ئاپتۇموبىل ھەيدەيدىغانلارغا تەۋسىيە!
ئاپتۇموبىللارنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرەيدىغان بىر قانچە تور بەت ۋە تىلفۇن ئەپلىرى بار بولسىمۇ ، لىكىن بەزىللىردە پەقەت شەھەر ئىچىدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنلا تەكشۈرگىلى بولسا ، بەزىللىرىدە پەقەت يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنىلا تەكشۇرگىلى بولۇپ دىگەندەك ، بىرلىككە كەلمىگەن ۋە ئۇچۇرلارنىڭ يېڭلىنىشىمۇ ئاستا ئىدى .
بۈگۈن تور ئارلاۋىېتىپ http://www.pinsan.com.cn بۇ تور بېتىنى ئۇچۇرتۇپ قېلىپ كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى.
ئاندىروئىدلۇق تىلفۇنلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن "قاتناش كىچىك كاتىپى " دىگەن ئەپنى چۈشۈرۈپ关于我们 دىگەن يىرىگە قارىسام ئاپتومۇم رايۇنلۇن ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەتىرتى بىلەن بىر شىركەت بىرلىكتە ئىشلىگەن ئوخشايدۇ .
تور بېتىدە تىزىملىتىپ ئاپتۇموبىل ۋە شوپۇرلۇق پىراۋىمىزنىڭ بىر قانچە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزسەك ، ئاپتۇموبىلنىڭ قائىدىگە خلاپ قىلمىشى ، شوپۇرلۇق پىراۋىمىزنىڭ نومۇر تۇتۇلۇش ئەھۋالى ، ئاپتۇموبىل ۋە شوپۇرلۇق پىراۋىللىرىمىزنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش ۋاختى قاتارلىقلارنى تەكشۈرگىلى بولىدىكەن . يەنە بەزى ئاپتومۇبىل ۋە شوپۇرلۇق پىراۋىمىزنىڭ ئالاقىلشىش تىلفون نومۇرىنى ئۆزگەرتىش ، كىنىشكا ۋە نومۇر تاختىللىرنى تولۇقلاپ بىجىرىشنى ئىلتىماش قېلىش دىگەندەن ئىشلانىمۇ قىلغېلى بولىدىغان ئوخشايدۇ .
ئاندىروئىدلۇق تىلفۇنلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن "قاتناش كىچىك كاتىپى " دىگەن ئەپنى چۈشۈرۈپ تىلفونىمىزغا قاچىلىۋالساق ،ۋاختى كەلگەندە قائىدىگە خلىلاپ قىلمىش ، ئاپتۇموبىل ۋە شوپۇرلۇق پىراۋىمىزنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش ۋاختى ، سوغۇرتىنىڭ ۋاختى دىگەندەكلەرنى ئەسكەرتىش ئىقتىدارلىرى بار ئوخشايدۇ .
تور بەت ۋە ئاندىروئىدلۇق تىلفۇنلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن "قاتناش كىچىك كاتىپى " دىگەن ئەپتە يەنە نۇرغۇن قاتناشقا مۇناسىۋەتلىك پايدىلنىش ئۇچۇرلىرى باركەن .مەسلەن :مەن بۈگۈن بۇ تور بەتتىن 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى (ئەتە)دىن باشلاپ پۈتۈن شەھرىمىزدىكى 41 ئەقلى ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش نوختىللىرى سېرىق بەلگىلىك (موھىت ئاسراش) ئاپتۇموبىللارنى تەكشۈرەيدۇ دىگەن ئۇچۇرنى كۆردۇم . دېيىشىچە 41 ئورۇندىكى تىلكامىرا كىرىش چەكلەنگەن يول بۈلەكلىرگە كىرگەن سېرىق بەلگىلىك ئاپتۇموبىللارنى ئاپتۇماتىك خاتىرلەپ ماڭارمىش ، بۇ تىل كامىرالار موھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مۇلازىمىتىرى بىلەنمۇ ئۇلانغان بولۇپ ، ئۆتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ تاختا نومۇرىغا ئاساسەن سېرىق بەلگىمۇ يېشىل بەلگە دىگەنگە ئاپتۇماتىك ھۆكۈم قېلىپ ،كىرىش چەكلەنگەن يول بۈلەكلىرگە كىرگەن سېرىق بەلگىلىك ئاپتۇموبىللارنى قائىدىگە خىلاپ قىلمىش قاتارىغا كىرگۈزۈپ ماڭارمىش .
شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ پايدىلنىۋېلىشى ئۈچۈن يوللىدۇم . باشقا تور بەتلەرگىمۇ چېقىدغانلار تارقىتىپ قويساڭلار تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلا پايدىلنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
يۇقارقى ئوچۇرنىڭ ئادىرسى:http://www.pinsan.com.cn/WebCMS/GetContent/822
بەك ياخشى نەرسىكەندۇق بۇ... بىراق مەن چۈشۈرۈپ ماشىنامنىڭ ئۇچۇرىنى كىرگۈزسەم بۇنداق ماشىنا يوق دەپ چىقتى