alip
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 14:26:21
مىكروسوفت Office2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تارقىتىلدى
ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدا يىقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ ئىشلار بولسا، ئۈلۈشكۈن win8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە بولىقى تارقىلىتىلغان ئىدى، تۈنۈگۈن بولسا Office2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىپتۇ.
مەنزىل:
http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx
كەسمىلىرى:



word,excel,powerpoint لارنىڭ ئۇيغۇرچە بولىقى چىقىپتۇ.
64 بىتلىق windows7 گە قاچىلاپ باقتىم. پەچەت بوپتۇ. ھەممىدىن خەت نۇخسىنى ms uighur غا تەڭشىگىنى ياخشى بوپتۇ. ۋىندوۋس8 نىڭ خېتىدەك سەت كۆرۈنمەيدىكەن، شۇغىنىسى سەل كىچىك. office2013 نىڭ كۆرۈنمە يۈز خەتلىرىنى چوڭراق قىلىپ تەڭشىگىلى بولامدۇ. 2003 تە شۇنداق تەڭشەيدىغان بىر يەرلىرى باردەك قىلغان.
putboljan
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-16 15:16:04
مانا خۇشخەۋەر دىگەن....
سېتۋالماسلىققا باھانەم يۇق ئەمدى.
gldingwash
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-16 16:44:14
قىزىق ئىش بولدى. مەن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قاچىلاپ، تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ قارىسام، نۇرغۇن جايلارنى چۈشىنەلمەي، يەنە كەينىگە ياندۇرۇۋەتتىم. ئاستا-ئاستا ئۆگىنىۋاتىمەن.
tilmix
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 18:49:07
ئىسىل
kosan
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 19:40:27
خۇش بولغۇدەك ئىشكەن ماۋۇ.... بىز خۇش بولغۇدەك ئىشتە بۇ!
Baqka
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 19:57:41
بۇنى سېتىۋېلىشقا توغرا كەلدى- دە ئەمدى، ئالارمىز باللا؟
paliwan
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 20:09:32
ئىسل ئىش بوپتتۇ
gewala
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 20:39:29
ئاللا خالىسا بۇنىمۇ ئالارمىز ئەمدى ، مەكتەپ ئاۋانگارتلىرىدا تۆت يىللىق دەرىجە ئۆستۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن قوشۇلۇپ 448كويكەن، يا چىداپلا ئورگان تەرەپتىن 700كويغا ئېلىۋىتىدىغان ئىشمىكى .ھەراست Office 365بىلەن Office نىڭ نېمە پەرقى بار؟
alip
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 22:57:08
ئېكسىل فۇنكىسيىلىرنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىمۇ ئۇيغۇرچە ئىكەن، بۇرۇن بەزىلىرىنى چۈشەنمەيتىم، ۋوردتىكى ئىملا تەكشۈرگۈچكە ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ كاتتا ئىش بولاركەن، ئۇ چاغدا سېتىۋالماسلىققا باھانە قالمايتى
halik_puli
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-16 00:31:10
6- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋوردتىكى ئىملا تەكشۈرگۈچكە ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ كاتتا ئىش بولاركەن، ئۇ چاغدا سېتىۋالماسلىققا باھانە قالمايتى
ئالپكا نەق كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭىز جۇمۇ
yasen01
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-16 09:57:15
7- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
6- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋوردتىكى ئىملا تەكشۈرگۈچكە ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا تېخىمۇ كاتتا ئىش بولاركەن، ئۇ چاغدا سېتىۋالماسلىققا باھانە قالمايتى
ئالپكا نەق كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭىز جۇمۇ
oghuzhan2
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-16 11:24:36
ئالامەت پەيزى ئىش بولۇپ كىتىپتۇ
tarim222
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-16 11:35:40
مەن لىبرە ئوفىسقا كۆنۈپ قاپتىمەن.
OsmanTurk
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-16 12:14:11
بۇ ھەقىقەتەن بىر خۇش خەۋەركەن ،بەك خۇش بولدۇم ....
hoopeelover
يوللانغان ۋاقتى 2013-11-16 17:55:56
بەك يەخشى بوپتۇ ئىشلەتمەيدىغانلارمۇ چۈشۈرۈپ قويۇڭلار ئاۋۇ ئادرىستىن.ھەقسىزكەن باشقا بوشلۇققا يوللىماڭلار مۇشۇ مىكروسوفىتنىڭ ئۆزىدىن چۈشۈررەيلى
Baqka
يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 17:56:26
مەن سۇرفېستىكى ئوفىسنى ئالىپ نىڭ دۆلىتىدە ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم.
GoodLuck
يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 18:41:10
ئالدىنقى قېتىم ئوفىسنى پائالىيەت قىلىپ ساتقاندا، ئىمەيىلىمغا خەت كەپتىكەن، قانداق بولغان ئەخلەت ئىلخەت قاتارىغا كىرىپ قاپتىكەن، دېققەت قىمماي ۋاقىتنى كەتكۈزۈپ قويۇپتىمەن. خەپ دەپ قالدىم، يەن شۇنداق پائالىيەتلەر بوپ قالسا ئوفىسنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى بىر سېتىۋالسام دەيمەن. ھەقىقى ۋىندوۋسنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ھېس قىلغىنىم، ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتكەندىكى تۇيغۇ باشقىچە بولىدىكەن.
alper999
يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 21:39:51
نىم دىگەن ياخشى ھە
muztag
يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 02:25:14
كومپىيۇتىرىمغا ۋىن 10نىڭ سىناق نۇسقىسىنى قاچىلىغاندىن بىرى مىكروسوفت Office2013 تە ئۇيغۇرچە يازسام خەت تەتۇر ماڭىدۇ ، ئوڭشىغىلى بولامدۇ ؟ ياكى سىناق نۇسقىنى يۇيۇپ ،ئەسلىدىكى ۋىن 7 گە ياندۇرايمۇ ؟
ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى سورايمەن ؟
بەت:
[1]