tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 11:39:42

تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى

تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Henri Lebesgue



تاشپولات روزى









   لىبېك بولسا فىرانسىيەنىڭ
شىمالىدىكى Beauvais رايونىدا، 1875-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى دۇنياغا كەلگەن.
ئۇنىڭ ئاتىسى يەھۇدىي خەت تىزغۇچى بولۇپ تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ۋاپات
بولغان. لىبېكنىڭ ھاياتى گادايچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلگەندىن
كېيىن ئاپىسى ئىشلەپ لىبېكنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىدۇ. لىبېك باشلانغۇچ
مەكتەپتىلا بەكلا تالانتلىق ئوقۇغۇچى ئىدى. لىبېك 1941-يىلى 7-ئاينىڭ
26-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ 2 بالىسى بار ئىدى.
ئۇ فىرانسىيە ھەم “Collége die France”  ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا مەڭگۈلۈك
پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن.



   لىبېك بولسا لىبېك ئىنتېگرالىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ 19-ئەسىردىكى
فىرانسىيەنىڭ ئاتاقلىق ئانالىتىك ماتېماتىك ئالىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ
گېئومېتىرىيىدىكى تەبىئىي چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ئانالىتىك ماتېماتىكىغا يېڭى
بىر چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا
قويغان لىبېك ئىنتېگرالى ئۇزۇنلۇق ھەم يۈزگە نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلگەن
تەتقىقات بولۇپ ئۇنى ئۆزىنىڭ دوكتورلۇق ماقالىسىگە يىغىنچاقلايدۇ. بۇ
نەزەرىيە ھازىرقى زامان ئىنتېگرال نەزەرىيىسىگە تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن
فۇريە (Fouorier) قاتار نەزەرىيىسى ھەم پوتېنسىئال نەزەرىيىسى
قاتارلىقلارغىمۇ ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنى تەرەقى قىلدۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ توپولوگىيە گېئومېتىرىيىسى ۋە توپلامغا لىبېك ساننى
كىرگۈزۈش ئارقىلىق ماتېماتىكىنىڭ ئاساسى چۈشەنچىسىگە تۆھپە قوشىدۇ. بولۇپمۇ
ئۇ رىمان ئىنتېگرالىدا ساھەنى قورشاپ تۇرىدىغان ئەگرى سىزىقلارنىڭ
ئۈزلۈكسىزلىك چۈشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز بولمىغان ئەگرى سىزىقلارغا كېڭەيتىپ
ئىنتېگرال تاپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ماتېماتىكىدا دەۋرى خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش
ھاسىل قىلىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 15:24:53

ئەلانى بېسۋەتتىمغۇ.بۇ ئادەمنىڭ نامىنى ئاڭلىغان لېكىن تارىخىنى بىلمەيتتىم.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 11:15:54

ئانالىتىك ماتېماتىكا دېگەن 数学分析 شۇمۇ ...؟

tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 14:00:11

3- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئانالىتىك ماتېماتىكا دېگەن 数学分析 شۇمۇ ...؟


شۇنداق دېگىنىڭىز توغرا.
بەت: [1]
: تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى