالمىغانلىقتىن گەرچە ئالىمىمىز تۆۋەنگىرەك تىزىلغان بولسىمۇبىزنىڭ ئالىمىمىزنى ئۈچ قۇر قالغانلارنى ئىككى قۇرلا چۈشەندۈرۈپتۇ.  {:92:}

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 20:05:27



بالدۇرراق خەۋەر تاپقان بولساق بىزمۇ بىلەت تاشلاپ قۇياتتۇق ، قېنى ياخشى نەتىجىلە ئالدىمىزدا .

dreamcatcher يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 21:01:08

بۇ بېلەت تاشلاشنى ئورۇنلاشتۇرغان خېلى نوپۇزى بار ئورۇنمىكەن يا، چەتئەلدىكى شەخسىي مۇستەقىل بىلوگمىكەن؟ قارىسام ئالىمىزغا 44 بىلەت چۈشۈپتۇ، بىرىنچىغىمۇ 1000 دەك بىلەت چۈشۈپتۇ، ئازراق ھەيران قالدىم...

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 22:01:34

بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى كالىفورنىيە ئۇنىۋىرستىتى-دەيۋىس مىدىتسىنا ئېنىستىتۇتىنىڭ پىرافىسورى، غول ھۆجەيرە ئالىمى ۋە داڭلىق بىلوگىر دوكتۇر پول نوپفىلېر ئىكەن. Paul Knoepfler نىڭ تەرجىمھالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرگىلى بولىدۇ:

http://en.wikipedia.org/wiki/Paul_Knoepfler

دوكتۇر نوپفىلېر 3 يىل ئاۋۋال 42 يېشىدا مەزى بېزى راكىغا گېرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ بىلوگ قۇرۇپ غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە جەمئىيەتتىن قوللاشقا ئېرىشىسنى كۆزلەپ نۇرغۇنلىغان يازمىلارنى بىلوگىدا ئېلان قىلغان ۋە نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى بار بولغان. ئۇ غول ھۆجەيرە ساھەسىدىكى 50 تۆھپىكار ئالىمنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن ۋە بىلوگ يېزىپ تۇرۇپمۇ ئامرىكىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋىرستىتى-دەيۋىس قا ئوخشاش داڭلىق تەتقىقات ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ مەڭگۈلۇق خىزمەتچىسى (tenure) بولۇش شەرىپىگە ئېرىشەلىگەن. ئۇ بۇ پائالىيەتنى ئۆزىنىڭ بىلوگىدا ئۆتكۈزۇپتۇ ۋە ئاخىرىدا بىر كىشىنى تاللاپ 1000 دوللار بىلەن مۇكاپاتلىماقچى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلوگىنى ئوقۇيدىغانلار غول ھۆجەيرىگە قىزىقىدىغان ۋە مەلۇم تونۇشقا ئىگە كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلار ھەر ھالدا غول ھۆجەيرە ساھەسى بىلەن مەلۇم تونۇشلۇققا ئىگە. لىكىن بۇ بىر ئاكادىمىك ئورگاننىڭ باھالىشى بولمىغاچقا يەنىلا كىشىلەر ۋاتىكاندىكى كاتولىك پوپى فىرانسىس قاتارلىق غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىنى قوللىغۇچىلار ۋە شۇ قاتاردىكى تەربىيەچىلەر، تەشۋىق قىلغۇچىلار دىگەندەك كىشىلەر كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن. بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان روبېرت لەنزا مۇ غول ھۆجەيرە تەتقىقاتچىسى، ئەڭ مۇھىمى داڭلىق بىلوگىر ۋە تېلىۋىزوردا دائىملىق تەكلىپ قىلىنىدىغان غول ھۆجەيرە ئالىمى بولغاچقا، جەمئىيەتتىكى ئاكادىمىيە سىرتىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا تونۇشلۇق دەرىجىسى ئەڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكى تۇرغانلا گەپ. ئۇنىڭ مىڭلىغان ئەگەشكۈچىلىرى بار ئىكەن. ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان كىشىمۇ شۇنداقراق ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. دىمەكچىمەنكى، بۇنىڭغا قاراپ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ كۆپ بېلەتكە ئېرىشمەپتۇ دەپ كۆڭۈلنى يىرىم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا (دوستۇم جېكتىن ئاڭلىغان) بېلەت تاشلاشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى بولۇپ بىر بېلەت تاشلىغان ئىدىم، بۇنى ئۇيغۇر تورلىرىغا ئاشكارىلىساق نۇرغۇن بېلەتلەرنىڭ چۈشىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ھەر ھالدا پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىنىڭ مۇددىئاسىغا يات ئىش بولۇپ قالمىسۇن دەپ بۇنى ئاشكارىلىمىغان ئىدۇق. ئالىمىمىز ئەمەليەتتە ئاكادىمىيە ساھەسىدىكى بىئولوگىيە ئالىملىرى، جۈملىدىن غول ھۆجەيرە ئالىملىرى ئىچىدە بېلەت تاشلاشقا توغرا كەلسە ئۇنىڭدىن كۆپ بېلەتكە ئېرىشدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 22:08:32

بۇ يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىلىم-پەندىكى بۆسۈشلەر تىزىملىكى ئېلان قىلىنغاندا گىپىمنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلىنىدىغىنىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ئالىمىمىز بۇ يىل 5-ئايدا ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنى تۇنجى قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك كلونلاپ چىققان، بۇ ئېنىقكى بىئولوگىيە ساھەسىدىكى ۋە پۈتۈن ئىنسان ئىلىم-پەن تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بايقاشلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىللىق غول ھۆجەيرە شەخىسى بولۇشقا ئەلۋەتتە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىنمۇ مۇۋاپىقراق نامزات يوق.
بەت: [1]
: تاشپولات: ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ