ۋولكىسۋاگىن شىركىتى بىر تۈركۈم ماشىنىلارنى يىغىۋالماقچى[تەرجىمە]
2013-يىلى
11- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى باش سېتىش ئورگىنى ،
بىرىنجى ئاپتوموبىل ۋولكىسۋاگىن (一汽大众) ۋە شاڭخەي ۋولكىسۋاگىن
شىركەتلىرى(上海大众) جىددىي
يىغىن ئېچىپ ، (سۈپەت جەھەتتىن كەمتۈك ماشىنىلارنى يىغىۋېلىش باشقۇرۇش
نىزامنامىسى) غا ئاساسەن ، 2013-يىلى 11- ئاينىڭ 25 –كۈنىدىن باشلاپ سۈپىتىدە
مەسىلە كۆرۈلگەن ماشىنىلارنى يىغىۋالماقچى ، بۇ قېتىم جەمئىي 640 مىڭ 309 دانە
ماشىنا يىغىۋېلىنماقچى ، تۆۋەندىكى جەدۋەلگە دىققەت قىلىڭ !
يۇقارقى جەدۋەلدىكى
ماشىنىلارنى يىغىۋېلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ، ۋولكىسۋاگىننىڭ ئاپتوماتىك خوتىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ، قىسمەن
ماشىنىلارنىڭ چوڭ چىراق ۋە توك يوللىرىدا بەزەن بىر بىخەتەرلىكككە ئائىت مەسىلىلەر
كۆرۈلگەن ، بۇ قېتىم ۋولكىسۋاگىن شىركىتى ئىستىمالچىلارنىڭ بىخەتەركىنى ۋە
ھوقوقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، يۇقارقى زاپچاسلاردىن مەسىلە كۆرۈلگەن بىر تۈركۈم
ماشىنىلارنى يىغىۋالماقچى ، تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى نومۇرلارغا
تېلفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ !
ۋولكىسۋاگىن ئىمپورت ماشىنىلىرى : 400-188-0888
بىرىنجى ئاپتوموبىل ۋولكىسۋاگىن شىركىتى : 400-817-1888
شاڭخەي ۋولكىسۋاگىن شىركىتى : 400-820-1111
تۆۋەندىكى توربەت ئادرېسلىرىدىنمۇ
تەكسۈرەلەيسىز :
ياخشى ئوبىرازىغا داغ چۈشۈپ قالماس... ماشىنىلارنى يىغىۋالغان زاۋۇت باھاسىدىكى پۇلنى بېرىپ يىغىۋالامدىغاندۇ؟ ئەخمەقلەر، سېتىلمىغان بولسىغۇ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋەتسە بۇلاتتى، سېتىپ بولغان نەرسىنى پۇل بېرىپ قايتۇرىۋېلىش دىگەن نىمە گەپ. مېنىڭچە بۇ ماشىنا شىركەتلىرىنىڭ داڭقىنى چىقىرىدىغان بىر ئۇسۇلغا ئايلىنىپ قالدى! بۇ ئۇسۇل بىلەن ماشىنا شىركەتلىرىنىڭ ئىناۋىتى چۈشمەي بەلكى ئۆسىدىكەن
مېنىڭ ماشىنام بۇنىڭ ئىچىدە يوقكەن ئىسىت... بولمىسىزە...... پايدا چىقاتتى-دە

ياپۇن ۋە گېرمانلارنىڭ مەسئۇليەت بۇرچىغا ئاپرىن. يىغىۋالسا پۇل بەرمەيدۇ ، لاياقەتلىك ماشنىغا ئالماشتۇرۇپ بىرىدۇ ۋوي نېمە ئ.ىش بوپكەتتى ... مېنىڭ ماشىنام قارا تىزىملىكتە تۇرامدۇ نېمە ؟ زادى قاندىقى قانداق
9- قەۋەتتىكى farwanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋوي نېمە ئ.ىش بوپكەتتى ... مېنىڭ ماشىنام قارا تىزىملىكتە تۇرامدۇ نېمە ؟ زادى قاندىقى قانداق
ئوبدانراق قاراپ بېقىڭ ، يۇقارقى جەدۋەلدە بولسىلا چوقۇم يىغىۋېېلىنىدۇ ، ئالاقىلىشىش تېل نومۇرىدىن سۈرۈشتە قىلىڭ !
قارىغاندا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماشىنىلاردا بۇنداق مەسىلىلەر كۆرۈلمەيدىغان چىراي