birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-11-16 22:26:15

Office 2013 دىكى خاتالىقلار (ئۇيغۇرچە)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

مەلۇم بولغاندەك، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى Microsoft Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، قىرغىزچە، موڭغولچە... تىل بولاقلىرى ئېلان قىلىندى.

ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتنىڭ تولۇق نامى:

Microsoft® Office Language Interface Pack 2013 – ئۇيغۇرچە

Microsoft Office 2013 نىڭ ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە نۇسخىسىنى سېتىۋالغانلار ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى تۆۋەندىكى ئورۇندىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ قاچىلىيالايدۇ:

http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx

ھۆججەت سىغىمى: 12 مېگابايت

Microsoft Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنتايىن سۈپەتلىك چىققان. ئۇيغۇرچىگە نىسبەتەن تۇنجى نەشرى بولغاچقا، بەزى خاتالىقلاردىن سادىر بولالمىغان.

مەسىلەن Word نىڭ باش بېتىدىلا تۆۋەندىكى ئەجەللىك خاتالىق (Word تا خالىغان ھۆججەتنى ئېچىپ، بەتنىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىگە قاراڭ) بار ئىكەن:



قارىسىڭىز:

2 بەتنىڭ 2

8 سۆزلەر

...

دېگەندەك ئىبارىلەر بار. بۇلار ئەسلىدە ئىنگىلزچە:

2-بەت، جەمئىي 2 بەت

8 سۆز ياكى سۆز سانى: 8

دېگەن مەنىلەردىكى گەپلەر ئىدى.

------------------------------------

يۇقىرىدىكى تەرجىمىلەردە سان ۋە سۆزلەر تەرجىمانغا ئايرىم-ئايرىم بېرىلگەنلىكى، يېتەرلىك كونتېكىست ئۇچۇرى بېرىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، ياكى تەرجىماننىڭ بىپەرۋالىقى سەۋەبلىك شۇنداق خاتالىقلار كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.

پۈتۈن مەھسۇلاتقا نىسبەتەن بۇلار ئانچە چوڭ مەسىلە ھېسابلانمىسىمۇ، بۇ خاتالىقلار چوقۇم ئوڭشىلىشى كېرەك.

ئەمدى دېمەكچى بولغان 1-گەپ:

Office 2013 نىڭ يېڭىلانمىسىغا ئىشلەش خىزمىتىنىڭ 2014-يىلىنىڭ بېشىدا باشلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. Office 2013 نىڭ يېڭىلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ تۈر نامى Office 16 دەپ ئاتىلىدۇ (ھازىرقىسى Office 15).

Office 2013 نىڭ يېڭىلىنىدىغان نۇسخىسىدا يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلۇشى مۇمكىن. بۇ جەرياندا ئىلگىرىكى نۇسخىسىدىكى خاتالىقلارنى Microsoft قا ئىنكاس قىلىپ، تۈزىتىۋالساق بولىدۇ. شۇڭا 2013 office نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا كۆرۈلگەن تەرجىمە خاتالىقلىرىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يىغقاچ تۇرساق، كېيىن نۆۋىتى كەلگەندە مۇشۇ تېمىدا ئىنكاس قىلىنغان بويىچە بىراقلا ئوڭشىۋېتىمىز.

خاتالىق بايقاش ۋە دوكلات قىلىش ئۇسۇلى:

بۇ تېما سەۋەبلىك، .... Office نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى خاتالىق ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلەتمەڭ. ئادەتتە ئىلگىرى خەنزۇچە ياكى باشقا تىلدىكى نۇسخىنى ئىشلەتكەندەك نورمال ئىشلىتىڭ. ئىشلىتىش جەريانىدا چۈشنىكسىز، مۇجمەل، خاتا بۇيرۇق ياكى گەپ-سۆزلەرنى بايقىسىڭىز رەسىمگە تارتىپ (كۇنۇپكا تاختىسىدا PrintScreen+Ctrl كۇنۇپكىلىرىنى تەڭ بېسىپ، ئېكراننى رەسىمگە تارتالايسىز) مۇشۇ تېمىغا يوللاپ قويۇڭ.

دېمەكچى بولغان 2-گەپ:

يېقىندا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئەڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى Windows Live Messenger ياكى بىز ئادەتتە دەيدىغان MSN پاراڭلىشىش قورالى جۇڭگودىن باشقا بارلىق دۆلەتلەردە ئىشتىن توختىدى. مىكروسوفت ئۇ مەھسۇلاتنى ئەمەلدىن قالدۇردى. جۇڭگودا يەنىلا زور ساندىكى ئىشلەتكۈچىلەر بولغاچقا، ئەمەلدىن قالدۇرمىدى.

شۇنىڭدەك، Microsoft Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقتى. Microsoft دېگەن بۇ نەرسىنى ئۇيغۇرلارغا سېتىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە شۇنداق قىلىۋاتقان شىركەت. ئەگەر ئۇ Office نىڭ ئۇيغۇرچىسىدىن كۆڭۈلدىكىدەك كىرىم قىلالمىسا، ياكى نۇرغۇن تەرجىمان ۋە IT خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يەرلىكلەشتۈرگەن بۇ مەھسۇلات ھېچقانداق كىرىم ئېلىپ كېلەلمىسە، Microsoft مۇ ئارتۇق چىقىم تارتىپ، بۇنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشى ناتايىن. MSN دەك بىر مەھسۇلاتنى ئەمەلدىن قالدۇرغىنىدىن، ئۇلارنىڭ بازار ئېچىش ئىشىدا قانچىلىك كەسكىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

شۇڭا ئەگەر سىز ئىلگىرى خەنزۇچە نۇسخىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چوقۇم قاچىلاڭ (ئۇ ھەقسىز). ئۇيغۇرچە نۇسخىنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بولسىمۇ، قاچىلاپ قويۇڭ. ئىشلەتمىسىڭىزمۇ قاچىلاپ قويۇڭ. ئۇيغۇرچە نۇسخىنى قاچىلاپ قويۇپ، ئەسلىدىكى خەنزۇچە نۇسخىنى ئىشلىتىۋەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نۇسخىنى يېڭى بىر ئادەم چۈشۈرسە، قاچىلىسا، ئىشلەتسە، بۇ ئۇچۇرلار كومپيۇتېرىڭىزدا تور بار بولسىلا، دەرھال Microsoft شىركىتىگە يوللىنىدۇ. (بۇ سىتاتىستىكا ئۇچۇرلىرىنىڭ Microsoft قا يوللىنىدىغانلىقى Office نىڭ مەخپىيەتلىك دېگەن قىسىمىدا سۆزلەنگەن)

ئەگەر ئۇيغۇرچە نۇسخىنى قاچىلىغان، چۈشۈرگەن، ئىشلەتكەن ئادەملەر قانچە كۆپ بولسا، بۇ مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇر بازىرىغا بولغان ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ.

دېمەكچى بولغان 3-گەپ:

مەن كۇلۇبتىكى نۇرغۇن دوستلارنىڭ كومپيۇتېر بىلەن خېلى تونۇشلۇقى ۋە شۇ سەۋەبلىك دائىم دوستلىرى ياكى ئەتراپىدىكىلەرگە سىستېمايۇمشاق دېتال قاچىلاش دېگەندەك ئىشلاردا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئەگەر سىز يەنە شۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دوستىڭىزغا Windows 8.1 ۋە Office 2013 نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى سېتىۋالغۇزۇڭ، ئۇنى ئۇيغۇرچە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ، ئەگەر ئاللىبۇرۇن سېتىۋالغان بولسا، Windows 8.1 ۋە Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چوقۇم قاچىلاپ بېرىڭ.

دېمەكچى بولغان 4-گەپ:

ھازىر Microsoft نىڭ تۆۋەندىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار:

Windows

Office (بۇنىڭدا Lync دەيدىغان يىغىن قورالىدىن باشقا ھەممە نەرسە ئۇيغۇرچە)

SkyDrive

Office 365 (بۇ Office 2013 نىڭ تور نۇسخىسى ياكى زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان نۇسخىسى)

Xbox (مۇزىكا، ئويۇن، تېلېۋىزىيە... ۋە ھەممە قاناللىرى)

Microsoft HealthVault

Outlook ياكى Hotmail

Skype نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى پات يېقىندا چىقىدۇ...



--------------------

يۇقىرىقى مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەقسىز ھېسابات ئېچىشقا بولىدۇ. شۇڭا بىرەر ھېسابات ئېچىپ، ئۇنىڭ تىلىنى «ئۇيغۇرچە»گە تەڭشەپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئىشلەتمىسىڭىزمۇ، بىر ئۇيغۇرچە ھېسابات ئېچىپ قويۇڭ. (بىر ئارتۇق ئېلخەت ئادرېسىڭىز بولسا، ھېچنېمە بولمايدۇ).

يۇقىرقى مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە، ئەگەر Windows نىڭ تىلى ئۇيغۇرچە بولسا، ئۇدۇل ئۇيغۇرچە بەت ئېچىلىدۇ. ئەگەر Windows نىڭ تىلى ئۇيغۇرچە بولمىسا، ھېسابات ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، «Settings» ياكى «设置» دېگەن ئورۇندىن تىل ئۆزگەرتىش تەڭشىكىنى تاپالايسىز.

Microsoft نىڭ مەھسۇلاتلىرى ھازىرغىچە 50 تىن ئارتۇق تىلغا يەرلىكلەشتۈرۈلدى. بۇ 50 تىن ئارتۇق تىلنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇرچە» نىڭ بولغانلىقى ئىنتايىن ئېسىل ئىش. داۋاملىق شۇنداق بولۇشى ۋە باشقا شىركەتلەرنىڭ Microsoft تىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ «ئۇيغۇرچە»سىنى چىقىرىشى ئۈچۈن، يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەندە، تىلىنى ئۇيغۇرچىگە تەڭشەشنى ياكى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

دېمەكچى بولغان 5-گەپ:

ھەممىمىز ئىلگىرى خەنزۇچە ياكى باشقا تىلدىكى نەشرىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇيغۇرچە نەشرىگە دەماللىققا كۆنەلمەيمىز. كۆنۈش ئۈچۈن 3 ئايدەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. داۋاملىق ئىشلىتىۋەرسىڭىز، ئاستا-ئاستا ناھايىتى قولايلىق ۋە بەك يېقىملىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.

يۇقىرىقى مەھسۇلاتلارنى ئۇيغۇرچە ئىشلەتسىڭىز، كەلگۈسىدە ھەممە ئۇيغۇرنىڭ كومپيۇتېرىدا بۇ نەرسىلەر ئۇيغۇرچە بولسا، ئۇيغۇر تىلى ئەمەلىيەتتە، تېخنىكىلىق ئىشلاردا قوللىنىلسا، بۇ ئانا تىلنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە قوغدىغانلىق ھېسابلىنىدۇ!

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2013-11-19 22:08:13

مۇنداق گەپ سىلەردىن سورايدىغىنىم. تېلېفۇندا نېمىشقا ئۇيغۇرچە مەزمۇن بار ۋورد ھۆجىتىنى كۆرەلمەيمىز؟ بەكمۇ بېشىم قاتتى.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 03:26:41

قوللايمەن.  مەك نۇسقىسىدىكى ئوفىيسقا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشقىلى بۇلارمۇ؟

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 03:27:28

ۋىچەتتە 10مىڭ كىشلىك قوشۇنى بار سۇپىلاردا يوللاشقا باشلىسا قىززىيتى  {:92:}

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 04:11:15

قايسى توردا 2013 نىڭ ھەقىقىي نەشرىنىڭ باھاسى ئەڭ مۇۋاپىق ؟

nazigul يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 08:04:51

چوقۇم قوللاشقا تېگىشلىككەن، قېنى مەن قاچىلاپ باقاي.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 09:39:19

گەپ قىستۇرۋالسام ...... :

دىيارىمىزدا ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغىنى ھەل قىلىش جەھەتتە قانداق ئۇسۇللار بار ؟

مەسىلەن بانكىدىن قەرز ئىلىش دىگەندەك ...

مەن ئۆزۈم شەندۇڭدا ئوقۇۋاتىمەن. لىكىن دىيارىمىزدا بىر ساھەدە ئىگىلىك تىكلىمەكچى ... ئىگىلىك

تىكلەش پىلانىنى ، باشقا تەييارلىقلارنى ھەل قىلىپ بولدۇم ....

باشتا ئۆيدىكىلەرنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشقان ، لىكىن بولمىغۇدەك ...

مەبلەغنى ئەرقال شىركىتىنىڭ مەبلەغ سىلىشىنى ئويلاشقان ...

سىتۇدىنلار ئىگىلىك مەبلىغىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بەرمەيدىكەن ...

مەبلەغ سوممىسى جىق ئەمەس ... 20000 دىن 50000 ئەتراپىدا ...

3 - 5 ئايغىچە كىرىم - چىقىمنى تەڭپۇشلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز ...

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 15:20:21

5- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەپ قىستۇرۋالسام ...... :

دىيارىمىزدا ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغىنى ھەل قىلىش جەھەتتە قانداق ئۇسۇللار بار ؟

مەسىلەن بانكىدىن قەرز ئىلىش دىگەندەك ...

مەن ئۆزۈم شەندۇڭدا ئوقۇۋاتىمەن. لىكىن دىيارىمىزدا بىر ساھەدە ئىگىلىك تىكلىمەكچى ... ئىگىلىك

تىكلەش پىلانىنى ، باشقا تەييارلىقلارنى ھەل قىلىپ بولدۇم ....

باشتا ئۆيدىكىلەرنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشقان ، لىكىن بولمىغۇدەك ...

مەبلەغنى ئەرقال شىركىتىنىڭ مەبلەغ سىلىشىنى ئويلاشقان ...

سىتۇدىنلار ئىگىلىك مەبلىغىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بەرمەيدىكەن ...

مەبلەغ سوممىسى جىق ئەمەس ... 20000 دىن 50000 ئەتراپىدا ...

3 - 5 ئايغىچە كىرىم - چىقىمنى تەڭپۇشلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز ...

توغرا ئوقۇۋاتقانلارغا بەرمەيدۇ.مېنىڭچە بىرەر يېقىنلىرىڭىزنىڭ مائاش كارتىسىنى رەنىگە قويسىڭىز بولارمىكى؟




kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 17:18:22

قوللايمەن. مەن ئاللىقاچان ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلىتىپ بولدۇم.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 17:53:03

ئەلا دەپ مۇشۇنداق تېمىلارغا باسقۇلۇق. تېما يوللىغۇچى كۆڭۈلدىكى گەپنى قىپتۇ. مەنمۇ تىل بولىقى چىققان كۈنىلا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ كۆرسىتىش تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ ئىشلەتسەم، سەل كۆنەلمىدىم. بەزى ئىقتىدارلىرىنى تاپالماي (  {:92:}  ) ئاستا يەنە خەنچىگە ئالماشتۇرۇۋالغان. ما تېما يۈزۈمنى قىزارتتى. مەندە ئوففېس ۋە كۆزنەك 8 ئىككىلىسى ئەسلى نەشرى. ئورگان تورىدىن سېتىۋالغان.

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 18:47:50

xpسېستىمىلارغا ماس كەلمەيدىكەن ھە ؟ مەن بايا چۇشۇرگەن ئىدىم wen7, wen8قاتارلىق سېسىمىلارنىڭ ئىسمى چىقىپ پەقەت قوزغالمىدى .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 19:29:16

بىر ھوننى كەچۈرۈۋەتتۇق، كېلەر نۆۋەت ئوڭشىلىپ كېتەر.. مەن سىناقنى ئىشلىتىپ بوپتىمەن، قايتا ئىشلىتەلمىدىم. ھەقىقىي نەشىرىنى ئورگان نەشىرىدىن ئەرزان ئۇسۇلدا ئالغانلار سۆزلەپ بېقىڭلار..

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 21:00:28

كۆڭۈلدىكى گەپ! ئانا تىلىمىزنى سۆيۈشنىڭ ئاددى بىر ئەمەلىي ئىپادىسى. تېخىمۇ بەك سۆيگۈمىز كەپ كەتسە رەسمى نۇسخىسىنى ئىشلىتەيلى قېنى...



مەن ۋىندوۋس8 نۇسخىدىن ئېلىپ قويغانىدىم. 7دە قاچىلاغلىق نۇرغۇن نەرسىلەر ۋە جەريانلار بولغاچقا ئالماشتۇرماي سېستىما بېسىلىپ ياتىدۇ. ئوففىسنىڭ ئۇيغۇرچىسى چىققاننى كۆرۈپ ھەممىنى قايتا قاچىلاپ ئوففىسنىڭ ھەقىقى نەشىرىدىن بىرنى سېتىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ. ..

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-17 21:04:52

قارىسام office2013نۇسخىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار نەشىرى 599يۈەن، كارخانا نۇسخىسى 2999يۈەن، كەسپى نۇسخىسى 4899يۈەن دەپتۇ. بۇلارنىڭ قانداق پەرقى باردۇر؟

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 16:37:07

12- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قارىسام office2013نۇسخىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار نەشىرى 599يۈەن، كارخانا نۇسخىسى 2999يۈەن، كەسپى نۇسخىسى 4899يۈەن دەپتۇ. بۇلارنىڭ قانداق پەرقى باردۇر؟
ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسىدا outlook، lync ۋە Publisher يوق. كارخانا نۇسخىسىدا Lync يوق. كەسپىي نۇسخىسىدا ھەممىسى بار.

ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسىدىكى نەرسىلەر:

Word

Excel

powerpoint

access

OneNote

SkyDrive

كارخانا نۇسخىسىدىكىلەر:

Word

Excel

powerpoint

access

OneNote

SkyDrive

Outlook

كەسپىي نۇسخىسىدىكىلەر:

Word

Excel

powerpoint

access

OneNote

SkyDrive

Outlook

InfoPath

Lync

....

ئەگەر ئېھتىياجىڭىز بولمىسا، ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسىنىلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن Outlook مەخسۇس ئېلخەت بىرتەرەپ قىلىدىغان، Lync مەخسۇس تور يىغىنى ئاچىدىغان قورال. بۇنداق نەرسىلەرگە كارخانا ئەمەلدارلىرىنىڭلا ئېھتىياجى چۈشىدۇ.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 16:53:25

13- قەۋەتتىكى oganbalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇنداق گەپ سىلەردىن سورايدىغىنىم. تېلېفۇندا نېمىشقا ئۇيغۇرچە مەزمۇن بار ۋورد ھۆجىتىنى كۆرەلمەيمىز؟ بەكمۇ بېشىم قاتتى.

Windows Phone 8 دە Microsoft Office نىڭ ھەقىقىي

نەشرى بار. ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈنىدىغۇ.

بەت: [1]
: Office 2013 دىكى خاتالىقلار (ئۇيغۇرچە)